וּבְיוֹם עֶשְׂרִים וְאַרְבָּעָה לַחֹדֶשׁ הַזֶּה נֶאֶסְפוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל בְּצוֹם וּבְשַׂקִּים וַאֲדָמָה עֲלֵיהֶֽם׃ | 1 |
شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىسرائىللار روزا تۇتۇپ، بوز كىيىپ، ئۈستى-بېشىغا توپا چاچقان ھالدا يىغىلدى؛ |
וַיִּבָּֽדְלוּ זֶרַע יִשְׂרָאֵל מִכֹּל בְּנֵי נֵכָר וַיַּעַמְדוּ וַיִּתְוַדּוּ עַל־חַטֹּאתֵיהֶם וַעֲוֺנוֹת אֲבֹתֵיהֶֽם׃ | 2 |
ئىسرائىل نەسلى ئۆزلىرىنى بارلىق يات تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. |
וַיָּקוּמוּ עַל־עָמְדָם וַֽיִּקְרְאוּ בְּסֵפֶר תּוֹרַת יְהוָה אֱלֹהֵיהֶם רְבִעִית הַיּוֹם וּרְבִעִית מִתְוַדִּים וּמִֽשְׁתַּחֲוִים לַיהוָה אֱלֹהֵיהֶֽם׃ | 3 |
ئۇلار شۇ كۈننىڭ تۆتتىن بىرىدە ئۆز يېرىدە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى؛ كۈننىڭ يەنە تۆتتىن بىرىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇدى ۋە خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. |
וַיָּקָם עַֽל־מַֽעֲלֵה הַלְוִיִּם יֵשׁוּעַ וּבָנִי קַדְמִיאֵל שְׁבַנְיָה בֻּנִּי שֵׁרֵבְיָה בָּנִי כְנָנִי וַֽיִּזְעֲקוּ בְּקוֹל גָּדוֹל אֶל־יְהוָה אֱלֹהֵיהֶֽם׃ | 4 |
لاۋىيلاردىن يەشۇئا، بانى، كادمىيەل، شەبانىيا، بۇننى، شەرەبىيا، بانى ۋە كېنانىلار پەلەمپەيلەردە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. |
וַיֹּאמְרוּ הַלְוִיִּם יֵשׁוּעַ וְקַדְמִיאֵל בָּנִי חֲשַׁבְנְיָה שֵׁרֵֽבְיָה הֽוֹדִיָּה שְׁבַנְיָה פְתַֽחְיָה קוּמוּ בָּרֲכוּ אֶת־יְהוָה אֱלֹֽהֵיכֶם מִן־הָעוֹלָם עַד־הָעוֹלָם וִיבָֽרְכוּ שֵׁם כְּבוֹדֶךָ וּמְרוֹמַם עַל־כָּל־בְּרָכָה וּתְהִלָּֽה׃ | 5 |
لاۋىي يەشۇئا، كادمىيەل، بانى، ھاشابىنىيا، شەرەبىيا، خودىيا، شەبانىيا ۋە پىتاھىيالار: «ئورنۇڭلاردىن قوپۇپ خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار» ــ دېدى ۋە مۇنداق [دۇئا-ھەمدۇسانا ئۇقۇدى]: ــ «[ئى خۇدا]، ئىنسانلار سېنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك نامىڭنى ئۇلۇغلىسۇن! بەرھەق، بارلىق تەشەككۈر-مەدھىيىلەر نامىڭغا يېتىشمەيدۇ! |
אַתָּה־הוּא יְהוָה לְבַדֶּךָ את אַתָּה עָשִׂיתָ אֶֽת־הַשָּׁמַיִם שְׁמֵי הַשָּׁמַיִם וְכָל־צְבָאָם הָאָרֶץ וְכָל־אֲשֶׁר עָלֶיהָ הַיַּמִּים וְכָל־אֲשֶׁר בָּהֶם וְאַתָּה מְחַיֶּה אֶת־כֻּלָּם וּצְבָא הַשָּׁמַיִם לְךָ מִשְׁתַּחֲוִֽים׃ | 6 |
سەن، پەقەت سەنلا پەرۋەردىگاردۇرسەن؛ ئاسمانلارنى، ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى، يەر ۋە يەر ئۈستىدىكى ھەممىنى، دېڭىزلار ۋە ئۇلار ئىچىدىكى ھەممىنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاياتلىق بەرگۈچىسەن، ئاسمانلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى ساڭا سەجدە قىلغۇچىدۇر. |
אַתָּה־הוּא יְהוָה הָאֱלֹהִים אֲשֶׁר בָּחַרְתָּ בְּאַבְרָם וְהוֹצֵאתוֹ מֵאוּר כַּשְׂדִּים וְשַׂמְתָּ שְּׁמוֹ אַבְרָהָֽם׃ | 7 |
سەن بەرھەق پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن، سەن ئابرامنى تاللىدىڭ، ئۇنى كالدىيەنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقتىڭ، ئۇنىڭغا ئىبراھىم دېگەن نامنى ئاتا قىلدىڭ. |
