וַיַּעַן אִיּוֹב וַיֹּאמַֽר׃ | 1 |
ئاندىن ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ |
שָׁמַעְתִּי כְאֵלֶּה רַבּוֹת מְנַחֲמֵי עָמָל כֻּלְּכֶֽם׃ | 2 |
مەن مۇشۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن؛ سىلەر ھەممىڭلار ئازاب يەتكۈزىدىغان ئاجايىب تەسەللى بەرگۈچى ئىكەنسىلەر-ھە! |
הֲקֵץ לְדִבְרֵי־רוּחַ אוֹ מַה־יַּמְרִֽיצְךָ כִּי תַעֲנֶֽה׃ | 3 |
مۇنداق ۋاتىلداپ قىلغان گەپلىرىڭلارنىڭ چېكى بارمۇ؟ سىلەرگە مۇنداق جاۋاب بېرىشكە زادى نېمە قۇتراتقۇلۇق قىلدى؟ |
גַּם ׀ אָנֹכִי כָּכֶם אֲדַבֵּרָה לוּ־יֵשׁ נַפְשְׁכֶם תַּחַת נַפְשִׁי אַחְבִּירָה עֲלֵיכֶם בְּמִלִּים וְאָנִיעָה עֲלֵיכֶם בְּמוֹ רֹאשִֽׁי׃ | 4 |
خالىساملا ئۆزۈم سىلەرگە ئوخشاش سۆز قىلالايتتىم؛ سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولىدىغان بولساڭلار، مەنمۇ سۆزلەرنى باغلاشتۇرۇپ ئېيتىپ، سىلەرگە زەربە قىلالايتىم، بېشىمنىمۇ سىلەرگە قارىتىپ چايقىيالايتتىم! |
אֲאַמִּצְכֶם בְּמוֹ־פִי וְנִיד שְׂפָתַי יַחְשֹֽׂךְ׃ | 5 |
ھالبۇكى، مەن ئەكسىچە ئاغزىم بىلەن سىلەرنى رىغبەتلەندۈرەتتىم، لەۋلىرىمنىڭ تەسەللىسى سىلەرگە دورا-دەرمان بولاتتى. |
אִֽם־אֲדַבְּרָה לֹא־יֵחָשֵׂךְ כְּאֵבִי וְאַחְדְּלָה מַה־מִנִּי יַהֲלֹֽךְ׃ | 6 |
لېكىن مېنىڭ سۆزلىشىم بىلەن ئازابىم ئازايمايدۇ؛ ياكى گېپىمنى ئىچىمگە يۇتۇۋالىساممۇ، ماڭا نېمە ئارامچىلىق بولسۇن؟ |
אַךְ־עַתָּה הֶלְאָנִי הֲשִׁמּוֹתָ כָּל־עֲדָתִֽי׃ | 7 |
بىراق ئۇ مېنى ھالسىزلاندۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق، سەن پۈتكۈل ئائىلەمنى ۋەيران قىلىۋەتتىڭ! |
וַֽתִּקְמְטֵנִי לְעֵד הָיָה וַיָּקָם בִּי כַחֲשִׁי בְּפָנַי יַעֲנֶֽה׃ | 8 |
سەن مېنى قاماللىدىڭ! شۇنىڭ بىلەن [ئەھۋالىم ماڭا] گۇۋاھلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ ئورۇق-قاقشال [بەدىنىم] ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق قىلىدۇ! |
אַפּוֹ טָרַף ׀ וַֽיִּשְׂטְמֵנִי חָרַק עָלַי בְּשִׁנָּיו צָרִי ׀ יִלְטוֹשׁ עֵינָיו לִֽי׃ | 9 |
ئۇنىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلىپ، مېنى ئوۋ ئولجىسى قىلىدۇ؛ ئۇ ماڭا قاراپ چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ؛ مېنىڭ دۈشمىنىمدەك كۆزىنى ئالايىتىپ ماڭا تىكىدۇ. |
פָּעֲרוּ עָלַי ׀ בְּפִיהֶם בְּחֶרְפָּה הִכּוּ לְחָיָי יַחַד עָלַי יִתְמַלָּאֽוּן׃ | 10 |
[ئادەملەر] ماڭا قاراپ [مازاق قىلىشىپ] ئاغزىنى ئاچىدۇ؛ ئۇلار نەپرەت بىلەن مەڭزىمگە كاچاتلايدۇ؛ ماڭا ھۇجۇم قىلاي دەپ سەپ تۈزىدۇ. |
