הוֹי אֶרֶץ צִלְצַל כְּנָפָיִם אֲשֶׁר מֵעֵבֶר לְנַֽהֲרֵי־כֽוּשׁ׃ | 1 |
ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن! ــ سەن قومۇش كېمىلەر ئۈستىدە ئەلچىلەرنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەۋەتىسەن؛ ــ ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر، ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە، يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر مىللەتكە، زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە [قايتىپ] بېرىڭلار! |
הַשֹּׁלֵחַ בַּיָּם צִירִים וּבִכְלֵי־גֹמֶא עַל־פְּנֵי־מַיִם לְכוּ ׀ מַלְאָכִים קַלִּים אֶל־גּוֹי מְמֻשָּׁךְ וּמוֹרָט אֶל־עַם נוֹרָא מִן־הוּא וָהָלְאָה גּוֹי קַו־קָו וּמְבוּסָה אֲשֶׁר־בָּזְאוּ נְהָרִים אַרְצֽוֹ׃ | 2 |
כָּל־יֹשְׁבֵי תֵבֵל וְשֹׁכְנֵי אָרֶץ כִּנְשֹׂא־נֵס הָרִים תִּרְאוּ וְכִתְקֹעַ שׁוֹפָר תִּשְׁמָֽעוּ׃ | 3 |
جاھاندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، جىمىكى يەر يۈزىدىكىلەر! تاغلاردا بىر تۇغ كۆتۈرۈلگەندىلا، كۆرۈڭلار! كاناي چېلىنغاندىلا، ئاڭلاڭلار! |
כִּי כֹה אָמַר יְהוָה אֵלַי אשקוטה אֶשְׁקֳטָה וְאַבִּיטָה בִמְכוֹנִי כְּחֹם צַח עֲלֵי־אוֹר כְּעָב טַל בְּחֹם קָצִֽיר׃ | 4 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن، نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك، ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك، ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن؛ |
כִּֽי־לִפְנֵי קָצִיר כְּתָם־פֶּרַח וּבֹסֶר גֹּמֵל יִֽהְיֶה נִצָּה וְכָרַת הַזַּלְזַלִּים בַּמַּזְמֵרוֹת וְאֶת־הַנְּטִישׁוֹת הֵסִיר הֵתַֽז׃ | 5 |
چۈنكى ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا، ئۈزۈم چېچەكلىگەندىن كېيىن، چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا، ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ، ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ. |
יֵעָזְבוּ יַחְדָּו לְעֵיט הָרִים וּֽלְבֶהֱמַת הָאָרֶץ וְקָץ עָלָיו הָעַיִט וְכָל־בֶּהֱמַת הָאָרֶץ עָלָיו תֶּחֱרָֽף׃ | 6 |
ئۇلار يىغىشتۇرۇلۇپ تاغدىكى ئالغۇر قۇشلارغا، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا قالدۇرۇلىدۇ. ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. |
בָּעֵת הַהִיא יֽוּבַל־שַׁי לַיהוָה צְבָאוֹת עַם מְמֻשָּׁךְ וּמוֹרָט וּמֵעַם נוֹרָא מִן־הוּא וָהָלְאָה גּוֹי ׀ קַו־קָו וּמְבוּסָה אֲשֶׁר בָּזְאוּ נְהָרִים אַרְצוֹ אֶל־מְקוֹם שֵׁם־יְהוָה צְבָאוֹת הַר־צִיּֽוֹן׃ | 7 |
شۇ كۈنىدە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ يەنى ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر مىللەتتىن، يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر ئەلدىن، زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر مىللەتتىن بېرىلىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا، يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. |