וּמִקְנֶה ׀ רַב הָיָה לִבְנֵי רְאוּבֵן וְלִבְנֵי־גָד עָצוּם מְאֹד וַיִּרְאוּ אֶת־אֶרֶץ יַעְזֵר וְאֶת־אֶרֶץ גִּלְעָד וְהִנֵּה הַמָּקוֹם מְקוֹם מִקְנֶֽה׃ | 1 |
رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن گادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كالا پادىلىرى تولىمۇ كۆپەيگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ يائازەرنىڭ زېمىنى بىلەن گىلېئادنىڭ زېمىنىغا كۆزى چۈشتى؛ ۋە مانا، شۇ زېمىن چارۋا بېقىشقا ماس كېلىدىغان يەر ئىدى. |
וַיָּבֹאוּ בְנֵֽי־גָד וּבְנֵי רְאוּבֵן וַיֹּאמְרוּ אֶל־מֹשֶׁה וְאֶל־אֶלְעָזָר הַכֹּהֵן וְאֶל־נְשִׂיאֵי הָעֵדָה לֵאמֹֽר׃ | 2 |
شۇڭا ئۇلار مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا: — |
עֲטָרוֹת וְדִיבֹן וְיַעְזֵר וְנִמְרָה וְחֶשְׁבּוֹן וְאֶלְעָלֵה וּשְׂבָם וּנְבוֹ וּבְעֹֽן׃ | 3 |
ئاتاروت، دىبون، يائازەر، نىمراھ، ھەشبون، ئەلەئالەھ، سەبام، نېبو، بەئون دېگەن يەرلەر، |
הָאָרֶץ אֲשֶׁר הִכָּה יְהוָה לִפְנֵי עֲדַת יִשְׂרָאֵל אֶרֶץ מִקְנֶה הִוא וְלַֽעֲבָדֶיךָ מִקְנֶֽה׃ | 4 |
يەنى ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا پەرۋەردىگار مەغلۇپ قىلىپ بەرگەن يەرلەر بولۇپ، چارۋا بېقىشقا باپ يەرلەر ئىكەن، قۇللىرىنىڭمۇ چارۋا مېلى بار، — دېدى |
וַיֹּאמְרוּ אִם־מָצָאנוּ חֵן בְּעֵינֶיךָ יֻתַּן אֶת־הָאָרֶץ הַזֹּאת לַעֲבָדֶיךָ לַאֲחֻזָּה אַל־תַּעֲבִרֵנוּ אֶת־הַיַּרְדֵּֽן׃ | 5 |
ۋە يەنە: — ئەگەر سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەن بولساق، بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆت دېمەي، بۇ يەرنى بىزگە مىراس قىلىپ بەرسىلە، — دېدى. |
וַיֹּאמֶר מֹשֶׁה לִבְנֵי־גָד וְלִבְנֵי רְאוּבֵן הַאַֽחֵיכֶם יָבֹאוּ לַמִּלְחָמָה וְאַתֶּם תֵּשְׁבוּ פֹֽה׃ | 6 |
مۇسا گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا: — قېرىنداشلىرىڭلار جەڭگە چىققان ۋاقتىدا سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرامتىڭلار؟ |
וְלָמָּה תנואון תְנִיאוּן אֶת־לֵב בְּנֵי יִשְׂרָאֵל מֵֽעֲבֹר אֶל־הָאָרֶץ אֲשֶׁר־נָתַן לָהֶם יְהוָֽה׃ | 7 |
سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ [دەريادىن] ئۆتۈپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە كۆڭۇللىرىنى سوۋۇتۇسىلەر؟ |
כֹּה עָשׂוּ אֲבֹתֵיכֶם בְּשָׁלְחִי אֹתָם מִקָּדֵשׁ בַּרְנֵעַ לִרְאוֹת אֶת־הָאָֽרֶץ׃ | 8 |
ئىلگىرى مەن قادەش-بارنېئادىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى شۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكىنىمدە ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىشقانىدى. |
וַֽיַּעֲלוּ עַד־נַחַל אֶשְׁכּוֹל וַיִּרְאוּ אֶת־הָאָרֶץ וַיָּנִיאוּ אֶת־לֵב בְּנֵי יִשְׂרָאֵל לְבִלְתִּי־בֹא אֶל־הָאָרֶץ אֲשֶׁר־נָתַן לָהֶם יְהוָֽה׃ | 9 |
ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا چىقىپ، ئۇ زېمىننى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆڭلىنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشتىن سوۋۇتقان. |
וַיִּֽחַר־אַף יְהוָה בַּיּוֹם הַהוּא וַיִּשָּׁבַע לֵאמֹֽר׃ | 10 |
شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قەسەم قىلىپ: |
אִם־יִרְאוּ הָאֲנָשִׁים הָעֹלִים מִמִּצְרַיִם מִבֶּן עֶשְׂרִים שָׁנָה וָמַעְלָה אֵת הָאֲדָמָה אֲשֶׁר נִשְׁבַּעְתִּי לְאַבְרָהָם לְיִצְחָק וּֽלְיַעֲקֹב כִּי לֹא־מִלְאוּ אַחֲרָֽי׃ | 11 |
«مىسىردىن چىققان يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلار چىن كۆڭلىدىن ماڭا ئەگەشمىگەچكە، ئۇلار مەن ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارغا «سىلەرگە ئاتا قىلىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى كۆرسە، [مەن پەرۋەردىگار بولماي كېتەي]! |
בִּלְתִּי כָּלֵב בֶּן־יְפֻנֶּה הַקְּנִזִּי וִיהוֹשֻׁעַ בִּן־נוּן כִּי מִלְאוּ אַחֲרֵי יְהוָֽה׃ | 12 |
پەقەت كەنىززىيلەردىن بولغان يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا ماڭا چىن كۆڭلىدىن ئەگەشكەن بولغاچقا، زېمىننى كۆرەلەيدۇ»، دېگەنىدى. |
וַיִּֽחַר־אַף יְהוָה בְּיִשְׂרָאֵל וַיְנִעֵם בַּמִּדְבָּר אַרְבָּעִים שָׁנָה עַד־תֹּם כָּל־הַדּוֹר הָעֹשֶׂה הָרַע בְּעֵינֵי יְהוָֽה׃ | 13 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاچچىقى قوزغالغاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا رەزىل بولغاننى قىلغان ئەشۇ بىر ئەۋلاد ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، ئۇ ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرگەردانلىقتا يۈرگۈزدى. |
וְהִנֵּה קַמְתֶּם תַּחַת אֲבֹתֵיכֶם תַּרְבּוּת אֲנָשִׁים חַטָּאִים לִסְפּוֹת עוֹד עַל חֲרוֹן אַף־יְהוָה אֶל־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 14 |
ئەمدى مانا، گۇناھكارلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرمۇ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان قاتتىق غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغىماقچى بوپسىلەر-دە! |
כִּי תְשׁוּבֻן מֵֽאַחֲרָיו וְיָסַף עוֹד לְהַנִּיחוֹ בַּמִּדְבָּר וְשִֽׁחַתֶּם לְכָל־הָעָם הַזֶּֽה׃ | 15 |
ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن بۇرۇلۇپ كەتسەڭلار، ئۇنداقتا ئۇ [ئىسرائىللارنى] يەنە چۆل-باياۋانغا تاشلىۋېتىدۇ، بۇ ھالدا سىلەر بۇ بارلىق خەلقنى خاراب قىلغان بولىسىلەر، — دېدى. |
וַיִּגְּשׁוּ אֵלָיו וַיֹּאמְרוּ גִּדְרֹת צֹאן נִבְנֶה לְמִקְנֵנוּ פֹּה וְעָרִים לְטַפֵּֽנוּ׃ | 16 |
ئىككى قەبىلىنىڭ ئادەملىرى مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز بۇ يەردە ماللىرىمىزغا قوتان، بالىلىرىمىزغا قەلئە-شەھەر سالايلى. |
