כֹּה־אָמַר יְהוָה לִמְשִׁיחוֹ לְכוֹרֶשׁ אֲשֶׁר־הֶחֱזַקְתִּי בִֽימִינוֹ לְרַד־לְפָנָיו גּוֹיִם וּמָתְנֵי מְלָכִים אֲפַתֵּחַ לִפְתֹּחַ לְפָנָיו דְּלָתַיִם וּשְׁעָרִים לֹא יִסָּגֵֽרוּ׃ | 1 |
پەرۋەردىگار ئۆزى «مەسىھ قىلغىنى»غا، يەنى ئەللەرنى ئۇنىڭغا بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى ئوڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلىگەن قورەشكە مۇنداق دەيدۇ: ــ (بەرھەق، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا پادىشاھلارنىڭ تامبىلىنى يەشتۈرۈپ يالىڭاچلىتىمەن، «قوش قاناتلىق دەرۋازىلار»نى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىپ بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن قوۋۇقلار ئىككىنچى ئېتىلمەيدۇ) ــ |
אֲנִי לְפָנֶיךָ אֵלֵךְ וַהֲדוּרִים אושר אֲיַשֵּׁר דַּלְתוֹת נְחוּשָׁה אֲשַׁבֵּר וּבְרִיחֵי בַרְזֶל אֲגַדֵּֽעַ׃ | 2 |
«مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مېڭىپ ئېگىزلىكلەرنى تۈز قىلىمەن؛ مىس دەرۋازىلارنى چېقىپ تاشلايمەن، تۆمۈر تاقاقلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن؛ |
וְנָתַתִּי לְךָ אוֹצְרוֹת חֹשֶׁךְ וּמַטְמֻנֵי מִסְתָּרִים לְמַעַן תֵּדַע כִּֽי־אֲנִי יְהוָה הַקּוֹרֵא בְשִׁמְךָ אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 3 |
ۋە ساڭا قاراڭغۇلۇقتىكى گۆھەرلەرنى، مەخپىي جايلاردا ساقلانغان يوشۇرۇن بايلىقلارنى بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە ئىسىم قويۇپ سېنى چاقىرغۇچىنى، يەنى مەن پەرۋەردىگارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى دەپ بىلىپ يېتىسەن. |
לְמַעַן עַבְדִּי יַעֲקֹב וְיִשְׂרָאֵל בְּחִירִי וָאֶקְרָא לְךָ בִּשְׁמֶךָ אֲכַנְּךָ וְלֹא יְדַעְתָּֽנִי׃ | 4 |
مەن ئۆز قۇلۇم ياقۇپ، يەنى ئۆز تاللىغىنىم ئىسرائىل ئۈچۈن، ئىسمىڭنى ئۆزۈم قويغان؛ سەن مېنى بىلمىگىنىڭ بىلەن، مەن يەنىلا ساڭا ئىسىم قويدۇم. |
אֲנִי יְהוָה וְאֵין עוֹד זוּלָתִי אֵין אֱלֹהִים אֲאַזֶּרְךָ וְלֹא יְדַעְתָּֽנִי׃ | 5 |
مەن بولسام پەرۋەردىگار، مەندىن باشقا بىرى يوق؛ مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر؛ سەن مېنى تونۇمىغىنىڭ بىلەن، مەن بېلىڭنى باغلاپ چىڭىتتىمكى، |
לְמַעַן יֵדְעוּ מִמִּזְרַח־שֶׁמֶשׁ וּמִמַּעֲרָבָה כִּי־אֶפֶס בִּלְעָדָי אֲנִי יְהוָה וְאֵין עֽוֹד׃ | 6 |
كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن باشقا ھېچقانداق بىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر. |
יוֹצֵר אוֹר וּבוֹרֵא חֹשֶׁךְ עֹשֶׂה שָׁלוֹם וּבוֹרֵא רָע אֲנִי יְהוָה עֹשֶׂה כָל־אֵֽלֶּה׃ | 7 |
