הַדָּבָר אֲשֶׁר־הָיָה אֶֽל־יִרְמְיָהוּ מֵאֵת יְהוָה וּנְבוּכַדְרֶאצַּר מֶֽלֶךְ־בָּבֶל ׀ וְכָל־חֵילוֹ וְכָל־מַמְלְכוֹת אֶרֶץ מֶמְשֶׁלֶת יָדוֹ וְכָל־הָעַמִּים נִלְחָמִים עַל־יְרוּשָׁלַ͏ִם וְעַל־כָּל־עָרֶיהָ לֵאמֹֽר׃ | 1 |
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، پۈتۈن قوشۇنى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنغان بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە جەڭ قىلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ |
כֹּֽה־אָמַר יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל הָלֹךְ וְאָמַרְתָּ אֶל־צִדְקִיָּהוּ מֶלֶךְ יְהוּדָה וְאָמַרְתָּ אֵלָיו כֹּה אָמַר יְהוָה הִנְנִי נֹתֵן אֶת־הָעִיר הַזֹּאת בְּיַד מֶֽלֶךְ־בָּבֶל וּשְׂרָפָהּ בָּאֵֽשׁ׃ | 2 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زەدەكىيانىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. |
וְאַתָּה לֹא תִמָּלֵט מִיָּדוֹ כִּי תָּפֹשׂ תִּתָּפֵשׂ וּבְיָדוֹ תִּנָּתֵן וְֽעֵינֶיךָ אֶת־עֵינֵי מֶֽלֶךְ־בָּבֶל תִּרְאֶינָה וּפִיהוּ אֶת־פִּיךָ יְדַבֵּר וּבָבֶל תָּבֽוֹא׃ | 3 |
سەن بولساڭ، ئۇنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ بەلكى سەن تۇتۇلۇپ ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ كۆزلىرىگە قارايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىسەن ۋە سەن بابىلغا سۈرگۈن بولۇپ كېتىسەن. |
אַךְ שְׁמַע דְּבַר־יְהוָה צִדְקִיָּהוּ מֶלֶךְ יְהוּדָה כֹּֽה־אָמַר יְהוָה עָלֶיךָ לֹא תָמוּת בֶּחָֽרֶב׃ | 4 |
لېكىن، ئى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ تۇغراڭدا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن؛ |
בְּשָׁלוֹם תָּמוּת וּֽכְמִשְׂרְפוֹת אֲבוֹתֶיךָ הַמְּלָכִים הָרִֽאשֹׁנִים אֲשֶׁר־הָיוּ לְפָנֶיךָ כֵּן יִשְׂרְפוּ־לָךְ וְהוֹי אָדוֹן יִסְפְּדוּ־לָךְ כִּֽי־דָבָר אֲנִֽי־דִבַּרְתִּי נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 5 |
سەن ئامان-تىنچلىقتا ئۆلىسەن؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئۆزۈڭدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ خۇشبۇي ياققاندەك ئۇلار ئوخشاشلا سەن ئۈچۈنمۇ [خۇشبۇي] ياقىدۇ؛ ئۇلار سەن ئۈچۈن: «ئاھ، شاھىم!» دەپ ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق ۋەدە قىلغانمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
וַיְדַבֵּר יִרְמְיָהוּ הַנָּבִיא אֶל־צִדְקִיָּהוּ מֶלֶךְ יְהוּדָה אֵת כָּל־הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה בִּירוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 6 |
ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغا يېرۇسالېمدا ئېيتتى. |
וְחֵיל מֶֽלֶךְ־בָּבֶל נִלְחָמִים עַל־יְרוּשָׁלִַם וְעַל כָּל־עָרֵי יְהוּדָה הַנּֽוֹתָרוֹת אֶל־לָכִישׁ וְאֶל־עֲזֵקָה כִּי הֵנָּה נִשְׁאֲרוּ בְּעָרֵי יְהוּדָה עָרֵי מִבְצָֽר׃ | 7 |
شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدا ۋە يەھۇدادىكى قالغان شەھەرلەردە، يەنى لاقىشتا ۋە ئازىكاھتا جەڭ قىلىۋاتاتتى؛ چۈنكى يەھۇدادىكى مۇستەھكەم شەھەرلەر ئارىسىدىن پەقەت بۇلارلا ئىشغال بولمىغانىدى. |
הַדָּבָר אֲשֶׁר־הָיָה אֶֽל־יִרְמְיָהוּ מֵאֵת יְהוָה אַחֲרֵי כְּרֹת הַמֶּלֶךְ צִדְקִיָּהוּ בְּרִית אֶת־כָּל־הָעָם אֲשֶׁר בִּירֽוּשָׁלִַם לִקְרֹא לָהֶם דְּרֽוֹר׃ | 8 |