וּמָצָאתָ אֶת־לְבָבוֹ נֶאֱמָן לְפָנֶיךָ וְכָרוֹת עִמּוֹ הַבְּרִית לָתֵת אֶת־אֶרֶץ הַכְּנַעֲנִי הַחִתִּי הָאֱמֹרִי וְהַפְּרִזִּי וְהַיְבוּסִי וְהַגִּרְגָּשִׁי לָתֵת לְזַרְעוֹ וַתָּקֶם אֶת־דְּבָרֶיךָ כִּי צַדִּיק אָֽתָּה׃ | 8 |
سەن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزۈڭگە سادىق-ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ قانائانىيلارنىڭ، ھىتتىيلارنىڭ، ئامورىيلارنىڭ، پەرىززىيلەرنىڭ، يەبۇسىيلارنىڭ ۋە گىرگاشىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقدىم قىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن، سۆزلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. |
וַתֵּרֶא אֶת־עֳנִי אֲבֹתֵינוּ בְּמִצְרָיִם וְאֶת־זַעֲקָתָם שָׁמַעְתָּ עַל־יַם־סֽוּף׃ | 9 |
سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىسىردا جەبىر-زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى نالىسىغا قۇلاق سالدىڭ. |
וַתִּתֵּן אֹתֹת וּמֹֽפְתִים בְּפַרְעֹה וּבְכָל־עֲבָדָיו וּבְכָל־עַם אַרְצוֹ כִּי יָדַעְתָּ כִּי הֵזִידוּ עֲלֵיהֶם וַתַּֽעַשׂ־לְךָ שֵׁם כְּהַיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 10 |
سەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق يوغانچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلگىنىڭدىن كېيىن پىرەۋن، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق خەلققە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ بىر نام-شۆھرەتنى تىكلىدىڭ. |
וְהַיָּם בָּקַעְתָּ לִפְנֵיהֶם וַיַּֽעַבְרוּ בְתוֹךְ־הַיָּם בַּיַּבָּשָׁה וְֽאֶת־רֹדְפֵיהֶם הִשְׁלַכְתָּ בִמְצוֹלֹת כְּמוֹ־אֶבֶן בְּמַיִם עַזִּֽים׃ | 11 |
سەن يەنە [ئاتا-بوۋىلىرىمىز] ئالدىدا دېڭىزنى بۆلۈپ، ئۇلار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر ئۈستىدىن مېڭىپ ئۆتتى؛ ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە تاشلاپ غەرق قىلىۋەتتىڭ، خۇددى جۇشقۇنلۇق دېڭىزغا تاشلانغان تاشتەك غەرق قىلدىڭ. |
וּבְעַמּוּד עָנָן הִנְחִיתָם יוֹמָם וּבְעַמּוּד אֵשׁ לַיְלָה לְהָאִיר לָהֶם אֶת־הַדֶּרֶךְ אֲשֶׁר יֵֽלְכוּ־בָֽהּ׃ | 12 |
سەن ئۇلارنى كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى بىلەن، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى بىلەن يېتەكلىدىڭ، بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بەردىڭ. |
וְעַל הַר־סִינַי יָרַדְתָּ וְדַבֵּר עִמָּהֶם מִשָּׁמָיִם וַתִּתֵּן לָהֶם מִשְׁפָּטִים יְשָׁרִים וְתוֹרוֹת אֱמֶת חֻקִּים וּמִצְוֺת טוֹבִֽים׃ | 13 |
سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئاسماندا تۇرۇپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارغا توغرا ھۆكۈم، ھەقىقىي ئىشەنچلىك قانۇنلار، ياخشى بەلگىلىمىلەر ۋە ئەمرلەرنى ئاتا قىلدىڭ. |
וְאֶת־שַׁבַּת קָדְשְׁךָ הוֹדַעַתָ לָהֶם וּמִצְווֹת וְחֻקִּים וְתוֹרָה צִוִּיתָ לָהֶם בְּיַד מֹשֶׁה עַבְדֶּֽךָ׃ | 14 |
سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ مۇقەددەس شابات كۈنۈڭنى تونۇتتۇڭ، قۇلۇڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇلارغا ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە تەۋرات قانۇنىنى تاپىلىدىڭ. |
