הֲלֹא־צָבָא לֶאֱנוֹשׁ על־עֲלֵי־אָרֶץ וְכִימֵי שָׂכִיר יָמָֽיו׃ | 1 |
ئىنسانغا زېمىندا جەۋرە-جاپا چېكىدىغان تۇرمۇش بېكىتىلگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى بىر مەدىكارنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ |
כְּעֶבֶד יִשְׁאַף־צֵל וּכְשָׂכִיר יְקַוֶּה פָעֳלֽוֹ׃ | 2 |
قۇل كەچقۇرۇننىڭ سايىسىگە تەشنا بولغاندەك، مەدىكار ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققىنى كۈتكەندەك، |
כֵּן הָנְחַלְתִּי לִי יַרְחֵי־שָׁוְא וְלֵילוֹת עָמָל מִנּוּ־לִֽי׃ | 3 |
مانا بىھۇدە ئايلار ماڭا بېكىتىلگەن، غەشلىككە تولغان كېچىلەر ماڭا نېسىپ قىلىنغان. |
אִם־שָׁכַבְתִּי וְאָמַרְתִּי מָתַי אָקוּם וּמִדַּד־עָרֶב וְשָׂבַעְתִּי נְדֻדִים עֲדֵי־נָֽשֶׁף׃ | 4 |
مەن ياتقىنىمدا: «قاچان قوپارمەن؟» دەپ ئويلايمەن، بىراق كەچ ئۇزۇندىن ئۇزۇن بولىدۇ، تاڭ ئاتقۇچە پۈتۈن بىر كېچە مەن تولغىنىپ ياتىمەن. |
לָבַשׁ בְּשָׂרִי רִמָּה וגיש וְגוּשׁ עָפָר עוֹרִי רָגַע וַיִּמָּאֵֽס׃ | 5 |
ئەتلىرىم قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن قاپلاندى، تېرىلىرىم يېرىلىپ، يىرىڭلاپ كەتتى. |
יָמַי קַלּוּ מִנִּי־אָרֶג וַיִּכְלוּ בְּאֶפֶס תִּקְוָֽה׃ | 6 |
كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ ئىتتىك ئۆتىدۇ، ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاياغلىشاي دەپ قالدى. |
זְכֹר כִּי־רוּחַ חַיָּי לֹא־תָשׁוּב עֵינִי לִרְאוֹת טֽוֹב׃ | 7 |
[ئاھ خۇدا]، مېنىڭ جېنىم بىر نەپەسلا خالاس. كۆزۈم ياخشىلىقنى قايتىدىن كۆرمەيدىغانلىقى ئېسىڭدە بولسۇن؛ |
לֹֽא־תְשׁוּרֵנִי עֵין רֹאִי עֵינֶיךָ בִּי וְאֵינֶֽנִּי׃ | 8 |
مېنى كۆرگۈچىنىڭ كۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا قارىمايدۇ، سەن نەزىرىڭنى ئۈستۈمگە چۈشۈرگىنىڭدە، مەن يوقالغان بولىمەن. |
כָּלָה עָנָן וַיֵּלַךְ כֵּן יוֹרֵד שְׁאוֹל לֹא יַעֲלֽ͏ֶה׃ (Sheol h7585) | 9 |
بۇلۇت غايىب بولۇپ، قايتا كۆرۈنمىگەندەك، ئوخشاشلا تەھتىساراغا چۈشكەن ئادەم قايتىدىن چىقمايدۇ. (Sheol h7585) |
לֹא־יָשׁוּב עוֹד לְבֵיתוֹ וְלֹא־יַכִּירֶנּוּ עוֹד מְקֹמֽוֹ׃ | 10 |
ئۇ يەنە ئۆز ئۆيىگە قايتمايدۇ، ئۆز يۇرتى ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ. |
גַּם־אֲנִי לֹא אֶחֱשָׂךְ פִּי אֲֽדַבְּרָה בְּצַר רוּחִי אָשִׂיחָה בְּמַר נַפְשִֽׁי׃ | 11 |
شۇڭا مەن ئاغزىمنى يۇمماي، روھىمنىڭ دەرد-ئەلىمى بىلەن سۆز قىلاي، جېنىمنىڭ ئازابىدىن زارلايمەن. |
