וַֽיְהִי בִּשְׁנַת אַרְבַּע לְדָרְיָוֶשׁ הַמֶּלֶךְ הָיָה דְבַר־יְהוָה אֶל־זְכַרְיָה בְּאַרְבָּעָה לַחֹדֶשׁ הַתְּשִׁעִי בְּכִסְלֵֽו׃ | 1 |
دارىئۇس پادىشاھنىڭ تۆتىنچى يىلى توققۇزىنچى ئاي، يەنى «خىسلەۋ»نىڭ تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كەلدى. |
וַיִּשְׁלַח בֵּֽית־אֵל שַׂר־אֶצֶר וְרֶגֶם מֶלֶךְ וַֽאֲנָשָׁיו לְחַלּוֹת אֶת־פְּנֵי יְהוָֽה׃ | 2 |
شۇ چاغدا بەيت-ئەل شەھىرىدىكىلەر شېرەزەر ۋە رەگەم-مەلەكلەرنى پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا ئەۋەتكەنىدى. |
לֵאמֹר אֶל־הַכֹּֽהֲנִים אֲשֶׁר לְבֵית־יְהוָה צְבָאוֹת וְאֶל־הַנְּבִיאִים לֵאמֹר הַֽאֶבְכֶּה בַּחֹדֶשׁ הַחֲמִשִׁי הִנָּזֵר כַּאֲשֶׁר עָשִׂיתִי זֶה כַּמֶּה שָׁנִֽים׃ | 3 |
بەيت-ئەلدىكىلەر: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كاھىنلاردىن، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلەردىن: «ھەربىرىمىز كۆپ يىللاردىن بېرى قىلغىنىمىزدەك، بەشىنچى ئايدا ھەربىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ، يىغا-زارغا ئولتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سوراڭلار» دەپ تاپىلىغانىدى. |
וַיְהִי דְּבַר־יְהוָה צְבָאוֹת אֵלַי לֵאמֹֽר׃ | 4 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
אֱמֹר אֶל־כָּל־עַם הָאָרֶץ וְאֶל־הַכֹּהֲנִים לֵאמֹר כִּֽי־צַמְתֶּם וְסָפוֹד בַּחֲמִישִׁי וּבַשְּׁבִיעִי וְזֶה שִׁבְעִים שָׁנָה הֲצוֹם צַמְתֻּנִי אָֽנִי׃ | 5 |
«زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقان خەلققە ھەم كاھىنلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق سورىغىن: ــ «سىلەر مۇشۇ يەتمىش يىلدىن بېرى بەشىنچى ئاي ۋە يەتتىنچى ئايلاردا روزا تۇتۇپ يىغا-زار قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ماڭا، ھەقىقەتەن ماڭا روزا تۇتتۇڭلارمۇ؟ |
וְכִי תֹאכְלוּ וְכִי תִשְׁתּוּ הֲלוֹא אַתֶּם הָאֹכְלִים וְאַתֶּם הַשֹּׁתִֽים׃ | 6 |
يېگىنىڭلار، ئىچكىنىڭلار، بۇ پەقەت ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا يەپ-ئىچكىنىڭلاردىن ئىبارەت بولدى ئەمەسمۇ؟ |
הֲלוֹא אֶת־הַדְּבָרִים אֲשֶׁר קָרָא יְהוָה בְּיַד הַנְּבִיאִים הָרִֽאשֹׁנִים בִּהְיוֹת יְרוּשָׁלִַם יֹשֶׁבֶת וּשְׁלֵוָה וְעָרֶיהָ סְבִיבֹתֶיהָ וְהַנֶּגֶב וְהַשְּׁפֵלָה יֹשֵֽׁב׃ | 7 |
بۇلار يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى ئاھالىلىك بولغان، تازا ئاۋاتلاشقان چاغلاردا، جەنۇبىي يەھۇدا ۋە تۆۋەن تۈزلەڭلىك ئاھالىلىك بولغان چاغلاردا، پەرۋەردىگار بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاكارلىغان سۆزلەر ئەمەسمۇ؟ |
וַֽיְהִי דְּבַר־יְהוָה אֶל־זְכַרְיָה לֵאמֹֽר׃ | 8 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
כֹּה אָמַר יְהוָה צְבָאוֹת לֵאמֹר מִשְׁפַּט אֱמֶת שְׁפֹטוּ וְחֶסֶד וְרַֽחֲמִים עֲשׂוּ אִישׁ אֶת־אָחִֽיו׃ | 9 |
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەقىقىي ئادالەتنى يۈرگۈزۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار، |
וְאַלְמָנָה וְיָתוֹם גֵּר וְעָנִי אַֽל־תַּעֲשֹׁקוּ וְרָעַת אִישׁ אָחִיו אַֽל־תַּחְשְׁבוּ בִּלְבַבְכֶֽם׃ | 10 |
تۇل خوتۇن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى، يات ئادەملەر ۋە نامراتلارنى بوزەك قىلماڭلار؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىغا كۆڭلىدە يامانلىق ئويلىمىسۇن. |
וַיְמָאֲנוּ לְהַקְשִׁיב וַיִּתְּנוּ כָתֵף סֹרָרֶת וְאָזְנֵיהֶם הִכְבִּידוּ מִשְּׁמֽוֹעַ׃ | 11 |
بىراق [ئاتا-بوۋىلىرىڭلار] ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، ئاڭلىماسقا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلغان؛ |
וְלִבָּם שָׂמוּ שָׁמִיר מִשְּׁמוֹעַ אֶת־הַתּוֹרָה וְאֶת־הַדְּבָרִים אֲשֶׁר שָׁלַח יְהוָה צְבָאוֹת בְּרוּחוֹ בְּיַד הַנְּבִיאִים הָרִֽאשֹׁנִים וַֽיְהִי קֶצֶף גָּדוֹל מֵאֵת יְהוָה צְבָאֽוֹת׃ | 12 |
ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھى بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كۆڭلىنى ئالماستەك قاتتىق قىلغانىدى؛ شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپ چۈشكەن؛ |
וַיְהִי כַאֲשֶׁר־קָרָא וְלֹא שָׁמֵעוּ כֵּן יִקְרְאוּ וְלֹא אֶשְׁמָע אָמַר יְהוָה צְבָאֽוֹת׃ | 13 |
شۇنداق بولدىكى، مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا ئۇلار ئاڭلاشنى رەت قىلغاندەك، ئۇلار چاقىرغاندا مەنمۇ ئاڭلاشنى رەت قىلدىم» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، |
וְאֵסָעֲרֵם עַל כָּל־הַגּוֹיִם אֲשֶׁר לֹֽא־יְדָעוּם וְהָאָרֶץ נָשַׁמָּה אַֽחֲרֵיהֶם מֵֽעֹבֵר וּמִשָּׁב וַיָּשִׂימוּ אֶֽרֶץ־חֶמְדָּה לְשַׁמָּֽה׃ | 14 |
ــ «ۋە مەن ئۇلارنى ئۇلار تونۇمايدىغان بارلىق ئەللەر ئارىسىغا قارا قۇيۇن بىلەن تارقىتىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ كېتىشى بىلەن زېمىن ۋەيران بولغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرمۇ، قايتقانلارمۇ بولغان ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىللىق زېمىن ۋەيرانە قىلىنغان». |