הַדָּבָר אֲשֶׁר דִּבֶּר יְהוָה אֶל־בָּבֶל אֶל־אֶרֶץ כַּשְׂדִּים בְּיַד יִרְמְיָהוּ הַנָּבִֽיא׃ | 1 |
پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل توغرۇلۇق، يەنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆز: ــ |
הַגִּידוּ בַגּוֹיִם וְהַשְׁמִיעוּ וּֽשְׂאוּ־נֵס הַשְׁמִיעוּ אַל־תְּכַחֵדוּ אִמְרוּ נִלְכְּדָה בָבֶל הֹבִישׁ בֵּל חַת מְרֹדָךְ הֹבִישׁוּ עֲצַבֶּיהָ חַתּוּ גִּלּוּלֶֽיהָ׃ | 2 |
ئەللەر ئارىسىدا شۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ جاكارلاڭلار، تۈغ كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، ئۇنى يوشۇرماڭلار! ــ «بابىل ئىشغال قىلىندى؛ بەل بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، ماردۇك پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بابىلنىڭ ئويما بۇتلىرى خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، يىرگىنچلىك نەرسىلىرى پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى!» ــ دەڭلار. |
כִּי עָלָה עָלֶיהָ גּוֹי מִצָּפוֹן הֽוּא־יָשִׁית אֶת־אַרְצָהּ לְשַׁמָּה וְלֹֽא־יִהְיֶה יוֹשֵׁב בָּהּ מֵאָדָם וְעַד־בְּהֵמָה נָדוּ הָלָֽכוּ׃ | 3 |
چۈنكى شىمالدىن ئۇنىڭغا جەڭ قىلماقچى بولغان بىر ئەل كېلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىدۇ، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ؛ ئىنسان ھەم ھايۋانمۇ قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلار يوق بولىدۇ. |
בַּיָּמִים הָהֵמָּה וּבָעֵת הַהִיא נְאֻם־יְהוָה יָבֹאוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל הֵמָּה וּבְנֵֽי־יְהוּדָה יַחְדָּו הָלוֹךְ וּבָכוֹ יֵלֵכוּ וְאֶת־יְהוָה אֱלֹהֵיהֶם יְבַקֵּֽשׁוּ׃ | 4 |
شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىل خەلقى كېلىدۇ، ئۇلار ھەم يەھۇدا خەلقى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇلار يىغلىغان ھالدا مېڭىپ پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئىزدەشكە كېلىدۇ. |
צִיּוֹן יִשְׁאָלוּ דֶּרֶךְ הֵנָּה פְנֵיהֶם בֹּאוּ וְנִלְווּ אֶל־יְהוָה בְּרִית עוֹלָם לֹא תִשָּׁכֵֽחַ׃ | 5 |
ئۇلار زىئوننىڭ يولىنى سورايدۇ، يۈزلىرىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ: «ھەرگىز ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بىلەن ئۆزىمىزنى پەرۋەردىگارغا باغلايلى» ــ دەيدۇ. |
צֹאן אֹֽבְדוֹת היה הָיוּ עַמִּי רֹעֵיהֶם הִתְעוּם הָרִים שובבים שֽׁוֹבְבוּם מֵהַר אֶל־גִּבְעָה הָלָכוּ שָׁכְחוּ רִבְצָֽם׃ | 6 |
ــ مېنىڭ خەلقىم ئازغان قويلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ باققۇچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرغان، ئۇلارنى تاغلاردا تېنىتىپ يۈرگەن؛ ئۇلار تاغدىن دۆڭگە كېزىپ يۈرۈپ، ئۆز ئارامگاھىنى ئۇنتۇغاندۇر. |
כָּל־מוֹצְאֵיהֶם אֲכָלוּם וְצָרֵיהֶם אָמְרוּ לֹא נֶאְשָׁם תַּחַת אֲשֶׁר חָטְאוּ לַֽיהוָה נְוֵה־צֶדֶק וּמִקְוֵה אֲבֽוֹתֵיהֶם יְהוָֽה׃ | 7 |
