הַדָּבָר אֲשֶׁר הָיָה אֶֽל־יִרְמְיָהוּ מֵאֵת יְהוָה לֵאמֹֽר׃ | 1 |
بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كېلىپ، مۇنداق دېيىلدى: ــ |
קוּם וְיָרַדְתָּ בֵּית הַיּוֹצֵר וְשָׁמָּה אַשְׁמִֽיעֲךָ אֶת־דְּבָרָֽי׃ | 2 |
«ئورنۇڭدىن تۇر، ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشكىن، مەن ساڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلىتىمەن». |
וָאֵרֵד בֵּית הַיּוֹצֵר והנהו וְהִנֵּה־הוּא עֹשֶׂה מְלָאכָה עַל־הָאָבְנָֽיִם׃ | 3 |
شۇڭا مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇم؛ ۋە مانا، ساپالچى غالتەك ئۈستىدە بىر نەرسىنى ياساۋاتقانىدى. |
וְנִשְׁחַת הַכְּלִי אֲשֶׁר הוּא עֹשֶׂה בַּחֹמֶר בְּיַד הַיּוֹצֵר וְשָׁב וַֽיַּעֲשֵׂהוּ כְּלִי אַחֵר כַּאֲשֶׁר יָשַׁר בְּעֵינֵי הַיּוֹצֵר לַעֲשֽׂוֹת׃ | 4 |
ئۇ سېغىز لايدىن ياساۋاتقان قاچا تۇرۇپ-تۇرۇپ قولى ئاستىدا بۇزۇلاتتى. شۇ چاغدا ساپالچى شۇ لايدىن ئۆزى لايىق كۆرگەن باشقا بىر قاچىنى ياسايتتى. |
וַיְהִי דְבַר־יְהוָה אֵלַי לֵאמֽוֹר׃ | 5 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
הֲכַיּוֹצֵר הַזֶּה לֹא־אוּכַל לַעֲשׂוֹת לָכֶם בֵּית יִשְׂרָאֵל נְאֻם־יְהוָה הִנֵּה כַחֹמֶר בְּיַד הַיּוֹצֵר כֵּן־אַתֶּם בְּיָדִי בֵּית יִשְׂרָאֵֽל׃ | 6 |
«ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ ساپالچى قىلغاندەك مەن ساڭا قىلالمامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ مانا، سېغىز لاينىڭ ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەر مېنىڭ قولۇمدىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى. |
רֶגַע אֲדַבֵּר עַל־גּוֹי וְעַל־מַמְלָכָה לִנְתוֹשׁ וְלִנְתוֹץ וּֽלְהַאֲבִֽיד׃ | 7 |
بەزىدە مەن مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ يۇلۇنۇشى، بۇزۇلۇشى ۋە ھالاك قىلىنىشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ |
וְשָׁב הַגּוֹי הַהוּא מֵרָעָתוֹ אֲשֶׁר דִּבַּרְתִּי עָלָיו וְנִֽחַמְתִּי עַל־הָרָעָה אֲשֶׁר חָשַׁבְתִּי לַעֲשׂוֹת לֽוֹ׃ | 8 |
شۇ چاغ مەن ئاگاھلاندۇرغان شۇ ئەل يامانلىقىدىن توۋا قىلىپ يانسا، مەن ئۇلارغا قىلماقچى بولغان يامانلىقتىن يانىمەن. |
וְרֶגַע אֲדַבֵּר עַל־גּוֹי וְעַל־מַמְלָכָה לִבְנֹת וְלִנְטֹֽעַ׃ | 9 |
مەن يەنە بەزىدە مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈلۈشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ |
וְעָשָׂה הרעה הָרַע בְּעֵינַי לְבִלְתִּי שְׁמֹעַ בְּקוֹלִי וְנִֽחַמְתִּי עַל־הַטּוֹבָה אֲשֶׁר אָמַרְתִּי לְהֵיטִיב אוֹתֽוֹ׃ | 10 |
شۇ چاغ شۇ ئەل كۆز ئالدىمدا يامانلىق قىلىپ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىسا، مەن يەنە ئۇلارغا ۋەدە قىلغان، ئۇلارنى بەرىكەتلىمەكچى بولغان ياخشىلىقتىن يانىمەن. |
