וַיִּגַּע הַחֹדֶשׁ הַשְּׁבִיעִי וּבְנֵי יִשְׂרָאֵל בֶּעָרִים וַיֵּאָסְפוּ הָעָם כְּאִישׁ אֶחָד אֶל־יְרוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 1 |
ئىسرائىل خەلقى ھەرقايسىسى ئۆز شەھەرلىرىدە ماكانلاشقانىدى؛ يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، خەلق بىر ئادەمدەك بولۇپ يېرۇسالېمغا يىغىلدى. |
וַיָּקָם יֵשׁוּעַ בֶּן־יֽוֹצָדָק וְאֶחָיו הַכֹּהֲנִים וּזְרֻבָּבֶל בֶּן־שְׁאַלְתִּיאֵל וְאֶחָיו וַיִּבְנוּ אֶת־מִזְבַּח אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל לְהַעֲלוֹת עָלָיו עֹלוֹת כַּכָּתוּב בְּתוֹרַת מֹשֶׁה אִישׁ־הָאֱלֹהִֽים׃ | 2 |
يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى، شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى مۇسا پۈتكەن قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ قۇربانگاھىنى سېلىشقا كىرىشتى. |
וַיָּכִינוּ הַמִּזְבֵּחַ עַל־מְכוֹנֹתָיו כִּי בְּאֵימָה עֲלֵיהֶם מֵעַמֵּי הָאֲרָצוֹת ויעל וַיַּעֲלוּ עָלָיו עֹלוֹת לַֽיהוָה עֹלוֹת לַבֹּקֶר וְלָעָֽרֶב׃ | 3 |
گەرچە ئۇلار شۇ يەرلىك خەلقلەردىن قورقسىمۇ، لېكىن قۇربانگاھنى ئەسلىدىكى ئۇلى ئۈستىگە سېلىپ، ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە كىرىشتى. |
וֽ͏ַיַּעֲשׂוּ אֶת־חַג הַסֻּכּוֹת כַּכָּתוּב וְעֹלַת יוֹם בְּיוֹם בְּמִסְפָּר כְּמִשְׁפַּט דְּבַר־יוֹם בְּיוֹמֽוֹ׃ | 4 |
ئۇلار يەنە [مۇقەددەس قانۇندا] پۈتۈلگىنى بويىچە «كەپىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن تەلەپكە مۇۋاپىق سان بويىچە كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى سۇنۇشاتتى. |
וְאַחֲרֵיכֵן עֹלַת תָּמִיד וְלֶחֳדָשִׁים וּלְכָל־מוֹעֲדֵי יְהוָה הַמְקֻדָּשִׁים וּלְכֹל מִתְנַדֵּב נְדָבָה לַיהוָֽה׃ | 5 |
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ھەر كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، يېڭى ئاي قۇربانلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق مۇقەددەس دەپ بېكىتىلگەن ھېيتلىرى ئۈچۈن تەقدىم قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىدىغان ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ تۇراتتى. |
מִיּוֹם אֶחָד לַחֹדֶשׁ הַשְּׁבִיעִי הֵחֵלּוּ לְהַעֲלוֹת עֹלוֹת לַיהוָה וְהֵיכַל יְהוָה לֹא יֻסָּֽד׃ | 6 |
شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشقا باشلىدى؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى تېخى سېلىنمىدى. |
וַיִּתְּנוּ־כֶסֶף לַחֹצְבִים וְלֶחָרָשִׁים וּמַאֲכָל וּמִשְׁתֶּה וָשֶׁמֶן לַצִּֽדֹנִים וְלַצֹּרִים לְהָבִיא עֲצֵי אֲרָזִים מִן־הַלְּבָנוֹן אֶל־יָם יָפוֹא כְּרִשְׁיוֹן כּוֹרֶשׁ מֶֽלֶךְ־פָּרַס עֲלֵיהֶֽם׃ | 7 |
ئۇلار تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارغا پۇل تاپشۇردى ۋە شۇنداقلا پارس پادىشاھى قورەشنىڭ ئىجازىتى بىلەن زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلارغا كېدىر ياغىچىنى لىۋاندىن [ئوتتۇرا] دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا يىمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىدى. |
וּבַשָּׁנָה הַשֵּׁנִית לְבוֹאָם אֶל־בֵּית הָֽאֱלֹהִים לִירוּשָׁלִַם בַּחֹדֶשׁ הַשֵּׁנִי הֵחֵלּוּ זְרֻבָּבֶל בֶּן־שְׁאַלְתִּיאֵל וְיֵשׁוּעַ בֶּן־יֽוֹצָדָק וּשְׁאָר אֲחֵיהֶם ׀ הַכֹּהֲנִים וְהַלְוִיִּם וְכָל־הַבָּאִים מֵהַשְּׁבִי יְרֽוּשָׁלִַם וַיַּעֲמִידוּ אֶת־הַלְוִיִּם מִבֶּן עֶשְׂרִים שָׁנָה וָמַעְלָה לְנַצֵּחַ עַל־מְלֶאכֶת בֵּית־יְהוָֽה׃ | 8 |