ئۇلارنى ئۇچراتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، كۈشەندىلىرى ئۇلار توغرۇلۇق: «بىزدە [بۇ ئىشلاردا] ھېچ گۇناھ يوق، چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۈمىدى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ھەققانىيلىقنىڭ يايلاق-تۇرالغۇسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان!» ــ دېگەن. |
נֻדוּ מִתּוֹךְ בָּבֶל וּמֵאֶרֶץ כַּשְׂדִּים יצאו צֵאוּ וִהְיוּ כְּעַתּוּדִים לִפְנֵי־צֹֽאן׃ | 8 |
[ئى خەلقىم]، بابىل ئوتتۇرىسىدىن قېچىڭلار، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ چىقىڭلار، پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار. |
כִּי הִנֵּה אָנֹכִי מֵעִיר וּמַעֲלֶה עַל־בָּבֶל קְהַל־גּוֹיִם גְּדֹלִים מֵאֶרֶץ צָפוֹן וְעָרְכוּ לָהּ מִשָּׁם תִּלָּכֵד חִצָּיו כְּגִבּוֹר מַשְׁכִּיל לֹא יָשׁוּב רֵיקָֽם׃ | 9 |
ــ چۈنكى مانا، شىمالىي زېمىندىن بابىلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان زور بىر توپ ئۇلۇغ ئەللەرنى قوزغايمەن؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا قارشى سەپكە قوشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بابىل شۇ يەردىن چىققانلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر مەرگەنلەرنىڭكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەڭدىن قۇرۇق قول كەلمەيدۇ. |
וְהָיְתָה כַשְׂדִּים לְשָׁלָל כָּל־שֹׁלְלֶיהָ יִשְׂבָּעוּ נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 10 |
كالدىيە بولسا ئولجا بولىدۇ؛ ئولجا ئالغان بارلىق بۇلىغۇچىلار ئۇنىڭدىن قانائەتلىنىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ |
כִּי תשמחי תִשְׂמְחוּ כִּי תעלזי תַֽעֲלְזוּ שֹׁסֵי נַחֲלָתִי כִּי תפושי תָפוּשׁוּ כְּעֶגְלָה דָשָׁה ותצהלי וְתִצְהֲלוּ כָּאֲבִּרִֽים׃ | 11 |
ــ چۈنكى سىلەر شادلانغانسىلەر، سىلەر يايراپ كەتكەنسىلەر، ئى مىراسىم بولغان [خەلقىمنى] بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلار! چۈنكى سىلەر چېمەندە تۇرغان موزايلاردەك سەكرىگەنسىلەر، ئايغىرلاردەك خۇشاللىقتىن كىشنىگەنسىلەر! |
בּוֹשָׁה אִמְּכֶם מְאֹד חָפְרָה יֽוֹלַדְתְּכֶם הִנֵּה אַחֲרִית גּוֹיִם מִדְבָּר צִיָּה וַעֲרָבָֽה׃ | 12 |
ئەمدى ئانا [يۇرتۇڭ] زور خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ رەسۋاچىلىق سېنى تۇغغۇچىنى قاپلايدۇ؛ مانا، ئۇ ئەللەرنىڭ داشقىلى، ــ بىر جاڭگال، قاغجىراق يەر ۋە چۆل-باياۋان بولۇپ قالىدۇ. |
מִקֶּצֶף יְהוָה לֹא תֵשֵׁב וְהָיְתָה שְׁמָמָה כֻּלָּהּ כֹּל עֹבֵר עַל־בָּבֶל יִשֹּׁם וְיִשְׁרֹק עַל־כָּל־מַכּוֹתֶֽיהָ׃ | 13 |
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ھېچ ئاھالىسى بولمايدۇ، بەلكى تولۇق تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ؛ بابىلدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇش-ئۇش قىلىدۇ. |
עִרְכוּ עַל־בָּבֶל ׀ סָבִיב כָּל־דֹּרְכֵי קֶשֶׁת יְדוּ אֵלֶיהָ אַֽל־תַּחְמְלוּ אֶל־חֵץ כִּי לַֽיהוָה חָטָֽאָה׃ | 14 |
بابىلغا جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا سەپكە تىزىلىڭلار، بارلىق ئوقياچىلار؛ ئۇنىڭغا ئېتىڭلار، ئوقلارنى ھېچ ئايىماڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان. |
