וַיְהִי אַחֲרֵי הַמַּגֵּפָה וַיֹּאמֶר יְהוָה אֶל־מֹשֶׁה וְאֶל אֶלְעָזָר בֶּן־אַהֲרֹן הַכֹּהֵן לֵאמֹֽר׃ | 1 |
ۋابادىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا سۆز قىلىپ: — |
שְׂאוּ אֶת־רֹאשׁ ׀ כָּל־עֲדַת בְּנֵי־יִשְׂרָאֵל מִבֶּן עֶשְׂרִים שָׁנָה וָמַעְלָה לְבֵית אֲבֹתָם כָּל־יֹצֵא צָבָא בְּיִשְׂרָאֵֽל׃ | 2 |
سىلەر پۈتكۈل ئىسرائىللارنىڭ جامائىتى ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ئاتا جەمەتى بويىچە ھېسابلاپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى. |
וַיְדַבֵּר מֹשֶׁה וְאֶלְעָזָר הַכֹּהֵן אֹתָם בְּעַֽרְבֹת מוֹאָב עַל־יַרְדֵּן יְרֵחוֹ לֵאמֹֽר׃ | 3 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى يېرىخونىڭ يېنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا ئىسرائىللار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارغا: |
מִבֶּן עֶשְׂרִים שָׁנָה וָמָעְלָה כַּאֲשֶׁר צִוָּה יְהוָה אֶת־מֹשֶׁה וּבְנֵי יִשְׂרָאֵל הַיֹּצְאִים מֵאֶרֶץ מִצְרָֽיִם׃ | 4 |
«پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ۋە مىسىردىن چىققان ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىنى بويىچە، سىلەردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى [تىزىملىنىپ] ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دەپ ئۇقتۇردى. [تىزىملىتىلغان سانلار مۇنداق بولدى]: — |
רְאוּבֵן בְּכוֹר יִשְׂרָאֵל בְּנֵי רְאוּבֵן חֲנוֹךְ מִשְׁפַּחַת הַחֲנֹכִי לְפַלּוּא מִשְׁפַּחַת הַפַּלֻּאִֽי׃ | 5 |
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ئىدى. رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ھانۇقنىڭ نەسلىدىن بولغان ھانۇق جەمەتى؛ پاللۇنىڭ نەسلىدىن بولغان پاللۇ جەمەتى؛ |
לְחֶצְרֹן מִשְׁפַּחַת הַֽחֶצְרוֹנִי לְכַרְמִי מִשְׁפַּחַת הַכַּרְמִֽי׃ | 6 |
ھەزرون نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ كارمى نەسلىدىن بولغان كارمى جەمەتى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת הָרֻֽאוּבֵנִי וַיִּהְיוּ פְקֻדֵיהֶם שְׁלֹשָׁה וְאַרְבָּעִים אֶלֶף וּשְׁבַע מֵאוֹת וּשְׁלֹשִֽׁים׃ | 7 |
بۇلار رۇبەننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگىنى جەمئىي قىرىق ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولدى. |
וּבְנֵי פַלּוּא אֱלִיאָֽב׃ | 8 |
پاللۇنىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛ |
וּבְנֵי אֱלִיאָב נְמוּאֵל וְדָתָן וַאֲבִירָם הֽוּא־דָתָן וַאֲבִירָם קרואי קְרִיאֵי הָעֵדָה אֲשֶׁר הִצּוּ עַל־מֹשֶׁה וְעַֽל־אַהֲרֹן בַּעֲדַת־קֹרַח בְּהַצֹּתָם עַל־יְהוָֽה׃ | 9 |
ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئەل، داتان، ئابىرام ئىدى. داتان بىلەن ئابىرام ئەسلىدە جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان مۆتىۋەرلەر بولسىمۇ، كوراھ گۇرۇھىدىكىلەر پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقاندا، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن تاكاللاشقانىدى. |
וַתִּפְתַּח הָאָרֶץ אֶת־פִּיהָ וַתִּבְלַע אֹתָם וְאֶת־קֹרַח בְּמוֹת הָעֵדָה בַּאֲכֹל הָאֵשׁ אֵת חֲמִשִּׁים וּמָאתַיִם אִישׁ וַיִּהְיוּ לְנֵֽס׃ | 10 |
يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كوراھ بىلەن بىرگە يۇتۇپ كەتكەن؛ شۇ چاغدا كوراھ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ، ئوت ئۇنىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئادىمىنى يۇتۇپ كەتكەن. |
וּבְנֵי־קֹרַח לֹא־מֵֽתוּ׃ | 11 |
لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەن. |
בְּנֵי שִׁמְעוֹן לְמִשְׁפְּחֹתָם לִנְמוּאֵל מִשְׁפַּחַת הַנְּמוּאֵלִי לְיָמִין מִשְׁפַּחַת הַיָּמִינִי לְיָכִין מִשְׁפַּחַת הַיָּכִינִֽי׃ | 12 |
شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، نەمۇئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان نەمۇئەل جەمەتى؛ يامىن نەسلىدىن بولغان يامىن جەمەتى؛ ياقىن نەسلىدىن بولغان ياقىن جەمەتى؛ |
לְזֶרַח מִשְׁפַּחַת הַזַּרְחִי לְשָׁאוּל מִשְׁפַּחַת הַשָּׁאוּלִֽי׃ | 13 |
زەراھ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى؛ سائۇل نەسلىدىن بولغان سائۇل جەمەتى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת הַשִּׁמְעֹנִי שְׁנַיִם וְעֶשְׂרִים אֶלֶף וּמָאתָֽיִם׃ | 14 |
بۇلار شىمېئوننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز ئادەم چىقتى. |
בְּנֵי גָד לְמִשְׁפְּחֹתָם לִצְפוֹן מִשְׁפַּחַת הַצְּפוֹנִי לְחַגִּי מִשְׁפַּחַת הַֽחַגִּי לְשׁוּנִי מִשְׁפַּחַת הַשּׁוּנִֽי׃ | 15 |
گاد قەبىلىسىدىن، جەمەت بويىچە، زەفون نەسلىدىن بولغان زەفون جەمەتى؛ ھاگگى نەسلىدىن بولغان ھاگگى جەمەتى؛ شۇنى نەسلىدىن بولغان شۇنى جەمەتى؛ |
לְאָזְנִי מִשְׁפַּחַת הָאָזְנִי לְעֵרִי מִשְׁפַּחַת הָעֵרִֽי׃ | 16 |
ئوزنى نەسلىدىن بولغان ئوزنى جەمەتى؛ ئېرى نەسلىدىن بولغان ئېرى جەمەتى؛ |
לַאֲרוֹד מִשְׁפַּחַת הָאֲרוֹדִי לְאַרְאֵלִי מִשְׁפַּחַת הָאַרְאֵלִֽי׃ | 17 |
ئارود نەسلىدىن بولغان ئارود جەمەتى؛ ئارئەلى نەسلىدىن بولغان ئارئەلى جەمەتى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת בְּנֵֽי־גָד לִפְקֻדֵיהֶם אַרְבָּעִים אֶלֶף וַחֲמֵשׁ מֵאֽוֹת׃ | 18 |
بۇلار گاد ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. |
בְּנֵי יְהוּדָה עֵר וְאוֹנָן וַיָּמָת עֵר וְאוֹנָן בְּאֶרֶץ כְּנָֽעַן׃ | 19 |
يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئېر بىلەن ئونان ئىدى؛ بۇ ئىككىسى قانائان زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەن. |
וַיִּהְיוּ בְנֵי־יְהוּדָה לְמִשְׁפְּחֹתָם לְשֵׁלָה מִשְׁפַּחַת הַשֵּׁלָנִי לְפֶרֶץ מִשְׁפַּחַת הַפַּרְצִי לְזֶרַח מִשְׁפַּחַת הַזַּרְחִֽי׃ | 20 |
يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، شىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شىلاھ جەمەتى؛ پەرەزنىڭ نەسلىدىن بولغان پەرەز جەمەتى؛ زەراھنىڭ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى. |
וַיִּהְיוּ בְנֵי־פֶרֶץ לְחֶצְרֹן מִשְׁפַּחַת הַֽחֶצְרֹנִי לְחָמוּל מִשְׁפַּחַת הֶחָמוּלִֽי׃ | 21 |
پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرى ھەزروننىڭ نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ ھامۇلنىڭ نەسلىدىن بولغان ھامۇل جەمەتى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת יְהוּדָה לִפְקֻדֵיהֶם שִׁשָּׁה וְשִׁבְעִים אֶלֶף וַחֲמֵשׁ מֵאֽוֹת׃ | 22 |
