וְאַתָּה בֶן־אָדָם קַח־לְךָ ׀ חֶרֶב חַדָּה תַּעַר הַגַּלָּבִים תִּקָּחֶנָּה לָּךְ וְהַעֲבַרְתָּ עַל־רֹאשְׁךָ וְעַל־זְקָנֶךָ וְלָקַחְתָּ לְךָ מֹאזְנֵי מִשְׁקָל וְחִלַּקְתָּֽם׃ | 1 |
«ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزۈڭ ئۆتكۈر بىر قىلىچنى ئال؛ ئۇنى ئۇستىرا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چېچىڭ ۋە ساقىلىڭغا سۈرتۈپ قوي؛ ئاندىن تارازىنى ئېلىپ ئالغان چاچلارنى تەڭ بۆلگىن. |
שְׁלִשִׁית בָּאוּר תַּבְעִיר בְּתוֹךְ הָעִיר כִּמְלֹאת יְמֵי הַמָּצוֹר וְלֽ͏ָקַחְתָּ אֶת־הַשְּׁלִשִׁית תַּכֶּה בַחֶרֶב סְבִיבוֹתֶיהָ וְהַשְּׁלִשִׁית תִּזְרֶה לָרוּחַ וְחֶרֶב אָרִיק אַחֲרֵיהֶֽם׃ | 2 |
مۇھاسىرە كۈنلىرى تۈگىگەندە، ئۈچتىن بىرىنى شەھەر ئىچىدە كۆيدۈرگىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ شەھەر ئەتراپىغا چېپىۋەتكىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى شامالغا سورىۋەتكىن؛ مەن بىر قىلىچنى سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. |
וְלָקַחְתָּ מִשָּׁם מְעַט בְּמִסְפָּר וְצַרְתָּ אוֹתָם בִּכְנָפֶֽיךָ׃ | 3 |
سەن يەنە ئۇلاردىن بىرنەچچە تالنى ئېلىپ تونۇڭنىڭ پېشىگە تىقىپ قويغىن؛ |
וּמֵהֶם עוֹד תִּקָּח וְהִשְׁלַכְתָּ אוֹתָם אֶל־תּוֹךְ הָאֵשׁ וְשָׂרַפְתָּ אֹתָם בָּאֵשׁ מִמֶּנּוּ תֵצֵא־אֵשׁ אֶל־כָּל־בֵּית יִשְׂרָאֵֽל׃ | 4 |
بۇلاردىن يەنە نەچچە تالنى ئېلىپ ئوت ئىچىگە تاشلاپ كۆيدۈرىۋەتكىن؛ بۇلاردىن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىگە ئوت تۇتىشىپ كېتىدۇ». |
כֹּה אָמַר אֲדֹנָי יְהֹוִה זֹאת יְרוּשָׁלִַם בְּתוֹךְ הַגּוֹיִם שַׂמְתִּיהָ וּסְבִיבוֹתֶיהָ אֲרָצֽוֹת׃ | 5 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ يېرۇسالېم؛ مەن ئۇنى ئەللەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم؛ باشقا مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇرىدۇ؛ |
וַתֶּמֶר אֶת־מִשְׁפָּטַי לְרִשְׁעָה מִן־הַגּוֹיִם וְאֶת־חֻקּוֹתַי מִן־הָאֲרָצוֹת אֲשֶׁר סְבִיבוֹתֶיהָ כִּי בְמִשְׁפָּטַי מָאָסוּ וְחֻקּוֹתַי לֹא־הָלְכוּ בָהֶֽם׃ | 6 |
بىراق ئۇ مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە قارشىلىشىپ رەزىللىكتە ئەللەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى، بەلگىلىمىلىرىمگە قارشىلىشىشتا ئۆپچۆرىسىدىكى مەملىكەتلەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئۇلار رەت قىلدى، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بولسا، ئۇلاردا ئاقمايدۇ. |
לָכֵן כֹּֽה־אָמַר ׀ אֲדֹנָי יְהוִה יַעַן הֲמָנְכֶם מִן־הַגּוֹיִם אֲשֶׁר סְבִיבֽוֹתֵיכֶם בְּחֻקּוֹתַי לֹא הֲלַכְתֶּם וְאֶת־מִשְׁפָּטַי לֹא עֲשִׂיתֶם וּֽכְמִשְׁפְּטֵי הַגּוֹיִם אֲשֶׁר סְבִיבוֹתֵיכֶם לֹא עֲשִׂיתֶֽם׃ | 7 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەردىنمۇ بەكرەك باشباشتاقلىق قىلغانلىقىڭلاردىن، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭماسلىقىڭلاردىن ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتماسلىقىڭلاردىن، ھەتتا ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرىدىمۇ ماڭماسلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، |
לָכֵן כֹּה אָמַר אֲדֹנָי יְהוִה הִנְנִי עָלַיִךְ גַּם־אָנִי וְעָשִׂיתִי בְתוֹכֵךְ מִשְׁפָּטִים לְעֵינֵי הַגּוֹיִֽם׃ | 8 |
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆزۈمكى ساڭا قارشىمەن، [ئى يېرۇسالېم]؛ سېنىڭ ئاراڭغا ئەللەرنىڭ كۆز ئالىدىلا جازالارنى يۈرگۈزىمەن؛ |
וְעָשִׂיתִי בָךְ אֵת אֲשֶׁר לֹֽא־עָשִׂיתִי וְאֵת אֲשֶֽׁר־לֹֽא־אֶעֱשֶׂה כָמֹהוּ עוֹד יַעַן כָּל־תּוֹעֲבֹתָֽיִךְ׃ | 9 |
ۋە سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاراڭدا ئۆزۈم قىلىپ باقمىغان ھەمدە كەلگۈسى ئىككىنچى قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمەن. |
לָכֵן אָבוֹת יֹאכְלוּ בָנִים בְּתוֹכֵךְ וּבָנִים יֹאכְלוּ אֲבוֹתָם וְעָשִׂיתִי בָךְ שְׁפָטִים וְזֵרִיתִי אֶת־כָּל־שְׁאֵרִיתֵךְ לְכָל־רֽוּחַ׃ | 10 |
