אֵלֶּה מַסְעֵי בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר יָצְאוּ מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם לְצִבְאֹתָם בְּיַד־מֹשֶׁה וְאַהֲרֹֽן׃ | 1 |
تۆۋەندىكىلەر ئۆز قوشۇنلىرى بويىچە، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئىسرائىللارنىڭ ماڭغان يوللىرىدۇر؛ |
וַיִּכְתֹּב מֹשֶׁה אֶת־מוֹצָאֵיהֶם לְמַסְעֵיהֶם עַל־פִּי יְהוָה וְאֵלֶּה מַסְעֵיהֶם לְמוֹצָאֵיהֶֽם׃ | 2 |
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرىنى پۈتۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرى مۇنداق: — |
וַיִּסְעוּ מֵֽרַעְמְסֵס בַּחֹדֶשׁ הָֽרִאשׁוֹן בַּחֲמִשָּׁה עָשָׂר יוֹם לַחֹדֶשׁ הָרִאשׁוֹן מִֽמָּחֳרַת הַפֶּסַח יָצְאוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל בְּיָד רָמָה לְעֵינֵי כָּל־מִצְרָֽיִם׃ | 3 |
بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى [ئىسرائىللار] رامسەس شەھىرىدىن سەپەرگە چىقتى؛ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئەتىسى ئۇلار بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەردانىلىك بىلەن يولغا چىقتى. |
וּמִצְרַיִם מְקַבְּרִים אֵת אֲשֶׁר הִכָּה יְהוָה בָּהֶם כָּל־בְּכוֹר וּבֵאלֹהֵיהֶם עָשָׂה יְהוָה שְׁפָטִֽים׃ | 4 |
بۇ چاغدا مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى، يەنى بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى؛ پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چۈشۈردى. |
וַיִּסְעוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל מֵרַעְמְסֵס וַֽיַּחֲנוּ בְּסֻכֹּֽת׃ | 5 |
ئىسرائىللار رامسەستىن يولغا چىقىپ سۇككوتقا بېرىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִסֻּכֹּת וַיַּחֲנוּ בְאֵתָם אֲשֶׁר בִּקְצֵה הַמִּדְבָּֽר׃ | 6 |
ئۇلار سۇككوتتىن يولغا چىقىپ چۆل-باياۋاننىڭ ئايىغىدىكى ئېتامغا بېرىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵֽאֵתָם וַיָּשָׁב עַל־פִּי הַחִירֹת אֲשֶׁר עַל־פְּנֵי בַּעַל צְפוֹן וַֽיַּחֲנוּ לִפְנֵי מִגְדֹּֽל׃ | 7 |
ئېتامدىن يولغا چىقىپ، ئايلىنىپ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پى-خاخىروتقا بېرىپ مىگدولنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִפְּנֵי הַֽחִירֹת וַיַּֽעַבְרוּ בְתוֹךְ־הַיָּם הַמִּדְבָּרָה וַיֵּלְכוּ דֶּרֶךְ שְׁלֹשֶׁת יָמִים בְּמִדְבַּר אֵתָם וַֽיַּחֲנוּ בְּמָרָֽה׃ | 8 |
پى-خاخىروتتىن يولغا چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، ئېتام چۆلىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ماراھدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִמָּרָה וַיָּבֹאוּ אֵילִמָה וּבְאֵילִם שְׁתֵּים עֶשְׂרֵה עֵינֹת מַיִם וְשִׁבְעִים תְּמָרִים וַיַּחֲנוּ־שָֽׁם׃ | 9 |
ماراھدىن يولغا چىقىپ ئېلىمگە كەلدى؛ ئېلىمدە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵאֵילִם וַֽיַּחֲנוּ עַל־יַם־סֽוּף׃ | 10 |
ئېلىمدىن يولغا چىقىپ قىزىل دېڭىز بويىدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִיַּם־סוּף וַֽיַּחֲנוּ בְּמִדְבַּר־סִֽין׃ | 11 |
