וַֽיִּשְׁמְעוּ צָרֵי יְהוּדָה וּבִנְיָמִן כִּֽי־בְנֵי הַגּוֹלָה בּוֹנִים הֵיכָל לַיהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى رەقىبلەر سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سالماقچىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، |
וַיִּגְּשׁוּ אֶל־זְרֻבָּבֶל וְאֶל־רָאשֵׁי הֽ͏ָאָבוֹת וַיֹּאמְרוּ לָהֶם נִבְנֶה עִמָּכֶם כִּי כָכֶם נִדְרוֹשׁ לֽ͏ֵאלֹהֵיכֶם ולא וְלוֹ ׀ אֲנַחְנוּ זֹבְחִים מִימֵי אֵסַר חַדֹּן מֶלֶךְ אַשּׁוּר הַמַּעֲלֶה אֹתָנוּ פֹּֽה׃ | 2 |
زەرۇببابەل ۋە جەمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ: ــ بىز سىلەر بىلەن بىللە سالايلى؛ چۈنكى بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنى ئىزلەپ، بىزنى بۇ يەرگە ئەكەلگەن ئاسۇرىيە پادىشاھى ئېسار-ھاددوننىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز، دېيىشتى. |
וַיֹּאמֶר לָהֶם זְרֻבָּבֶל וְיֵשׁוּעַ וּשְׁאָר רָאשֵׁי הָֽאָבוֹת לְיִשְׂרָאֵל לֹֽא־לָכֶם וָלָנוּ לִבְנוֹת בַּיִת לֵאלֹהֵינוּ כִּי אֲנַחְנוּ יַחַד נִבְנֶה לַֽיהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל כַּאֲשֶׁר צִוָּנוּ הַמֶּלֶךְ כּוֹרֶשׁ מֶֽלֶךְ־פָּרָֽס׃ | 3 |
لېكىن زەرۇببابەل، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: ــ خۇدايىمىزغا ئۆي سېلىشتا سىلەرنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقەڭلار يوق؛ بەلكى پارس پادىشاھى قورەش بىزگە بۇيرۇغاندەك، پەقەت بىز ئۆزىمىزلا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سالىمىز، دېيىشتى. |
וַיְהִי עַם־הָאָרֶץ מְרַפִּים יְדֵי עַם־יְהוּדָה ומבלהים וּֽמְבַהֲלִים אוֹתָם לִבְנֽוֹת׃ | 4 |
شۇنىڭدىن كېيىن شۇ يەردىكى ئاھالە يەھۇدالارنىڭ قولىنى ئاجىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا كاشىلا تۇغدۇرۇپ تۇردى. |
וְסֹכְרִים עֲלֵיהֶם יוֹעֲצִים לְהָפֵר עֲצָתָם כָּל־יְמֵי כּוֹרֶשׁ מֶלֶךְ פָּרַס וְעַד־מַלְכוּת דָּרְיָוֶשׁ מֶֽלֶךְ־פָּרָֽס׃ | 5 |
ئۇلار يەنە پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بارلىق كۈنلىرىدىن تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە ئولتۇرغان ۋاقىتقىچە، دائىم مەسلىھەتچىلەرنى سېتىۋېلىپ، يەھۇدالار بىلەن قېرىشىپ، قۇرۇلۇش نىشانىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇردى. |
וּבְמַלְכוּת אֲחַשְׁוֵרוֹשׁ בִּתְחִלַּת מַלְכוּתוֹ כָּתְבוּ שִׂטְנָה עַל־יֹשְׁבֵי יְהוּדָה וִירוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 6 |
ئاھاشۋېروش تەختكە چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۇنىڭغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈستىدىن بىر ئەرزنامە يازدى. |