וְלֶחֶם מִשָּׁמַיִם נָתַתָּה לָהֶם לִרְעָבָם וּמַיִם מִסֶּלַע הוֹצֵאתָ לָהֶם לִצְמָאָם וַתֹּאמֶר לָהֶם לָבוֹא לָרֶשֶׁת אֶת־הָאָרֶץ אֲשֶׁר־נָשָׂאתָ אֶת־יָדְךָ לָתֵת לָהֶֽם׃ | 15 |
سەن ئۇلارغا ئاچ قالغاندا يېسۇن دەپ ئاسماندىن نان، ئۇسسىغاندا ئىچسۇن دەپ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ؛ سەن ئۇلارغا بېرىشكە قولۇڭنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغان ئەشۇ زېمىننى كىرىپ ئىگىلەڭلار، دېدىڭ. |
וְהֵם וַאֲבֹתֵינוּ הֵזִידוּ וַיַּקְשׁוּ אֶת־עָרְפָּם וְלֹא שָׁמְעוּ אֶל־מִצְוֺתֶֽיךָ׃ | 16 |
لېكىن ئۇلار، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەغرۇلىنىپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى. |
וַיְמָאֲנוּ לִשְׁמֹעַ וְלֹא־זָכְרוּ נִפְלְאֹתֶיךָ אֲשֶׁר עָשִׂיתָ עִמָּהֶם וַיַּקְשׁוּ אֶת־עָרְפָּם וַיִּתְּנוּ־רֹאשׁ לָשׁוּב לְעַבְדֻתָם בְּמִרְיָם וְאַתָּה אֱלוֹהַּ סְלִיחוֹת חַנּוּן וְרַחוּם אֶֽרֶךְ־אַפַּיִם וְרַב־וחסד חֶסֶד וְלֹא עֲזַבְתָּֽם׃ | 17 |
ئۇلار ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياراتقان كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى ياد ئەتمىدى، بەلكى بوينى قاتتىقلىق قىلدى، ئاسىيلىق قىلىپ، قۇل قىلىنغان جايغا كەتمەكچى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا يولباشچى تىكلىدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، زور مېھىر-مۇھەببەتلىك تەڭرىدۇرسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ. |
אַף כִּֽי־עָשׂוּ לָהֶם עֵגֶל מַסֵּכָה וַיֹּאמְרוּ זֶה אֱלֹהֶיךָ אֲשֶׁר הֶעֶלְךָ מִמִּצְרָיִם וֽ͏ַיַּעֲשׂוּ נֶאָצוֹת גְּדֹלֽוֹת׃ | 18 |
ئۇلار ھەتتا تېخى ئۆزلىرىگە بىر قۇيما موزاينى ياساپ: «مانا بۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ!» دېگەن ۋاقتىدا ھەم قاتتىق كۇپۇرلۇق قىلغىنىدا، |
וְאַתָּה בְּרַחֲמֶיךָ הָֽרַבִּים לֹא עֲזַבְתָּם בַּמִּדְבָּר אֶת־עַמּוּד הֶעָנָן לֹא־סָר מֵעֲלֵיהֶם בְּיוֹמָם לְהַנְחֹתָם בְּהַדֶּרֶךְ וְאֶת־עַמּוּד הָאֵשׁ בְּלַיְלָה לְהָאִיר לָהֶם וְאֶת־הַדֶּרֶךְ אֲשֶׁר יֵֽלְכוּ־בָֽהּ׃ | 19 |
سەن تولىمۇ رەھىمدىل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى يەنىلا باياۋاندا تاشلاپ قويمىدىڭ؛ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا يول باشلىدى؛ كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلاردىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا نۇر بېرىپ، ماڭىدىغان يولىنى كۆرسەتتى. |
וְרוּחֲךָ הַטּוֹבָה נָתַתָּ לְהַשְׂכִּילָם וּמַנְךָ לֹא־מָנַעְתָּ מִפִּיהֶם וּמַיִם נָתַתָּה לָהֶם לִצְמָאָֽם׃ | 20 |
سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانە روھىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇلارغا تەلىم بەردىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن «ماننا»نى ئايىمىدىڭ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سۇنى بەردىڭ. |
וְאַרְבָּעִים שָׁנָה כִּלְכַּלְתָּם בַּמִּדְבָּר לֹא חָסֵרוּ שַׂלְמֹֽתֵיהֶם לֹא בָלוּ וְרַגְלֵיהֶם לֹא בָצֵֽקוּ׃ | 21 |
