וְאֵלֶּה הַגּוֹיִם אֲשֶׁר הִנִּיחַ יְהוָה לְנַסּוֹת בָּם אֶת־יִשְׂרָאֵל אֵת כָּל־אֲשֶׁר לֹֽא־יָדְעוּ אֵת כָּל־מִלְחֲמוֹת כְּנָֽעַן׃ | 1 |
تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار قانائانىيلار بىلەن بولغان جەڭنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىلنىڭ [ئەۋلادلىرىنى] سىناش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان تائىپىلەر |
רַק לְמַעַן דַּעַת דֹּרוֹת בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל לְלַמְּדָם מִלְחָמָה רַק אֲשֶׁר־לְפָנִים לֹא יְדָעֽוּם׃ | 2 |
(ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، بولۇپمۇ جەڭ-ئۇرۇشلارنى كۆرۈپ باقمىغانلارنى پەقەت جەڭنى ئۆگۈنسۇن دەپ قالدۇرغانىدى): ــ |
חֲמֵשֶׁת ׀ סַרְנֵי פְלִשְׁתִּים וְכָל־הַֽכְּנַעֲנִי וְהַצִּידֹנִי וְהַחִוִּי יֹשֵׁב הַר הַלְּבָנוֹן מֵהַר בַּעַל חֶרְמוֹן עַד לְבוֹא חֲמָֽת׃ | 3 |
ــ ئۇلار فىلىستىيلەرنىڭ بەش ئەمىرلىكى، بارلىق قانائانىيلار، زىدونلۇقلار ۋە بائال-ھەرمون تېغىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە لىۋان تاغلىقىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلار ئىدى؛ |
וַֽיִּהְיוּ לְנַסּוֹת בָּם אֶת־יִשְׂרָאֵל לָדַעַת הֲיִשְׁמְעוּ אֶת־מִצְוֺת יְהוָה אֲשֶׁר־צִוָּה אֶת־אֲבוֹתָם בְּיַד־מֹשֶֽׁה׃ | 4 |
ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويۇشتىكى مەقسىتى ئىسرائىلنى سىناش، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بۇيرۇغان ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىدى. |
וּבְנֵי יִשְׂרָאֵל יָשְׁבוּ בְּקֶרֶב הַֽכְּנַעֲנִי הַחִתִּי וְהָֽאֱמֹרִי וְהַפְּרִזִּי וְהַחִוִּי וְהַיְבוּסִֽי׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار قانائانىيلار، يەنى ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار ئارىسىدا تۇردى؛ |
וַיִּקְחוּ אֶת־בְּנוֹתֵיהֶם לָהֶם לְנָשִׁים וְאֶת־בְּנוֹתֵיהֶם נָתְנוּ לִבְנֵיהֶם וַיַּעַבְדוּ אֶת־אֱלֹהֵיהֶֽם׃ | 6 |
ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلىنىپ، ئۆز قىزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. |
וַיַּעֲשׂוּ בְנֵי־יִשְׂרָאֵל אֶת־הָרַע בְּעֵינֵי יְהוָה וַֽיִּשְׁכְּחוּ אֶת־יְהוָה אֱלֹֽהֵיהֶם וַיַּעַבְדוּ אֶת־הַבְּעָלִים וְאֶת־הָאֲשֵׁרֽוֹת׃ | 7 |
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ، بائاللار ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. |
וַיִּֽחַר־אַף יְהוָה בְּיִשְׂרָאֵל וַֽיִּמְכְּרֵם בְּיַד כּוּשַׁן רִשְׁעָתַיִם מֶלֶךְ אֲרַם נַהֲרָיִם וַיַּעַבְדוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל אֶת־כּוּשַׁן רִשְׁעָתַיִם שְׁמֹנֶה שָׁנִֽים׃ | 8 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، ئۇلارنى ئارام-ناھارائىمنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار سەككىز يىلغىچە قۇشان-رىشاتائىمغا بېقىندى بولدى. |
וַיִּזְעֲקוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל אֶל־יְהוָה וַיָּקֶם יְהוָה מוֹשִׁיעַ לִבְנֵי יִשְׂרָאֵל וַיּֽוֹשִׁיעֵם אֵת עָתְנִיאֵל בֶּן־קְנַז אֲחִי כָלֵב הַקָּטֹן מִמֶּֽנּוּ׃ | 9 |
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزدى. ئۇ كىشى كالەبنىڭ ئىنىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئىدى. |
וַתְּהִי עָלָיו רֽוּחַ־יְהוָה וַיִּשְׁפֹּט אֶת־יִשְׂרָאֵל וַיֵּצֵא לַמִּלְחָמָה וַיִּתֵּן יְהוָה בְּיָדוֹ אֶת־כּוּשַׁן רִשְׁעָתַיִם מֶלֶךְ אֲרָם וַתָּעָז יָדוֹ עַל כּוּשַׁן רִשְׁעָתָֽיִם׃ | 10 |
پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ ئىسرائىلغا ھاكىملىق قىلدى؛ ئۇ جەڭگە چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار ئارامنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇشان-رىشاتائىمنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. |
וַתִּשְׁקֹט הָאָרֶץ אַרְבָּעִים שָׁנָה וַיָּמָת עָתְנִיאֵל בֶּן־קְנַֽז׃ | 11 |
شۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا قىرىق يىلغىچە ئامانلىق بولدى؛ كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئالەمدىن ئۆتتى. |
וַיֹּסִפוּ בְּנֵי יִשְׂרָאֵל לַעֲשׂוֹת הָרַע בְּעֵינֵי יְהוָה וַיְחַזֵּק יְהוָה אֶת־עֶגְלוֹן מֶֽלֶךְ־מוֹאָב עַל־יִשְׂרָאֵל עַל כִּֽי־עָשׂוּ אֶת־הָרַע בְּעֵינֵי יְהוָֽה׃ | 12 |
ئاندىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغاچقا، ئۇ موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننى ئىسرائىل بىلەن قارىشىلىشىشقا كۈچلەندۈردى. |
וַיֶּאֱסֹף אֵלָיו אֶת־בְּנֵי עַמּוֹן וַעֲמָלֵק וַיֵּלֶךְ וַיַּךְ אֶת־יִשְׂרָאֵל וַיִּֽירְשׁוּ אֶת־עִיר הַתְּמָרִֽים׃ | 13 |
ئۇ ئاممونىيلار ۋە ئامالەكىيلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، جەڭگە چىقىپ ئىسرائىلنى ئۇرۇپ قىرىپ، «خورمىلىق شەھەر»نى ئىشغال قىلدى. |
וַיַּעַבְדוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל אֶת־עֶגְלוֹן מֶֽלֶךְ־מוֹאָב שְׁמוֹנֶה עֶשְׂרֵה שָׁנָֽה׃ | 14 |
بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئون سەككىز يىلغىچە موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا بېقىندى بولدى. |
וַיִּזְעֲקוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל אֶל־יְהוָה וַיָּקֶם יְהוָה לָהֶם מוֹשִׁיעַ אֶת־אֵהוּד בֶּן־גֵּרָא בֶּן־הַיְמִינִי אִישׁ אִטֵּר יַד־יְמִינוֹ וַיִּשְׁלְחוּ בְנֵי־יִשְׂרָאֵל בְּיָדוֹ מִנְחָה לְעֶגְלוֹן מֶלֶךְ מוֹאָֽב׃ | 15 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گەرانىڭ ئوغلى ئەھۇدنى تۇرغۇزدى؛ ئۇ سولخاي ئىدى. ئىسرائىل ئۇنىڭ قولى بىلەن موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا سوۋغات ئەۋەتتى. |
וַיַּעַשׂ לוֹ אֵהוּד חֶרֶב וְלָהּ שְׁנֵי פֵיוֹת גֹּמֶד אָרְכָּהּ וַיַּחְגֹּר אוֹתָהּ מִתַּחַת לְמַדָּיו עַל יֶרֶךְ יְמִינֽוֹ׃ | 16 |