וּבִימֵי אַרְתַּחְשַׁשְׂתָּא כָּתַב בִּשְׁלָם מִתְרְדָת טָֽבְאֵל וּשְׁאָר כנותו כְּנָוֺתָיו עַל־ארתחששתא אַרְתַּחְשַׁשְׂתְּ מֶלֶךְ פָּרָס וּכְתָב הַֽנִּשְׁתְּוָן כָּתוּב אֲרָמִית וּמְתֻרְגָּם אֲרָמִֽית׃ | 7 |
شۇنىڭدەك ئارتاخشاشتا كۈنلىرىدە بىشلام، مىترىدات، تابەئەل ۋە ئۇلارنىڭ قالغان شېرىكلىرىمۇ پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتاغا ئارامىي تىلىدا بىر ئەرز خېتىنى يازدى؛ خەت ئارامىي تىلىدىن تەرجىمە قىلىندى. |
רְחוּם בְּעֵל־טְעֵם וְשִׁמְשַׁי סָֽפְרָא כְּתַבוּ אִגְּרָה חֲדָה עַל־יְרוּשְׁלֶם לְאַרְתַּחְשַׁשְׂתְּא מַלְכָּא כְּנֵֽמָא׃ | 8 |
ۋالىي رەھۇم بىلەن دىۋان بېگى شىمشاي پادىشاھ ئارتاخشاشتاغا يېرۇسالېم ئۈستىدىن تۆۋەندىكىدەك ئەرزنامە يازدى: ــ |
אֱדַיִן רְחוּם בְּעֵל־טְעֵם וְשִׁמְשַׁי סָֽפְרָא וּשְׁאָר כְּנָוָתְהוֹן דִּינָיֵא וַאֲפַרְסַתְכָיֵא טַרְפְּלָיֵא אֲפָֽרְסָיֵא ארכוי אַרְכְּוָיֵא בָבְלָיֵא שֽׁוּשַׁנְכָיֵא דהוא דֶּהָיֵא עֵלְמָיֵֽא׃ | 9 |
«مەزكۇر مەكتۇپنى يازغانلاردىن، ۋالىي رەھۇم، كاتىپ بېگى شىمشاي ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ھەمراھلىرى بولغان سوراقچىلار، مۇپەتتىشلەر، مەنسەپدارلار، كاتىپلار، ئارقىۋىلىقلار، بابىللىقلار، شۇشانلىقلار، يەنى ئېلامىيلار |
וּשְׁאָר אֻמַּיָּא דִּי הַגְלִי אָסְנַפַּר רַבָּא וְיַקִּירָא וְהוֹתֵב הִמּוֹ בְּקִרְיָה דִּי שָׁמְרָיִן וּשְׁאָר עֲבַֽר־נַהֲרָה וּכְעֶֽנֶת׃ | 10 |
ۋە ئۇلۇغ جانابىي ئوسناپپار سامارىيە شەھىرىگە ۋە [ئەفرات] دەرياسىنىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئاھالىمۇ بار |
דְּנָה פַּרְשֶׁגֶן אִגַּרְתָּא דִּי שְׁלַחוּ עֲלוֹהִי עַל־אַרְתַּחְשַׁשְׂתְּא מַלְכָּא עַבְדָיךְ אֱנָשׁ עֲבַֽר־נַהֲרָה וּכְעֶֽנֶת׃ | 11 |
(مانا بۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھقا يازغان خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى) ــ ئۆزلىرىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن پادىشاھ ئالىلىرى ئارتاخشاشتاغا سالام! |
יְדִיעַ לֶהֱוֵא לְמַלְכָּא דִּי יְהוּדָיֵא דִּי סְלִקוּ מִן־לְוָתָךְ עֲלֶינָא אֲתוֹ לִירוּשְׁלֶם קִרְיְתָא מָֽרָדְתָּא ובאישתא וּבִֽישְׁתָּא בָּנַיִן ושורי וְשׁוּרַיָּא אשכללו שַׁכְלִילוּ וְאֻשַּׁיָּא יַחִֽיטוּ׃ | 12 |
پادىشاھ ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، ئۆزلىرى تەرەپتىن بىز تەرەپكە كەلگەن يەھۇدىيلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى؛ ئۇلار ئاشۇ ئاسىي ۋە سېسىق شەھەرنى قۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلىنى ياساپ پۈتتۈردى، سېپىلنى ياساپ چىقتى ۋە سېپىلنىڭ ئۇللىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ياساۋاتىدۇ. |
