וַיְכֻלּוּ הַשָּׁמַיִם וְהָאָרֶץ וְכָל־צְבָאָֽם׃ | 1 |
شۇنداق قىلىپ ئاسمان بىلەن زېمىن، پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يارىتىلىپ بولدى. |
וַיְכַל אֱלֹהִים בַּיּוֹם הַשְּׁבִיעִי מְלַאכְתּוֹ אֲשֶׁר עָשָׂה וַיִּשְׁבֹּת בַּיּוֹם הַשְּׁבִיעִי מִכָּל־מְלַאכְתּוֹ אֲשֶׁר עָשָֽׂה׃ | 2 |
خۇدا يەتتىنچى كۈنىگىچە قىلىدىغان ئىشىنى تاماملىدى. ئۇ يەتتىنچى كۈنى بارلىق يارىتىش ئىشىنى توختىتىپ ئارام ئالدى. |
וַיְבָרֶךְ אֱלֹהִים אֶת־יוֹם הַשְּׁבִיעִי וַיְקַדֵּשׁ אֹתוֹ כִּי בוֹ שָׁבַת מִכָּל־מְלַאכְתּוֹ אֲשֶׁר־בָּרָא אֱלֹהִים לַעֲשֽׂוֹת׃ | 3 |
يەتتىنچى كۈنى خۇدا بارلىق يارىتىش ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى. |
אֵלֶּה תוֹלְדוֹת הַשָּׁמַיִם וְהָאָרֶץ בְּהִבָּֽרְאָם בְּיוֹם עֲשׂוֹת יְהוָה אֱלֹהִים אֶרֶץ וְשָׁמָֽיִם׃ | 4 |
پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنىدە، ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق: ــ |
וְכֹל ׀ שִׂיחַ הַשָּׂדֶה טֶרֶם יִֽהְיֶה בָאָרֶץ וְכָל־עֵשֶׂב הַשָּׂדֶה טֶרֶם יִצְמָח כִּי לֹא הִמְטִיר יְהוָה אֱלֹהִים עַל־הָאָרֶץ וְאָדָם אַיִן לַֽעֲבֹד אֶת־הֽ͏ָאֲדָמָֽה׃ | 5 |
زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. |
וְאֵד יַֽעֲלֶה מִן־הָאָרֶץ וְהִשְׁקָה אֶֽת־כָּל־פְּנֵֽי־הָֽאֲדָמָֽה׃ | 6 |
لېكىن يەردىن بۇلاق سۈيى چىقىپ، تامام يەر يۈزىنى سۇغاردى. |
וַיִּיצֶר יְהוָה אֱלֹהִים אֶת־הָֽאָדָם עָפָר מִן־הָאֲדָמָה וַיִּפַּח בְּאַפָּיו נִשְׁמַת חַיִּים וַֽיְהִי הָֽאָדָם לְנֶפֶשׁ חַיָּֽה׃ | 7 |
ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى. |
וַיִּטַּע יְהוָה אֱלֹהִים גַּן־בְּעֵדֶן מִקֶּדֶם וַיָּשֶׂם שָׁם אֶת־הָֽאָדָם אֲשֶׁר יָצָֽר׃ | 8 |
ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا مەشرىق تەرەپتە ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بىنا قىلىپ، ياسىغان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. |
וַיַּצְמַח יְהוָה אֱלֹהִים מִן־הָאֲדָמָה כָּל־עֵץ נֶחְמָד לְמַרְאֶה וְטוֹב לְמַאֲכָל וְעֵץ הַֽחַיִּים בְּתוֹךְ הַגָּן וְעֵץ הַדַּעַת טוֹב וָרָֽע׃ | 9 |
پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، [مېۋىلىرى] يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى. |
וְנָהָר יֹצֵא מֵעֵדֶן לְהַשְׁקוֹת אֶת־הַגָּן וּמִשָּׁם יִפָּרֵד וְהָיָה לְאַרְבָּעָה רָאשִֽׁים׃ | 10 |
باغنى سۇغىرىشقا ئېرەمدىن بىر دەريا ئېقىپ چىقتى؛ ئاندىن بۆلۈنۈپ، تۆت ئېقىن بولدى. |
שֵׁם הָֽאֶחָד פִּישׁוֹן הוּא הַסֹּבֵב אֵת כָּל־אֶרֶץ הַֽחֲוִילָה אֲשֶׁר־שָׁם הַזָּהָֽב׃ | 11 |
بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. |
וּֽזֲהַב הָאָרֶץ הַהִוא טוֹב שָׁם הַבְּדֹלַח וְאֶבֶן הַשֹּֽׁהַם׃ | 12 |
بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ئېسىل ئىدى؛ شۇ يەردە پۇراقلىق دېۋىرقاي بىلەن ئاق ھېقىقمۇ چىقىدۇ. |
וְשֵֽׁם־הַנָּהָר הַשֵּׁנִי גִּיחוֹן הוּא הַסּוֹבֵב אֵת כָּל־אֶרֶץ כּֽוּשׁ׃ | 13 |
ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىھون بولۇپ، پۈتكۈل كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. |