نۇرنى شەكىللەندۈرگۈچى، قاراڭغۇلۇقنى ياراتقۇچىدۇرمەن، بەخت-خاتىرجەملىكنى ياسىغۇچى، بالايىئاپەتنى ياراتقۇچىدۇرمەن؛ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». |
הַרְעִיפוּ שָׁמַיִם מִמַּעַל וּשְׁחָקִים יִזְּלוּ־צֶדֶק תִּפְתַּח־אֶרֶץ וְיִפְרוּ־יֶשַׁע וּצְדָקָה תַצְמִיחַ יַחַד אֲנִי יְהוָה בְּרָאתִֽיו׃ | 8 |
ــ «ئى ئاسمانلار، يۇقىرىدىن ياغدۇرۇپ بېرىڭلار، بۇلۇتلارمۇ ھەققانىيلىق تۆكۈپ بەرسۇن؛ يەر-زېمىن ئېچىلسۇن؛ نىجات ھەم ھەققانىيلىق مېۋە بەرسۇن؛ زېمىن ئىككىسىنى تەڭ ئۆستۈرسۇن! مەن، پەرۋەردىگار، بۇنى ياراتماي قويمايمەن». |
הוֹי רָב אֶת־יֹצְרוֹ חֶרֶשׂ אֶת־חַרְשֵׂי אֲדָמָה הֲיֹאמַר חֹמֶר לְיֹֽצְרוֹ מַֽה־תַּעֲשֶׂה וּפָעָלְךָ אֵין־יָדַיִם לֽוֹ׃ | 9 |
ــ «ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغانغا ۋاي! ئۇ يەر-زېمىندىكى چىنە پارچىلىرى ئارىسىدىكى بىر پارچىسى، خالاس! سېغىز لاي ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچى ساپالچىغا: ــ «سەن نېمە ياساۋاتىسەن؟» دېسە، ياكى ياسىغىنىڭ ساڭا: «سېنىڭ قولۇڭ يوق» دېسە بولامدۇ؟ |
הוֹי אֹמֵר לְאָב מַה־תּוֹלִיד וּלְאִשָּׁה מַה־תְּחִילִֽין׃ | 10 |
ئۆز ئاتىسىغا: «سەن نېمە تۇغدۇرماقچى؟» ياكى بىر ئايالغا: ــ «سېنى نېمىنىڭ تولغىقى تۇتتى؟» ــ دەپ سورىغانغا ۋاي! |
כֹּֽה־אָמַר יְהוָה קְדוֹשׁ יִשְׂרָאֵל וְיֹצְרוֹ הָאֹתִיּוֹת שְׁאָלוּנִי עַל־בָּנַי וְעַל־פֹּעַל יָדַי תְּצַוֻּֽנִי׃ | 11 |
ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، يەنى ئۇنى ياسىغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى كەلگۈسى ئىشلار توغرۇلۇق سورىماقچىمۇسىلەر يەنە؟ ئۆز ئوغۇللىرىم توغرۇلۇق، ئۆز قولۇمدا ئىشلىگىنىم توغرۇلۇق ماڭا بۇيرۇق بەرمەكچىمۇسىلەر!؟ |
אָֽנֹכִי עָשִׂיתִי אֶרֶץ וְאָדָם עָלֶיהָ בָרָאתִי אֲנִי יָדַי נָטוּ שָׁמַיִם וְכָל־צְבָאָם צִוֵּֽיתִי׃ | 12 |
مەن پەقەتلا يەر-زېمىننى ياسىغان، ئۇنىڭغا ئىنساننى ياراتقۇچىدۇرمەن، خالاس! ئۆز قولۇم بولسا ئاسمانلارنى كەرگەن؛ ئۇلارنىڭ ساماۋى قوشۇنلىرىنىمۇ سەپكە سالغانمەن. |
אָנֹכִי הַעִירֹתִהֽוּ בְצֶדֶק וְכָל־דְּרָכָיו אֲיַשֵּׁר הֽוּא־יִבְנֶה עִירִי וְגָלוּתִי יְשַׁלֵּחַ לֹא בִמְחִיר וְלֹא בְשֹׁחַד אָמַר יְהוָה צְבָאֽוֹת׃ | 13 |
مەن ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن تۇرغۇزغان، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى تۈز قىلدىم؛ ئۇ بولسا شەھىرىمنى قۇرىدۇ، نە ھەق نە ئىنئام سورىماي ئۇ ماڭا تەۋە بولغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