וַאֲנַחְנוּ נֵחָלֵץ חֻשִׁים לִפְנֵי בְּנֵי יִשְׂרָאֵל עַד אֲשֶׁר אִם־הֲבִֽיאֹנֻם אֶל־מְקוֹמָם וְיָשַׁב טַפֵּנוּ בְּעָרֵי הַמִּבְצָר מִפְּנֵי יֹשְׁבֵי הָאָֽרֶץ׃ | 17 |
بىز بولساق قوراللىنىپ، ئىسرائىللارنى ئۆزىگە تەۋە جايلىرىغا باشلاپ بارغۇچە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمىز؛ بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر سەۋەبلىك، بىزنىڭ كىچىك بالىلىرىمىز مۇستەھكەم شەھەرلەردە تۇرۇشى كېرەك. |
לֹא נָשׁוּב אֶל־בָּתֵּינוּ עַד הִתְנַחֵל בְּנֵי יִשְׂרָאֵל אִישׁ נַחֲלָתֽוֹ׃ | 18 |
ئىسرائىللار ئۆز مىراسلىرىغا ئىگە بولمىغۇچە بىز ئۆيىمىزگە ھەرگىز قايتمايمىز. |
כִּי לֹא נִנְחַל אִתָּם מֵעֵבֶר לַיַּרְדֵּן וָהָלְאָה כִּי בָאָה נַחֲלָתֵנוּ אֵלֵינוּ מֵעֵבֶר הַיַּרְדֵּן מִזְרָֽחָה׃ | 19 |
چۈنكى بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى زېمىنغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتىكى زېمىنغا تەڭ ئىگىدار بولمايمىز، چۈنكى مىراسىمىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنى كۈن چىقىشتىدۇر، — دېدى. |
וַיֹּאמֶר אֲלֵיהֶם מֹשֶׁה אִֽם־תַּעֲשׂוּן אֶת־הַדָּבָר הַזֶּה אִם־תֵּחָֽלְצוּ לִפְנֵי יְהוָה לַמִּלְחָמָֽה׃ | 20 |
مۇسا ئۇلارغا: — ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىنىپ جەڭگە چىقىپ، |
וְעָבַר לָכֶם כָּל־חָלוּץ אֶת־הַיַּרְדֵּן לִפְנֵי יְהוָה עַד הוֹרִישׁוֹ אֶת־אֹיְבָיו מִפָּנָֽיו׃ | 21 |
سىلەردىن قوراللانغانلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ بولغاندا، |
וְנִכְבְּשָׁה הָאָרֶץ לִפְנֵי יְהוָה וְאַחַר תָּשֻׁבוּ וִהְיִיתֶם נְקִיִּים מֵיְהוָה וּמִיִּשְׂרָאֵל וְהָיְתָה הָאָרֶץ הַזֹּאת לָכֶם לַאֲחֻזָּה לִפְנֵי יְהוָֽה׃ | 22 |
شۇ زېمىن پەرۋەردىگار ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ بولغاندا ئاندىن قايتساڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار ۋە ئىسرائىللار ئالدىدا گۇناھسىز ھېسابلىنىسىلەر؛ بۇ زېمىنمۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىلىدۇ. |
וְאִם־לֹא תַעֲשׂוּן כֵּן הִנֵּה חֲטָאתֶם לַיהוָה וּדְעוּ חַטַּאתְכֶם אֲשֶׁר תִּמְצָא אֶתְכֶֽם׃ | 23 |
لېكىن بۇنداق قىلمىساڭلار، مانا، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولىسىلەر؛ شۇنى ئوبدان بىلىشىڭلار كېرەككى، گۇناھىڭلار ئۆزۈڭلارنى قوغلاپ بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. |
בְּנֽוּ־לָכֶם עָרִים לְטַפְּכֶם וּגְדֵרֹת לְצֹנַאֲכֶם וְהַיֹּצֵא מִפִּיכֶם תַּעֲשֽׂוּ׃ | 24 |
ئەمدى سىلەر ئاغزىڭلاردىن چىققان گېپىڭلار بويىچە ئىش تۇتۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئۈچۈن شەھەر، قوي پادىلىرىڭلار ئۈچۈن قوتان سېلىڭلار، — دېدى. |
