מִי־זֶה ׀ בָּא מֵאֱדוֹם חֲמוּץ בְּגָדִים מִבָּצְרָה זֶה הָדוּר בִּלְבוּשׁוֹ צֹעֶה בְּרֹב כֹּחוֹ אֲנִי מְדַבֵּר בִּצְדָקָה רַב לְהוֹשִֽׁיעַ׃ | 1 |
«بوزراھ شەھىرىدىن چىققان، ئۈستىبېشى قېنىق قىزىل رەڭلىك، كىيىم-كېچەكلىرى قالتىس-كارامەت، زور كۈچ بىلەن قول سېلىپ مېڭىۋاتقان، ئېدومدىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋاتقۇچى كىم؟» «ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن، قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن». |
מַדּוּעַ אָדֹם לִלְבוּשֶׁךָ וּבְגָדֶיךָ כְּדֹרֵךְ בְּגַֽת׃ | 2 |
«ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل، قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟». |
פּוּרָה ׀ דָּרַכְתִּי לְבַדִּי וּמֵֽעַמִּים אֵֽין־אִישׁ אִתִּי וְאֶדְרְכֵם בְּאַפִּי וְאֶרְמְסֵם בַּחֲמָתִי וְיֵז נִצְחָם עַל־בְּגָדַי וְכָל־מַלְבּוּשַׁי אֶגְאָֽלְתִּי׃ | 3 |
«مەن يالغۇز شاراب كۆلچىكىنى چەيلىدىم؛ بار ئەل-يۇرتلاردىن ھېچكىم مەن بىلەن بىللە بولغىنى يوق؛ مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم، قەھرىمدە ئۇلارنى دەسسىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىم ئۈستىگە چاچرىدى؛ مېنىڭ پۈتۈن ئۈستىبېشىم بويالدى؛ |
כִּי יוֹם נָקָם בְּלִבִּי וּשְׁנַת גְּאוּלַי בָּֽאָה׃ | 4 |
چۈنكى قەلبىمگە قىساس كۈنى پۈكۈلگەنىدى، شۇنداقلا مەن ھەمجەمەتلىرىمنى قۇتقۇزىدىغان يىل كەلدى؛ |
וְאַבִּיט וְאֵין עֹזֵר וְאֶשְׁתּוֹמֵם וְאֵין סוֹמֵךְ וַתּוֹשַֽׁע לִי זְרֹעִי וַחֲמָתִי הִיא סְמָכָֽתְנִי׃ | 5 |
مەن قارىسام، ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھېچكىمنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئازابلىنىپ كۆڭلۈم پاراكەندە بولدى؛ شۇڭا ئۆز بىلىكىم ئۆزۈمگە نىجات كەلتۈردى؛ ئۆز قەھرىم بولسا، مېنى قوللاپ ماڭا چىدام بەردى؛ |
וְאָבוּס עַמִּים בְּאַפִּי וַאֲשַׁכְּרֵם בַּחֲמָתִי וְאוֹרִיד לָאָרֶץ נִצְחָֽם׃ | 6 |
شۇنىڭ بىلەن ئەل-يۇرتلارنى غەزىپىمدە دەسسىۋەتكەنمەن، قەھرىمدە ئۇلارنى مەست قىلىۋەتتىم، قانلىرىنى يەرگە تۆكۈۋەتتىم». |
חַֽסְדֵי יְהוָה ׀ אַזְכִּיר תְּהִלֹּת יְהוָה כְּעַל כֹּל אֲשֶׁר־גְּמָלָנוּ יְהוָה וְרַב־טוּב לְבֵית יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר־גְּמָלָם כְּֽרַחֲמָיו וּכְרֹב חֲסָדָֽיו׃ | 7 |
«مەن پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەتلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيەگە لايىق قىلغانلىرى، ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شەپقەتلىرىگە ئاساسەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرى، ئىسرائىل جەمەتىگە ئىلتىپات قىلغان زور ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ |
וַיֹּאמֶר אַךְ־עַמִּי הֵמָּה בָּנִים לֹא יְשַׁקֵּרוּ וַיְהִי לָהֶם לְמוֹשִֽׁיעַ׃ | 8 |
ئۇ ئۇلارنى: ــ «ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان بالىلار» دەپ، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى. |
בְּֽכָל־צָרָתָם ׀ לא לוֹ צָר וּמַלְאַךְ פָּנָיו הֽוֹשִׁיעָם בְּאַהֲבָתוֹ וּבְחֶמְלָתוֹ הוּא גְאָלָם וַֽיְנַטְּלֵם וַֽיְנַשְּׂאֵם כָּל־יְמֵי עוֹלָֽם׃ | 9 |
ئۇلارنىڭ بارلىق دەردلىرىگە ئۇمۇ دەردداش ئىدى؛ «ئۇنىڭ يۈزىدىكى پەرىشتىسى» بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزغان، ئۇ ئۆز مۇھەببىتى ھەم رەھىمدىللىقى بىلەن ئۇلارنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان؛ ئاشۇ قەدىمكى بارلىق كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتىپ كۆتۈرگەن؛ |
וְהֵמָּה מָרוּ וְעִצְּבוּ אֶת־רוּחַ קָדְשׁוֹ וַיֵּהָפֵךְ לָהֶם לְאוֹיֵב הוּא נִלְחַם־בָּֽם׃ | 10 |