بۇلار يەھۇدانىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يەتمىش ئالتە مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. |
בְּנֵי יִשָּׂשכָר לְמִשְׁפְּחֹתָם תּוֹלָע מִשְׁפַּחַת הַתּוֹלָעִי לְפֻוָה מִשְׁפַּחַת הַפּוּנִֽי׃ | 23 |
ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، تولانىڭ نەسلىدىن بولغان تولا جەمەتى؛ پۇئاھنىڭ نەسلىدىن بولغان پۇئاھ جەمەتى؛ |
לְיָשׁוּב מִשְׁפַּחַת הַיָּשׁוּבִי לְשִׁמְרֹן מִשְׁפַּחַת הַשִּׁמְרֹנִֽי׃ | 24 |
ياشۇبنىڭ نەسلىدىن بولغان ياشۇب جەمەتى؛ شىمروننىڭ نەسلىدىن بولغان شىمرون جەمەتى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת יִשָּׂשכָר לִפְקֻדֵיהֶם אַרְבָּעָה וְשִׁשִּׁים אֶלֶף וּשְׁלֹשׁ מֵאֽוֹת׃ | 25 |
بۇلار ئىسساكارنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ ئۈچ يۈز ئادەم چىقتى. |
בְּנֵי זְבוּלֻן לְמִשְׁפְּחֹתָם לְסֶרֶד מִשְׁפַּחַת הַסַּרְדִּי לְאֵלוֹן מִשְׁפַּחַת הָאֵלֹנִי לְיַחְלְאֵל מִשְׁפַּחַת הַיַּחְלְאֵלִֽי׃ | 26 |
زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، سەرەدنىڭ نەسلىدىن بولغان سەرەد جەمەتى؛ ئېلون نەسلىدىن بولغان ئېلون جەمەتى؛ جاھلىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان جاھلىيەل جەمەتى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת הַזְּבוּלֹנִי לִפְקֻדֵיהֶם שִׁשִּׁים אֶלֶף וַחֲמֵשׁ מֵאֽוֹת׃ | 27 |
بۇلار زەبۇلۇننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. |
בְּנֵי יוֹסֵף לְמִשְׁפְּחֹתָם מְנַשֶּׁה וְאֶפְרָֽיִם׃ | 28 |
يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى: — جەمەت بويىچە، ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىم ئىدى. |
בְּנֵי מְנַשֶּׁה לְמָכִיר מִשְׁפַּחַת הַמָּכִירִי וּמָכִיר הוֹלִיד אֶת־גִּלְעָד לְגִלְעָד מִשְׁפַּחַת הַגִּלְעָדִֽי׃ | 29 |
ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى: — ماكىرنىڭ نەسلىدىن بولغان ماكىر جەمەتى ‹ماكىردىن گىلېئاد تۆرەلگەن›، گىلېئادنىڭ نەسلىدىن بولغان گىلېئاد جەمەتى ئىدى. |
אֵלֶּה בְּנֵי גִלְעָד אִיעֶזֶר מִשְׁפַּחַת הָאִֽיעֶזְרִי לְחֵלֶק מִשְׁפַּחַת הַֽחֶלְקִֽי׃ | 30 |
تۆۋەندىكىلەر گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى: — يەئەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەئەزەر جەمەتى؛ ھەلەكنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەلەك جەمەتى؛ |
וְאַשְׂרִיאֵל מִשְׁפַּחַת הָֽאַשְׂרִֽאֵלִי וְשֶׁכֶם מִשְׁפַּחַת הַשִּׁכְמִֽי׃ | 31 |
ئاسرىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاسرىيەل جەمەتى؛ شەكەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكەم جەمەتى؛ |
וּשְׁמִידָע מִשְׁפַּחַת הַשְּׁמִידָעִי וְחֵפֶר מִשְׁפַּחַת הַֽחֶפְרִֽי׃ | 32 |
شەمىدانىڭ نەسلىدىن بولغان شەمىدا جەمەتى؛ ھەفەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەفەر جەمەتى. |
וּצְלָפְחָד בֶּן־חֵפֶר לֹא־הָיוּ לוֹ בָּנִים כִּי אִם־בָּנוֹת וְשֵׁם בְּנוֹת צְלָפְחָד מַחְלָה וְנֹעָה חָגְלָה מִלְכָּה וְתִרְצָֽה׃ | 33 |
ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھاد ئوغۇل پەرزەنت كۆرمەي قىز پەرزەنت كۆرگەن؛ زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، تىرزاھ ئىدى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת מְנַשֶּׁה וּפְקֻדֵיהֶם שְׁנַיִם וַחֲמִשִּׁים אֶלֶף וּשְׁבַע מֵאֽוֹת׃ | 34 |
