מַשָּׂא דְבַר־יְהוָה בְּאֶרֶץ חַדְרָךְ וְדַמֶּשֶׂק מְנֻחָתוֹ כִּי לַֽיהוָה עֵין אָדָם וְכֹל שִׁבְטֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت ــ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق ئۈستىگە قونىدۇ (چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر)؛ |
וְגַם־חֲמָת תִּגְבָּל־בָּהּ צֹר וְצִידוֹן כִּי חָֽכְמָה מְאֹֽד׃ | 2 |
ئۇ بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ. تۇر تولىمۇ «دانا» بولغاچقا، |
וַתִּבֶן צֹר מָצוֹר לָהּ וַתִּצְבָּר־כֶּסֶף כֶּֽעָפָר וְחָרוּץ כְּטִיט חוּצֽוֹת׃ | 3 |
ئۆزى ئۈچۈن قورغان قۇرغان، كۈمۈشنى توپىدەك، ساپ ئالتۇننى كوچىلاردىكى پاتقاقتەك دۆۋىلەپ قويغان. |
הִנֵּה אֲדֹנָי יֽוֹרִשֶׁנָּה וְהִכָּה בַיָּם חֵילָהּ וְהִיא בָּאֵשׁ תֵּאָכֵֽל׃ | 4 |
مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ. |
תֵּרֶא אַשְׁקְלוֹן וְתִירָא וְעַזָּה וְתָחִיל מְאֹד וְעֶקְרוֹן כִּֽי־הֹבִישׁ מֶבָּטָהּ וְאָבַד מֶלֶךְ מֵֽעַזָּה וְאַשְׁקְלוֹן לֹא תֵשֵֽׁב׃ | 5 |
ئاشكېلون بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ؛ گازامۇ كۆرۈپ ئازابلىنىپ تولغىنىپ كېتىدۇ؛ ئەكرونمۇ شۇنداق، چۈنكى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى توزۇپ كېتىدۇ؛ پادىشاھ گازادىن يوقاپ كېتىدۇ، ئاشكېلون ئادەمزاتسىز قالىدۇ. |
וְיָשַׁב מַמְזֵר בְּאַשְׁדּוֹד וְהִכְרַתִּי גְּאוֹן פְּלִשְׁתִּֽים׃ | 6 |
شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن. |
וַהֲסִרֹתִי דָמָיו מִפִּיו וְשִׁקֻּצָיו מִבֵּין שִׁנָּיו וְנִשְׁאַר גַּם־הוּא לֵֽאלֹהֵינוּ וְהָיָה כְּאַלֻּף בִּֽיהוּדָה וְעֶקְרוֹן כִּיבוּסִֽי׃ | 7 |
مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدادا يولباشچى بولىدۇ؛ ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. |
וְחָנִיתִי לְבֵיתִי מִצָּבָה מֵעֹבֵר וּמִשָּׁב וְלֹֽא־יַעֲבֹר עֲלֵיהֶם עוֹד נֹגֵשׂ כִּי עַתָּה רָאִיתִי בְעֵינָֽי׃ | 8 |
مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن. |
גִּילִי מְאֹד בַּת־צִיּוֹן הָרִיעִי בַּת יְרוּשָׁלִַם הִנֵּה מַלְכֵּךְ יָבוֹא לָךְ צַדִּיק וְנוֹשָׁע הוּא עָנִי וְרֹכֵב עַל־חֲמוֹר וְעַל־עַיִר בֶּן־אֲתֹנֽוֹת׃ | 9 |
زور شادلان، ئى زىئون قىزى! تەنتەنەلىك نىدا قىل، ئى يېرۇسالېم قىزى! قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ئۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ؛ كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛ |
וְהִכְרַתִּי־רֶכֶב מֵאֶפְרַיִם וְסוּס מִירוּשָׁלִַם וְנִכְרְתָה קֶשֶׁת מִלְחָמָה וְדִבֶּר שָׁלוֹם לַגּוֹיִם וּמָשְׁלוֹ מִיָּם עַד־יָם וּמִנָּהָר עַד־אַפְסֵי־אָֽרֶץ׃ | 10 |
شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن، ئاتلارنى يېرۇسالېمدىن مەھرۇم قىلىۋېتىمەن؛ جەڭ ئوقياسىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئۇ بولسا ئەللەرگە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى جاكارلاپ يەتكۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ. |