וְעַתָּה אֱמָר־נָא אֶל־אִישׁ־יְהוּדָה וְעַל־יוֹשְׁבֵי יְרוּשָׁלִַם לֵאמֹר כֹּה אָמַר יְהוָה הִנֵּה אָנֹכִי יוֹצֵר עֲלֵיכֶם רָעָה וְחֹשֵׁב עֲלֵיכֶם מַֽחֲשָׁבָה שׁוּבוּ נָא אִישׁ מִדַּרְכּוֹ הָֽרָעָה וְהֵיטִיבוּ דַרְכֵיכֶם וּמַעַלְלֵיכֶֽם׃ | 11 |
ئەمدى ھازىر يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە يامانلىق تەييارلاۋاتىمەن، سىلەرگە قارشى بىر پىلان تۈزىۋاتىمەن؛ شۇڭا ھەربىرىڭلار رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىڭلار، يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار. |
וְאָמְרוּ נוֹאָשׁ כִּֽי־אַחֲרֵי מַחְשְׁבוֹתֵינוּ נֵלֵךְ וְאִישׁ שְׁרִרוּת לִבּֽוֹ־הָרָע נַעֲשֶֽׂה׃ | 12 |
ــ لېكىن ئۇلار: «ياق! خام خىيال قىلما! بىز ئۆز پىلانلىرىمىزغا ئەگىشىۋېرىمىز، ئۆز رەزىل كۆڭلىمىزدىكى جاھىللىقىمىز بويىچە قىلىۋېرىمىز» ــ دەيدۇ. |
לָכֵן כֹּה אָמַר יְהוָה שַֽׁאֲלוּ־נָא בַּגּוֹיִם מִי שָׁמַע כָּאֵלֶּה שַֽׁעֲרֻרִת עָשְׂתָה מְאֹד בְּתוּלַת יִשְׂרָאֵֽל׃ | 13 |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەر ئارىسىدىن: «كىم مۇشۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققان؟!» دەپ سوراڭلار. «پاك قىز» ئىسرائىل دەھشەتلىك يىرگىنچلىك ئىشنى قىلغان! |
הֲיַעֲזֹב מִצּוּר שָׂדַי שֶׁלֶג לְבָנוֹן אִם־יִנָּתְשׁוּ מַיִם זָרִים קָרִים נוֹזְלִֽים׃ | 14 |
لىۋان قارلىرى ئايدالادىكى قىيالىقتىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭ يىراقتىن چۈشكەن مۇزدەك سۇلىرى قۇرۇپ كېتەمدۇ؟ |
כִּֽי־שְׁכֵחֻנִי עַמִּי לַשָּׁוְא יְקַטֵּרוּ וַיַּכְשִׁלוּם בְּדַרְכֵיהֶם שְׁבִילֵי עוֹלָם לָלֶכֶת נְתִיבוֹת דֶּרֶךְ לֹא סְלוּלָֽה׃ | 15 |
لېكىن مېنىڭ خەلقىم بولسا مېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىلەرگە خۇشبۇي ياقىدۇ؛ مانا، بۇلار ئۇلارنى ياشاۋاتقان يولىدىن، يەنى قەدىمدىن بولغان يوللاردىن پۇتلاشتۇرۇپ، كۆتۈرۈلۈپ تۈز قىلىنمىغان بىر يولدا ماڭدۇرغان. |
לָשׂוּם אַרְצָם לְשַׁמָּה שרוקת שְׁרִיקוֹת עוֹלָם כֹּל עוֹבֵר עָלֶיהָ יִשֹּׁם וְיָנִיד בְּרֹאשֽׁוֹ׃ | 16 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى دەھشەت بېسىپ، بېشىنى چايقىشىدۇ. |
כְּרֽוּחַ־קָדִים אֲפִיצֵם לִפְנֵי אוֹיֵב עֹרֶף וְלֹֽא־פָנִים אֶרְאֵם בְּיוֹם אֵידָֽם׃ | 17 |
مەن خۇددى شەرقتىن چىققان شامالدەك ئۇلارنى دۈشمەن ئالدىدا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن بالايىئاپەت كۈنىدە ئۇلارغا يۈزۈمنى ئەمەس، بەلكى ئارقامنى قىلىمەن». |
וַיֹּאמְרוּ לְכוּ וְנַחְשְׁבָה עַֽל־יִרְמְיָהוּ מַחֲשָׁבוֹת כִּי לֹא־תֹאבַד תּוֹרָה מִכֹּהֵן וְעֵצָה מֵֽחָכָם וְדָבָר מִנָּבִיא לְכוּ וְנַכֵּהוּ בַלָּשׁוֹן וְאַל־נַקְשִׁיבָה אֶל־כָּל־דְּבָרָֽיו׃ | 18 |