قىزىل دېڭىزدىن يولغا چىقىپ سىن چۆلىدە چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִמִּדְבַּר־סִין וַֽיַּחֲנוּ בְּדָפְקָֽה׃ | 12 |
سىن چۆلىدىن يولغا چىقىپ دوفقاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִדָּפְקָה וַֽיַּחֲנוּ בְּאָלֽוּשׁ׃ | 13 |
دوفقاھدىن يولغا چىقىپ ئالۇشقا بېرىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵאָלוּשׁ וַֽיַחֲנוּ בִּרְפִידִם וְלֹא־הָיָה שָׁם מַיִם לָעָם לִשְׁתּֽוֹת׃ | 14 |
ئاندىن كېيىن ئالۇشتىن يولغا چىقىپ رىفىدىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى، ئۇ يەردە خەلققە ئىچىدىغان سۇ تېپىلماي قالدى. |
וַיִּסְעוּ מֵרְפִידִם וַֽיַּחֲנוּ בְּמִדְבַּר סִינָֽי׃ | 15 |
رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، سىناي چۆلىگە بېرىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִמִּדְבַּר סִינָי וַֽיַּחֲנוּ בְּקִבְרֹת הַֽתַּאֲוָֽה׃ | 16 |
سىناي چۆلىدىن يولغا چىقىپ قىبروت-ھاتتاۋاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִקִּבְרֹת הַֽתַּאֲוָה וַֽיַּחֲנוּ בַּחֲצֵרֹֽת׃ | 17 |
قىبروت-ھاتتاۋاھدىن يولغا چىقىپ ھازىروتتا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵחֲצֵרֹת וַֽיַּחֲנוּ בְּרִתְמָֽה׃ | 18 |
ھازىروتتىن يولغا چىقىپ رىتماھدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵרִתְמָה וַֽיַּחֲנוּ בְּרִמֹּן פָּֽרֶץ׃ | 19 |
رىتماھدىن يولغا چىقىپ رىممون-پەرەزدە چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵרִמֹּן פָּרֶץ וַֽיַּחֲנוּ בְּלִבְנָֽה׃ | 20 |
رىممون-پەرەزدىن يولغا چىقىپ لىبناھدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִלִּבְנָה וַֽיַּחֲנוּ בְּרִסָּֽה׃ | 21 |
لىبناھدىن يولغا چىقىپ رىسساھدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵרִסָּה וַֽיַּחֲנוּ בִּקְהֵלָֽתָה׃ | 22 |
رىسساھدىن يولغا چىقىپ كەھەلاتاھدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִקְּהֵלָתָה וַֽיַּחֲנוּ בְּהַר־שָֽׁפֶר׃ | 23 |
كەھەلاتاھدىن يولغا چىقىپ شافىر تېغىدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵֽהַר־שָׁפֶר וַֽיַּחֲנוּ בַּחֲרָדָֽה׃ | 24 |
شافىر تېغىدىن يولغا چىقىپ ھاراداھتا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵחֲרָדָה וַֽיַּחֲנוּ בְּמַקְהֵלֹֽת׃ | 25 |
ھاراداھدىن يولغا چىقىپ ماكھىلوتتا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִמַּקְהֵלֹת וַֽיַּחֲנוּ בְּתָֽחַת׃ | 26 |
ماكھىلوتتىن يولغا چىقىپ تاھاتتا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִתָּחַת וַֽיַּחֲנוּ בְּתָֽרַח׃ | 27 |
تاھاتتىن يولغا چىقىپ تەراھدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִתָּרַח וַֽיַּחֲנוּ בְּמִתְקָֽה׃ | 28 |
تەراھدىن يولغا چىقىپ مىتقاھدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִמִּתְקָה וַֽיַּחֲנוּ בְּחַשְׁמֹנָֽה׃ | 29 |
مىتقاھدىن يولغا چىقىپ ھاشموناھتا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵֽחַשְׁמֹנָה וַֽיַּחֲנוּ בְּמֹסֵרֽוֹת׃ | 30 |
ھاشموناھتىن يولغا چىقىپ موشەروتتا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִמֹּסֵרוֹת וַֽיַּחֲנוּ בִּבְנֵי יַעֲקָֽן׃ | 31 |