پادىشاھ زەدەكىيا [قۇللىرىمىزغا] ئازادلىق جاكارلايلى دەپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئەھدىنى كېسىپ تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى بۇ سۆز يەرەمىياغا كەلدى |
לְשַׁלַּח אִישׁ אֶת־עַבְדּוֹ וְאִישׁ אֶת־שִׁפְחָתוֹ הָעִבְרִי וְהָעִבְרִיָּה חָפְשִׁים לְבִלְתִּי עֲבָד־בָּם בִּיהוּדִי אָחִיהוּ אִֽישׁ׃ | 9 |
(ئەھدە بويىچە ھەربىرى ئۆز ئىبرانىي قۇللىرىنى، ئەر بولسۇن، قىز-ئايال بولسۇن، قويۇۋېتىشى كېرەك ئىدى؛ ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىينى قۇللۇقتا قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى. |
וַיִּשְׁמְעוּ כָל־הַשָּׂרִים וְכָל־הָעָם אֲשֶׁר־בָּאוּ בַבְּרִית לְשַׁלַּח אִישׁ אֶת־עַבְדּוֹ וְאִישׁ אֶת־שִׁפְחָתוֹ חָפְשִׁים לְבִלְתִּי עֲבָד־בָּם עוֹד וַֽיִּשְׁמְעוּ וַיְשַׁלֵּֽחוּ׃ | 10 |
ئەھدىگە قوشۇلغان بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق شۇنىڭغا، يەنى ھەرقايسىمىز ئۆز قۇلى ياكى دېدىكىنى قويۇۋېتەيلى، ئۇلارنى قۇللۇقتا قالدۇرۇۋەرمەيلى دېگەن سۆزىگە بويسۇندى. ئۇلار بويسۇنۇپ ئۇلارنى قويۇۋەتتى. |
וַיָּשׁוּבוּ אַחֲרֵי־כֵן וַיָּשִׁבוּ אֶת־הָֽעֲבָדִים וְאֶת־הַשְּׁפָחוֹת אֲשֶׁר שִׁלְּחוּ חָפְשִׁים ויכבישום וַֽיִּכְבְּשׁוּם לַעֲבָדִים וְלִשְׁפָחֽוֹת׃ | 11 |
لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يولدىن يېنىپ قويۇۋەتكەن قۇل-دېدەكلەرنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالدى. ئۇلار بۇلارنى قايتىدىن مەجبۇرىي قۇل-دېدەك قىلىۋالدى). |
וַיְהִי דְבַר־יְהוָה אֶֽל־יִרְמְיָהוּ מֵאֵת יְהוָה לֵאמֹֽר׃ | 12 |
ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
כֹּֽה־אָמַר יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל אָנֹכִי כָּרַתִּֽי בְרִית אֶת־אֲבוֹתֵיכֶם בְּיוֹם הוֹצִאִי אוֹתָם מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם מִבֵּית עֲבָדִים לֵאמֹֽר׃ | 13 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ئۆيى»دىن چىقارغىنىمدا، ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدىم؛ |
מִקֵּץ שֶׁבַע שָׁנִים תְּֽשַׁלְּחוּ אִישׁ אֶת־אָחִיו הָעִבְרִי אֲשֶֽׁר־יִמָּכֵר לְךָ וַעֲבָֽדְךָ שֵׁשׁ שָׁנִים וְשִׁלַּחְתּוֹ חָפְשִׁי מֵֽעִמָּךְ וְלֹֽא־שָׁמְעוּ אֲבֽוֹתֵיכֶם אֵלַי וְלֹא הִטּוּ אֶת־אָזְנָֽם׃ | 14 |
[شۇ ئەھدە بويىچە] ھەربىرىڭلار يەتتىنچى يىلىدا سىلەرگە ئۆزىنى ساتقان ھەرقايسى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىبرانىي كىشىلىرىنى قويۇۋېتىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاندىن كېيىن، سەن ئۇنى ئازادلىققا قويۇۋېتىشىڭ كېرەك، دېگەنىدىم. لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بۇنى ئاڭلىماي ھېچ قۇلاق سالمىغان. |
וַתָּשֻׁבוּ אַתֶּם הַיּוֹם וַתַּעֲשׂוּ אֶת־הַיָּשָׁר בְּעֵינַי לִקְרֹא דְרוֹר אִישׁ לְרֵעֵהוּ וַתִּכְרְתוּ בְרִית לְפָנַי בַּבַּיִת אֲשֶׁר־נִקְרָא שְׁמִי עָלָֽיו׃ | 15 |
لېكىن سىلەر بولساڭلار، [شۇ يامان يولدىن] يېنىپ، كۆز ئالدىمدا دۇرۇس ئىشنى كۆرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىغا «ئازاد بول» دەپ جاكارلىدىڭلار، شۇنىڭدەك ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە ئەھدە تۈزۈدىڭلار؛ |
וַתָּשֻׁבוּ וַתְּחַלְּלוּ אֶת־שְׁמִי וַתָּשִׁבוּ אִישׁ אֶת־עַבְדּוֹ וְאִישׁ אֶת־שִׁפְחָתוֹ אֲשֶׁר־שִׁלַּחְתֶּם חָפְשִׁים לְנַפְשָׁם וַתִּכְבְּשׁוּ אֹתָם לִֽהְיוֹת לָכֶם לַעֲבָדִים וְלִשְׁפָחֽוֹת׃ | 16 |
لېكىن سىلەر يەنە يېنىپ مېنىڭ نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز رايىغا قويۇۋەتكەن قۇلنى ھەم ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن دېدەكنى قايتۇرۇۋېلىپ قايتىدىن ئۆزۈڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا مەجبۇرلىدىڭلار. |
לָכֵן כֹּה־אָמַר יְהוָה אַתֶּם לֹֽא־שְׁמַעְתֶּם אֵלַי לִקְרֹא דְרוֹר אִישׁ לְאָחִיו וְאִישׁ לְרֵעֵהוּ הִנְנִי קֹרֵא לָכֶם דְּרוֹר נְאֻם־יְהוָה אֶל־הַחֶרֶב אֶל־הַדֶּבֶר וְאֶל־הָרָעָב וְנָתַתִּי אֶתְכֶם לזועה לְזַעֲוָה לְכֹל מַמְלְכוֹת הָאָֽרֶץ׃ | 17 |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىڭلارغا، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ئازاد بولۇڭلار دەپ ھېچ جاكارلىمىدىڭلار؛ مانا، مەن سىلەرگە بىر خىل ئازادلىقنى ــ يەنى قىلىچقا، ۋاباغا ۋە قەھەتچىلىككە بولغان بىر ئازادلىقنى جاكارلايمەن؛ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا بىر ۋەھشەت باسقۇچى قىلىمەن. |
וְנָתַתִּי אֶת־הָאֲנָשִׁים הָעֹֽבְרִים אֶת־בְּרִתִי אֲשֶׁר לֹֽא־הֵקִימוּ אֶת־דִּבְרֵי הַבְּרִית אֲשֶׁר כָּרְתוּ לְפָנָי הָעֵגֶל אֲשֶׁר כָּרְתוּ לִשְׁנַיִם וַיַּעַבְרוּ בֵּין בְּתָרָֽיו׃ | 18 |
شۇنىڭ بىلەن مەن ئەھدەمنى بۇزغان، كۆز ئالدىمدا كېسىپ تۈزگەن ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇلار ئۆزلىرى سويۇپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن ھېلىقى موزايدەك قىلىمەن؛ |
שָׂרֵי יְהוּדָה וְשָׂרֵי יְרוּשָׁלִַם הַסָּֽרִסִים וְהַכֹּהֲנִים וְכֹל עַם הָאָרֶץ הָעֹבְרִים בֵּין בִּתְרֵי הָעֵֽגֶל׃ | 19 |
يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمىرلىرى، ئوردىدىكى ئەلەمدارلار، كاھىنلار، شۇنىڭدەك موزاينىڭ ئىككى پارچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن بارلىق خەلقنى بولسا، |
וְנָתַתִּי אוֹתָם בְּיַד אֹֽיְבֵיהֶם וּבְיַד מְבַקְשֵׁי נַפְשָׁם וְהָיְתָה נִבְלָתָם לְמַֽאֲכָל לְעוֹף הַשָּׁמַיִם וּלְבֶהֱמַת הָאָֽרֶץ׃ | 20 |
مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق بولىدۇ؛ |
וְאֶת־צִדְקִיָּהוּ מֶֽלֶךְ־יְהוּדָה וְאֶת־שָׂרָיו אֶתֵּן בְּיַד אֹֽיְבֵיהֶם וּבְיַד מְבַקְשֵׁי נַפְשָׁם וּבְיַד חֵיל מֶלֶךְ בָּבֶל הָעֹלִים מֵעֲלֵיכֶֽם׃ | 21 |
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا، شۇنداقلا سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن چىكىنىپ تۇرغان بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. |
הִנְנִי מְצַוֶּה נְאֻם־יְהוָה וַהֲשִׁבֹתִים אֶל־הָעִיר הַזֹּאת וְנִלְחֲמוּ עָלֶיהָ וּלְכָדוּהָ וּשְׂרָפֻהָ בָאֵשׁ וְאֶת־עָרֵי יְהוּדָה אֶתֵּן שְׁמָמָה מֵאֵין יֹשֵֽׁב׃ | 22 |
مانا، مەن ئەمر قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ۋە ئۇلار بۇ شەھەر ئالدىغا يەنە كېلىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ۋە مەن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيرانە، ھېچ ئادەمزاتسىز قىلىمەن. |