ئەمدى ئەھۇد ئۆزىگە بىر گەز ئۇزۇنلۇقتا ئىككى بىسلىق بىر شەمشەر ياساتقانىدى؛ ئۇنى كىيىمىنىڭ ئىچىگە، ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇۋالدى؛ |
וַיַּקְרֵב אֶת־הַמִּנְחָה לְעֶגְלוֹן מֶלֶךְ מוֹאָב וְעֶגְלוֹן אִישׁ בָּרִיא מְאֹֽד׃ | 17 |
ئۇ شۇ ھالەتتە سوۋغاتنى موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەگلون تولىمۇ سېمىز بىر ئادەم ئىدى. |
וַֽיְהִי כַּאֲשֶׁר כִּלָּה לְהַקְרִיב אֶת־הַמִּנְחָה וַיְשַׁלַּח אֶת־הָעָם נֹשְׂאֵי הַמִּנְחָֽה׃ | 18 |
ئەھۇد سوۋغاتنى تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سوۋغاتنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىلەرنى كەتكۈزۈۋەتتى؛ |
וְהוּא שָׁב מִן־הַפְּסִילִים אֲשֶׁר אֶת־הַגִּלְגָּל וַיֹּאמֶר דְּבַר־סֵתֶר לִי אֵלֶיךָ הַמֶּלֶךְ וַיֹּאמֶר הָס וַיֵּֽצְאוּ מֵֽעָלָיו כָּל־הָעֹמְדִים עָלָֽיו׃ | 19 |
ئاندىن ئۆزى گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جايدىن يېنىپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي پادىشاھ، مەندە ئۆزلىرىگە دەيدىغان بىر مەخپىيەتلىك بار ئىدى، ــ دېۋىدى، پادىشاھ: ــ جىم تۇر! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى خىزمەتكارلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ كەتتى. |
וְאֵהוּד ׀ בָּא אֵלָיו וְהֽוּא־יֹשֵׁב בַּעֲלִיַּת הַמְּקֵרָה אֲשֶׁר־לוֹ לְבַדּוֹ וַיֹּאמֶר אֵהוּד דְּבַר־אֱלֹהִים לִי אֵלֶיךָ וַיָּקָם מֵעַל הַכִּסֵּֽא׃ | 20 |
ئاندىن ئەھۇد پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى؛ پادىشاھ يالغۇز سالقىن بالىخانىدا ئولتۇراتتى. ئەھۇد: ــ مەندە سىلى ئۈچۈن خۇدادىن كەلگەن بىر سۆز بار، دېۋىدى، پادىشاھ ئورۇندۇقتىن قوپۇپ ئۆرە تۇردى. |
וַיִּשְׁלַח אֵהוּד אֶת־יַד שְׂמֹאלוֹ וַיִּקַּח אֶת־הַחֶרֶב מֵעַל יֶרֶךְ יְמִינוֹ וַיִּתְקָעֶהָ בְּבִטְנֽוֹ׃ | 21 |
شۇنىڭ بىلەن ئەھۇد سول قولىنى ئۇزىتىپ ئوڭ يوتىسىدىن شەمشەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقتى. |
וַיָּבֹא גַֽם־הַנִּצָּב אַחַר הַלַּהַב וַיִּסְגֹּר הַחֵלֶב בְּעַד הַלַּהַב כִּי לֹא שָׁלַף הַחֶרֶב מִבִּטְנוֹ וַיֵּצֵא הֽ͏ַפַּרְשְׁדֹֽנָה׃ | 22 |
شۇنداق قىلىپ شەمشەرنىڭ دەستىسىمۇ تىغى بىلەن قوشۇلۇپ كىرىپ كەتتى، سېمىز ئېتى شەمشەرنى قىسىۋالغاچقا، ئەھۇد شەمشەرنى قورسىقىدىن تارتىپ چىقىرىۋالمىدى؛ ئۈچەي-پوقى ئارقىدىن چىقتى. |
וַיֵּצֵא אֵהוּד הַֽמִּסְדְּרוֹנָה וַיִּסְגֹּר דַּלְתוֹת הָעַלִיָּה בַּעֲדוֹ וְנָעָֽל׃ | 23 |
ئاندىن ئەھۇد دالانغا چىقىپ، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئىچىدىن ئېتىپ قۇلۇپلاپ قويدى. |
וְהוּא יָצָא וַעֲבָדָיו בָּאוּ וַיִּרְאוּ וְהִנֵּה דַּלְתוֹת הָעֲלִיָּה נְעֻלוֹת וַיֹּאמְרוּ אַךְ מֵסִיךְ הוּא אֶת־רַגְלָיו בַּחֲדַר הַמְּקֵרָֽה׃ | 24 |