כְּעַן יְדִיעַ לֶהֱוֵא לְמַלְכָּא דִּי הֵן קִרְיְתָא דָךְ תִּתְבְּנֵא וְשׁוּרַיָּה יִֽשְׁתַּכְלְלוּן מִנְדָּֽה־בְלוֹ וַהֲלָךְ לָא יִנְתְּנוּן וְאַפְּתֹם מַלְכִים תְּהַנְזִֽק׃ | 13 |
ئەمدى ئۇلۇغ پادىشاھ ئالىيلىرىگە شۇ مەلۇم بولغايكى، مۇبادا بۇ شەھەر ئوڭلانسا، سېپىل پۈتكۈزۈلسە، ئۇلار باج تاپشۇرمايدىغان، ئولپان تۆلىمەيدىغان ۋە پاراق تاپشۇرمايدىغان بولۇۋالىدۇ، بۇنداق كېتىۋەرسە پادىشاھلارنىڭ خەزىنىسىگە سۆزسىز زىيان بولىدۇ. |
כְּעַן כָּל־קֳבֵל דִּֽי־מְלַח הֵֽיכְלָא מְלַחְנָא וְעַרְוַת מַלְכָּא לָא אֲֽרִֽיךְ לַנָא לְמֶֽחֱזֵא עַל־דְּנָה שְׁלַחְנָא וְהוֹדַעְנָא לְמַלְכָּֽא׃ | 14 |
بىز ئوردىنىڭ تۇزىنى يەپ تۇرۇپ، پادىشاھىمىزنىڭ بۇنداق بىھۆرمەت قىلىنىشىغا قاراپ تۇرۇشىمىزغا قەتئىي توغرا كەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن پادىشاھىمىزغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلدۇق. |
דִּי יְבַקַּר בִּֽסְפַר־דָּכְרָנַיָּא דִּי אֲבָהָתָךְ וּתְהַשְׁכַּח בִּסְפַר דָּכְרָנַיָּא וְתִנְדַּע דִּי קִרְיְתָא דָךְ קִרְיָא מָֽרָדָא וּֽמְהַנְזְקַת מַלְכִין וּמְדִנָן וְאֶשְׁתַּדּוּר עָבְדִין בְּגַוַּהּ מִן־יוֹמָת עָלְמָא עַל־דְּנָה קִרְיְתָא דָךְ הָֽחָרְבַֽת׃ | 15 |
شۇنىڭ ئۈچۈن [ئالىيلىرىنىڭ] ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تارىخنامىسىنى سۈرۈشتە قىلىشلىرىنى تەشەببۇس قىلىمىز؛ سىلى تارىخنامىدىن بۇ شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھلارغىمۇ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ كەلگەن ئاسىي بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، قەدىمدىن تارتىپ بۇ شەھەردىكىلەر ئاغدۇرمىچىلىق تېرىغانلىقىنى بىلگەيلا؛ دەل شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەر ۋەيران قىلىنغانىدى. |
מְהוֹדְעִין אֲנַחְנָה לְמַלְכָּא דִּי הֵן קִרְיְתָא דָךְ תִּתְבְּנֵא וְשׁוּרַיָּה יִֽשְׁתַּכְלְלוּן לָקֳבֵל דְּנָה חֲלָק בַּעֲבַר נַהֲרָא לָא אִיתַי לָֽךְ׃ | 16 |
شۇڭا بىز ئالىيلىرىغا شۇنى ئۇقتۇرماقچىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قۇرۇلسا، سېپىللىرى پۈتكۈزۈلسە، ئۇنداقتا سىلىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى يەرلەرگە ھېچقانداق ئىگىدارچىلىقلىرى بولماي قالىدۇ». |
פִּתְגָמָא שְׁלַח מַלְכָּא עַל־רְחוּם בְּעֵל־טְעֵם וְשִׁמְשַׁי סָֽפְרָא וּשְׁאָר כְּנָוָתְהוֹן דִּי יָתְבִין בְּשָֽׁמְרָיִן וּשְׁאָר עֲבַֽר־נַהֲרָה שְׁלָם וּכְעֶֽת׃ | 17 |
پادىشاھ مۇنداق جاۋاب يوللىدى: ــ «ۋالىي رەھۇم، دىۋان بېگى شىمشايغا ۋە سامارىيە ھەم دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەردە تۇرۇشلۇق ھەمراھلىرىڭلارغا سالام! |
נִשְׁתְּוָנָא דִּי שְׁלַחְתּוּן עֲלֶינָא מְפָרַשׁ קֱרִי קָדָמָֽי׃ | 18 |
سىلەرنىڭ بىزگە يازغان ئەرز خېتىڭلار مېنىڭ ئالدىمدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇپ بېرىلدى. |