موشەروتتىن يولغا چىقىپ بەنە-يائاكاندا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִבְּנֵי יַעֲקָן וַֽיַּחֲנוּ בְּחֹר הַגִּדְגָּֽד׃ | 32 |
بەنە-يائاكاندىن يولغا چىقىپ خور-ھاگىدگادقا بېرىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵחֹר הַגִּדְגָּד וַֽיַּחֲנוּ בְּיָטְבָֽתָה׃ | 33 |
خور-ھاگىدگادتىن يولغا چىقىپ يوتباتاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִיָּטְבָתָה וַֽיַּחֲנוּ בְּעַבְרֹנָֽה׃ | 34 |
يوتباتاھتىن يولغا چىقىپ ئابروناھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵֽעַבְרֹנָה וַֽיַּחֲנוּ בְּעֶצְיוֹן גָּֽבֶר׃ | 35 |
ئابروناھتىن يولغا چىقىپ ئەزىئون-گەبەرگە كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵעֶצְיוֹן גָּבֶר וַיַּחֲנוּ בְמִדְבַּר־צִן הִוא קָדֵֽשׁ׃ | 36 |
ئەزىئون-گەبەردىن يولغا چىقىپ زىن چۆلىدە، يەنى قادەشتە چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִקָּדֵשׁ וַֽיַּחֲנוּ בְּהֹר הָהָר בִּקְצֵה אֶרֶץ אֱדֽוֹם׃ | 37 |
قادەشتىن يولغا چىقىپ ئېدوم زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا چېدىر تىكتى. |
וַיַּעַל אַהֲרֹן הַכֹּהֵן אֶל־הֹר הָהָר עַל־פִּי יְהוָה וַיָּמָת שָׁם בִּשְׁנַת הָֽאַרְבָּעִים לְצֵאת בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם בַּחֹדֶשׁ הַחֲמִישִׁי בְּאֶחָד לַחֹֽדֶשׁ׃ | 38 |
ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ شۇ يەردە ئۆلدى. |
וְאַהֲרֹן בֶּן־שָׁלֹשׁ וְעֶשְׂרִים וּמְאַת שָׁנָה בְּמֹתוֹ בְּהֹר הָהָֽר׃ | 39 |
ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلگەن چېغىدا بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى. |
וַיִּשְׁמַע הַֽכְּנַעֲנִי מֶלֶךְ עֲרָד וְהֽוּא־יֹשֵׁב בַּנֶּגֶב בְּאֶרֶץ כְּנָעַן בְּבֹא בְּנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 40 |
ئۇ چاغدا، قانائان زېمىنىنىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى ئاراد ئىسرائىللار كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدى. |
וַיִּסְעוּ מֵהֹר הָהָר וַֽיַּחֲנוּ בְּצַלְמֹנָֽה׃ | 41 |
ئىسرائىللار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ زالموناھدا چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִצַּלְמֹנָה וַֽיַּחֲנוּ בְּפוּנֹֽן׃ | 42 |
زالموناھدىن يولغا چىقىپ پۇنونغا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִפּוּנֹן וַֽיַּחֲנוּ בְּאֹבֹֽת׃ | 43 |
پۇنوندىن يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵאֹבֹת וַֽיַּחֲנוּ בְּעִיֵּי הָעֲבָרִים בִּגְבוּל מוֹאָֽב׃ | 44 |
ئوبوتتىن يولغا چىقىپ موئابنىڭ چېگرىسىدىكى ئىيە-ئابارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵעִיִּים וַֽיַּחֲנוּ בְּדִיבֹן גָּֽד׃ | 45 |
ئىيىمدىن يولغا چىقىپ دىبون-گادقا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מִדִּיבֹן גָּד וַֽיַּחֲנוּ בְּעַלְמֹן דִּבְלָתָֽיְמָה׃ | 46 |
دىبون-گادتىن يولغا چىقىپ ئالمون-دىبلاتايىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵעַלְמֹן דִּבְלָתָיְמָה וַֽיַּחֲנוּ בְּהָרֵי הָעֲבָרִים לִפְנֵי נְבֽוֹ׃ | 47 |
ئالمون-دىبلاتايىمدىن يولغا چىقىپ نېبونىڭ ئالدىدىكى ئابارىم تاغلىقىغا كېلىپ چېدىر تىكتى. |