سەن ئۇلارنى باياۋاندا قىرىق يىل قامداپ كەلدىڭ؛ ھېچنېمىسى كەم بولمىدى، كىيىملىرى كونىرىمىدى، پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى. |
וַתִּתֵּן לָהֶם מַמְלָכוֹת וַעֲמָמִים וַֽתַּחְלְקֵם לְפֵאָה וַיִּֽירְשׁוּ אֶת־אֶרֶץ סִיחוֹן וְאֶת־אֶרֶץ מֶלֶךְ חֶשְׁבּוֹן וְאֶת־אֶרֶץ עוֹג מֶֽלֶךְ־הַבָּשָֽׁן׃ | 22 |
سەن پادىشاھلىقلار ۋە تائىپىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا بەردىڭ، بۇلارنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا چېگرالار قىلىپ بەردىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنىنى، ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. |
וּבְנֵיהֶם הִרְבִּיתָ כְּכֹכְבֵי הַשָּׁמָיִם וַתְּבִיאֵם אֶל־הָאָרֶץ אֲשֶׁר־אָמַרְתָּ לַאֲבֹתֵיהֶם לָבוֹא לָרָֽשֶׁת׃ | 23 |
سەن ئۇلارنىڭ پەرزەنت-ئەۋلادلىرىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتتۇڭ؛ سەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا: «سىلەر بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئۇنىڭغا كىرىڭلار» دەپ تەقدىم قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىردىڭ. |
וַיָּבֹאוּ הַבָּנִים וַיִּֽירְשׁוּ אֶת־הָאָרֶץ וַתַּכְנַע לִפְנֵיהֶם אֶת־יֹשְׁבֵי הָאָרֶץ הַכְּנַעֲנִים וַֽתִּתְּנֵם בְּיָדָם וְאֶת־מַלְכֵיהֶם וְאֶת־עַֽמְמֵי הָאָרֶץ לַעֲשׂוֹת בָּהֶם כִּרְצוֹנָֽם׃ | 24 |
ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىگىلىدى؛ سەن ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقان قانائان ئاھالىسىنى ئۇلارغا بېقىندۇردۇڭ ھەم زېمىندىكى پادىشاھلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلە-قوۋملىرىنى: «سىلەر ئۇلارغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. |
וַֽיִּלְכְּדוּ עָרִים בְּצֻרוֹת וַאֲדָמָה שְׁמֵנָה וַיִּֽירְשׁוּ בָּתִּים מְלֵֽאִים־כָּל־טוּב בֹּרוֹת חֲצוּבִים כְּרָמִים וְזֵיתִים וְעֵץ מַאֲכָל לָרֹב וַיֹּאכְלוּ וַֽיִּשְׂבְּעוּ וַיַּשְׁמִינוּ וַיִּֽתְעַדְּנוּ בְּטוּבְךָ הַגָּדֽוֹל׃ | 25 |
ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى، مۇنبەت يەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، ھەرخىل ئېسىل بۇيۇملارغا تولغان ئۆيلەرگە، كولاپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلار، زەيتۇنلۇقلار ۋە ئىنتايىن كۆپ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئىگە بولدى؛ يەپ-ئىچىپ سەمرىپ، سېنىڭ زور مېھرىبانلىقىڭدىن سۆيۈنۈشتى! |
וַיַּמְרוּ וַֽיִּמְרְדוּ בָּךְ וַיַּשְׁלִכוּ אֶת־תּוֹרָֽתְךָ אַחֲרֵי גַוָּם וְאֶת־נְבִיאֶיךָ הָרָגוּ אֲשֶׁר־הֵעִידוּ בָם לַהֲשִׁיבָם אֵלֶיךָ וֽ͏ַיַּעֲשׂוּ נֶאָצוֹת גְּדוֹלֹֽת׃ | 26 |
لېكىن ئۇلار گەدەنكەشلىك قىلىپ سېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، تەۋرات قانۇنۇڭنى ئارقىسىغا تاشلىدى، ئۇلارنى يېنىڭغا ياندۇرماق ئۈچۈن ئاگاھ-گۇۋاھلىق يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈپ ئەشەددىي كۇپۇرلۇق قىلدى. |
וַֽתִּתְּנֵם בְּיַד צָֽרֵיהֶם וַיָּצֵרוּ לָהֶם וּבְעֵת צָֽרָתָם יִצְעֲקוּ אֵלֶיךָ וְאַתָּה מִשָּׁמַיִם תִּשְׁמָע וּֽכְרַחֲמֶיךָ הָֽרַבִּים תִּתֵּן לָהֶם מֽוֹשִׁיעִים וְיוֹשִׁיעוּם מִיַּד צָרֵיהֶֽם׃ | 27 |
