הַמַּשָׂא אֲשֶׁר חָזָה חֲבַקּוּק הַנָּבִֽיא׃ | 1 |
ھاباككۇك پەيغەمبەر كۆرگەن، ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ |
עַד־אָנָה יְהוָה שִׁוַּעְתִּי וְלֹא תִשְׁמָע אֶזְעַק אֵלֶיךָ חָמָס וְלֹא תוֹשִֽׁיעַ׃ | 2 |
ئاھ پەرۋەردىگار، قاچانغىچە مەن ساڭا نىدا قىلىمەن، سەن ئاڭلىمايسەن؟ مەن ساڭا: «زۇلۇم-زوراۋانلىق!» دەپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، بىراق سەن قۇتقۇزمايسەن. |
לָמָּה תַרְאֵנִי אָוֶן וְעָמָל תַּבִּיט וְשֹׁד וְחָמָס לְנֶגְדִּי וַיְהִי רִיב וּמָדוֹן יִשָּֽׂא׃ | 3 |
سەن نېمىشقا ماڭا قەبىھلىكنى كۆرگۈزىسەن، نېمىشقا جاپا-زۇلۇمغا قاراپ تۇرىسەن؟ چۈنكى بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق كۆز ئالدىمدىدۇر؛ جەڭگى-جېدەللەر بار، دەۋالار كۆپەيمەكتە. |
עַל־כֵּן תָּפוּג תּוֹרָה וְלֹֽא־יֵצֵא לָנֶצַח מִשְׁפָּט כִּי רָשָׁע מַכְתִּיר אֶת־הַצַּדִּיק עַל־כֵּן יֵצֵא מִשְׁפָּט מְעֻקָּֽל׃ | 4 |
شۇڭا قانۇن پالەچ بولۇپ قالدى، ئادالەت مەيدانغا ھېچ چىقمايدۇ؛ چۈنكى رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى قىستىماقتا؛ شۇڭا ھۆكۈملەر بۇرمىلىنىپ چىقىرىلىدۇ. |
רְאוּ בַגּוֹיִם וְֽהַבִּיטוּ וְהִֽתַּמְּהוּ תְּמָהוּ כִּי־פֹעַל פֹּעֵל בִּֽימֵיכֶם לֹא תַאֲמִינוּ כִּי יְסֻפָּֽר׃ | 5 |
ئەللەر ئارىسىدا بولىدىغان بىر ئىشنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئوبدان قاراڭلار، ھەيرانۇھەس قېلىڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، بىرسى سىلەرگە بايان قىلغان تەغدىردىمۇ سىلەر ئىشەنمەيتتىڭلار. |
כִּֽי־הִנְנִי מֵקִים אֶת־הַכַּשְׂדִּים הַגּוֹי הַמַּר וְהַנִּמְהָר הַֽהוֹלֵךְ לְמֶרְחֲבֵי־אֶרֶץ לָרֶשֶׁת מִשְׁכָּנוֹת לֹּא־לֽוֹ׃ | 6 |
چۈنكى مانا، مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن؛ ئەسلى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس ماكانلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ؛ |
אָיֹם וְנוֹרָא הוּא מִמֶּנּוּ מִשְׁפָּטוֹ וּשְׂאֵתוֹ יֵצֵֽא׃ | 7 |
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ؛ |
וְקַלּוּ מִנְּמֵרִים סוּסָיו וְחַדּוּ מִזְּאֵבֵי עֶרֶב וּפָשׁוּ פָּֽרָשָׁיו וּפָֽרָשָׁיו מֵרָחוֹק יָבֹאוּ יָעֻפוּ כְּנֶשֶׁר חָשׁ לֶאֱכֽוֹל׃ | 8 |
ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزلاردىن ئىتتىك، كەچتە ئوۋغا چىقىدىغان بۆرىلەردىن ئەشەددىيدۇر؛ ئاتلىق لەشكەرلەر ئاتلىرىنى مەغرۇرانە چاپچىتىدۇ؛ ئاتلىق لەشكەرلەر يىراقتىن كېلىدۇ، ئۇلار ئوۋغا شۇڭغۇغان بۈركۈتتەك ئۇچۇپ يۈرىدۇ. |
כֻּלֹּה לְחָמָס יָבוֹא מְגַמַּת פְּנֵיהֶם קָדִימָה וַיֶּאֱסֹף כַּחוֹל שֶֽׁבִי׃ | 9 |