جامائەت يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئايدا شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل، يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىنىڭ قالدىسى، شۇنىڭدەك سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ يېرۇسالېمغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىدى؛ ئۇلار يەنە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىككە قويدى. |
וַיַּעֲמֹד יֵשׁוּעַ בָּנָיו וְאֶחָיו קַדְמִיאֵל וּבָנָיו בְּנֵֽי־יְהוּדָה כְּאֶחָד לְנַצֵּחַ עַל־עֹשֵׂה הַמְּלָאכָה בְּבֵית הָאֱלֹהִים בְּנֵי חֵֽנָדָד בְּנֵיהֶם וַאֲחֵיהֶם הַלְוִיִּֽם׃ | 9 |
يەشۇئا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى، كادمىيەل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى خۇدانىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى نازارەت قىلىشقا بىر نىيەتتە ئاتلاندى؛ ھېنادادنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ ۋە قېرىنداش لاۋىيلار ئۇلارغا ياردەملەشتى. |
וְיִסְּדוּ הַבֹּנִים אֶת־הֵיכַל יְהוָה וַיַּעֲמִידוּ הַכֹּהֲנִים מְלֻבָּשִׁים בַּחֲצֹֽצְרוֹת וְהַלְוִיִּם בְּנֵֽי־אָסָף בַּֽמְצִלְתַּיִם לְהַלֵּל אֶת־יְהוָה עַל־יְדֵי דָּוִיד מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 10 |
تامچىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا كاھىنلار خاس كىيىملىرىنى كىيىپ، كانايلىرىنى چېلىپ، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان لاۋىيلار جاڭجاڭ چېلىپ، ھەممىسى قاتار-قاتار سەپ بولۇپ تۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار داۋۇت بەلگىلىگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. |
וֽ͏ַיַּעֲנוּ בְּהַלֵּל וּבְהוֹדֹת לַֽיהוָה כִּי טוֹב כִּֽי־לְעוֹלָם חַסְדּוֹ עַל־יִשְׂרָאֵל וְכָל־הָעָם הֵרִיעוּ תְרוּעָה גְדוֹלָה בְהַלֵּל לַֽיהוָה עַל הוּסַד בֵּית־יְהוָֽה׃ | 11 |
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆزئارا: ــ «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئىسرائىلغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ ھەمدۇسانا ۋە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشتى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنىپ بولغاچقا، خالايىق پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ توۋلاپ تەنتەنە قىلىشتى. |
וְרַבִּים מֵהַכֹּהֲנִים וְהַלְוִיִּם וְרָאשֵׁי הָאָבוֹת הַזְּקֵנִים אֲשֶׁר רָאוּ אֶת־הַבַּיִת הָֽרִאשׁוֹן בְּיָסְדוֹ זֶה הַבַּיִת בְּעֵינֵיהֶם בֹּכִים בְּקוֹל גָּדוֹל וְרַבִּים בִּתְרוּעָה בְשִׂמְחָה לְהָרִים קֽוֹל׃ | 12 |
لېكىن كاھىنلاردىن، لاۋىيلاردىن ۋە جەمەت باشلىقلىرىدىن نۇرغۇنلىرى، يەنى ئەسلىدە ئىلگىرىكى ئۆينى كۆرگەن نۇرغۇن قېرى ئادەملەر كۆز ئالدىدا سېلىنغان بۇ ئۆينىڭ ئۇلىغا قاراپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى؛ نۇرغۇن باشقا كىشىلەر خۇشال بولۇپ تەنتەنە قىلىپ توۋلاشتى؛ |
וְאֵין הָעָם מַכִּירִים קוֹל תְּרוּעַת הַשִּׂמְחָה לְקוֹל בְּכִי הָעָם כִּי הָעָם מְרִיעִים תְּרוּעָה גְדוֹלָה וְהַקּוֹל נִשְׁמַע עַד־לְמֵרָחֽוֹק׃ | 13 |
ۋە خەلق ھەتتا كىملەرنىڭ تەنتەنە قىلىشىۋاتقانلىقى بىلەن كىملەرنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئايرىۋالالماي قالدى؛ چۈنكى جامائەت تەنتەنە قىلىپ قاتتىق توۋلىشاتتى؛ ۋە بۇ ئاۋاز يىراق-يىراقلارغا ئاڭلىناتتى. |