بۇلار ماناسسەھنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئادەم چىقتى. |
אֵלֶּה בְנֵי־אֶפְרַיִם לְמִשְׁפְּחֹתָם לְשׁוּתֶלַח מִשְׁפַּחַת הַשֻּׁתַלְחִי לְבֶכֶר מִשְׁפַּחַת הַבַּכְרִי לְתַחַן מִשְׁפַּחַת הַֽתַּחֲנִֽי׃ | 35 |
تۆۋەندىكىلەر ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە: — شۇتىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇتىلاھ جەمەتى؛ بەكەرنىڭ نەسلىدىن بولغان بەكەر جەمەتى؛ تاھاننىڭ نەسلىدىن بولغان تاھان جەمەتى. |
וְאֵלֶּה בְּנֵי שׁוּתָלַח לְעֵרָן מִשְׁפַּחַת הָעֵרָנִֽי׃ | 36 |
شۇتىلانىڭ ئەۋلادلىرى ئېراننىڭ نەسلىدىن بولغان ئېران جەمەتى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת בְּנֵי־אֶפְרַיִם לִפְקֻדֵיהֶם שְׁנַיִם וּשְׁלֹשִׁים אֶלֶף וַחֲמֵשׁ מֵאוֹת אֵלֶּה בְנֵי־יוֹסֵף לְמִשְׁפְּחֹתָֽם׃ | 37 |
مانا بۇلار ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ھەرقايسى جەمەتلەر بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. جەمەتلىرى بويىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
בְּנֵי בִנְיָמִן לְמִשְׁפְּחֹתָם לְבֶלַע מִשְׁפַּחַת הַבַּלְעִי לְאַשְׁבֵּל מִשְׁפַּחַת הָֽאַשְׁבֵּלִי לַאֲחִירָם מִשְׁפַּחַת הָאֲחִירָמִֽי׃ | 38 |
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، بېلانىڭ نەسلىدىن بولغان بېلا جەمەتى؛ ئاشبەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاشبەل جەمەتى؛ ئاھىرامنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاھىرام جەمەتى؛ |
לִשְׁפוּפָם מִשְׁפַּחַת הַשּׁוּפָמִי לְחוּפָם מִשְׁפַּחַת הַחוּפָמִֽי׃ | 39 |
شەفۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇفام جەمەتى؛ ھۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان ھۇفام جەمەتى. |
וַיִּהְיוּ בְנֵי־בֶלַע אַרְדְּ וְנַעֲמָן מִשְׁפַּחַת הָֽאַרְדִּי לְנַֽעֲמָן מִשְׁפַּחַת הַֽנַּעֲמִֽי׃ | 40 |
ئارد بىلەن نائامان بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئاردنىڭ نەسلىدىن بولغان ئارد جەمەتى؛ نائاماننىڭ نەسلىدىن بولغان نائامان جەمەتى. |
אֵלֶּה בְנֵי־בִנְיָמִן לְמִשְׁפְּחֹתָם וּפְקֻדֵיהֶם חֲמִשָּׁה וְאַרְבָּעִים אֶלֶף וְשֵׁשׁ מֵאֽוֹת׃ | 41 |
بۇلار بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى. |
אֵלֶּה בְנֵי־דָן לְמִשְׁפְּחֹתָם לְשׁוּחָם מִשְׁפַּחַת הַשּׁוּחָמִי אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת דָּן לְמִשְׁפְּחֹתָֽם׃ | 42 |
تۆۋەندىكىلەر داننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە، شۇھامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇھام جەمەتى؛ جەمەت بويىچە بۇلار داننىڭ جەمەتلىرى ئىدى. |
כָּל־מִשְׁפְּחֹת הַשּׁוּחָמִי לִפְקֻדֵיהֶם אַרְבָּעָה וְשִׁשִּׁים אֶלֶף וְאַרְבַּע מֵאֽוֹת׃ | 43 |
شۇھامنىڭ ھەممە جەمەتى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. |
בְּנֵי אָשֵׁר לְמִשְׁפְּחֹתָם לְיִמְנָה מִשְׁפַּחַת הַיִּמְנָה לְיִשְׁוִי מִשְׁפַּחַת הַיִּשְׁוִי לִבְרִיעָה מִשְׁפַּחַת הַבְּרִיעִֽי׃ | 44 |
ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، يىمناھنىڭ نەسلىدىن بولغان يىمناھ جەمەتى؛ يېشۋىنىڭ نەسلىدىن بولغان يېشۋى جەمەتى؛ بېرىياھنىڭ نەسلىدىن بولغان بېرىياھ جەمەتى. |
לִבְנֵי בְרִיעָה לְחֶבֶר מִשְׁפַּחַת הַֽחֶבְרִי לְמַלְכִּיאֵל מִשְׁפַּחַת הַמַּלְכִּיאֵלִֽי׃ | 45 |
بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ھەبەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەبەر جەمەتى؛ مالكىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان مالكىئەل جەمەتى. |
וְשֵׁם בַּת־אָשֵׁר שָֽׂרַח׃ | 46 |
ئاشىرنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى سېراھ ئىدى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת בְּנֵי־אָשֵׁר לִפְקֻדֵיהֶם שְׁלֹשָׁה וַחֲמִשִּׁים אֶלֶף וְאַרְבַּע מֵאֽוֹת׃ | 47 |
بۇلار ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. |
בְּנֵי נַפְתָּלִי לְמִשְׁפְּחֹתָם לְיַחְצְאֵל מִשְׁפַּחַת הַיַּחְצְאֵלִי לְגוּנִי מִשְׁפַּחַת הַגּוּנִֽי׃ | 48 |
نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ياھزىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ياھزىئەل جەمەتى؛ گۇنىنىڭ نەسلىدىن بولغان گۇنى جەمەتى؛ |
לְיֵצֶר מִשְׁפַּחַת הַיִּצְרִי לְשִׁלֵּם מִשְׁפַּחַת הַשִּׁלֵּמִֽי׃ | 49 |
يەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەزەر جەمەتى؛ شىللەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شىللەم جەمەتى. |
אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת נַפְתָּלִי לְמִשְׁפְּחֹתָם וּפְקֻדֵיהֶם חֲמִשָּׁה וְאַרְבָּעִים אֶלֶף וְאַרְבַּע מֵאֽוֹת׃ | 50 |
بۇلار نافتالىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. |
אֵלֶּה פְּקוּדֵי בְּנֵי יִשְׂרָאֵל שֵׁשׁ־מֵאוֹת אֶלֶף וָאָלֶף שְׁבַע מֵאוֹת וּשְׁלֹשִֽׁים׃ | 51 |
يۇقىرىقىلار ئىسرائىللاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز بىر مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئادەم چىقتى. |
וַיְדַבֵּר יְהוָה אֶל־מֹשֶׁה לֵּאמֹֽר׃ | 52 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
לָאֵלֶּה תֵּחָלֵק הָאָרֶץ בְּנַחֲלָה בְּמִסְפַּר שֵׁמֽוֹת׃ | 53 |
زېمىن مۇشۇلارغا رويخەتكە ئېلىنغان سان بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنسۇن. |
לָרַב תַּרְבֶּה נַחֲלָתוֹ וְלַמְעַט תַּמְעִיט נַחֲלָתוֹ אִישׁ לְפִי פְקֻדָיו יֻתַּן נַחֲלָתֽוֹ׃ | 54 |
مىراسنى ئادەم سانى كۆپ قەبىلىلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئاز قەبىلىلەرگە ئازراق بۆل؛ مىراس رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەم سانىغا قاراپ ھەربىر ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلسۇن. |
אַךְ־בְּגוֹרָל יֵחָלֵק אֶת־הָאָרֶץ לִשְׁמוֹת מַטּוֹת־אֲבֹתָם יִנְחָֽלוּ׃ | 55 |
ھالبۇكى، زېمىن چەك تاشلىنىش يولى بىلەن بۆلۈنسۇن؛ ئۇلار مىراسقا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەت-قەبىلىسىنىڭ نامى بويىچە ۋارىسلىق قىلسۇن. |
עַל־פִּי הַגּוֹרָל תֵּחָלֵק נַחֲלָתוֹ בֵּין רַב לִמְעָֽט׃ | 56 |
مىراس ئۇلارغا چەك تاشلاش يولى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھەربىر [ئائىلە-جەمەتكە] بۆلۈپ بېرىلسۇن. |
