וְאַתָּה בֶן־אָדָם הִנָּבֵא עַל־גּוֹג וְאָמַרְתָּ כֹּה אָמַר אֲדֹנָי יְהוִה הִנְנִי אֵלֶיךָ גּוֹג נְשִׂיא רֹאשׁ מֶשֶׁךְ וְתֻבָֽל׃ | 1 |
«ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ |
וְשֹׁבַבְתִּיךָ וְשִׁשֵּׁאתִיךָ וְהַעֲלִיתִיךָ מִיַּרְכְּתֵי צָפוֹן וַהֲבִאוֹתִךָ עַל־הָרֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 2 |
مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، يېتكىلەپ، سېنى شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن چىقىرىمەن، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە تاجاۋۇز قىلدۇرىمەن؛ |
וְהִכֵּיתִי קַשְׁתְּךָ מִיַּד שְׂמֹאולֶךָ וְחִצֶּיךָ מִיַּד יְמִינְךָ אַפִּֽיל׃ | 3 |
مەن ئوقيايىڭنى سول قولۇڭدىن ئۇرۇپ تاشلىغۇزىۋېتىمەن، ئوقلىرىڭنى ئوڭ قولۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن؛ |
עַל־הָרֵי יִשְׂרָאֵל תִּפּוֹל אַתָּה וְכָל־אֲגַפֶּיךָ וְעַמִּים אֲשֶׁר אִתָּךְ לְעֵיט צִפּוֹר כָּל־כָּנָף וְחַיַּת הַשָּׂדֶה נְתַתִּיךָ לְאָכְלָֽה׃ | 4 |
سەن ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىسەن؛ سەن ۋە سېنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىڭ، ساڭا ھەمراھ بولغان ئەللەر يىقىلىسىلەر؛ مەن سېنى بارلىق يىرتقۇچ ئۇچار-قاناتلارغا گۆش، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوۋ بولۇشقا تەقدىم قىلدىم. |
עַל־פְּנֵי הַשָּׂדֶה תִּפּוֹל כִּי אֲנִי דִבַּרְתִּי נְאֻם אֲדֹנָי יְהוִֽה׃ | 5 |
سەن دالادا يىقىلىسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
וְשִׁלַּחְתִּי־אֵשׁ בְּמָגוֹג וּבְיֹשְׁבֵי הָאִיִּים לָבֶטַח וְיָדְעוּ כִּי־אֲנִי יְהוָֽה׃ | 6 |
مەن ماگوگ ئۈستىگە ۋە دېڭىز بويىدا ئامان-ئېسەن تۇرغانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. |
וְאֶת־שֵׁם קָדְשִׁי אוֹדִיעַ בְּתוֹךְ עַמִּי יִשְׂרָאֵל וְלֹֽא־אַחֵל אֶת־שֵׁם־קָדְשִׁי עוֹד וְיָדְעוּ הַגּוֹיִם כִּי־אֲנִי יְהוָה קָדוֹשׁ בְּיִשְׂרָאֵֽל׃ | 7 |
مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى خەلقىم ئىسرائىل ئارىسىدا تونۇتىمەن؛ پاك-مۇقەددەس نامىمنىڭ قايتىدىن بۇلغىنىشقا قەتئىي يول قويمايمەن؛ ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا تۇرغان مۇقەددەس بولغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. |
הִנֵּה בָאָה וְנִֽהְיָתָה נְאֻם אֲדֹנָי יְהוִה הוּא הַיּוֹם אֲשֶׁר דִּבַּֽרְתִּי׃ | 8 |
مانا، ئۇ كېلىدۇ! بۇ ئىشلار چوقۇم بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بۇ دەل مەن ئېيتقان كۈنىدۇر. |
וְֽיָצְאוּ יֹשְׁבֵי ׀ עָרֵי יִשְׂרָאֵל וּבִעֲרוּ וְהִשִּׂיקוּ בְּנֶשֶׁק וּמָגֵן וְצִנָּה בְּקֶשֶׁת וּבְחִצִּים וּבְמַקֵּל יָד וּבְרֹמַח וּבִעֲרוּ בָהֶם אֵשׁ שֶׁבַע שָׁנִֽים׃ | 9 |