וּמִנִּי שִׂים טְעֵם וּבַקַּרוּ וְהַשְׁכַּחוּ דִּי קִרְיְתָא דָךְ מִן־יוֹמָת עֽ͏ָלְמָא עַל־מַלְכִין מִֽתְנַשְּׂאָה וּמְרַד וְאֶשְׁתַּדּוּר מִתְעֲבֶד־בַּֽהּ׃ | 19 |
تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى بۇيرۇۋىدىم، بۇ شەھەرنىڭ دەرۋەقە قەدىمدىن تارتىپ پادىشاھلارغا قارشى چىقىپ ئىسيان قوزغىغان، شەھەردە دائىم ئاسىيلىق-قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتەك ئىشلارنىڭ بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى. |
וּמַלְכִין תַּקִּיפִין הֲווֹ עַל־יְרוּשְׁלֶם וְשַׁלִּיטִין בְּכֹל עֲבַר נַהֲרָה וּמִדָּה בְלוֹ וַהֲלָךְ מִתְיְהֵב לְהֽוֹן׃ | 20 |
ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قۇدرەتلىك پادىشاھلار يېرۇسالېمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى پۈتۈن يەرلەرنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن، ئۇلار شۇلارغا بېقىنىپ باج، ئولپان ۋە پارىقىنى تاپشۇرۇپ كەلگەنىكەن. |
כְּעַן שִׂימוּ טְּעֵם לְבַטָּלָא גֻּבְרַיָּא אִלֵּךְ וְקִרְיְתָא דָךְ לָא תִתְבְּנֵא עַד־מִנִּי טַעְמָא יִתְּשָֽׂם׃ | 21 |
ئەمدى سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇ خەلقنى ئىشتىن توختىتىڭلار، مەندىن باشقا يارلىق چۈشۈرۈلمىگۈچە، بۇ شەھەرنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇڭلار. |
וּזְהִירִין הֱווֹ שָׁלוּ לְמֶעְבַּד עַל־דְּנָה לְמָה יִשְׂגֵּא חֲבָלָא לְהַנְזָקַת מַלְכִֽין׃ | 22 |
بۇ ئىشنى ئادا قىلماي قېلىشتىن پەخەس بولۇڭلار؛ پادىشاھلارغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئاپەت نېمىشقا كۈچىيىۋېرىدىكەن؟». |
אֱדַיִן מִן־דִּי פַּרְשֶׁגֶן נִשְׁתְּוָנָא דִּי ארתחששתא אַרְתַּחְשַׁשְׂתְּ מַלְכָּא קֱרִי קֳדָם־רְחוּם וְשִׁמְשַׁי סָפְרָא וּכְנָוָתְהוֹן אֲזַלוּ בִבְהִילוּ לִירֽוּשְׁלֶם עַל־יְהוּדָיֵא וּבַטִּלוּ הִמּוֹ בְּאֶדְרָע וְחָֽיִל׃ | 23 |
پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يارلىقىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى رەھۇمغا، دىۋان بېگى شىمشاي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوقۇپ بېرىلىشى بىلەنلا، ئۇلار ئالمان-تالمان يېرۇسالېمدىكى يەھۇدالارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئىشنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. |
בֵּאדַיִן בְּטֵלַת עֲבִידַת בֵּית־אֱלָהָא דִּי בִּירוּשְׁלֶם וַהֲוָת בָּֽטְלָא עַד שְׁנַת תַּרְתֵּין לְמַלְכוּת דָּרְיָוֶשׁ מֶֽלֶךְ־פָּרָֽס׃ | 24 |
شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىشلار توختىدى؛ ئىش تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە چىقىپ ئىككىنچى يىلىغىچە توختاغلىق قالدى. |