כֹּה ׀ אָמַר יְהוָה יְגִיעַ מִצְרַיִם וּֽסְחַר־כּוּשׁ וּסְבָאִים אַנְשֵׁי מִדָּה עָלַיִךְ יַעֲבֹרוּ וְלָךְ יִֽהְיוּ אַחֲרַיִךְ יֵלֵכוּ בַּזִּקִּים יַעֲבֹרוּ וְאֵלַיִךְ יִֽשְׁתַּחֲוּוּ אֵלַיִךְ יִתְפַּלָּלוּ אַךְ בָּךְ אֵל וְאֵין עוֹד אֶפֶס אֱלֹהִֽים׃ | 14 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مىسىرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئېفىئوپىيەنىڭ ۋە ئېگىز بويلۇقلار بولغان سېبائىيلارنىڭ ماللىرى ساڭا ئۆتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى سېنىڭكى بولىدۇ، ساڭا ئەگىشىپ ماڭىدۇ؛ ئۆزلىرى كىشەن-زەنجىرلەنگەن پېتى سەن تەرەپكە ئۆتىدۇ، ئۇلار ساڭا باش ئۇرۇپ سەندىن ئىلتىجا بىلەن ئۆتۈنۈپ: ــ «بەرھەق، تەڭرى سەندە تۇرىدۇ، باشقا بىرى يوق، باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. |
אָכֵן אַתָּה אֵל מִסְתַּתֵּר אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל מוֹשִֽׁיעַ׃ | 15 |
«ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، نىجاتكار، دەرھەقىقەت ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى بىر تەڭرىدۇرسەن!». |
בּוֹשׁוּ וְגַֽם־נִכְלְמוּ כֻּלָּם יַחְדָּו הָלְכוּ בַכְּלִמָּה חָרָשֵׁי צִירִֽים׃ | 16 |
ئۇلار ھەممىسى ئىستىسناسىز خىجىل بولۇپ، شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغانلار شەرمەندە بولۇپ، بىرلىكتە كېتىپ قالىدۇ؛ |
יִשְׂרָאֵל נוֹשַׁע בַּיהוָה תְּשׁוּעַת עוֹלָמִים לֹא־תֵבֹשׁוּ וְלֹא־תִכָּלְמוּ עַד־עוֹלְמֵי עַֽד׃ | 17 |
ئىسرائىل بولسا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك نىجات-قۇتۇلۇش بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئەبەدىلئەبەدگىچە خىجىل بولمايسىلەر، ھېچ شەرمەندىچىلىكنى كۆرمەيسىلەر. |
כִּי כֹה אָֽמַר־יְהוָה בּוֹרֵא הַשָּׁמַיִם הוּא הָאֱלֹהִים יֹצֵר הָאָרֶץ וְעֹשָׂהּ הוּא כֽוֹנְנָהּ לֹא־תֹהוּ בְרָאָהּ לָשֶׁבֶת יְצָרָהּ אֲנִי יְהוָה וְאֵין עֽוֹד׃ | 18 |
چۈنكى ئاسمانلارنى ياراتقان، يەر-زېمىننى شەكىللەندۈرۈپ ياسىغان، ئۇنى مەزمۇت قىلغان خۇدا بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇ ئۇنى قۇرۇق-مەنىسىز بولۇشقا ئەمەس، بەلكى ئادەمزاتنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشقا ياراتقانىدى) «مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر؛ |
לֹא בַסֵּתֶר דִּבַּרְתִּי בִּמְקוֹם אֶרֶץ חֹשֶׁךְ לֹא אָמַרְתִּי לְזֶרַע יַעֲקֹב תֹּהוּ בַקְּשׁוּנִי אֲנִי יְהוָה דֹּבֵר צֶדֶק מַגִּיד מֵישָׁרִֽים׃ | 19 |