شۇڭا سەن ئۇلارنى جەبىر-زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، دەرۋەقە ئۇلار ئۇلارنى قىينىدى؛ ئۇلار قىينالغان ۋاقىتلىرىدا ساڭا يالۋۇرۇشقانىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارغا قۇلاق سالدىڭ، زور رەھىمدىللىقىڭ بويىچە ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچىلارنى ئەۋەتەتتىڭ، ئۇلار بۇلارنى ئەزگۈچىلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزاتتى. |
וּכְנוֹחַ לָהֶם יָשׁוּבוּ לַעֲשׂוֹת רַע לְפָנֶיךָ וַתַּֽעַזְבֵם בְּיַד אֹֽיְבֵיהֶם וַיִּרְדּוּ בָהֶם וַיָּשׁוּבוּ וַיִּזְעָקוּךָ וְאַתָּה מִשָּׁמַיִם תִּשְׁמַע וְתַצִּילֵם כְּֽרַחֲמֶיךָ רַבּוֹת עִתִּֽים׃ | 28 |
لېكىن ئۇلار ئاراملىققا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا رەزىللىك قىلىشقا باشلىۋىدى، سەن ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى؛ ئۇلار يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا نالە-پەريات قىلىشىۋىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، رەھىمدىللىقلىرىڭ بويىچە ئۇلارنى يېنىش-يېنىشلاپ قۇتقۇزدۇڭ. |
וַתָּעַד בָּהֶם לַהֲשִׁיבָם אֶל־תּוֹרָתֶךָ וְהֵמָּה הֵזִידוּ וְלֹא־שָׁמְעוּ לְמִצְוֺתֶיךָ וּבְמִשְׁפָּטֶיךָ חָֽטְאוּ־בָם אֲשֶׁר־יַעֲשֶׂה אָדָם וְחָיָה בָהֶם וַיִּתְּנוּ כָתֵף סוֹרֶרֶת וְעָרְפָּם הִקְשׁוּ וְלֹא שָׁמֵֽעוּ׃ | 29 |
سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا قايتىشقا ئاگاھلاندۇردۇڭ؛ لېكىن ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، ھۆكۈملىرىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدى (ئىنسان ھۆكۈملىرىڭگە ئەمەل قىلسا، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ھاياتتا بولىدۇ). ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، گەدەنكەشلىك قىلىپ ساڭا قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى. |
וַתִּמְשֹׁךְ עֲלֵיהֶם שָׁנִים רַבּוֹת וַתָּעַד בָּם בְּרוּחֲךָ בְּיַד־נְבִיאֶיךָ וְלֹא הֶאֱזִינוּ וַֽתִּתְּנֵם בְּיַד עַמֵּי הָאֲרָצֹֽת׃ | 30 |
ئۇلارغا ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، روھىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاگاھ-گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلاردىكى تائىپىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. |
וּֽבְרַחֲמֶיךָ הָרַבִּים לֹֽא־עֲשִׂיתָם כָּלָה וְלֹא עֲזַבְתָּם כִּי אֵֽל־חַנּוּן וְרַחוּם אָֽתָּה׃ | 31 |
ھالبۇكى، سەن زور رەھىمدىللىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتمىدىڭ ھەم ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ؛ چۈنكى سەن مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل تەڭرىدۇرسەن. |
וְעַתָּה אֱלֹהֵינוּ הָאֵל הַגָּדוֹל הַגִּבּוֹר וְהַנּוֹרָא שׁוֹמֵר הַבְּרִית וְהַחֶסֶד אַל־יִמְעַט לְפָנֶיךָ אֵת כָּל־הַתְּלָאָה אֽ͏ֲשֶׁר־מְצָאַתְנוּ לִמְלָכֵינוּ לְשָׂרֵינוּ וּלְכֹהֲנֵינוּ וְלִנְבִיאֵנוּ וְלַאֲבֹתֵינוּ וּלְכָל־עַמֶּךָ מִימֵי מַלְכֵי אַשּׁוּר עַד הַיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 32 |
