וַֽיְהִי דְּבַר־יְהוָה אֶל־יוֹנָה בֶן־אֲמִתַּי לֵאמֹֽר׃ | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا يېتىپ كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: — |
קוּם לֵךְ אֶל־נִֽינְוֵה הָעִיר הַגְּדוֹלָה וּקְרָא עָלֶיהָ כִּֽי־עָלְתָה רָעָתָם לְפָנָֽי׃ | 2 |
«ئورنۇڭدىن تۇر، دەرھال نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ ئۇ يەردىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى مېنىڭ كۆزۈمگە قادىلىپ تۇرىدۇ». |
וַיָּקָם יוֹנָה לִבְרֹחַ תַּרְשִׁישָׁה מִלִּפְנֵי יְהוָה וַיֵּרֶד יָפוֹ וַיִּמְצָא אָנִיָּה ׀ בָּאָה תַרְשִׁישׁ וַיִּתֵּן שְׂכָרָהּ וַיֵּרֶד בָּהּ לָבוֹא עִמָּהֶם תַּרְשִׁישָׁה מִלִּפְנֵי יְהוָֽה׃ | 3 |
بىراق يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىش دېگەن يۇرتقا كەتمەكچى بولدى. شۇڭا ئۇ يوپپا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان كېمە تېپىپ، كىراسىنى تۆلەپ ئۇنىڭغا چۈشتى ۋە كېمىچىلەر بىلەن بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى. |
וַֽיהוָה הֵטִיל רֽוּחַ־גְּדוֹלָה אֶל־הַיָּם וַיְהִי סַֽעַר־גָּדוֹל בַּיָּם וְהָאֳנִיָּה חִשְּׁבָה לְהִשָּׁבֵֽר׃ | 4 |
پەرۋەردىگار بولسا زور بىر بوراننى دېڭىزغا تاشلىدى؛ شۇڭا دېڭىزدا دەھشەتلىك قارا بوران چىقىپ، كېمە پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالدى. |
וַיִּֽירְאוּ הַמַּלָּחִים וַֽיִּזְעֲקוּ אִישׁ אֶל־אֱלֹהָיו וַיָּטִלוּ אֶת־הַכֵּלִים אֲשֶׁר בָּֽאֳנִיָּה אֶל־הַיָּם לְהָקֵל מֵֽעֲלֵיהֶם וְיוֹנָה יָרַד אֶל־יַרְכְּתֵי הַסְּפִינָה וַיִּשְׁכַּב וַיֵּרָדַֽם׃ | 5 |
كېمىچىلەر بولسا بەك قورقۇپ كېتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىلاھلىرىغا خىتاب قىلىپ دۇئا قىلىشتى؛ ئۇلار كېمىنى يېنىكلىسۇن دەپ ئۇنىڭدىكى يۈك-تاقلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. بىراق يۇنۇس بولسا، كېمىنىڭ ئاستى قەۋىتىگە چۈشۈۋېلىپ، شۇ يەردە ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتقانىدى. |
וַיִּקְרַב אֵלָיו רַב הַחֹבֵל וַיֹּאמֶר לוֹ מַה־לְּךָ נִרְדָּם קוּם קְרָא אֶל־אֱלֹהֶיךָ אוּלַי יִתְעַשֵּׁת הָאֱלֹהִים לָנוּ וְלֹא נֹאבֵֽד׃ | 6 |
كېمە باشلىقى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: «ئەي، ئۇخلاۋاتقان كىشى، بۇ قانداق قىلىغىنىڭ؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭنى سېغىنىپ نىدا قىل! كىم بىلىدۇ، ئىلاھىڭنىڭ نەزىرى چۈشۈپ بىزنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالامدۇ تېخى؟» ــ دېدى. |
וַיֹּאמְרוּ אִישׁ אֶל־רֵעֵהוּ לְכוּ וְנַפִּילָה גֽוֹרָלוֹת וְנֵדְעָה בְּשֶׁלְּמִי הָרָעָה הַזֹּאת לָנוּ וַיַּפִּלוּ גּֽוֹרָלוֹת וַיִּפֹּל הַגּוֹרָל עַל־יוֹנָֽה׃ | 7 |
ئۇلار بىر-بىرىگە: — كېلىڭلار، بۇ كۈلپەتنىڭ كىمنىڭ ۋەجىدىن بېشىمىزغا چۈشكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن چەك تاشلايلى، — دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار چەك تاشلاشتى؛ ئاخىردا چەكتە يۇنۇس چىقىپ قالدى. |
וַיֹּאמְרוּ אֵלָיו הַגִּידָה־נָּא לָנוּ בַּאֲשֶׁר לְמִי־הָרָעָה הַזֹּאת לָנוּ מַה־מְּלַאכְתְּךָ וּמֵאַיִן תָּבוֹא מָה אַרְצֶךָ וְאֵֽי־מִזֶּה עַם אָֽתָּה׃ | 8 |
ئۇلار ئۇنىڭدىن: — قېنى، ئېيت، بېشىمىزغا چۈشكەن بۇ كۈلپەت كىمنىڭ سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ؟ سېنىڭ تىرىكچىلىكىڭ نېمە؟ نەدىن كەلدىڭ؟ قايسى ئەل، قايسى مىللەتتىن سەن؟ — دەپ سورىدى. |
