וְנֶפֶשׁ כִּֽי־תַקְרִיב קָרְבַּן מִנְחָה לַֽיהוָה סֹלֶת יִהְיֶה קָרְבָּנוֹ וְיָצַק עָלֶיהָ שֶׁמֶן וְנָתַן עָלֶיהָ לְבֹנָֽה׃ | 1 |
ئەگەر بىركىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئاشلىق ھەدىيە سۇنماقچى بولسا ھەدىيەسى ئېسىل ئۇندىن بولۇشى كېرەك؛ ئۇ ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئاندىن ئۈستىگە مەستىكى سالسۇن. |
וֽ͏ֶהֱבִיאָהּ אֶל־בְּנֵי אַהֲרֹן הַכֹּהֲנִים וְקָמַץ מִשָּׁם מְלֹא קֻמְצוֹ מִסָּלְתָּהּ וּמִשַּׁמְנָהּ עַל כָּל־לְבֹנָתָהּ וְהִקְטִיר הַכֹּהֵן אֶת־אַזְכָּרָתָהּ הַמִּזְבֵּחָה אִשֵּׁה רֵיחַ נִיחֹחַ לַיהוָֽה׃ | 2 |
ئۇ ئۇنى ئېلىپ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن [كاھىن ھەدىيە سۇنغۇچىنىڭ] يادلىنىشى ئۈچۈن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بۇ ھەدىيەنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. |
וְהַנּוֹתֶרֶת מִן־הַמִּנְחָה לְאַהֲרֹן וּלְבָנָיו קֹדֶשׁ קָֽדָשִׁים מֵאִשֵּׁי יְהוָֽה׃ | 3 |
ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. |
וְכִי תַקְרִב קָרְבַּן מִנְחָה מַאֲפֵה תַנּוּר סֹלֶת חַלּוֹת מַצֹּת בְּלוּלֹת בַּשֶּׁמֶן וּרְקִיקֵי מַצּוֹת מְשֻׁחִים בַּשָּֽׁמֶן׃ | 4 |
ئەگەر سەن تونۇردا پىشۇرۇلغان نەرسىلەردىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇلار زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ياكى زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلاردىن بولسۇن. |
וְאִם־מִנְחָה עַל־הַֽמַּחֲבַת קָרְבָּנֶךָ סֹלֶת בְּלוּלָה בַשֶּׁמֶן מַצָּה תִהְיֶֽה׃ | 5 |
ئەگەر سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ تاۋىدا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇ زەيتۇن مېيى ئىشلەشتۈرۈلۈپ ئېسىل ئۇندىن پېتىر ھالدا ئېتىلسۇن. |
פָּתוֹת אֹתָהּ פִּתִּים וְיָצַקְתָּ עָלֶיהָ שָׁמֶן מִנְחָה הִֽוא׃ | 6 |
سەن ئۇنى ئوشتۇپ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيغىن؛ ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. |
וְאִם־מִנְחַת מַרְחֶשֶׁת קָרְבָּנֶךָ סֹלֶת בַּשֶּׁמֶן תֵּעָשֶֽׂה׃ | 7 |
سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ قازاندا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئېسىل ئۇن بىلەن زەيتۇن مېيىدا ئېتىلسۇن. |
וְהֵבֵאתָ אֶת־הַמִּנְחָה אֲשֶׁר יֵעָשֶׂה מֵאֵלֶּה לַיהוָה וְהִקְרִיבָהּ אֶל־הַכֹּהֵן וְהִגִּישָׁהּ אֶל־הַמִּזְבֵּֽחַ׃ | 8 |
شۇ يوللاردا تەييارلانغان ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگىن؛ ئۇنى كاھىنغا بەرگىن، ئۇ ئۇنى قۇربانگاھقا ئېلىپ بارىدۇ. |
וְהֵרִים הַכֹּהֵן מִן־הַמִּנְחָה אֶת־אַזְכָּרָתָהּ וְהִקְטִיר הַמִּזְבֵּחָה אִשֵּׁה רֵיחַ נִיחֹחַ לַיהוָֽה׃ | 9 |
كاھىن بولسا ئاشلىق ھەدىيەدىن «يادلىنىش ئۈلۈشى»نى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. |
וְהַנּוֹתֶרֶת מִן־הַמִּנְחָה לְאַהֲרֹן וּלְבָנָיו קֹדֶשׁ קֽ͏ָדָשִׁים מֵאִשֵּׁי יְהוָֽה׃ | 10 |
ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. |
כָּל־הַמִּנְחָה אֲשֶׁר תַּקְרִיבוּ לַיהוָה לֹא תֵעָשֶׂה חָמֵץ כִּי כָל־שְׂאֹר וְכָל־דְּבַשׁ לֹֽא־תַקְטִירוּ מִמֶּנּוּ אִשֶּׁה לַֽיהוָֽה׃ | 11 |
سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلەر ئېچىتقۇ بىلەن تەييارلانمىسون. چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەڭلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئېچىتقۇ ياكى ھەسەلنى كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ. |
קָרְבַּן רֵאשִׁית תַּקְרִיבוּ אֹתָם לַיהוָה וְאֶל־הַמִּזְבֵּחַ לֹא־יַעֲלוּ לְרֵיחַ נִיחֹֽחַ׃ | 12 |
بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «دەسلەپكى ھوسۇل» سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئۇلار خۇشبۇي سۈپىتىدە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلۈپ سۇنۇلمىسۇن. |
וְכָל־קָרְבַּן מִנְחָתְךָ בַּמֶּלַח תִּמְלָח וְלֹא תַשְׁבִּית מֶלַח בְּרִית אֱלֹהֶיךָ מֵעַל מִנְחָתֶךָ עַל כָּל־קָרְבָּנְךָ תַּקְרִיב מֶֽלַח׃ | 13 |
سېنىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەڭ تۇز بىلەن تۇزلىنىشى كېرەك؛ ئاشلىق ھەدىيەڭنى خۇدايىڭنىڭ ئەھدە تۇزىدىن مەھرۇم قىلماي، ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى تۇز بىلەن تۇزلىغىن. |
וְאִם־תַּקְרִיב מִנְחַת בִּכּוּרִים לַיהוָה אָבִיב קָלוּי בָּאֵשׁ גֶּרֶשׂ כַּרְמֶל תַּקְרִיב אֵת מִנְחַת בִּכּוּרֶֽיךָ׃ | 14 |
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا «دەسلەپكى ھوسۇل»دىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇنداقتا زىرائەتنىڭ يېڭى پىشقان كۆك بېشىنى ئېلىپ، دانلارنى ئوتتا قورۇپ، ئېزىپ تالقان سۈپىتىدە سۇنغىن؛ بۇ «دەسلەپكى ھوسۇل» ھەدىيەسى بولىدۇ؛ |
וְנָתַתָּ עָלֶיהָ שֶׁמֶן וְשַׂמְתָּ עָלֶיהָ לְבֹנָה מִנְחָה הִֽוא׃ | 15 |
سەن ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئۈستىگە مەستىكى سالغىن؛ بۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. |
וְהִקְטִיר הַכֹּהֵן אֶת־אַזְכָּרָתָהּ מִגִּרְשָׂהּ וּמִשַּׁמְנָהּ עַל כָּל־לְבֹנָתָהּ אִשֶּׁה לַיהוָֽה׃ | 16 |
كاھىن بولسا ئۇنىڭدىن، يەنى قورۇپ ئېزىلگەن دانلار بىلەن زەيتۇن مېيىدىن بىر قىسمىنى ئېلىپ ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بولارنى «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. |