كىشىلەر: «كېلىڭلار، يەرەمىياغا قەست قىلايلى؛ چۈنكى يا كاھىنلاردىن قانۇن-تەربىيە، يا دانىشمەنلەردىن ئەقىل-نەسىھەت يا پەيغەمبەرلەردىن سۆز-بېشارەت كەملىك قىلمايدۇ. كېلىڭلار، تىلىمىزنى بىر قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىغا قۇلاق سالمايلى» ــ دېيىشتى. |
הַקְשִׁיבָה יְהוָה אֵלָי וּשְׁמַע לְקוֹל יְרִיבָֽי׃ | 19 |
ــ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ماڭا قارشىلىشىدىغانلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنى ئاڭلىغايسەن. |
הַיְשֻׁלַּם תַּֽחַת־טוֹבָה רָעָה כִּֽי־כָרוּ שׁוּחָה לְנַפְשִׁי זְכֹר ׀ עָמְדִי לְפָנֶיךָ לְדַבֵּר עֲלֵיהֶם טוֹבָה לְהָשִׁיב אֶת־חֲמָתְךָ מֵהֶֽם׃ | 20 |
ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جېنىم ئۈچۈن ئورا كولىغان؛ مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ، غەزىپىڭنى ئۇلاردىن ياندۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭدا [دۇئا قىلىپ] تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. |
לָכֵן תֵּן אֶת־בְּנֵיהֶם לָרָעָב וְהַגִּרֵם עַל־יְדֵי־חֶרֶב וְתִֽהְיֶנָה נְשֵׁיהֶם שַׁכֻּלוֹת וְאַלְמָנוֹת וְאַנְשֵׁיהֶם יִֽהְיוּ הֲרֻגֵי מָוֶת בַּחוּרֵיהֶם מֻכֵּי־חֶרֶב בַּמִּלְחָמָֽה׃ | 21 |
شۇڭا بالىلىرىڭنى قەھەتچىلىككە تاپشۇرغايسەن، قىلىچنىڭ بىسىغا ئېلىپ بەرگەيسەن؛ ئاياللىرى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ تۇل قالسۇن؛ ئەرلىرى ۋابا-ئۆلۈم بىلەن يوقالسۇن، يىگىتلەر جەڭدە قىلىچلانسۇن. |
תִּשָּׁמַע זְעָקָה מִבָּתֵּיהֶם כִּֽי־תָבִיא עֲלֵיהֶם גְּדוּד פִּתְאֹם כִּֽי־כָרוּ שיחה שׁוּחָה לְלָכְדֵנִי וּפַחִים טָמְנוּ לְרַגְלָֽי׃ | 22 |
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باسمىچىلارنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە ئۆيلىرىدىن نالە-پەرياد ئاڭلانسۇن؛ چۈنكى ئۇلار مېنى تۇتۇشقا ئورا كولىغان، پۇتلىرىم ئۈچۈن قىسماقلارنى يوشۇرۇن سالغان. |
וְאַתָּה יְהוָה יָדַעְתָּ אֶֽת־כָּל־עֲצָתָם עָלַי לַמָּוֶת אַל־תְּכַפֵּר עַל־עֲוֺנָם וְחַטָּאתָם מִלְּפָנֶיךָ אַל־תֶּמְחִי והיו וְיִהְיוּ מֻכְשָׁלִים לְפָנֶיךָ בְּעֵת אַפְּךָ עֲשֵׂה בָהֶֽם׃ | 23 |
ئەمدى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ مېنى قەتل قىلىشقا بولغان قەستلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان بىلىسەن؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭ ئالدىدىن يۇمىغايسەن؛ بەلكى ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا يىقىتىلسۇن؛ غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغايسەن. |