וַיֹּאמֶר בְּנֵי־גָד וּבְנֵי רְאוּבֵן אֶל־מֹשֶׁה לֵאמֹר עֲבָדֶיךָ יַעֲשׂוּ כַּאֲשֶׁר אֲדֹנִי מְצַוֶּֽה׃ | 25 |
گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى مۇساغا: — قۇللىرى غوجام ئېيتقىنىدەك قىلىدۇ. |
טַפֵּנוּ נָשֵׁינוּ מִקְנֵנוּ וְכָל־בְּהֶמְתֵּנוּ יִֽהְיוּ־שָׁם בְּעָרֵי הַגִּלְעָֽד׃ | 26 |
خوتۇن-بالا چاقىلىرىمىز، كالىلار ۋە بارلىق چارپايلىرىمىز گىلېئادنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە قالىدۇ؛ |
וַעֲבָדֶיךָ יַֽעַבְרוּ כָּל־חֲלוּץ צָבָא לִפְנֵי יְהוָה לַמִּלְחָמָה כַּאֲשֶׁר אֲדֹנִי דֹּבֵֽר׃ | 27 |
لېكىن قۇللىرى، جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغانلارنىڭ ھەربىرى غوجام ئېيتقاندەك [دەريادىن] ئۆتۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلىدۇ، — دېدى. |
וַיְצַו לָהֶם מֹשֶׁה אֵת אֶלְעָזָר הַכֹּהֵן וְאֵת יְהוֹשֻׁעַ בִּן־נוּן וְאֶת־רָאשֵׁי אֲבוֹת הַמַּטּוֹת לִבְנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 28 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلار توغرۇلۇق كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلە باشلىقلىرىغا تاپىلاپ، |
וַיֹּאמֶר מֹשֶׁה אֲלֵהֶם אִם־יַעַבְרוּ בְנֵי־גָד וּבְנֵי־רְאוּבֵן ׀ אִתְּכֶם אֶֽת־הַיַּרְדֵּן כָּל־חָלוּץ לַמִּלְחָמָה לִפְנֵי יְהוָה וְנִכְבְּשָׁה הָאָרֶץ לִפְנֵיכֶם וּנְתַתֶּם לָהֶם אֶת־אֶרֶץ הַגִּלְעָד לַאֲחֻזָּֽה׃ | 29 |
ئۇلارغا: — ئەگەر گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭگە چىقىشقا سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسە، ئۇ زېمىن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بوي سۇندۇرۇلسا، ئۇنداقتا سىلەر گىلېئاد زېمىنىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىڭلار. |
וְאִם־לֹא יֽ͏ַעַבְרוּ חֲלוּצִים אִתְּכֶם וְנֹֽאחֲזוּ בְתֹכְכֶם בְּאֶרֶץ כְּנָֽעַן׃ | 30 |
ئەگەر ئۇلار قوراللىنىپ سىلەر بىلەن بىللە ئۆتمەيمىز دېسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ مىراسى ئاراڭلاردا، يەنى قانائان زېمىنىدا بولسۇن، — دېدى. |
וַיַּֽעֲנוּ בְנֵי־גָד וּבְנֵי רְאוּבֵן לֵאמֹר אֵת אֲשֶׁר דִּבֶּר יְהוָה אֶל־עֲבָדֶיךָ כֵּן נַעֲשֶֽׂה׃ | 31 |
گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى: — پەرۋەردىگار قۇللىرىغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، بىز شۇنداق قىلىمىز. |
נַחְנוּ נַעֲבֹר חֲלוּצִים לִפְנֵי יְהוָה אֶרֶץ כְּנָעַן וְאִתָּנוּ אֲחֻזַּת נַחֲלָתֵנוּ מֵעֵבֶר לַיַּרְדֵּֽן׃ | 32 |
بىز قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرىمىز، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ يېقىدىكى زېمىن بىزگە مىراس قىلىپ بېرىلىدىغان بولىدۇ، — دېيىشتى. |
