מַשָּׂא צֹר הֵילִילוּ ׀ אֳנִיּוֹת תַּרְשִׁישׁ כִּֽי־שֻׁדַּד מִבַּיִת מִבּוֹא מֵאֶרֶץ כִּתִּים נִגְלָה־לָֽמוֹ׃ | 1 |
تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ــ ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇ خاراب قىلىندى، شۇ يەردە ئۆي يوق، پورتمۇ يوق. سېپرۇس ئارىلىدىن بۇ خەۋەر [كېمىدىكىلەر]گە ئايان قىلىنىدۇ. |
דֹּמּוּ יֹשְׁבֵי אִי סֹחֵר צִידוֹן עֹבֵר יָם מִלְאֽוּךְ׃ | 2 |
زىدوندىكى سودىگەرلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىلەرنى تەمىنلەپ كەلدى، ئى ئارالدىكىلەر، ئەمدى شۈك بولۇڭلار! |
וּבְמַיִם רַבִּים זֶרַע שִׁחֹר קְצִיר יְאוֹר תְּבֽוּאָתָהּ וַתְּהִי סְחַר גּוֹיִֽם׃ | 3 |
شىھوردىكى بىپايان سۇلار ئۈستىدىن يۆتكىگەن دانلار، يەنى نىل دەرياسىنىڭ ھوسۇلى تۇرنىڭ دارامىتى بولغانىدى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بازىرى بولغانىدى! |
בּוֹשִׁי צִידוֹן כִּֽי־אָמַר יָם מָעוֹז הַיָּם לֵאמֹר לֹֽא־חַלְתִּי וְלֹֽא־יָלַדְתִּי וְלֹא גִדַּלְתִּי בַּחוּרִים רוֹמַמְתִּי בְתוּלֽוֹת׃ | 4 |
ئى زىدون، خىجالەت بول، چۈنكى دېڭىز ــ يەنى تۇرغا قورغان بولغان دېڭىز دەيدۇكى: ــ «مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم، يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!» |
כַּֽאֲשֶׁר־שֵׁמַע לְמִצְרָיִם יָחִילוּ כְּשֵׁמַע צֹֽר׃ | 5 |
مۇشۇ خەۋەر مىسىرغا يەتكەندە، ئۇلارمۇ بۇ خەۋەر خۇددى تۇرغا كەلگەندەك قاتتىق ئازابلىنىدۇ. |
עִבְרוּ תַּרְשִׁישָׁה הֵילִילוּ יֹשְׁבֵי אִֽי׃ | 6 |
ــ سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار! ئى دېڭىز بويىدىكىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! |
הֲזֹאת לָכֶם עַלִּיזָה מִֽימֵי־קֶדֶם קַדְמָתָהּ יֹבִלוּהָ רַגְלֶיהָ מֵֽרָחוֹק לָגֽוּר׃ | 7 |
سىلەرنىڭ قەدىم ئەييامدىن بار بولغان، شاد-خۇراملىققا تولغان شەھىرىڭلار مۇشۇمۇ؟! مانا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ! |
מִי יָעַץ זֹאת עַל־צֹר הַמַּֽעֲטִירָה אֲשֶׁר סֹחֲרֶיה שָׂרִים כִּנְעָנֶיהָ נִכְבַּדֵּי־אָֽרֶץ׃ | 8 |
تاجلارنى ئىلتىپات قىلغۇچى بولغان، سودىگەرلىرى ئەمىرلەر بولغان، دەللاللىرى جاھاندا ئابرۇيلۇقلار ھېسابلانغان تۇرنىڭ بۇ تەغدىرىنى كىم بېكىتكەن؟ |
יְהוָה צְבָאוֹת יְעָצָהּ לְחַלֵּל גְּאוֹן כָּל־צְבִי לְהָקֵל כָּל־נִכְבַּדֵּי־אָֽרֶץ׃ | 9 |
ــ بۇلارنى بېكىتكۈچى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگاردۇر! مەقسىتى بولسا شان-شۆھرەتتىن كېلىپ چىققان جىمى تەكەببۇرلۇقنى رەسۋا قىلىش، جاھاندىكى جىمىكى يۈز-ئابرۇيلۇقلارنى پەسلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت! |
עִבְרִי אַרְצֵךְ כַּיְאֹר בַּת־תַּרְשִׁישׁ אֵין מֵזַח עֽוֹד׃ | 10 |
تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا! چۈنكى [تۇردىن] كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق. |
יָדוֹ נָטָה עַל־הַיָּם הִרְגִּיז מַמְלָכוֹת יְהוָה צִוָּה אֶל־כְּנַעַן לַשְׁמִד מָעֻזְנֶֽיהָ׃ | 11 |