ئىسرائىل شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار چىقىپ قوراللارنى، جۈملىدىن سىپار-قالقانلار، ئوقيالار، توقماقلار ۋە نەيزىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئوت قالايدۇ ــ ئۇلار بۇلار بىلەن يەتتە يىل ئوت قالايدۇ. |
וְלֹֽא־יִשְׂאוּ עֵצִים מִן־הַשָּׂדֶה וְלֹא יַחְטְבוּ מִן־הַיְּעָרִים כִּי בַנֶּשֶׁק יְבַֽעֲרוּ־אֵשׁ וְשָׁלְלוּ אֶת־שֹׁלְלֵיהֶם וּבָֽזְזוּ אֶת־בֹּזְזֵיהֶם נְאֻם אֲדֹנָי יְהוִֽה׃ | 10 |
دالادىن ھېچ ئوتۇن ئېلىنمايدۇ، ئورمانلاردىن ھېچ ياغاچ كېسىلمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار قوراللارنى ئوت قالاشقا ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئولجا تۇتقانلارنى ئولجا تۇتىدۇ، ئۆزلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
וְהָיָה בַיּוֹם הַהוּא אֶתֵּן לְגוֹג ׀ מְקֽוֹם־שָׁם קֶבֶר בְּיִשְׂרָאֵל גֵּי הָעֹֽבְרִים קִדְמַת הַיָּם וְחֹסֶמֶת הִיא אֶת־הָעֹֽבְרִים וְקָבְרוּ שָׁם אֶת־גּוֹג וְאֶת־כָּל־הֲמוֹנֹה וְקָרְאוּ גֵּיא הֲמוֹן גּֽוֹג׃ | 11 |
ۋە شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىل زېمىنىدىن، يەنى دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ جىلغىسىدىن گوگقا بىر يەرلىك بولۇشى ئۈچۈن بىر ئورۇننى بېرىمەن؛ بۇ يەرلىك بولسا ئۆتكۈچىلەرنىڭ يولىنى توسىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە گوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىنى كۆمىدۇ؛ ئۇ «ھامون-گوگ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. |
וּקְבָרוּם בֵּית יִשְׂרָאֵל לְמַעַן טַהֵר אֶת־הָאָרֶץ שִׁבְעָה חֳדָשִֽׁים׃ | 12 |
ئىسرائىل جەمەتى زېمىنىنى ھالال قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى يەتتە ئاي كۆمىدۇ؛ |
וְקָֽבְרוּ כָּל־עַם הָאָרֶץ וְהָיָה לָהֶם לְשֵׁם יוֹם הִכָּבְדִי נְאֻם אֲדֹנָי יְהוִֽה׃ | 13 |
زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۇلارنى يەرلىككە قويىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئۇلۇغلانغان مۇشۇ كۈنىدە بۇ ئىش ئۇلارغا شەرەپ بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
וְאַנְשֵׁי תָמִיד יַבְדִּילוּ עֹבְרִים בָּאָרֶץ מְקַבְּרִים אֶת־הָעֹבְרִים אֶת־הַנּוֹתָרִים עַל־פְּנֵי הָאָרֶץ לְטַֽהֲרָהּ מִקְצֵה שִׁבְעָֽה־חֳדָשִׁים יַחְקֹֽרוּ׃ | 14 |
ئۇلار بىرنەچچە ئادەمنى زېمىننى داۋاملىق ئارىلاپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ زېمىن يۈزىدە قالغان جەسەتلىرىنى كۆمۈشتەك ئالاھىدە ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئايرىيدۇ؛ ئۇلار شۇ يەتتە ئاي تۈگىگەندە، ئاندىن جەسەتلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنى باشلايدۇ. |