וַיֹּאמֶר אֲלֵיהֶם עִבְרִי אָנֹכִי וְאֶת־יְהוָה אֱלֹהֵי הַשָּׁמַיִם אֲנִי יָרֵא אֲשֶׁר־עָשָׂה אֶת־הַיָּם וְאֶת־הַיַּבָּשָֽׁה׃ | 9 |
ئۇ ئۇلارغا: — مەن بولسام ئىبرانىي مىللىتىدىن، ئەرشلەردىكى خۇدادىن، يەنى دېڭىزنى، يەر-زېمىننى ياراتقان پەرۋەردىگاردىن قورققۇچىمەن، دېدى. |
וַיִּֽירְאוּ הָֽאֲנָשִׁים יִרְאָה גְדוֹלָה וַיֹּאמְרוּ אֵלָיו מַה־זֹּאת עָשִׂיתָ כִּֽי־יָדְעוּ הָאֲנָשִׁים כִּֽי־מִלִּפְנֵי יְהוָה הוּא בֹרֵחַ כִּי הִגִּיד לָהֶֽם׃ | 10 |
بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قورقۇتىۋەتتى. ئۇلار: «سەن زادى نېمە ئىش قىلغان؟» — دەپ سورىدى [چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن قاچقانلىقىنى بىلگەنىدى، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغانىدى]. |
וַיֹּאמְרוּ אֵלָיו מַה־נַּעֲשֶׂה לָּךְ וְיִשְׁתֹּק הַיָּם מֵֽעָלֵינוּ כִּי הַיָּם הוֹלֵךְ וְסֹעֵֽר׃ | 11 |
ئۇلار ئۇنىڭدىن: — ئەمدى بىز سېنى قانداق قىلساق دېڭىز بىز ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؟ — دەپ سورىدى؛ چۈنكى دېڭىز دولقۇنى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. |
וַיֹּאמֶר אֲלֵיהֶם שָׂאוּנִי וַהֲטִילֻנִי אֶל־הַיָּם וְיִשְׁתֹּק הַיָּם מֵֽעֲלֵיכֶם כִּי יוֹדֵעַ אָנִי כִּי בְשֶׁלִּי הַסַּעַר הַגָּדוֹל הַזֶּה עֲלֵיכֶֽם׃ | 12 |
ئۇ ئۇلارغا: — مېنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىڭلار، شۇ چاغدا دېڭىز سىلەر ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؛ چۈنكى بىلىمەنكى، بۇ زور بوران مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەرگە چۈشتى، — دېدى. |
וַיַּחְתְּרוּ הָאֲנָשִׁים לְהָשִׁיב אֶל־הַיַּבָּשָׁה וְלֹא יָכֹלוּ כִּי הַיָּם הוֹלֵךְ וְסֹעֵר עֲלֵיהֶֽם׃ | 13 |
بىراق بۇ ئادەملەر كۈچەپ پالاق ئۇرۇپ قىرغاققا يېتىشكە تىرىشتى؛ ئەمما يېتەلمىدى، چۈنكى دېڭىز قېرىشقاندەك تېخىمۇ دولقۇنلاپ كېتىۋاتاتتى. |
וַיִּקְרְאוּ אֶל־יְהוָה וַיֹּאמְרוּ אָנָּה יְהוָה אַל־נָא נֹאבְדָה בְּנֶפֶשׁ הָאִישׁ הַזֶּה וְאַל־תִּתֵּן עָלֵינוּ דָּם נָקִיא כִּֽי־אַתָּה יְהוָה כַּאֲשֶׁר חָפַצְתָּ עָשִֽׂיתָ׃ | 14 |
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ پەرياد كۆتۈرۈپ: — ئاھ پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىز، بۇ ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىمىزنى بىزدىن كۆرمىگەيسەن! بىگۇناھ بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈشنىڭ گۇناھىنى ئۈستىمىزگە قويمىغايسەن! چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ئۆزۈڭنىڭ خالىغىنىڭنى قىلدىڭ! — دەپ نىدا قىلدى. |
וַיִּשְׂאוּ אֶת־יוֹנָה וַיְטִלֻהוּ אֶל־הַיָּם וַיַּעֲמֹד הַיָּם מִזַּעְפּֽוֹ׃ | 15 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ دېڭىز دولقۇنلىنىشتىن شۇئان توختىدى. |
וַיִּֽירְאוּ הָאֲנָשִׁים יִרְאָה גְדוֹלָה אֶת־יְהוָה וַיִּֽזְבְּחוּ־זֶבַח לַֽיהוָה וַֽיִּדְּרוּ נְדָרִֽים׃ | 16 |
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ قەسەم ئىچىشتى. |
וַיְמַן יְהוָה דָּג גָּדוֹל לִבְלֹעַ אֶת־יוֹנָה וַיְהִי יוֹנָה בִּמְעֵי הַדָּג שְׁלֹשָׁה יָמִים וּשְׁלֹשָׁה לֵילֽוֹת׃ | 17 |
بىراق پەرۋەردىگار يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا يوغان بىر بېلىقنى ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بولسا بۇ بېلىقنىڭ قارنىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى. |