אַחַר ׀ הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה הָיָה דְבַר־יְהוָה אֶל־אַבְרָם בּֽ͏ַמַּחֲזֶה לֵאמֹר אַל־תִּירָא אַבְרָם אָנֹכִי מָגֵן לָךְ שְׂכָרְךָ הַרְבֵּה מְאֹֽד׃ | 1 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئابرامغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە كېلىپ: «ئەي ئابرام، قورقمىغىن؛ مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶּר אַבְרָם אֲדֹנָי יֱהוִה מַה־תִּתֶּן־לִי וְאָנֹכִי הוֹלֵךְ עֲרִירִי וּבֶן־מֶשֶׁק בֵּיתִי הוּא דַּמֶּשֶׂק אֱלִיעֶֽזֶר׃ | 2 |
لېكىن ئابرام: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مەن بالىسىز تۇرسام، ئۆي-بىساتلىرىمغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇشۇ دەمەشقلىك ئەلىئېزەرلا باردۇر، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר אַבְרָם הֵן לִי לֹא נָתַתָּה זָרַע וְהִנֵּה בֶן־בֵּיתִי יוֹרֵשׁ אֹתִֽי׃ | 3 |
ئابرام يەنە: مانا، سەن ماڭا ھېچ نەسىل بەرمىدىڭ، مانا ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقانلاردىن بىرى ماڭا ۋارىس بولىدۇ، دېدى. |
וְהִנֵּה דְבַר־יְהוָה אֵלָיו לֵאמֹר לֹא יִֽירָשְׁךָ זֶה כִּי־אִם אֲשֶׁר יֵצֵא מִמֵּעֶיךָ הוּא יִֽירָשֶֽׁךָ׃ | 4 |
شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭغا كېلىپ: «بۇ كىشى ساڭا ۋارىس بولمايدۇ، بەلكى ئۆز پۇشتۇڭدىن بولىدىغان كىشى ساڭا ۋارىس بولىدۇ»، ــ دېدى. |
וַיּוֹצֵא אֹתוֹ הַחוּצָה וַיֹּאמֶר הַבֶּט־נָא הַשָּׁמַיְמָה וּסְפֹר הַכּוֹכָבִים אִם־תּוּכַל לִסְפֹּר אֹתָם וַיֹּאמֶר לוֹ כֹּה יִהְיֶה זַרְעֶֽךָ׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. |
וְהֶאֱמִן בּֽ͏ַיהוָה וַיַּחְשְׁבֶהָ לּוֹ צְדָקָֽה׃ | 6 |
ئابرام پەرۋەردىگارغا ئىشەندى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىكى بۇ [ئىشەنچنى] ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلىدى. |
וַיֹּאמֶר אֵלָיו אֲנִי יְהוָה אֲשֶׁר הוֹצֵאתִיךָ מֵאוּר כַּשְׂדִּים לָתֶת לְךָ אֶת־הָאָרֶץ הַזֹּאת לְרִשְׁתָּֽהּ׃ | 7 |
يەنە ئۇنىڭغا: مەن بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىشقا سېنى كالدىيەدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، ــ دېدى. |
וַיֹּאמַר אֲדֹנָי יֱהוִה בַּמָּה אֵדַע כִּי אֽ͏ִירָשֶֽׁנָּה׃ | 8 |
لېكىن [ئابرام]: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
וַיֹּאמֶר אֵלָיו קְחָה לִי עֶגְלָה מְשֻׁלֶּשֶׁת וְעֵז מְשֻׁלֶּשֶׁת וְאַיִל מְשֻׁלָּשׁ וְתֹר וְגוֹזָֽל׃ | 9 |
[پەرۋەردىگار] ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۈچۈن ئۈچ ياشلىق بىر ئىنەك، ئۈچ ياشلىق بىر چىشى ئۆچكە، ئۈچ ياشلىق بىر قوچقار بىلەن بىر كەپتەر ۋە بىر باجكا ئېلىپ كەلگىن، ــ دېدى. |
וַיִּֽקַּֽח־לוֹ אֶת־כָּל־אֵלֶּה וַיְבַתֵּר אֹתָם בַּתָּוֶךְ וַיִּתֵּן אִישׁ־בִּתְרוֹ לִקְרַאת רֵעֵהוּ וְאֶת־הַצִפֹּר לֹא בָתָֽר׃ | 10 |
شۇڭا ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرسىنى يېرىمدىن ئىككى پارچە قىلىپ، يېرىمىنى يەنە بىر يېرىمىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويۇپ قويدى؛ ئەمما قۇشلارنى پارچىلىمىدى. |