הָרִיעוּ עָלֶיהָ סָבִיב נָתְנָה יָדָהּ נָֽפְלוּ אשויתיה אָשְׁיוֹתֶיהָ נֶהֶרְסוּ חֽוֹמוֹתֶיהָ כִּי נִקְמַת יְהוָה הִיא הִנָּקְמוּ בָהּ כַּאֲשֶׁר עָשְׂתָה עֲשׂוּ־לָֽהּ׃ | 15 |
ئۇنىڭ ئەتراپىدا جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇ تەسلىم بولۇپ قول كۆتۈرىدۇ؛ مۇنارلىرى ئۆرۈلىدۇ، سېپىللىرى غۇلىتىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالغان قىساسىدۇر. ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار؛ ئۇ باشقىلارغا نېمە قىلغان بولسا ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار. |
כִּרְתוּ זוֹרֵעַ מִבָּבֶל וְתֹפֵשׂ מַגָּל בְּעֵת קָצִיר מִפְּנֵי חֶרֶב הַיּוֹנָה אִישׁ אֶל־עַמּוֹ יִפְנוּ וְאִישׁ לְאַרְצוֹ יָנֻֽסוּ׃ | 16 |
بابىلدىن ئۇرۇق تېرىغۇچى ھەم ھوسۇل ۋاقتىدىكى ئورغاق سالغۇچىلارنى يوق قىلىڭلار؛ زۇلۇمكارنىڭ قىلىچىنىڭ قورقۇنچى تۈپەيلىدىن بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز ئانا يۇرتىغا قاچسۇن! |
שֶׂה פְזוּרָה יִשְׂרָאֵל אֲרָיוֹת הִדִּיחוּ הָרִאשׁוֹן אֲכָלוֹ מֶלֶךְ אַשּׁוּר וְזֶה הָאַחֲרוֹן עִצְּמוֹ נְבוּכַדְרֶאצַּר מֶלֶךְ בָּבֶֽל׃ | 17 |
ئىسرائىل تارقىتىۋېتىلگەن قوي پادىسىدۇر؛ شىرلار ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن؛ دەسلەپتە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، ئاخىرىدا بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ غاجىلىغان. |
לָכֵן כֹּֽה־אָמַר יְהוָה צְבָאוֹת אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל הִנְנִי פֹקֵד אֶל־מֶלֶךְ בָּבֶל וְאֶל־אַרְצוֹ כַּאֲשֶׁר פָּקַדְתִּי אֶל־מֶלֶךְ אַשּֽׁוּר׃ | 18 |
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى جازالىغىنىمدەك، مەن بابىل پادىشاھىنى ھەم زېمىنىنى جازالايمەن. |
וְשֹׁבַבְתִּי אֶת־יִשְׂרָאֵל אֶל־נָוֵהוּ וְרָעָה הַכַּרְמֶל וְהַבָּשָׁן וּבְהַר אֶפְרַיִם וְהַגִּלְעָד תִּשְׂבַּע נַפְשֽׁוֹ׃ | 19 |
مەن ئىسرائىلنى قايتىدىن ئۆز يايلىقىغا قايتۇرىمەن، ئۇ كارمەل تېغىدا، باشان زېمىنىدا ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ئەفرائىم تېغى ئۈستىدە ھەم گىلېئاد زېمىنىدا قانائەتلىنىدۇ. |
בַּיָּמִים הָהֵם וּבָעֵת הַהִיא נְאֻם־יְהוָה יְבֻקַּשׁ אֶת־עֲוֺן יִשְׂרָאֵל וְאֵינֶנּוּ וְאֶת־חַטֹּאת יְהוּדָה וְלֹא תִמָּצֶאינָה כִּי אֶסְלַח לַאֲשֶׁר אַשְׁאִֽיר׃ | 20 |
شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ يەھۇدانىڭ گۇناھلىرى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ چۈنكى مەن قالدۇرغان قالدىسىنى كەچۈرۈم قىلىمەن. |
עַל־הָאָרֶץ מְרָתַיִם עֲלֵה עָלֶיהָ וְאֶל־יוֹשְׁבֵי פְּקוֹד חֲרֹב וְהַחֲרֵם אַֽחֲרֵיהֶם נְאֻם־יְהוָה וַעֲשֵׂה כְּכֹל אֲשֶׁר צִוִּיתִֽיךָ׃ | 21 |
ــ مېراتائىمنىڭ زېمىنىغا زەرب بىلەن جەڭ قىلىشقا، پېكودتا تۇرۇۋاتقانلارغىمۇ جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ ئۇلارنى ۋەيران قىلىڭلار، قالدۇقىنىمۇ ھالاك قىلىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن نېمىنى ساڭا بۇيرۇغان بولسام شۇنى ئادا قىلىڭلار. |
קוֹל מִלְחָמָה בָּאָרֶץ וְשֶׁבֶר גָּדֽוֹל׃ | 22 |
جەڭ سادالىرى [بابىل] زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ زور ھالاكەتنىڭ ساداسىدۇر! |