וְעָבְרוּ הָעֹֽבְרִים בָּאָרֶץ וְרָאָה עֶצֶם אָדָם וּבָנָה אֶצְלוֹ צִיּוּן עַד קָבְרוּ אֹתוֹ הַֽמְקַבְּרִים אֶל־גֵּיא הֲמוֹן גּֽוֹג׃ | 15 |
بۇ «زېمىندىن ئۆتكۈچىلەر» ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ ئەگەر بىرسى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنى كۆرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىغا بىر بەلگە تىكلەيدۇ؛ «ئىزدەپ كۆمگۈچىلەر» ئۇنى ھامون-گوگ جىلغىسىغا دەپنە قىلغۇچە بەلگە تۇرىدۇ |
וְגַם שֶׁם־עִיר הֲמוֹנָה וְטִהֲרוּ הָאָֽרֶץ׃ | 16 |
([جىلغىدا] «ھاموناھ» دەپ ئاتالغان بىر شەھەر بولىدۇ). ئۇلار شۇ يول بىلەن زېمىننى پاكلايدۇ». |
וְאַתָּה בֶן־אָדָם כֹּֽה־אָמַר ׀ אֲדֹנָי יְהֹוִה אֱמֹר לְצִפּוֹר כָּל־כָּנָף וּלְכֹל ׀ חַיַּת הַשָּׂדֶה הִקָּבְצוּ וָבֹאוּ הֵאָסְפוּ מִסָּבִיב עַל־זִבְחִי אֲשֶׁר אֲנִי זֹבֵחַ לָכֶם זֶבַח גָּדוֹל עַל הָרֵי יִשְׂרָאֵל וַאֲכַלְתֶּם בָּשָׂר וּשְׁתִיתֶם דָּֽם׃ | 17 |
ــ «ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا مۇنداق دېگىن: «يىغىلىشىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمغا، يەنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە قىلىنغان چوڭ قۇربانلىققا ھەرياندىن جەم بولۇڭلار! سىلەر شۇ يەردە گۆش يەپ، قان ئىچىسىلەر. |
בְּשַׂר גִּבּוֹרִים תֹּאכֵלוּ וְדַם־נְשִׂיאֵי הָאָרֶץ תִּשְׁתּוּ אֵילִים כָּרִים וְעַתּוּדִים פָּרִים מְרִיאֵי בָשָׁן כֻּלָּֽם׃ | 18 |
سىلەر باتۇرلارنىڭ گۆشىنى، يەر يۈزىدىكى شاھزادىلارنىڭ قېنىنى ــ قوچقارلارنىڭ، ئۆچكىلەرنىڭ، تورپاقلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشاندىكى بوردالغان ماللاردۇر! |
וַאֲכַלְתֶּם־חֵלֶב לְשָׂבְעָה וּשְׁתִיתֶם דָּם לְשִׁכָּרוֹן מִזִּבְחִי אֲשֶׁר־זָבַחְתִּי לָכֶֽם׃ | 19 |
سىلەر مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمدىن، تويغۇچە ماي يەپ، تويغۇچە قان ئىچىسىلەر! |
וּשְׂבַעְתֶּם עַל־שֻׁלְחָנִי סוּס וָרֶכֶב גִּבּוֹר וְכָל־אִישׁ מִלְחָמָה נְאֻם אֲדֹנָי יְהוִֽה׃ | 20 |
سىلەر داستىخىنىمدا ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىسىدىكىلەر، باتۇرلار، بارلىق جەڭچى پالۋانلار بىلەن تويۇنىسىلەر» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
וְנָתַתִּי אֶת־כְּבוֹדִי בַּגּוֹיִם וְרָאוּ כָל־הַגּוֹיִם אֶת־מִשְׁפָּטִי אֲשֶׁר עָשִׂיתִי וְאֶת־יָדִי אֲשֶׁר־שַׂמְתִּי בָהֶֽם׃ | 21 |
ــ ۋە مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئەللەر ئارىسىغا كۆرسىتىمەن، بارلىق ئەللەر مېنىڭ يۈرگۈزگەن جازالىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويغان قولۇمنى كۆرىدۇ. |
וְיָֽדְעוּ בֵּית יִשְׂרָאֵל כִּי אֲנִי יְהוָה אֱלֹֽהֵיהֶם מִן־הַיּוֹם הַהוּא וָהָֽלְאָה׃ | 22 |
ۋە شۇ كۈندىن تارتىپ ئىسرائىل جەمەتى مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. |