ئۇ چىقىپ كەتكەندە، پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى كېلىپ قارىسا، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرى قۇلۇپلاقلىق ئىدى. ئۇلار: ــ پادىشاھ سالقىن ئۆيدە چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى. |
וַיָּחִילוּ עַד־בּוֹשׁ וְהִנֵּה אֵינֶנּוּ פֹתֵחַ דַּלְתוֹת הָֽעֲלִיָּה וַיִּקְחוּ אֶת־הַמַּפְתֵּחַ וַיִּפְתָּחוּ וְהִנֵּה אֲדֹנֵיהֶם נֹפֵל אַרְצָה מֵֽת׃ | 25 |
ئۇلار ئۇزۇن ساقلاپ كىرمىسەك سەت بولارمۇ دەپ ئويلاشتى؛ ئۇ يەنىلا بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچمىغاندىن كېيىن، ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكلەرنى ئېچىۋىدى، مانا، خوجىسىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى. |
וְאֵהוּד נִמְלַט עַד הִֽתְמַהְמְהָם וְהוּא עָבַר אֶת־הַפְּסִילִים וַיִּמָּלֵט הַשְּׂעִירָֽתָה׃ | 26 |
ئەمدى ئۇلار ئىككىلىنىپ قاراپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئەھۇد قېچىپ چىققانىدى؛ ئۇ تاش ئويمىلار بار جايدىن ئۆتۈپ، سېئىراھقا قېچىپ كەلگەنىدى. |
וַיְהִי בְּבוֹאוֹ וַיִּתְקַע בַּשּׁוֹפָר בְּהַר אֶפְרָיִם וַיֵּרְדוּ עִמּוֹ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל מִן־הָהָר וְהוּא לִפְנֵיהֶֽם׃ | 27 |
شۇ يەرگە يەتكەندە، ئۇ ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا كاناي چېلىۋىدى، ئىسرائىللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغلىق رايوندىن چۈشتى، ئۇ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى. |
וַיֹּאמֶר אֲלֵהֶם רִדְפוּ אַחֲרַי כִּֽי־נָתַן יְהוָה אֶת־אֹיְבֵיכֶם אֶת־מוֹאָב בְּיֶדְכֶם וַיֵּרְדוּ אַחֲרָיו וַֽיִּלְכְּדוּ אֶת־מַעְבְּרוֹת הַיַּרְדֵּן לְמוֹאָב וְלֹֽא־נָתְנוּ אִישׁ לַעֲבֹֽר׃ | 28 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ ماڭا ئەگىشىپ يۈرۈڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابىيلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. |
וַיַּכּוּ אֶת־מוֹאָב בָּעֵת הַהִיא כַּעֲשֶׂרֶת אֲלָפִים אִישׁ כָּל־שָׁמֵן וְכָל־אִישׁ חָיִל וְלֹא נִמְלַט אִֽישׁ׃ | 29 |
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەمبەل پالۋانلار ئىدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلالمىدى. |
וַתִּכָּנַע מוֹאָב בַּיּוֹם הַהוּא תַּחַת יַד יִשְׂרָאֵל וַתִּשְׁקֹט הָאָרֶץ שְׁמוֹנִים שָׁנָֽה׃ | 30 |
شۇ كۈنى موئاب ئىسرائىلنىڭ قولىدا بېسىقتۇرۇلدى. زېمىن سەكسەن يىلغىچە ئامان-تىنچلىقتا تۇردى. |
וְאַחֲרָיו הָיָה שַׁמְגַּר בֶּן־עֲנָת וַיַּךְ אֶת־פְּלִשְׁתִּים שֵֽׁשׁ־מֵאוֹת אִישׁ בְּמַלְמַד הַבָּקָר וַיֹּשַׁע גַּם־הוּא אֶת־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 31 |
ئەھۇددىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ھاكىم بولدى؛ ئۇ ئالتە يۈز فىلىستىيەلىكنى بىراقلا كالا سانجىغۇچ بىلەن ئۆلتۈردى؛ ئۇمۇ ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى. |