אֵיךְ נִגְדַּע וַיִּשָּׁבֵר פַּטִּישׁ כָּל־הָאָרֶץ אֵיךְ הָיְתָה לְשַׁמָּה בָּבֶל בַּגּוֹיִֽם׃ | 23 |
ئەسلىدە پۈتكۈل يەر يۈزىنى ئۇرغان بازغان شۇ دەرىجىدە سۇندۇرۇپ چېقىۋېتىلدىغۇ! بابىل ئەللەر ئارىسىدا شۇنچە بىر دەھشەت باسقۇچى بولۇپ چىققانتىغۇ! |
יָקֹשְׁתִּי לָךְ וְגַם־נִלְכַּדְתְּ בָּבֶל וְאַתְּ לֹא יָדָעַתְּ נִמְצֵאת וְגַם־נִתְפַּשְׂתְּ כִּי בַֽיהוָה הִתְגָּרִֽית׃ | 24 |
مەن ساڭا تۇزاق قۇردۇم؛ سەن، ئى بابىل، ھېچ بىلمەيلا ئۇنىڭغا تۇتۇلدۇڭ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىشىڭ تۈپەيلىدىن سەن تېپىلىپ تۇتۇلدۇڭ. |
פָּתַח יְהוָה אֶת־אוֹצָרוֹ וַיּוֹצֵא אֶת־כְּלֵי זַעְמוֹ כִּי־מְלָאכָה הִיא לַֽאדֹנָי יְהוִה צְבָאוֹת בְּאֶרֶץ כַּשְׂדִּֽים׃ | 25 |
پەرۋەردىگار قورال ئامبىرىنى ئېچىپ، غەزىپىدىكى قوراللىرىنى ئېلىپ چىقاردى؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا قىلىدىغان ئىشى باردۇر. |
בֹּֽאוּ־לָהּ מִקֵּץ פִּתְחוּ מַאֲבֻסֶיהָ סָלּוּהָ כְמוֹ־עֲרֵמִים וְהַחֲרִימוּהָ אַל־תְּהִי־לָהּ שְׁאֵרִֽית׃ | 26 |
ئۇنىڭ ھەر چەت-چەتلىرىدىن كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، ئامبارلىرىنى ئېچىۋېتىڭلار؛ ئۆنچىلەرنى دۆۋىلىگەندەك ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ ۋەيران قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار! |
חִרְבוּ כָּל־פָּרֶיהָ יֵרְדוּ לַטָּבַח הוֹי עֲלֵיהֶם כִּֽי־בָא יוֹמָם עֵת פְּקֻדָּתָֽם׃ | 27 |
ئۇنىڭ بارلىق تورپاقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئۇلار سويۇلۇشقا چۈشسۇن! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈنى، يەنى جازالىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. |
קוֹל נָסִים וּפְלֵטִים מֵאֶרֶץ בָּבֶל לְהַגִּיד בְּצִיּוֹן אֶת־נִקְמַת יְהוָה אֱלֹהֵינוּ נִקְמַת הֵיכָלֽוֹ׃ | 28 |
ئاڭلاڭلار! زىئونغا كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىساسىنى، يەنى ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىنى جاكارلايدىغان، بابىل زېمىنىدىن قاچقان پاناھ ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! |
הַשְׁמִיעוּ אֶל־בָּבֶל ׀ רַבִּים כָּל־דֹּרְכֵי קֶשֶׁת חֲנוּ עָלֶיהָ סָבִיב אַל־יְהִי־לָהּ פְּלֵטָה שַׁלְּמוּ־לָהּ כְּפָעֳלָהּ כְּכֹל אֲשֶׁר עָשְׂתָה עֲשׂוּ־לָהּ כִּי אֶל־יְהוָה זָדָה אֶל־קְדוֹשׁ יִשְׂרָאֵֽל׃ | 29 |
بابىلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوقياچىلارنى، يەنى بارلىق كاماننى ئەگكۈچىلەرنى چاقىرىڭلار؛ بابىلنىڭ ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ قورشىۋېلىڭلار؛ ھېچكىمنى قاچقۇزماڭلار؛ ئۆز قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈڭلار؛ ئۇ نېمىلەرنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ــ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. |
לָכֵן יִפְּלוּ בַחוּרֶיהָ בִּרְחֹבֹתֶיהָ וְכָל־אַנְשֵׁי מִלְחַמְתָּהּ יִדַּמּוּ בַּיּוֹם הַהוּא נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 30 |
شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ؛ شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ بارلىق جەڭچى پالۋانلىرى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
הִנְנִי אֵלֶיךָ זָדוֹן נְאֻם־אֲדֹנָי יְהוִה צְבָאוֹת כִּי בָּא יוֹמְךָ עֵת פְּקַדְתִּֽיךָ׃ | 31 |
مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى كۆرەڭلەپ كەتكۇچى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى سېنىڭ كۈنۈڭ، يەنى مەن يېنىڭغا يېقىن كېلىپ جازالايدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ |
וְכָשַׁל זָדוֹן וְנָפַל וְאֵין לוֹ מֵקִים וְהִצַּתִּי אֵשׁ בְּעָרָיו וְאָכְלָה כָּל־סְבִיבֹתָֽיו׃ | 32 |
كۆرەڭلەپ كەتكۇچى پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قايتىدىن يۆلەپ تۇرغۇزمايدۇ؛ بەرھەق، مەن ئۇنىڭ شەھەرلىرىگە ئوت ياقىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ يۇتۇپ كېتىدۇ. |
כֹּה אָמַר יְהוָה צְבָאוֹת עֲשׁוּקִים בְּנֵי־יִשְׂרָאֵל וּבְנֵי־יְהוּדָה יַחְדָּו וְכָל־שֹֽׁבֵיהֶם הֶחֱזִיקוּ בָם מֵאֲנוּ שַׁלְּחָֽם׃ | 33 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىللار يەھۇدالار بىلەن بىللە ئېزىلىپ خورلۇقنى كۆرگەن؛ ئۇلارنى ئەسىر قىلغانلار ئۇلارنى قاتتىق قاماپ تۇتقانىدى؛ ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلغان. |
גֹּאֲלָם ׀ חָזָק יְהוָה צְבָאוֹת שְׁמוֹ רִיב יָרִיב אֶת־רִיבָם לְמַעַן הִרְגִּיעַ אֶת־הָאָרֶץ וְהִרְגִּיז לְיֹשְׁבֵי בָבֶֽל׃ | 34 |
لېكىن ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى كۈچلۈكتۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سورايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئاراملىق بېرىدۇ، بابىلدىكىلەرگە ئارامسىزلىق يەتكۈزىدۇ. |
חֶרֶב עַל־כַּשְׂדִּים נְאֻם־יְהוָה וְאֶל־יֹשְׁבֵי בָבֶל וְאֶל־שָׂרֶיהָ וְאֶל־חֲכָמֶֽיהָ׃ | 35 |
كالدىيلەر ئۈستىگە، بابىلدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە ھەمدە بابىلنىڭ ئەمىرلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ئۈستىگە قىلىچ چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ |
חֶרֶב אֶל־הַבַּדִּים וְנֹאָלוּ חֶרֶב אֶל־גִּבּוֹרֶיהָ וָחָֽתּוּ׃ | 36 |
قىلىچ پالچىلار ئۈستىگە چۈشكەندە، ئۇلار ھاماقەت-ئەخمەقلەردەك كۆرۈنىدۇ؛ قىلىچ ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ؛ |
חֶרֶב אֶל־סוּסָיו וְאֶל־רִכְבּוֹ וְאֶל־כָּל־הָעֶרֶב אֲשֶׁר בְּתוֹכָהּ וְהָיוּ לְנָשִׁים חֶרֶב אֶל־אוֹצְרֹתֶיהָ וּבֻזָּֽזוּ׃ | 37 |
قىلىچ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى ئۈستىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ سەپلىرىدە تۇرغان بارلىق يات لەشكەرلەر ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولىدۇ؛ قىلىچ خەزىنىلىرى ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. |
חֹרֶב אֶל־מֵימֶיהָ וְיָבֵשׁוּ כִּי אֶרֶץ פְּסִלִים הִיא וּבָאֵימִים יִתְהֹלָֽלוּ׃ | 38 |
قۇرغاقچىلىق ئۇلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ؛ بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولۇپ، ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلار تۈپەيلىدىن تەلۋىشىپ كەتكەن. |