גַּם־אַתְּ בְּדַם־בְּרִיתֵךְ שִׁלַּחְתִּי אֲסִירַיִךְ מִבּוֹר אֵין מַיִם בּֽוֹ׃ | 11 |
ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن. |
שׁוּבוּ לְבִצָּרוֹן אֲסִירֵי הַתִּקְוָה גַּם־הַיּוֹם מַגִּיד מִשְׁנֶה אָשִׁיב לָֽךְ׃ | 12 |
مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى! بۈگۈن مەن جاكارلاپ ئېيتىمەنكى، تارتقان جازالىرىڭنىڭ ئەكسىنى ئىككى ھەسسىلەپ ساڭا قايتۇرىمەن. |
כִּֽי־דָרַכְתִּי לִי יְהוּדָה קֶשֶׁת מִלֵּאתִי אֶפְרַיִם וְעוֹרַרְתִּי בָנַיִךְ צִיּוֹן עַל־בָּנַיִךְ יָוָן וְשַׂמְתִּיךְ כְּחֶרֶב גִּבּֽוֹר׃ | 13 |
چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن يەھۇدانى ئوقيادەك ئېگىلدۈردۈم، ئەفرائىمنى ئوق قىلىپ ئوقياغا سالدىم؛ مەن ئوغۇل بالىلىرىڭنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ئى زىئون ــ ئۇلار سېنىڭ ئوغۇل بالىلىرىڭغا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئى گرېتسىيە! ئى زىئون، مەن سېنى پالۋاننىڭ قولىدىكى قىلىچتەك قىلىمەن. |
וַֽיהוָה עֲלֵיהֶם יֵֽרָאֶה וְיָצָא כַבָּרָק חִצּוֹ וַֽאדֹנָי יְהֹוִה בַּשּׁוֹפָר יִתְקָע וְהָלַךְ בְּסַעֲרוֹת תֵּימָֽן׃ | 14 |
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئوقى چاقماقتەك ئېتىلىپ ئۇچىدۇ. رەب پەرۋەردىگار كاناينى چالىدۇ؛ ئۇ جەنۇبتىكى دەھشەتلىك قارا قۇيۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش قىلىدۇ. |
יְהוָה צְבָאוֹת יָגֵן עֲלֵיהֶם וְאָכְלוּ וְכָֽבְשׁוּ אַבְנֵי־קֶלַע וְשָׁתוּ הָמוּ כְּמוֹ־יָיִן וּמָֽלְאוּ כַּמִּזְרָק כְּזָוִיּוֹת מִזְבֵּֽחַ׃ | 15 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مۇداپىئە بولىدۇ؛ ئۇلار سالغا تاشلىرىنى كۇكۇم قىلىپ، دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئىچىۋېلىپ، شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار [قانغا] مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، [قانغا] تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ. |
וְֽהוֹשִׁיעָם יְהוָה אֱלֹהֵיהֶם בַּיּוֹם הַהוּא כְּצֹאן עַמּוֹ כִּי אַבְנֵי־נֵזֶר מִֽתְנוֹסְסוֹת עַל־אַדְמָתֽוֹ׃ | 16 |
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار بولغان ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى ئۆزۈم باققان پادام بولغان خەلقىم دەپ بىلىپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار تاج گۆھەرلىرىدەك ئۇنىڭ زېمىنى ئۈستىدە كۆتۈرۈلىدۇ. |
כִּי מַה־טּוּבוֹ וּמַה־יָפְיוֹ דָּגָן בַּֽחוּרִים וְתִירוֹשׁ יְנוֹבֵב בְּתֻלֽוֹת׃ | 17 |
شۇنچە زوردۇر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنچە قالتىستۇر ئۇنىڭ گۈزەللىكى! زىرائەتلەر يىگىتلەرنى، يېڭى شاراب قىزلارنى ياشنىتىدۇ! |