ئەمدى ئاھ خۇدايىمىز، ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، ئەمدى سېنىڭدىن بىزنىڭ، پادىشاھلىرىمىزنىڭ ۋە ئەمىرلىرىمىزنىڭ، كاھىنلىرىمىزنىڭ، پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۆزۈڭنىڭ بارلىق خەلقىڭنىڭ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ زامانىدىن بۇيان بۈگۈنگىچە بېشىمىزغا چۈشكەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقىڭنى ئۆتۈنىمىز. |
וְאַתָּה צַדִּיק עַל כָּל־הַבָּא עָלֵינוּ כִּֽי־אֱמֶת עָשִׂיתָ וַאֲנַחְנוּ הִרְשָֽׁעְנוּ׃ | 33 |
بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق ئىشتا سەن ئادىلسەن؛ چۈنكى سېنىڭ قىلغىنىڭ ھەقىقەت بويىچە بولدى، بىزنىڭ قىلغىنىمىز رەزىللىكتۇر. |
וְאֶת־מְלָכֵינוּ שָׂרֵינוּ כֹּהֲנֵינוּ וַאֲבֹתֵינוּ לֹא עָשׂוּ תּוֹרָתֶךָ וְלֹא הִקְשִׁיבוּ אֶל־מִצְוֺתֶיךָ וּלְעֵדְוֺתֶיךָ אֲשֶׁר הַעִידֹתָ בָּהֶֽם׃ | 34 |
پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، كاھىنلىرىمىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭغا ئەمەل قىلماي، ئەمرلىرىڭگە ۋە سېنىڭ ئۇلارغا ئىسپاتلاپ بەرگەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ھېچ قۇلاق سالمىدى. |
וְהֵם בְּמַלְכוּתָם וּבְטוּבְךָ הָרָב אֲשֶׁר־נָתַתָּ לָהֶם וּבְאֶרֶץ הָרְחָבָה וְהַשְּׁמֵנָה אֲשֶׁר־נָתַתָּ לִפְנֵיהֶם לֹא עֲבָדוּךָ וְֽלֹא־שָׁבוּ מִמַּֽעַלְלֵיהֶם הָרָעִֽים׃ | 35 |
ئۇلار سەن ئۇلارغا مۇيەسسەر قىلغان پادىشاھلىقتا تۇرۇشتىن، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زور مەمۇرچىلىقتىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىغا يايغان بۇ كەڭ مۇنبەت زېمىندىكى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىڭدە بولمىدى ياكى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىدىن يانمىدى. |
הִנֵּה אֲנַחְנוּ הַיּוֹם עֲבָדִים וְהָאָרֶץ אֲשֶׁר־נָתַתָּה לַאֲבֹתֵינוּ לֶאֱכֹל אֶת־פִּרְיָהּ וְאֶת־טוּבָהּ הִנֵּה אֲנַחְנוּ עֲבָדִים עָלֶֽיהָ׃ | 36 |
مانا، بىز بۈگۈن قۇللارمىز! سەن مېۋىسى بىلەن نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىندا تۇرساقمۇ، بىز مانا ئۇنىڭدا قۇل بولۇپ قالدۇق! |
וּתְבוּאָתָהּ מַרְבָּה לַמְּלָכִים אֲשֶׁר־נָתַתָּה עָלֵינוּ בְּחַטֹּאותֵינוּ וְעַל גְּוִיֹּתֵינוּ מֹשְׁלִים וּבִבְהֶמְתֵּנוּ כִּרְצוֹנָם וּבְצָרָה גְדוֹלָה אֲנָֽחְנוּ׃ | 37 |
[زېمىن] سەن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزنى ئىدارە قىلىشقا بېكىتكەن پادىشاھلارغا مول مەھسۇلاتلىرىنى بېرىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار بەدەنلىرىمىزنى ھەم چارۋا ماللىرىمىزنى ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ بىز زور دەرد-ئەلەمدە بولدۇق». |
וּבְכָל־זֹאת אֲנַחְנוּ כֹּרְתִים אֲמָנָה וְכֹתְבִים וְעַל הֶֽחָתוּם שָׂרֵינוּ לְוִיֵּנוּ כֹּהֲנֵֽינוּ׃ | 38 |
«ــ بىز مانا مۇشۇ بارلىق ئىشلار تۈپەيلى مۇقىم بىر ئەھدىنى تۈزۈپ يېزىپ چىقتۇق؛ ئەمىرلىرىمىز، لاۋىيلىرىمىز بىلەن كاھىنلىرىمىز بۇنىڭغا ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى». |