بىراق ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازار بەردى؛ شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلدى. |
וַיִּזְכֹּר יְמֵֽי־עוֹלָם מֹשֶׁה עַמּוֹ אַיֵּה ׀ הַֽמַּעֲלֵם מִיָּם אֵת רֹעֵי צֹאנוֹ אַיֵּה הַשָּׂם בְּקִרְבּוֹ אֶת־רוּחַ קָדְשֽׁוֹ׃ | 11 |
بىراق ئۇ: ــ «مۇسا پەيغەمبىرىم! مېنىڭ خەلقىم!» دەپ ئەينى كۈنلەرنى ئەسلەپ توختىدى. ئەمدى ئۆز [پادىسى بولغانلارنى] پادىچىلىرى بىلەن دېڭىزدىن چىقىرىۋالغۇچى قېنى؟ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ قويغۇچى قېنى؟ |
מוֹלִיךְ לִימִין מֹשֶׁה זְרוֹעַ תִּפְאַרְתּוֹ בּוֹקֵֽעַ מַיִם מִפְּנֵיהֶם לַעֲשׂוֹת לוֹ שֵׁם עוֹלָֽם׃ | 12 |
ئۇنىڭ گۈزەل شەرەپلىك بىلىكى مۇسانىڭ ئوڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىگۈچى بولدى، ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر نامنى تىكلەپ، ئۇلار ئالدىدا سۇلارنى بۆلۈۋەتكۈچى، |
מוֹלִיכָם בַּתְּהֹמוֹת כַּסּוּס בַּמִּדְבָּר לֹא יִכָּשֵֽׁלוּ׃ | 13 |
ئۇلارنى دالادا ئەركىن كېزىپ يۈرىدىغان ئاتتەك، ھېچ پۇتلاشتۇرماي ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئۆتكۈزگۈچى قېنى؟ |
כַּבְּהֵמָה בַּבִּקְעָה תֵרֵד רוּחַ יְהוָה תְּנִיחֶנּוּ כֵּן נִהַגְתָּ עַמְּךָ לַעֲשׂוֹת לְךָ שֵׁם תִּפְאָֽרֶת׃ | 14 |
ماللار جىلغىغا ئوتلاشقا چۈشكەندەك، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇلارغا ئارام بەردى؛ سەن ئۆزۈڭ گۈزەل-شەرەپلىك بىر نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەن مۇشۇ يوللار بىلەن خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ. |
הַבֵּט מִשָּׁמַיִם וּרְאֵה מִזְּבֻל קָדְשְׁךָ וְתִפְאַרְתֶּךָ אַיֵּה קִנְאֽ͏ָתְךָ וּגְבוּרֹתֶךָ הֲמוֹן מֵעֶיךָ וְֽרַחֲמֶיךָ אֵלַי הִתְאַפָּֽקוּ׃ | 15 |
ئاھ، ئاسمانلاردىن نەزىرىڭنى چۈشۈرگىن، سېنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىڭ، گۈزەللىك-شەرىپىڭ تۇرغان ماكانىڭدىن [ھالىمىزغا] قاراپ باق! قېنى ئوتلۇق مۇھەببىتىڭ ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭ!؟ ئىچىڭنى ئاغرىتىشلىرىڭ، رەھىمدىللىقلىرىڭ قېنى؟ ئۇلار ماڭا كەلگەندە بېسىلىپ قالدىمۇ؟ |
כִּֽי־אַתָּה אָבִינוּ כִּי אַבְרָהָם לֹא יְדָעָנוּ וְיִשְׂרָאֵל לֹא יַכִּירָנוּ אַתָּה יְהוָה אָבִינוּ גֹּאֲלֵנוּ מֵֽעוֹלָם שְׁמֶֽךָ׃ | 16 |
چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛ سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر. |
לָמָּה תַתְעֵנוּ יְהוָה מִדְּרָכֶיךָ תַּקְשִׁיחַ לִבֵּנוּ מִיִּרְאָתֶךָ שׁוּב לְמַעַן עֲבָדֶיךָ שִׁבְטֵי נַחֲלָתֶֽךָ׃ | 17 |
ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بىزنى يوللىرىڭدىن ئازدۇرغانسەن؟ نېمىشقا ئۆزۈڭدىن قورقۇشتىن ياندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى تاش قىلغانسەن؟! قۇللىرىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىراسىڭ بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن، يېنىمىزغا يېنىپ كەلگەيسەن! |
לַמִּצְעָר יָרְשׁוּ עַם־קָדְשֶׁךָ צָרֵינוּ בּוֹסְסוּ מִקְדָּשֶֽׁךָ׃ | 18 |
مۇقەددەس خەلقىڭ پەقەت ئازغىنە ۋاقىتلا [تەۋەلىكىگە] ئىگە بولالىغان؛ دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى؛ |
הָיִינוּ מֵֽעוֹלָם לֹֽא־מָשַׁלְתָּ בָּם לֹֽא־נִקְרָא שִׁמְךָ עֲלֵיהֶם לוּא־קָרַעְתָּ שָׁמַיִם יָרַדְתָּ מִפָּנֶיךָ הָרִים נָזֹֽלּוּ׃ | 19 |
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇزۇندىن بۇيان سەن ئىدارە قىلىپ باقمىغان، سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتىلىپ باقمىغان بىر خەلقتەك بولۇپ قالدۇق! |