וַיִּתֵּן לָהֶם ׀ מֹשֶׁה לִבְנֵי־גָד וְלִבְנֵי רְאוּבֵן וְלַחֲצִי ׀ שֵׁבֶט ׀ מְנַשֶּׁה בֶן־יוֹסֵף אֶת־מַמְלֶכֶת סִיחֹן מֶלֶךְ הָֽאֱמֹרִי וְאֶת־מַמְלֶכֶת עוֹג מֶלֶךְ הַבָּשָׁן הָאָרֶץ לְעָרֶיהָ בִּגְבֻלֹת עָרֵי הָאָרֶץ סָבִֽיב׃ | 33 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ پادىشاھلىقى بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنى، زېمىن ۋە تەۋەسىدىكى شەھەرلەرنى، ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن قوشۇپ، ھەممىسىنى گادنىڭ ئەۋلادلىرىغا، رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە بەردى. |
וַיִּבְנוּ בְנֵי־גָד אֶת־דִּיבֹן וְאֶת־עֲטָרֹת וְאֵת עֲרֹעֵֽר׃ | 34 |
گادنىڭ ئەۋلادلىرى دىبون، ئاتاروت، ئاروئەر، |
וְאֶת־עַטְרֹת שׁוֹפָן וְאֶת־יַעְזֵר וְיָגְבֳּהָֽה׃ | 35 |
ئاتروت-شوفان، يائازەر، يوگبىخاھ، |
וְאֶת־בֵּית נִמְרָה וְאֶת־בֵּית הָרָן עָרֵי מִבְצָר וְגִדְרֹת צֹֽאן׃ | 36 |
بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى سالدى ۋە شۇنداقلا قوتانلارنى سالدى. |
וּבְנֵי רְאוּבֵן בָּנוּ אֶת־חֶשְׁבּוֹן וְאֶת־אֶלְעָלֵא וְאֵת קִרְיָתָֽיִם׃ | 37 |
رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى [يېڭىدىن] ھەشبون، ئەلەئالەھ، كىرىئاتايىم، |
וְאֶת־נְבוֹ וְאֶת־בַּעַל מְעוֹן מֽוּסַבֹּת שֵׁם וְאֶת־שִׂבְמָה וַיִּקְרְאוּ בְשֵׁמֹת אֶת־שְׁמוֹת הֶעָרִים אֲשֶׁר בָּנֽוּ׃ | 38 |
نېبو، بائال-مېئون ‹يۇقىرىقى ئىسىملار ئۆزگىرتىلگەن› ۋە سىبماھنى سالدى؛ ھەم ئۇلار سالغان شەھەرلەرگە يېڭىدىن نام بەردى. |
וַיֵּלְכוּ בְּנֵי מָכִיר בֶּן־מְנַשֶּׁה גִּלְעָדָה וַֽיִּלְכְּדֻהָ וַיּוֹרֶשׁ אֶת־הָאֱמֹרִי אֲשֶׁר־בָּֽהּ׃ | 39 |
ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلېئادقا يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەرنى ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنى قوغلىۋەتتى. |
וַיִּתֵּן מֹשֶׁה אֶת־הַגִּלְעָד לְמָכִיר בֶּן־מְנַשֶּׁה וַיֵּשֶׁב בָּֽהּ׃ | 40 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا گىلېئادنى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرغا بېرىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. |
וְיָאִיר בֶּן־מְנַשֶּׁה הָלַךְ וַיִּלְכֹּד אֶת־חַוֺּתֵיהֶם וַיִּקְרָא אֶתְהֶן חַוֺּת יָאִֽיר׃ | 41 |
ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر ئامورىيلارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، بۇ يېزا-قىشلاقلارنى ھاۋوت-يائىر دەپ ئاتىدى. |
וְנֹבַח הָלַךְ וַיִּלְכֹּד אֶת־קְנָת וְאֶת־בְּנֹתֶיהָ וַיִּקְרָא לָה נֹבַח בִּשְׁמֽוֹ׃ | 42 |
نوباھ كىنات ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ كىناتنى ئۆز ئىسمى بىلەن نوباھ دەپ ئاتىدى. |