וַיִּסְעוּ מֵהָרֵי הָעֲבָרִים וַֽיַּחֲנוּ בְּעַֽרְבֹת מוֹאָב עַל יַרְדֵּן יְרֵחֽוֹ׃ | 48 |
ئابارىم تاغلىقىدىن يولغا چىقىپ يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە چېدىر تىكتى. |
וַיַּחֲנוּ עַל־הַיַּרְדֵּן מִבֵּית הַיְשִׁמֹת עַד אָבֵל הַשִּׁטִּים בְּעַֽרְבֹת מוֹאָֽב׃ | 49 |
موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تىككەن چېدىرلىرى بەيت-يەشىموتتىن تارتىپ ئابەل-شىتتىمغىچە باردى. |
וַיְדַבֵּר יְהוָה אֶל־מֹשֶׁה בְּעַֽרְבֹת מוֹאָב עַל־יַרְדֵּן יְרֵחוֹ לֵאמֹֽר׃ | 50 |
پەرۋەردىگار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
דַּבֵּר אֶל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וְאָמַרְתָּ אֲלֵהֶם כִּי אַתֶּם עֹבְרִים אֶת־הַיַּרְדֵּן אֶל־אֶרֶץ כְּנָֽעַן׃ | 51 |
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: — «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا، |
וְהוֹרַשְׁתֶּם אֶת־כָּל־יֹשְׁבֵי הָאָרֶץ מִפְּנֵיכֶם וְאִבַּדְתֶּם אֵת כָּל־מַשְׂכִּיֹּתָם וְאֵת כָּל־צַלְמֵי מַסֵּֽכֹתָם תְּאַבֵּדוּ וְאֵת כָּל־בָּמֹתָם תַּשְׁמִֽידוּ׃ | 52 |
زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويما، قۇيما بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاڭلار ھەم بارلىق «يۇقىرى جاي»لىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلاڭلار. |
וְהוֹרַשְׁתֶּם אֶת־הָאָרֶץ וִֽישַׁבְתֶּם־בָּהּ כִּי לָכֶם נָתַתִּי אֶת־הָאָרֶץ לָרֶשֶׁת אֹתָֽהּ׃ | 53 |
سىلەر شۇ زېمىننى ئىگىلەپ ماكانلىشىڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنمەن. |
וְהִתְנַחַלְתֶּם אֶת־הָאָרֶץ בְּגוֹרָל לְמִשְׁפְּחֹֽתֵיכֶם לָרַב תַּרְבּוּ אֶת־נַחֲלָתוֹ וְלַמְעַט תַּמְעִיט אֶת־נַחֲלָתוֹ אֶל אֲשֶׁר־יֵצֵא לוֹ שָׁמָּה הַגּוֹרָל לוֹ יִהְיֶה לְמַטּוֹת אֲבֹתֵיכֶם תִּתְנֶחָֽלוּ׃ | 54 |
سىلەر جەمەت بويىچە چەك تاشلاپ، زېمىننى ئۆزۈڭلەرگە مىراس قىلىپ ئېلىڭلار؛ ئادىمى كۆپرەكلەرگە كۆپرەك مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ ئادىمى ئازراقلارغا ئازراق مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چەك تاشلانغاندا كىملەرگە قەيەر چىققان بولسا، شۇ يەر ئۇنىڭ مىراسى بولسۇن؛ سىلەر مىراسقا ئاتا قەبىلە-جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىڭلار. |
וְאִם־לֹא תוֹרִישׁוּ אֶת־יֹשְׁבֵי הָאָרֶץ מִפְּנֵיכֶם וְהָיָה אֲשֶׁר תּוֹתִירוּ מֵהֶם לְשִׂכִּים בְּעֵינֵיכֶם וְלִצְנִינִם בְּצִדֵּיכֶם וְצָרֲרוּ אֶתְכֶם עַל־הָאָרֶץ אֲשֶׁר אַתֶּם יֹשְׁבִים בָּֽהּ׃ | 55 |
ھالبۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋەتمىسەڭلار، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلار چوقۇم كۆزۈڭلەرگە تىكەن، بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، تۇرغان زېمىنىڭلاردا سىلەرنى پاراكەندە قىلىدۇ؛ |
וְהָיָה כַּאֲשֶׁר דִּמִּיתִי לַעֲשׂוֹת לָהֶם אֽ͏ֶעֱשֶׂה לָכֶֽם׃ | 56 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەسلىدە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى بولغان بولسام، سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلدە بولىمەن». |