וְיָדְעוּ הַגּוֹיִם כִּי בַעֲוֺנָם גָּלוּ בֵֽית־יִשְׂרָאֵל עַל אֲשֶׁר מָֽעֲלוּ־בִי וָאַסְתִּר פָּנַי מֵהֶם וָֽאֶתְּנֵם בְּיַד צָרֵיהֶם וַיִּפְּלוּ בַחֶרֶב כֻּלָּֽם׃ | 23 |
ئەللەر ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مانا، مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يىقىلدى. |
כְּטֻמְאָתָם וּכְפִשְׁעֵיהֶם עָשִׂיתִי אֹתָם וָאַסְתִּר פָּנַי מֵהֶֽם׃ | 24 |
ئۇلارنىڭ پاسكىنىچىلىقى ۋە ئاسىيلىقلىرى بويىچە مەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلدىم، يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇردۇم». |
לָכֵן כֹּה אָמַר אֲדֹנָי יְהוִה עַתָּה אָשִׁיב אֶת־שבית שְׁבוּת יַֽעֲקֹב וְרִֽחַמְתִּי כָּל־בֵּית יִשְׂרָאֵל וְקִנֵּאתִי לְשֵׁם קָדְשִֽׁי׃ | 25 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ھازىر ياقۇپنى سۈرگۈن بولغانلىقىدىن ئەسلىگە قايتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە رەھىم قىلىپ، ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن ئوتلۇق قىزغىنلىقىمنى كۆرسىتىمەن. |
וְנָשׂוּ אֶת־כְּלִמָּתָם וְאֶת־כָּל־מַעֲלָם אֲשֶׁר מָעֲלוּ־בִי בְּשִׁבְתָּם עַל־אַדְמָתָם לָבֶטַח וְאֵין מַחֲרִֽיד׃ | 26 |
ئۆز زېمىنىدا ئامان-ئېسەن تۇرغىنىدا، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدىغان چاغ كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئەللەردىن قايتۇرۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغقىنىمدا، ۋە كۆپ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، شۇ چاغدا ئۇلار خىجالىتىنى ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ قىلغان ئاسىيلىقىنىڭ بارلىق گۇناھىنى كۆتۈرىدۇ؛ |
בְּשׁוֹבְבִי אוֹתָם מִן־הָעַמִּים וְקִבַּצְתִּי אֹתָם מֵֽאַרְצוֹת אֹֽיְבֵיהֶם וְנִקְדַּשְׁתִּי בָם לְעֵינֵי הַגּוֹיִם רַבִּֽים׃ | 27 |
וְיָדְעוּ כִּי אֲנִי יְהוָה אֱלֹהֵיהֶם בְּהַגְלוֹתִי אֹתָם אֶל־הַגּוֹיִם וְכִנַּסְתִּים עַל־אַדְמָתָם וְלֹֽא־אוֹתִיר עוֹד מֵהֶם שָֽׁם׃ | 28 |
ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا سۈرگۈن قىلدۇرغانلىقىم تۈپەيلىدىن، ۋە ئاندىن ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى شۇ يەردە قالدۇرماي ئۆز زېمىنىغا يىغقانلىقىم تۈپەيلىدىن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ |
וְלֹֽא־אַסְתִּיר עוֹד פָּנַי מֵהֶם אֲשֶׁר שָׁפַכְתִּי אֶת־רוּחִי עַל־בֵּית יִשְׂרָאֵל נְאֻם אֲדֹנָי יְהוִֽה׃ | 29 |
ۋە مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن قايتا ھېچ يوشۇرمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە ئۆز روھىمنى قۇيغان بولىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |