וַיִּקְרָא אֶל־מֹשֶׁה וַיְדַבֵּר יְהוָה אֵלָיו מֵאֹהֶל מוֹעֵד לֵאמֹֽר׃ | 1 |
ۋە پەرۋەردىگار مۇسانى چاقىرىپ جامائەت چېدىرىدىن ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
דַּבֵּר אֶל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וְאָמַרְתָּ אֲלֵהֶם אָדָם כִּֽי־יַקְרִיב מִכֶּם קָרְבָּן לַֽיהוָה מִן־הַבְּהֵמָה מִן־הַבָּקָר וּמִן־הַצֹּאן תַּקְרִיבוּ אֶת־קָרְבַּנְכֶֽם׃ | 2 |
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىقنى سۇنماقچى بولساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى چارپايلاردىن، يەنى كالا ياكى ئۇششاق ماللاردىن سۇنۇشۇڭلار كېرەك. |
אִם־עֹלָה קָרְבָּנוֹ מִן־הַבָּקָר זָכָר תָּמִים יַקְרִיבֶנּוּ אֶל־פֶּתַח אֹהֶל מוֹעֵד יַקְרִיב אֹתוֹ לִרְצֹנוֹ לִפְנֵי יְהוָֽה׃ | 3 |
ئەگەر ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى كالىلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم ئەركەك ھايۋاننى كەلتۈرسۇن؛ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا سۇنسۇن. |
וְסָמַךְ יָדוֹ עַל רֹאשׁ הָעֹלָה וְנִרְצָה לוֹ לְכַפֵּר עָלָֽיו׃ | 4 |
ئۇ قولىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا كافارەت بولۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. |
וְשָׁחַט אֶת־בֶּן הַבָּקָר לִפְנֵי יְהוָה וְהִקְרִיבוּ בְּנֵי אַהֲרֹן הֽ͏ַכֹּֽהֲנִים אֶת־הַדָּם וְזָרְקוּ אֶת־הַדָּם עַל־הַמִּזְבֵּחַ סָבִיב אֲשֶׁר־פֶּתַח אֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 5 |
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇقىنى بوغۇزلىسۇن؛ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى كەلتۈرۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. |
וְהִפְשִׁיט אֶת־הָעֹלָה וְנִתַּח אֹתָהּ לִנְתָחֶֽיהָ׃ | 6 |
ئاندىن [قۇربانلىق قىلغۇچى] كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن |
וְנָתְנוּ בְּנֵי אַהֲרֹן הַכֹּהֵן אֵשׁ עַל־הַמִּזְבֵּחַ וְעָרְכוּ עֵצִים עַל־הָאֵֽשׁ׃ | 7 |
ۋە ھارۇن كاھىننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانگاھتا ئوت قالاپ ئوتنىڭ ئۈستىگە ئوتۇنلارنى تىزسۇن. |
וְעָרְכוּ בְּנֵי אַהֲרֹן הַכֹּהֲנִים אֵת הַנְּתָחִים אֶת־הָרֹאשׁ וְאֶת־הַפָּדֶר עַל־הָעֵצִים אֲשֶׁר עַל־הָאֵשׁ אֲשֶׁר עַל־הַמִּזְבֵּֽחַ׃ | 8 |
ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى گۆش پارچىلىرىنى، بېشى ۋە مېيى بىلەن قوشۇپ، قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ قويسۇن. |
וְקִרְבּוֹ וּכְרָעָיו יִרְחַץ בַּמָּיִם וְהִקְטִיר הַכֹּהֵן אֶת־הַכֹּל הַמִּזְבֵּחָה עֹלָה אִשֵּׁה רֵֽיחַ־נִיחוֹחַ לַֽיהוָֽה׃ | 9 |
لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى [قۇربانلىق سۇنغۇچى] سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. |
וְאִם־מִן־הַצֹּאן קָרְבָּנוֹ מִן־הַכְּשָׂבִים אוֹ מִן־הָעִזִּים לְעֹלָה זָכָר תָּמִים יַקְרִיבֶֽנּוּ׃ | 10 |
ئەگەر ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇششاق ماللاردىن قوي يا ئۆچكە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقدا ئۇ بېجىرىم بولغان بىر ئەركىكىنى كەلتۈرسۇن. |
וְשָׁחַט אֹתוֹ עַל יֶרֶךְ הַמִּזְבֵּחַ צָפֹנָה לִפְנֵי יְהוָה וְזָרְקוּ בְּנֵי אַהֲרֹן הַכֹּהֲנִים אֶת־דָּמוֹ עַל־הַמִּזְבֵּחַ סָבִֽיב׃ | 11 |
ئۇ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ شىمال تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. |
וְנִתַּח אֹתוֹ לִנְתָחָיו וְאֶת־רֹאשׁוֹ וְאֶת־פִּדְרוֹ וְעָרַךְ הַכֹּהֵן אֹתָם עַל־הָֽעֵצִים אֲשֶׁר עַל־הָאֵשׁ אֲשֶׁר עַל־הַמִּזְבֵּֽחַ׃ | 12 |
[قۇربانلىق قىلغۇچى] بولسا گۆشنى پارچىلاپ، بېشى بىلەن مېيىنى كېسىپ ئايرىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇلارنى ئېلىپ قۇربانگاھتىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە تەرتىپ بويىچە تىزىپ قويسۇن. |
וְהַקֶּרֶב וְהַכְּרָעַיִם יִרְחַץ בַּמָּיִם וְהִקְרִיב הַכֹּהֵן אֶת־הַכֹּל וְהִקְטִיר הַמִּזְבֵּחָה עֹלָה הוּא אִשֵּׁה רֵיחַ נִיחֹחַ לַיהוָֽה׃ | 13 |
لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلارنى [قۇربانلىق سۇنغۇچى] سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. |
וְאִם מִן־הָעוֹף עֹלָה קָרְבָּנוֹ לַֽיהוָה וְהִקְרִיב מִן־הַתֹּרִים אוֹ מִן־בְּנֵי הַיּוֹנָה אֶת־קָרְבָּנֽוֹ׃ | 14 |
ئەگەر [قۇربانلىق قىلغۇچى] پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇچار-قاناتلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقتا ئۇ پاختەكلەردىن ياكى كەپتەر باچكىلىرىدىن قۇربانلىق كەلتۈرسۇن. |
וְהִקְרִיבוֹ הַכֹּהֵן אֶל־הַמִּזְבֵּחַ וּמָלַק אֶת־רֹאשׁוֹ וְהִקְטִיר הַמִּזְבֵּחָה וְנִמְצָה דָמוֹ עַל קִיר הַמִּזְבֵּֽחַ׃ | 15 |
كاھىن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى تولغاپ ئۈزۈپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ ئۇنىڭ قېنى سىقىلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا سۈرتۈلسۇن. |
וְהֵסִיר אֶת־מֻרְאָתוֹ בְּנֹצָתָהּ וְהִשְׁלִיךְ אֹתָהּ אֵצֶל הַמִּזְבֵּחַ קֵדְמָה אֶל־מְקוֹם הַדָּֽשֶׁן׃ | 16 |
لېكىن تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ قۇربانگاھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۈللۈككە تاشلىۋەتسۇن؛ |
וְשִׁסַּע אֹתוֹ בִכְנָפָיו לֹא יַבְדִּיל וְהִקְטִיר אֹתוֹ הַכֹּהֵן הַמִּזְבֵּחָה עַל־הָעֵצִים אֲשֶׁר עַל־הָאֵשׁ עֹלָה הוּא אִשֵּׁה רֵיחַ נִיחֹחַ לַיהוָֽה׃ | 17 |
ئۇ قۇربانلىقنى ئىككى قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يارسۇن، بىراق ئۇنى ئىككى پارچە قىلىۋەتمىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇنى ئېلىپ قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. |