چۈنكى پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىز ئۈستىگە ئۇزىتىپ، دۆلەتلەرنى تەۋرىتىدۇ. ئۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، ئۇنىڭدىكى قەلئە-قورغانلارنى يوقۇتۇلسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرگەن. |
וַיֹּאמֶר לֹֽא־תוֹסִיפִי עוֹד לַעְלוֹז הַֽמְעֻשָּׁקָה בְּתוּלַת בַּת־צִידוֹן כתיים כִּתִּים קוּמִי עֲבֹרִי גַּם־שָׁם לֹא־יָנוּחַֽ לָֽךְ׃ | 12 |
ۋە: ــ «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى، سەن ئىككىنچى ھېچ تەنتەنە قىلمايسەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سېپرۇس ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتكىن، ھەتتا شۇ يەردە سەن ھېچ ئارام تاپمايسەن» ــ دېدى. |
הֵן ׀ אֶרֶץ כַּשְׂדִּים זֶה הָעָם לֹא הָיָה אַשּׁוּר יְסָדָהּ לְצִיִּים הֵקִימוּ בחיניו בַחוּנָיו עֹרְרוּ אַרְמְנוֹתֶיהָ שָׂמָהּ לְמַפֵּלָֽה׃ | 13 |
قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى! بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛ ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان؛ پوتەيلەرنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ساراي-ئوردىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. |
הֵילִילוּ אֳנִיּוֹת תַּרְשִׁישׁ כִּי שֻׁדַּד מָעֻזְּכֶֽן׃ | 14 |
ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى قورغىنىڭلار خاراب قىلىندى. |
וְהָיָה בַּיּוֹם הַהוּא וְנִשְׁכַּחַת צֹר שִׁבְעִים שָׁנָה כִּימֵי מֶלֶךְ אֶחָד מִקֵּץ שִׁבְעִים שָׁנָה יִהְיֶה לְצֹר כְּשִׁירַת הַזּוֹנָֽה׃ | 15 |
ۋە شۇ كۈنى بولىدۇكى، پادىشاھنىڭ كۈنلەرنى ھېسابلىغىنىدەك، تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ. يەتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرنىڭ ئەھۋالى پاھىشە ئايالنىڭ ناخشىسىدەك بولىدۇ؛ |
קְחִי כִנּוֹר סֹבִּי עִיר זוֹנָה נִשְׁכָּחָה הֵיטִיבִי נַגֵּן הַרְבִּי־שִׁיר לְמַעַן תִּזָּכֵֽרִי׃ | 16 |
چىلتارنى ئېلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ يۈر، ئى ئۇنتۇلغان پاھىشە ئايال! ئۆزۈڭگە يەنە خەقنىڭ دىققىتىنى تارتاي دېسەڭ، يېقىملىق بىر پەدە چېلىپ، كۆپرەك ناخشىلارنى ئېيت! |
וְהָיָה מִקֵּץ ׀ שִׁבְעִים שָׁנָה יִפְקֹד יְהוָה אֶת־צֹר וְשָׁבָה לְאֶתְנַנָּה וְזָֽנְתָה אֶת־כָּל־מַמְלְכוֹת הָאָרֶץ עַל־פְּנֵי הָאֲדָמָֽה׃ | 17 |
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، پەرۋەردىگار تۇرنى يوقلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئۆزىنى ئىجارىگە بېرىپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلار بىلەن يەنە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ |
וְהָיָה סַחְרָהּ וְאֶתְנַנָּהּ קֹדֶשׁ לַֽיהוָה לֹא יֵֽאָצֵר וְלֹא יֵֽחָסֵן כִּי לַיֹּשְׁבִים לִפְנֵי יְהוָה יִֽהְיֶה סַחְרָהּ לֶאֱכֹל לְשָׂבְעָה וְלִמְכַסֶּה עָתִֽיק׃ | 18 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ؛ ئۇ خەزىنىگە سېلىنمايدۇ ياكى توپلانمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇشۇ سودىسى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن ئايرىم قىلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. |