יַסְגִּירֵנִי אֵל אֶל עֲוִיל וְעַל־יְדֵי רְשָׁעִים יִרְטֵֽנִי׃ | 11 |
خۇدا مېنى ئەسكىلەرگە تاپشۇرغان؛ مېنى رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلىۋەتكەنىكەن. |
שָׁלֵו הָיִיתִי ׀ וַֽיְפַרְפְּרֵנִי וְאָחַז בְּעָרְפִּי וַֽיְפַצְפְּצֵנִי וַיְקִימֵנִי לוֹ לְמַטָּרָֽה׃ | 12 |
ئەسلىدە مەن تىنچ-ئامانلىقتا تۇراتتىم، بىراق ئۇ مېنى پاچاقلىدى؛ ئۇ بوينۇمدىن سىلكىپ بىتچىت قىلىۋەتتى، مېنى ئۆز نىشانى قىلغانىكەن. |
יָסֹבּוּ עָלַי ׀ רַבָּיו יְפַלַּח כִּלְיוֹתַי וְלֹא יַחְמוֹל יִשְׁפֹּךְ לָאָרֶץ מְרֵרָֽתִי׃ | 13 |
ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى قاپسىۋالدى؛ ھېچ ئايىماي ئۇ ئۈچەي-باغرىمنى يىرتىپ، ئۆتۈمنى يەرگە تۆكۈۋەتتى. |
יִפְרְצֵנִי פֶרֶץ עַל־פְּנֵי־פָרֶץ יָרֻץ עָלַי כְּגִבּֽוֹר׃ | 14 |
ئۇ ئۇ يەر-بۇ يېرىمگە ئۈستى-ئۈستىلەپ زەخىم قىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ؛ ئۇ پالۋاندەك ماڭا قاراپ ئېتىلىدۇ. |
שַׂק תָּפַרְתִּי עֲלֵי גִלְדִּי וְעֹלַלְתִּי בֶעָפָר קַרְנִֽי׃ | 15 |
تېرەمنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت تىكىپ قويدۇم؛ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمنى توپا-چاڭغا سېلىپ قويدۇم. |
פָּנַי חמרמרה חֳמַרְמְרוּ מִנִּי־בֶכִי וְעַל עַפְעַפַּי צַלְמָֽוֶת׃ | 16 |
گەرچە قولۇمدا ھېچقانداق زوراۋانلىق بولمىسىمۇ، دۇئايىم چىن دىلىمدىن بولغان بولسىمۇ، يۈزۈم يىغا-زارىدىن قىزىرىپ كەتتى؛ قاپاقلىرىمنى ئۆلۈم سايىسى باستى. |
עַל לֹא־חָמָס בְּכַפָּי וּֽתְפִלָּתִי זַכָּֽה׃ | 17 |
אֶרֶץ אַל־תְּכַסִּי דָמִי וְֽאַל־יְהִי מָקוֹם לְזַעֲקָתִֽי׃ | 18 |
ئاھ، يەر-زېمىن، قېنىمنى ياپمىغىن! نالە-پەريادىم توختايدىغانغا جاي بولمىغاي! |
גַּם־עַתָּה הִנֵּה־בַשָּׁמַיִם עֵדִי וְשָׂהֲדִי בַּמְּרוֹמִֽים׃ | 19 |
بىراق مانا، ئاسمانلاردا ھازىرمۇ ماڭا شاھىت بولغۇچى بار! ئەرشلەردە ماڭا كاپالەت بولغۇچى بار! |
מְלִיצַי רֵעָי אֶל־אֱלוֹהַ דָּלְפָה עֵינִֽי׃ | 20 |
ئۆز دوستلىرىم مېنى مازاق قىلغىنى بىلەن، بىراق كۆزۈم تېخىچە تەڭرىگە ياش تۆكمەكتە. |
וְיוֹכַח לְגֶבֶר עִם־אֱלוֹהַּ וּֽבֶן־אָדָם לְרֵעֵֽהוּ׃ | 21 |
ئاھ، ئىنسان بالىسى دوستى ئۈچۈن كېلىشتۈرگۈچى بولغاندەك، تەڭرى بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! |
כִּֽי־שְׁנוֹת מִסְפָּר יֶאֱתָיוּ וְאֹרַח לֹא־אָשׁוּב אֶהֱלֹֽךְ׃ | 22 |
چۈنكى يەنە بىرنەچچە يىل ئۆتۈشى بىلەنلا، مەن بارسا قايتماس يولدا مېڭىپ قالىمەن. |