וַיֵּרֶד הָעַיִט עַל־הַפְּגָרִים וַיַּשֵּׁב אֹתָם אַבְרָֽם׃ | 11 |
قاغا-قۇزغۇنلار تاپلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، ئابرام ئۇلارنى ئۈركۈتۈپ ھەيدىۋەتتى. |
וַיְהִי הַשֶּׁמֶשׁ לָבוֹא וְתַרְדֵּמָה נָפְלָה עַל־אַבְרָם וְהִנֵּה אֵימָה חֲשֵׁכָה גְדֹלָה נֹפֶלֶת עָלָֽיו׃ | 12 |
لېكىن كۈن پاتاي دېگەندە، ئابرامنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ باستى ۋە مانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە، توم قاراڭغۇلۇق چۈشتى. |
וַיֹּאמֶר לְאַבְרָם יָדֹעַ תֵּדַע כִּי־גֵר ׀ יִהְיֶה זַרְעֲךָ בְּאֶרֶץ לֹא לָהֶם וַעֲבָדוּם וְעִנּוּ אֹתָם אַרְבַּע מֵאוֹת שָׁנָֽה׃ | 13 |
ئاندىن پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ جەزمەن بىلىشىڭ كېرەككى، سېنىڭ نەسلىڭ ئۆزلىرىنىڭ بولمىغان بىر زېمىندا مۇساپىر بولۇپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ خەلق ئۇلارغا تۆت يۈز يىلغىچە جەبىر-زۇلۇم سالىدۇ. |
וְגַם אֶת־הַגּוֹי אֲשֶׁר יַעֲבֹדוּ דָּן אָנֹכִי וְאַחֲרֵי־כֵן יֵצְאוּ בִּרְכֻשׁ גָּדֽוֹל׃ | 14 |
لېكىن مەن ئۇلارنى قۇللۇققا سالغۇچى شۇ تائىپىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كېيىن ئۇلار نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ شۇ يەردىن چىقىدۇ. |
וְאַתָּה תָּבוֹא אֶל־אֲבֹתֶיךָ בְּשָׁלוֹם תִּקָּבֵר בְּשֵׂיבָה טוֹבָֽה׃ | 15 |
ئەمما سەن بولساڭ، ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قوشۇلىسەن؛ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئاندىن دەپنە قىلىنىسەن. |
וְדוֹר רְבִיעִי יָשׁוּבוּ הֵנָּה כִּי לֹא־שָׁלֵם עֲוֺן הָאֱמֹרִי עַד־הֵֽנָּה׃ | 16 |
لېكىن شۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ، [نەسلىڭ] بۇ يەرگە يېنىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ زىخى تېخى توشمىدى، دېدى. |
וַיְהִי הַשֶּׁמֶשׁ בָּאָה וַעֲלָטָה הָיָה וְהִנֵּה תַנּוּר עָשָׁן וְלַפִּיד אֵשׁ אֲשֶׁר עָבַר בֵּין הַגְּזָרִים הָאֵֽלֶּה׃ | 17 |
شۇنداق بولدىكى، كۈن پېتىپ قاراڭغۇ بولغاندا، مانا، گۆشلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئىس-تۈتەك چىقىپ تۇرغان بىر ئوتدان بىلەن يالقۇنلۇق بىر مەشئەل كۆرۈندى. |
בַּיּוֹם הַהוּא כָּרַת יְהוָה אֶת־אַבְרָם בְּרִית לֵאמֹר לְזַרְעֲךָ נָתַתִּי אֶת־הָאָרֶץ הַזֹּאת מִנְּהַר מִצְרַיִם עַד־הַנָּהָר הַגָּדֹל נְהַר־פְּרָֽת׃ | 18 |
دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار، |
אֶת־הַקֵּינִי וְאֶת־הַקְּנִזִּי וְאֵת הַקַּדְמֹנִֽי׃ | 19 |
וְאֶת־הַחִתִּי וְאֶת־הַפְּרִזִּי וְאֶת־הָרְפָאִֽים׃ | 20 |
ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، رەفايىيلار، |
וְאֶת־הֽ͏ָאֱמֹרִי וְאֶת־הֽ͏ַכְּנַעֲנִי וְאֶת־הַגִּרְגָּשִׁי וְאֶת־הַיְבוּסִֽי׃ | 21 |
ئامورىيلار، قانائانىيلار، گىرگاشىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىنى ئۇلارنىڭكى قىلىمەن» دېدى. |