הֲֽיָם־אָנִי אִם־תַּנִּין כִּֽי־תָשִׂים עָלַי מִשְׁמָֽר׃ | 12 |
نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟ مەن [خەتەرلىك] بىر دېڭىزمۇ-يا؟ ياكى دېڭىزدىكى بىر ئەجدىھامۇمەن؟ |
כִּֽי־אָמַרְתִּי תְּנַחֲמֵנִי עַרְשִׂי יִשָּׂא בְשִׂיחִי מִשְׁכָּבִֽי׃ | 13 |
مەن: «ئاھ، ياتقان ئورنۇم ماڭا راھەت بېرىدۇ، كۆرپەم نالە-پەريادىمغا دەرمان بولىدۇ» ــ دېسەم، |
וְחִתַּתַּנִי בַחֲלֹמוֹת וּֽמֵחֶזְיֹנוֹת תְּבַעֲתַֽנִּי׃ | 14 |
ئەمدى سەن چۈشلەر بىلەن مېنى قورقۇتىۋاتىسەن، غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماڭا ۋەھىمە سالىسەن. |
וַתִּבְחַר מַחֲנָק נַפְשִׁי מָוֶת מֵֽעַצְמוֹתָֽי׃ | 15 |
شۇنىڭ ئۈچۈن بوغۇلۇشۇمنى، ئۆلۈمنى، بۇ سۆڭەكلىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق بىلىمەن. |
מָאַסְתִּי לֹא־לְעֹלָם אֶֽחְיֶה חֲדַל מִמֶּנִּי כִּי־הֶבֶל יָמָֽי׃ | 16 |
مەن ئۆز جېنىمدىن تويدۇم؛ مېنىڭ مەڭگۈگە ياشىغۇم يوق، مېنى مەيلىمگە قويىۋەتكىن، مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدىدۇر. |
מָֽה־אֱנוֹשׁ כִּי תְגַדְּלֶנּוּ וְכִי־תָשִׁית אֵלָיו לִבֶּֽךָ׃ | 17 |
ئىنسان بالىسى نېمىدى؟ سەن نېمىشقا ئۇنى چوڭ بىلىسەن، نېمە دەپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىسەن؟ |
וַתִּפְקְדֶנּוּ לִבְקָרִים לִרְגָעִים תִּבְחָנֶֽנּוּ׃ | 18 |
ھەر ئەتىگەندە ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىسەن، ھەر نەپەس ئۇنى سىنايسەن! |
כַּמָּה לֹא־תִשְׁעֶה מִמֶּנִּי לֹֽא־תַרְפֵּנִי עַד־בִּלְעִי רֻקִּֽי׃ | 19 |
قاچانغىچە مېنىڭدىن نەزىرىڭنى ئالمايسەن، ماڭا قاچانغىچە ئاغزىمدىكى سېرىق سۇنى يۇتۇۋالغۇدەك ئارام بەرمەيسەن؟ |
חָטָאתִי מָה אֶפְעַל ׀ לָךְ נֹצֵר הָאָדָם לָמָה שַׂמְתַּנִי לְמִפְגָּע לָךְ וָאֶהְיֶה עָלַי לְמַשָּֽׂא׃ | 20 |
مەن گۇناھ قىلغان بولساممۇ، ئى ئىنسانىيەتنى كۆزەتكۈچى، ساڭا نېمە قىلىپتىمەن؟! مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟ بۇنىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە زەربە نىشانى قىلغانسەنمۇ؟ |
וּמֶה ׀ לֹא־תִשָּׂא פִשְׁעִי וְתַעֲבִיר אֶת־עֲוֺנִי כִּֽי־עַתָּה לֶעָפָר אֶשְׁכָּב וְשִׁחֲרְתַּנִי וְאֵינֶֽנִּי׃ | 21 |
سەن نېمىشقا مېنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھىمنى ساقىت قىلمايسەن؟ چۈنكى مەن پات ئارىدا توپىنىڭ ئىچىدە ئۇخلايمەن؛ سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن، لېكىن مەن مەۋجۇت بولمايمەن». |