לָכֵן יֵשְׁבוּ צִיִּים אֶת־אִיִּים וְיָשְׁבוּ בָהּ בְּנוֹת יַֽעֲנָה וְלֹֽא־תֵשֵׁב עוֹד לָנֶצַח וְלֹא תִשְׁכּוֹן עַד־דּוֹר וָדֽוֹר׃ | 39 |
شۇڭا چۆلدىكى جانىۋارلار ۋە چىلبۆرىلەر بىرلىكتە شۇ يەردە تۇرىدۇ؛ شۇ يەردە ھۇۋقۇشلار ماكانلىشىدۇ؛ ئۇ مەڭگۈگە ئادەمزاتسىز بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ ئاھالىلىك بولمايدۇ. |
כְּמַהְפֵּכַת אֱלֹהִים אֶת־סְדֹם וְאֶת־עֲמֹרָה וְאֶת־שְׁכֵנֶיהָ נְאֻם־יְהוָה לֹֽא־יֵשֵׁב שָׁם אִישׁ וְלֹֽא־יָגוּר בָּהּ בֶּן־אָדָֽם׃ | 40 |
خۇدا سودوم ۋە گوموررانى ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىللە ئۆرۈۋەتكىنىدەك، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
הִנֵּה עַם בָּא מִצָּפוֹן וְגוֹי גָּדוֹל וּמְלָכִים רַבִּים יֵעֹרוּ מִיַּרְכְּתֵי־אָֽרֶץ׃ | 41 |
ــ مانا، شىمالدىن بىر خەلق، ئۇلۇغ بىر ئەل چىقىپ كېلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن نۇرغۇن پادىشاھلار قوزغىلىدۇ. |
קֶשֶׁת וְכִידֹן יַחֲזִיקוּ אַכְזָרִי הֵמָּה וְלֹא יְרַחֵמוּ קוֹלָם כַּיָּם יֶהֱמֶה וְעַל־סוּסִים יִרְכָּבוּ עָרוּךְ כְּאִישׁ לַמִּלְחָמָה עָלַיִךְ בַּת־בָּבֶֽל׃ | 42 |
ئۇلار ئوقيا ھەم نەيزىنى تۇتۇپ قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار ۋەھشىي، ھېچ رەھىم كۆرسەتمەيدىغان بولىدۇ؛ ئاتلىرىغا مىنگەندە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى دېڭىزدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار جەڭگە ئاتلاتقان ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ، ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى، ئى بابىل قىزى! |
שָׁמַע מֶֽלֶךְ־בָּבֶל אֶת־שִׁמְעָם וְרָפוּ יָדָיו צָרָה הֶחֱזִיקַתְהוּ חִיל כַּיּוֹלֵדָֽה׃ | 43 |
بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپلا قوللىرى تىترەپ بوشاپ كېتىدۇ؛ غەم-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ، تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ئازابلار ئۇنى بېسىۋالىدۇ. |
הִנֵּה כְּאַרְיֵה יַעֲלֶה מִגְּאוֹן הַיַּרְדֵּן אֶל־נְוֵה אֵיתָן כִּֽי־אַרְגִּעָה ארוצם אֲרִיצֵם מֵֽעָלֶיהָ וּמִי בָחוּר אֵלֶיהָ אֶפְקֹד כִּי מִי כָמוֹנִי וּמִי יוֹעִדֶנִּי וּמִֽי־זֶה רֹעֶה אֲשֶׁר יַעֲמֹד לְפָנָֽי׃ | 44 |
مانا، ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى قويلارنى تارقاتقان بىر شىردەك مەن بابىلدىكىلەرنى بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ |
לָכֵן שִׁמְעוּ עֲצַת־יְהוָה אֲשֶׁר יָעַץ אֶל־בָּבֶל וּמַחְשְׁבוֹתָיו אֲשֶׁר חָשַׁב אֶל־אֶרֶץ כַּשְׂדִּים אִם־לֹא יִסְחָבוּם צְעִירֵי הַצֹּאן אִם־לֹא יַשִּׁים עֲלֵיהֶם נָוֶֽה׃ | 45 |
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ بابىلنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. |
מִקּוֹל נִתְפְּשָׂה בָבֶל נִרְעֲשָׁה הָאָרֶץ וּזְעָקָה בַּגּוֹיִם נִשְׁמָֽע׃ | 46 |
بابىلنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ يەر يۈزى تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ نالە-پەريادى بارلىق ئەللەرگىچە ئاڭلىنىدۇ. |