וַיַּעַן אִיּוֹב וַיֹּאמַֽר׃ | 1 |
ئايۇپ [بىلدادقا] جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ |
מֶה־עָזַרְתָּ לְלֹא־כֹחַ הוֹשַׁעְתָּ זְרוֹעַ לֹא־עֹֽז׃ | 2 |
«ماغدۇرسىز كىشىگە قالتىس ياردەملەرنى بېرىۋەتتىڭ! بىلەكلىرى كۈچسىز ئادەمنى كارامەت قۇتقۇزۇۋەتتىڭ! |
מַה־יָּעַצְתָּ לְלֹא חָכְמָה וְתוּשִׁיָּה לָרֹב הוֹדָֽעְתָּ׃ | 3 |
ئەقلى يوق كىشىگە قالتىس نەسىھەتلەرنى قىلىۋەتتىڭ! ۋە ئۇنىڭغا ئالامەت بىلىملەرنى نامايان قىلىۋەتتىڭ! |
אֶת־מִי הִגַּדְתָּ מִלִּין וְנִשְׁמַת־מִי יָצְאָה מִמֶּֽךָּ׃ | 4 |
سەن زادى كىمنىڭ مەدىتى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلدىڭ؟ سەندىن چىقىۋاتقىنى كىمنىڭ روھى؟ |
הָרְפָאִים יְחוֹלָלוּ מִתַּחַת מַיִם וְשֹׁכְנֵיהֶֽם׃ | 5 |
ــ «ئەرۋاھلار، يەنى سۇ ئاستىدىكىلەر، شۇنداقلا ئۇ يەردە بارلىق تۇرۇۋاتقانلار تولغىنىپ كېتىدۇ؛ |
עָרוֹם שְׁאוֹל נֶגְדּוֹ וְאֵין כְּסוּת לָֽאֲבַדּֽוֹן׃ (Sheol h7585) | 6 |
بەرھەق، [خۇدانىڭ] ئالدىدا تەھتىسارامۇ يېپىنچىسىز كۆرۈنىدۇ، ھالاكەتنىڭمۇ ياپقۇچى يوقتۇر. (Sheol h7585) |
נֹטֶה צָפוֹן עַל־תֹּהוּ תֹּלֶה אֶרֶץ עַל־בְּלִי־מָֽה׃ | 7 |
ئۇ [يەرنىڭ] شىمالىي [قۇتۇپىنى] ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان، ئۇ يەر [شارىنى] بوشلۇق ئىچىدە مۇئەللەق قىلغان؛ |
צֹרֵֽר־מַיִם בְּעָבָיו וְלֹא־נִבְקַע עָנָן תַּחְתָּֽם׃ | 8 |
ئۇ سۇلارنى قويۇق بۇلۇتلىرى ئىچىگە يىغىدۇ، بۇلۇت ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلەنمۇ يىرتىلىپ كەتمەيدۇ. |
מְאַחֵז פְּנֵי־כִסֵּה פַּרְשֵׁז עָלָיו עֲנָנֽוֹ׃ | 9 |
ئۇ ئاينىڭ يۈزىنى ياپىدۇ، ئۇ بۇلۇتلىرى بىلەن ئۇنى توسىدۇ. |
חֹֽק־חָג עַל־פְּנֵי־מָיִם עַד־תַּכְלִית אוֹר עִם־חֹֽשֶׁךְ׃ | 10 |
ئۇ سۇلارنىڭ ئۈستىگە چەمبەر سىزىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن. |
עַמּוּדֵי שָׁמַיִם יְרוֹפָפוּ וְיִתְמְהוּ מִגַּעֲרָתֽוֹ׃ | 11 |
ئاسمانلارنىڭ تۈۋرۈكلىرى تەۋرەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاڭلاپلا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. |
בְּכֹחוֹ רָגַע הַיָּם ובתובנתו וּבִתְבוּנָתוֹ מָחַץ רָֽהַב׃ | 12 |
ئۇ دېڭىزنى قۇدرىتى بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ؛ ئۆز ھېكمىتى بىلەن راھابنى پارە-پارە قىلىپ يانجىۋېتىدۇ. |
בְּרוּחוֹ שָׁמַיִם שִׁפְרָה חֹֽלֲלָה יָדוֹ נָחָשׁ בָּרִֽיחַ׃ | 13 |
ئۇنىڭ روھى بىلەن ئاسمانلار بېزەلگەن، ئۇنىڭ قولى تېز قاچقان ئەجدىھانى سانجىيدۇ. |
הֶן־אֵלֶּה ׀ קְצוֹת דרכו דְּרָכָיו וּמַה־שֵּׁמֶץ דָּבָר נִשְׁמַע־בּוֹ וְרַעַם גבורתו גְּבוּרוֹתָיו מִי יִתְבּוֹנָֽן׃ | 14 |
مانا، بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر، خالاس؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامىدىن ئاڭلاۋاتقىنىمىز ناھايىتى پەس بىر شىۋىرلاش، خالاس! ئۇنىڭ پۈتكۈل زور قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى بولسا كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟!». |