شۇنىڭ بىلەن ئاتىلار ئۆز بالىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ، بالىلار ئۆز ئاتىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ؛ ۋە مەن ساڭا جازالارنى يۈرگۈزىمەن، ۋە سېنىڭ بارلىق قالغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن. |
לָכֵן חַי־אָנִי נְאֻם אֲדֹנָי יְהוִה אִם־לֹא יַעַן אֶת־מִקְדָּשִׁי טִמֵּאת בְּכָל־שִׁקּוּצַיִךְ וּבְכָל־תּוֹעֲבֹתָיִךְ וְגַם־אֲנִי אֶגְרַע וְלֹא־תָחוֹס עֵינִי וְגַם־אֲנִי לֹא אֶחְמֽוֹל׃ | 11 |
شۇڭا، مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۆزۈڭنىڭ بارلىق لەنەتلىك نەرسىلىرىڭ ھەم بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ بىلەن بۇلغىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، بەرھەق، مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن؛ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن. |
שְׁלִשִׁתֵיךְ בַּדֶּבֶר יָמוּתוּ וּבָֽרָעָב יִכְלוּ בְתוֹכֵךְ וְהַשְּׁלִשִׁית בַּחֶרֶב יִפְּלוּ סְבִיבוֹתָיִךְ וְהַשְּׁלִישִׁית לְכָל־רוּחַ אֱזָרֶה וְחֶרֶב אָרִיק אַחֲרֵיהֶֽם׃ | 12 |
شەھەردىكىلەردىن ئۈچتىن بىر قىسمى ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئاراڭلاردا بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن بېشىنى يەيدۇ؛ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆپچۆرەڭلەردە قىلىچلىنىدۇ؛ ۋە مەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن، ئاندىن بىر قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. |
וְכָלָה אַפִּי וַהֲנִחוֹתִי חֲמָתִי בָּם וְהִנֶּחָמְתִּי וְֽיָדְעוּ כִּי־אֲנִי יְהוָה דִּבַּרְתִּי בְּקִנְאָתִי בְּכַלּוֹתִי חֲמָתִי בָּֽם׃ | 13 |
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ غەزىپىم بېسىقىدۇ، مېنىڭ قەھرىمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ قونغۇزۇپ، پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ رەزىللىككە چىدىمايدىغان ئوتۇمدىن سۆز قىلغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ. |
וְאֶתְּנֵךְ לְחָרְבָּה וּלְחֶרְפָּה בַּגּוֹיִם אֲשֶׁר סְבִיבוֹתָיִךְ לְעֵינֵי כָּל־עוֹבֵֽר׃ | 14 |
ۋە مەن سېنىڭ ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەر ئارىسىدا ھەمدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا سېنى ۋەيرانە قىلىمەن ۋە مەسخىرە ئوبيېكتى قىلىمەن؛ |
וְֽהָיְתָה חֶרְפָּה וּגְדוּפָה מוּסָר וּמְשַׁמָּה לַגּוֹיִם אֲשֶׁר סְבִיבוֹתָיִךְ בַּעֲשׂוֹתִי בָךְ שְׁפָטִים בְּאַף וּבְחֵמָה וּבְתֹכְחוֹת חֵמָה אֲנִי יְהוָה דִּבַּֽרְתִּי׃ | 15 |
سېنىڭ ئۈستۈڭگە غەزەپ ھەم قەھر ۋە قەھرلىك ئەيىبلەر بىلەن جازالارنى يۈرگۈزگىنىمدە سەن ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەرگە خورلۇق ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى، بىر ئىبرەت ھەم ئالاقزادىلىك چىقارغۇچى بولىسەن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم! |
בְּֽשַׁלְּחִי אֶת־חִצֵּי הָרָעָב הָרָעִים בָּהֶם אֲשֶׁר הָיוּ לְמַשְׁחִית אֲשֶׁר־אֲשַׁלַּח אוֹתָם לְשַֽׁחֶתְכֶם וְרָעָב אֹסֵף עֲלֵיכֶם וְשָׁבַרְתִּי לָכֶם מַטֵּה־לָֽחֶם׃ | 16 |
مەن ئۇلارغا ھالاكەت ئېلىپ كەلگۈچى، ئاچارچىلىق زەھەرلىك ئوقلىرىنى ياغدۇرغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ئاچارچىلىقنى كۈچەيتىمەن، ۋە يۆلەنچۈك بولغان نېنىڭنى قۇرۇتىۋېتىمەن. |
וְשִׁלַּחְתִּי עֲלֵיכֶם רָעָב וְחַיָּה רָעָה וְשִׁכְּלֻךְ וְדֶבֶר וָדָם יַעֲבָר־בָּךְ וְחֶרֶב אָבִיא עָלַיִךְ אֲנִי יְהוָה דִּבַּֽרְתִּי׃ | 17 |
ۋە ئۈستۈڭلارغا ئۆز بالىلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان ئاچارچىلىق ھەم يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ ۋابا كېسىللىرى ۋە قان تۆككۈچىلەر ئاراڭلارغا يامراپ كېتىدۇ؛ ئۈستۈڭلارغا قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم!». |