וְאֵלֶּה פְקוּדֵי הַלֵּוִי לְמִשְׁפְּחֹתָם לְגֵרְשׁוֹן מִשְׁפַּחַת הַגֵּרְשֻׁנִּי לִקְהָת מִשְׁפַּחַת הַקְּהָתִי לִמְרָרִי מִשְׁפַּחַת הַמְּרָרִֽי׃ | 57 |
تۆۋەندىكىلەر ئاتا جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار: — گەرشوننىڭ نەسلىدىن بولغان گەرشون جەمەتى؛ كوھاتنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھات جەمەتى؛ مەرارىنىڭ نەسلىدىن بولغان مەرارى جەمەتى. |
אֵלֶּה ׀ מִשְׁפְּחֹת לֵוִי מִשְׁפַּחַת הַלִּבְנִי מִשְׁפַּחַת הַֽחֶבְרֹנִי מִשְׁפַּחַת הַמַּחְלִי מִשְׁפַּחַת הַמּוּשִׁי מִשְׁפַּחַת הַקָּרְחִי וּקְהָת הוֹלִד אֶת־עַמְרָֽם׃ | 58 |
بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرى: — لىبنى جەمەتى، ھېبرون جەمەتى، ماھلى جەمەتى، مۇشى جەمەتى، كوراھ جەمەتى. كوھاتتىن ئامرام تۆرەلگەن. |
וְשֵׁם ׀ אֵשֶׁת עַמְרָם יוֹכֶבֶד בַּת־לֵוִי אֲשֶׁר יָלְדָה אֹתָהּ לְלֵוִי בְּמִצְרָיִם וַתֵּלֶד לְעַמְרָם אֶֽת־אַהֲרֹן וְאֶת־מֹשֶׁה וְאֵת מִרְיָם אֲחֹתָֽם׃ | 59 |
ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ مىسىردا تۇغۇلغان قىزى ئىدى؛ ئۇ ئامرامغا ھارۇن، مۇسا ۋە ئۇلارنىڭ ئاچىسى مەريەمنى تۇغۇپ بەرگەن. |
וַיִוָּלֵד לְאַהֲרֹן אֶת־נָדָב וְאֶת־אֲבִיהוּא אֶת־אֶלְעָזָר וְאֶת־אִיתָמָֽר׃ | 60 |
ھارۇندىن ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار تۆرەلگەن. |
וַיָּמָת נָדָב וַאֲבִיהוּא בְּהַקְרִיבָם אֵשׁ־זָרָה לִפְנֵי יְהוָֽה׃ | 61 |
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا غەيرىي بىر ئوتنى سۇنغاندا ئۆلۈپ كەتكەن. |
וַיִּהְיוּ פְקֻדֵיהֶם שְׁלֹשָׁה וְעֶשְׂרִים אֶלֶף כָּל־זָכָר מִבֶּן־חֹדֶשׁ וָמָעְלָה כִּי ׀ לֹא הָתְפָּקְדוּ בְּתוֹךְ בְּנֵי יִשְׂרָאֵל כִּי לֹא־נִתַּן לָהֶם נַחֲלָה בְּתוֹךְ בְּנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 62 |
لاۋىيلار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان بارلىق ئەركەكلەر ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يىگىرمە ئۈچ مىڭ ئادەم چىقتى. ئۇلار ئىسرائىللار ئىچىدە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، چۈنكى ئۇلارغا ئىسرائىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراس [زېمىن] بۆلۈپ بېرىلمىگەن. |
אֵלֶּה פְּקוּדֵי מֹשֶׁה וְאֶלְעָזָר הַכֹּהֵן אֲשֶׁר פּֽ͏ָקְדוּ אֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל בְּעַֽרְבֹת מוֹאָב עַל יַרְדֵּן יְרֵחֽוֹ׃ | 63 |
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئادەملەر موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائىللاردۇر. |
וּבְאֵלֶּה לֹא־הָיָה אִישׁ מִפְּקוּדֵי מֹשֶׁה וְאַהֲרֹן הַכֹּהֵן אֲשֶׁר פָּקְדוּ אֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל בְּמִדְבַּר סִינָֽי׃ | 64 |
بىراق بۇ ئادەملەر ئىچىدە مۇسا بىلەن كاھىن ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. |
כִּֽי־אָמַר יְהוָה לָהֶם מוֹת יָמֻתוּ בַּמִּדְבָּר וְלֹא־נוֹתַר מֵהֶם אִישׁ כִּי אִם־כָּלֵב בֶּן־יְפֻנֶּה וִיהוֹשֻׁעַ בִּן־נֽוּן׃ | 65 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار توغرىسىدا: «ئۇلار چۆلدە ئۆلمەي قالمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا، يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئادىن باشقا بىرىمۇ قالمىغان. |