וְשֵׁם הַנָּהָר הַשְּׁלִישִׁי חִדֶּקֶל הוּא הַֽהֹלֵךְ קִדְמַת אַשּׁוּר וְהַנָּהָר הָֽרְבִיעִי הוּא פְרָֽת׃ | 14 |
ئۈچىنچى دەريانىڭ نامى دىجلە بولۇپ، ئاشۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تۆتىنچى دەريانىڭ نامى ئەفرات ئىدى. |
וַיִּקַּח יְהוָה אֱלֹהִים אֶת־הָֽאָדָם וַיַּנִּחֵהוּ בְגַן־עֵדֶן לְעָבְדָהּ וּלְשָׁמְרָֽהּ׃ | 15 |
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېلىپ ئېرەم بېغىغا ئىشلەپ، پەرۋىش قىلسۇن دەپ ئۇنى شۇ يەرگە قويۇپ قويدى. |
וַיְצַו יְהוָה אֱלֹהִים עַל־הָֽאָדָם לֵאמֹר מִכֹּל עֵֽץ־הַגָּן אָכֹל תֹּאכֵֽל׃ | 16 |
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: باغدىكى ھەربىر دەرەخ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭچە يە؛ |
וּמֵעֵץ הַדַּעַת טוֹב וָרָע לֹא תֹאכַל מִמֶּנּוּ כִּי בְּיוֹם אֲכָלְךָ מִמֶּנּוּ מוֹת תָּמֽוּת׃ | 17 |
ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר יְהוָה אֱלֹהִים לֹא־טוֹב הֱיוֹת הָֽאָדָם לְבַדּוֹ אֽ͏ֶעֱשֶׂהּ־לּוֹ עֵזֶר כְּנֶגְדּֽוֹ׃ | 18 |
ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى. |
וַיִּצֶר יְהוָה אֱלֹהִים מִן־הָֽאֲדָמָה כָּל־חַיַּת הַשָּׂדֶה וְאֵת כָּל־עוֹף הַשָּׁמַיִם וַיָּבֵא אֶל־הָאָדָם לִרְאוֹת מַה־יִּקְרָא־לוֹ וְכֹל אֲשֶׁר יִקְרָא־לוֹ הֽ͏ָאָדָם נֶפֶשׁ חַיָּה הוּא שְׁמֽוֹ׃ | 19 |
پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار-قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى. |
וַיִּקְרָא הָֽאָדָם שֵׁמוֹת לְכָל־הַבְּהֵמָה וּלְעוֹף הַשָּׁמַיִם וּלְכֹל חַיַּת הַשָּׂדֶה וּלְאָדָם לֹֽא־מָצָא עֵזֶר כְּנֶגְדּֽוֹ׃ | 20 |
بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى. |
וַיַּפֵּל יְהוָה אֱלֹהִים ׀ תַּרְדֵּמָה עַל־הָאָדָם וַיִּישָׁן וַיִּקַּח אַחַת מִצַּלְעֹתָיו וַיִּסְגֹּר בָּשָׂר תַּחְתֶּֽנָּה׃ | 21 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت-گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى. |
וַיִּבֶן יְהוָה אֱלֹהִים ׀ אֶֽת־הַצֵּלָע אֲשֶׁר־לָקַח מִן־הָֽאָדָם לְאִשָּׁה וַיְבִאֶהָ אֶל־הֽ͏ָאָדָֽם׃ | 22 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ بىقىنىدىن ئالغان شۇ قىسىمدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. |
וַיֹּאמֶר הֽ͏ָאָדָם זֹאת הַפַּעַם עֶצֶם מֵֽעֲצָמַי וּבָשָׂר מִבְּשָׂרִי לְזֹאת יִקָּרֵא אִשָּׁה כִּי מֵאִישׁ לֻֽקֳחָה־זֹּֽאת׃ | 23 |
ئادەمئاتا خۇشال بولۇپ: ــ مانا بۇ سۆڭەكلىرىمدىكى سۆڭەك، ئېتىمدىكى ئەت بولغاچ، «ئايال» دەپ ئاتالسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر، ــ دېدى. |
עַל־כֵּן יֽ͏ַעֲזָב־אִישׁ אֶת־אָבִיו וְאֶת־אִמּוֹ וְדָבַק בְּאִשְׁתּוֹ וְהָיוּ לְבָשָׂר אֶחָֽד׃ | 24 |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ بىر بولۇپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ. |
וַיִּֽהְיוּ שְׁנֵיהֶם עֲרוּמִּים הָֽאָדָם וְאִשְׁתּוֹ וְלֹא יִתְבֹּשָֽׁשׁוּ׃ | 25 |
ئادەمئاتا بىلەن ئايالى ھەر ئىككىسى يالىڭاچ بولسىمۇ، ھېچ ئۇيالمايتتى. |