ــ مەن مەخپىي ھالدا ياكى زېمىندىكى بىرەر قاراڭغۇ جايدا سۆز قىلغان ئەمەسمەن؛ مەن ياقۇپقا: «مېنى ئىزدىشىڭلار بىھۇدىلىك» دېگەن ئەمەسمەن؛ مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن، تۈز گەپ قىلىمەن؛ |
הִקָּבְצוּ וָבֹאוּ הִֽתְנַגְּשׁוּ יַחְדָּו פְּלִיטֵי הַגּוֹיִם לֹא יָדְעוּ הַנֹּֽשְׂאִים אֶת־עֵץ פִּסְלָם וּמִתְפַּלְלִים אֶל־אֵל לֹא יוֹשִֽׁיעַ׃ | 20 |
يىغىلىڭلار، كېلىڭلار؛ ئى ئەللەردىن قاچقانلار، جەم بولۇپ ماڭا يېقىنلىشىڭلار؛ ئۆزى ئويغان بۇتنى كۆتۈرۈپ، ھېچ قۇتقۇزالمايدىغان بىر «ئىلاھ»قا دۇئا قىلىپ يۈرىدىغانلارنىڭ بولسا ھېچ بىلىمى يوقتۇر. |
הַגִּידוּ וְהַגִּישׁוּ אַף יִֽוָּעֲצוּ יַחְדָּו מִי הִשְׁמִיעַ זֹאת מִקֶּדֶם מֵאָז הִגִּידָהּ הֲלוֹא אֲנִי יְהוָה וְאֵֽין־עוֹד אֱלֹהִים מִבַּלְעָדַי אֵֽל־צַדִּיק וּמוֹשִׁיעַ אַיִן זוּלָתִֽי׃ | 21 |
ئەمدى ئۇلار ئۆز گەپلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېقىن كەلسۇن؛ مەيلى، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ باقسۇن! كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟ كىم ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى بايان قىلغان؟ ئۇ مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ دەرۋەقە، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ھەم ئادىل خۇدا ھەم قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر. |
פְּנוּ־אֵלַי וְהִוָּשְׁעוּ כָּל־אַפְסֵי־אָרֶץ כִּי אֲנִי־אֵל וְאֵין עֽוֹד׃ | 22 |
ئى يەر-زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىدىكىلەر، ماڭا تەلپۈنۈپ قۇتقۇزۇلۇڭلار! چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا ھېچبىرى يوقتۇر؛ |
בִּי נִשְׁבַּעְתִּי יָצָא מִפִּי צְדָקָה דָּבָר וְלֹא יָשׁוּב כִּי־לִי תִּכְרַע כָּל־בֶּרֶךְ תִּשָּׁבַע כָּל־לָשֽׁוֹן׃ | 23 |
مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەن، مۇشۇ سۆز ھەققانىيلىق بىلەن ئاغزىمدىن چىقتى، ھەرگىز قايتمايدۇ: ــ «ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار ماڭا [ئىتائەت ئىچىدە] قەسەم ئىچىدۇ». |
אַךְ בַּיהוָה לִי אָמַר צְדָקוֹת וָעֹז עָדָיו יָבוֹא וְיֵבֹשׁוּ כֹּל הַנֶּחֱרִים בּֽוֹ׃ | 24 |
شۇ چاغدا: «ھەققانىيلىق ۋە كۈچ بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىدۇر» ــ دېيىلىدۇ، كىشىلەر دەل ئۇنىڭلا قېشىغا كېلىدۇ؛ غالجىرلىشىپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ. |
בַּיהוָה יִצְדְּקוּ וְיִֽתְהַלְלוּ כָּל־זֶרַע יִשְׂרָאֵֽל׃ | 25 |
ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ۋە ئۇلار ئۇنى داڭلىشىدۇ. |