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇم-زوراۋانلىققا كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ، ئەسىرلەرنى قۇمدەك كۆپ يىغىدۇ. |
וְהוּא בַּמְּלָכִים יִתְקַלָּס וְרֹזְנִים מִשְׂחָק לוֹ הוּא לְכָל־מִבְצָר יִשְׂחָק וַיִּצְבֹּר עָפָר וַֽיִּלְכְּדָֽהּ׃ | 10 |
بەرھەق، ئۇ پادىشاھلارنى مازاق قىلىدۇ، ئەمىرلەرنىمۇ نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ. |
אָז חָלַף רוּחַ וַֽיַּעֲבֹר וְאָשֵׁם זוּ כֹחוֹ לֵאלֹהֽוֹ׃ | 11 |
شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىگە ئىلاھ بولۇپ سانىلىدۇ. |
הֲלוֹא אַתָּה מִקֶּדֶם יְהוָה אֱלֹהַי קְדֹשִׁי לֹא נָמוּת יְהוָה לְמִשְׁפָּט שַׂמְתּוֹ וְצוּר לְהוֹכִיחַ יְסַדְתּֽוֹ׃ | 12 |
سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچى ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىم؟ بىز ئۆلمەيمىز، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن؛ سەن، ئى قورام تاش بولغۇچى، ئۇنى [بىزگە] ئىبرەت قىلىپ تۈزىتىشكە بەلگىلىگەنسەن. |
טְהוֹר עֵינַיִם מֵרְאוֹת רָע וְהַבִּיט אֶל־עָמָל לֹא תוּכָל לָמָּה תַבִּיט בּֽוֹגְדִים תַּחֲרִישׁ בְּבַלַּע רָשָׁע צַדִּיק מִמֶּֽנּוּ׃ | 13 |
سېنىڭ كۆزۈڭ شۇنچە غۇبارسىز ئىدىكى، رەزىللىككە قاراپ تۇرمايتتىڭ؛ ئەمدى نېمىشقا سەن مۇناپىقلىق قىلغانلارغا قاراپ تۇرىسەن، رەزىللەر ئۆزىدىن ئادىل بولغان كىشىنى يۇتۇۋالغىنىدا، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسەن؟ |
וַתַּעֲשֶׂה אָדָם כִּדְגֵי הַיָּם כְּרֶמֶשׂ לֹא־מֹשֵׁל בּֽוֹ׃ | 14 |
سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن؛ |
כֻּלֹּה בְּחַכָּה הֵֽעֲלָה יְגֹרֵהוּ בְחֶרְמוֹ וְיַאַסְפֵהוּ בְּמִכְמַרְתּוֹ עַל־כֵּן יִשְׂמַח וְיָגִֽיל׃ | 15 |
شۇ [كالدىي كىشى] ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۆز تورى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ، ئۇلارنى يىغما تورىغا يىغىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ؛ |
עַל־כֵּן יְזַבֵּחַ לְחֶרְמוֹ וִֽיקַטֵּר לְמִכְמַרְתּוֹ כִּי בָהֵמָּה שָׁמֵן חֶלְקוֹ וּמַאֲכָלוֹ בְּרִאָֽה׃ | 16 |
ۋە تورىغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، يىغما تورىغا ئىسرىق سالىدۇ، چۈنكى شۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نېسىۋىسى مول، نېمەتلىرى لەززەتلىك بولدى. |
הַעַל כֵּן יָרִיק חֶרְמוֹ וְתָמִיד לַהֲרֹג גּוֹיִם לֹא יַחְמֽוֹל׃ | 17 |
ئەمدى ئۇ شۇ تەرىقىدە تورىنى توختاۋسىز بوشىتىۋەرسە، شۇ تەرىقىدە ئەللەرنى ھېچ رەھىم قىلماي قىرىۋەرسە بولامدۇ؟ |