וַיֹּאמֶר יְהוָה אֶל־מֹשֶׁה פְּסָל־לְךָ שְׁנֵֽי־לֻחֹת אֲבָנִים כָּרִאשֹׁנִים וְכָתַבְתִּי עַל־הַלֻּחֹת אֶת־הַדְּבָרִים אֲשֶׁר הָיוּ עַל־הַלֻּחֹת הָרִאשֹׁנִים אֲשֶׁר שִׁבַּֽרְתָּ׃ | 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ئاۋۋالقىغا ئوخشاش ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ كەل؛ مەن بۇ تاختايلارغا سەن ئىلگىرى چېقىۋەتكەن تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يېزىپ قويىمەن. |
וֶהְיֵה נָכוֹן לַבֹּקֶר וְעָלִיתָ בַבֹּקֶר אֶל־הַר סִינַי וְנִצַּבְתָּ לִי שָׁם עַל־רֹאשׁ הָהָֽר׃ | 2 |
سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سەھەردە سىناي تېغىغا چىقىپ، شۇ يەردە تاغنىڭ چوققىسىدا مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر بولغىن. |
וְאִישׁ לֹֽא־יַעֲלֶה עִמָּךְ וְגַם־אִישׁ אַל־יֵרָא בְּכָל־הָהָר גַּם־הַצֹּאן וְהַבָּקָר אַל־יִרְעוּ אֶל־מוּל הָהָר הַהֽוּא׃ | 3 |
لېكىن ھېچ كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن ۋە ياكى تاغنىڭ ھېچ يېرىدە باشقا ئادەم كۆرۈنمىسۇن، قوي-كالىلارمۇ تاغنىڭ تۈۋىدە ئوتلىمىسۇن، ــ دېدى. |
וַיִּפְסֹל שְׁנֵֽי־לֻחֹת אֲבָנִים כָּרִאשֹׁנִים וַיַּשְׁכֵּם מֹשֶׁה בַבֹּקֶר וַיַּעַל אֶל־הַר סִינַי כַּאֲשֶׁר צִוָּה יְהוָה אֹתוֹ וַיִּקַּח בְּיָדוֹ שְׁנֵי לֻחֹת אֲבָנִֽים׃ | 4 |
مۇسا ئاۋۋالقىغا ئوخشاش تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ، ئەتىسى تاڭ سەھەر قوپۇپ، بۇ ئىككى تاش تاختاينى قولىدا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىناي تېغىغا چىقتى. |
וַיֵּרֶד יְהוָה בֶּֽעָנָן וַיִּתְיַצֵּב עִמּוֹ שָׁם וַיִּקְרָא בְשֵׁם יְהוָֽה׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بۇلۇتتا چۈشۈپ، شۇ يەردە مۇسانىڭ قېشىدا تۇرۇپ، «ياھۋەھ» دېگەن نامىنى جاكارلىدى. |
וַיַּעֲבֹר יְהוָה ׀ עַל־פָּנָיו וַיִּקְרָא יְהוָה ׀ יְהוָה אֵל רַחוּם וְחַנּוּן אֶרֶךְ אַפַּיִם וְרַב־חֶסֶד וֶאֱמֶֽת ׀ | 6 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: ــ «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر، |
נֹצֵר חֶסֶד לָאֲלָפִים נֹשֵׂא עָוֺן וָפֶשַׁע וְחַטָּאָה וְנַקֵּה לֹא יְנַקֶּה פֹּקֵד ׀ עֲוֺן אָבוֹת עַל־בָּנִים וְעַל־בְּנֵי בָנִים עַל־שִׁלֵּשִׁים וְעַל־רִבֵּעִֽים׃ | 7 |
مىڭلىغان-ئون مىڭلىغانلارغا رەھىم-شاپائەت كۆرسىتىپ، قەبىھلىك، ئاسىيلىق ۋە گۇناھنى كەچۈرگۈچىدۇر؛ لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدىغان، بەلكى ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى بالىلىرى ۋە نەۋرلىرىگىچە، شۇنداقلا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە يۈكلەيدىغان [تەڭرىدۇر]» ــ دەپ جاكارلىدى. |
וַיְמַהֵר מֹשֶׁה וַיִּקֹּד אַרְצָה וַיִּשְׁתָּֽחוּ׃ | 8 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلىپ: ــ |
וַיֹּאמֶר אִם־נָא מָצָאתִי חֵן בְּעֵינֶיךָ אֲדֹנָי יֵֽלֶךְ־נָא אֲדֹנָי בְּקִרְבֵּנוּ כִּי עַם־קְשֵׁה־עֹרֶף הוּא וְסָלַחְתָּ לַעֲוֺנֵנוּ וּלְחַטָּאתֵנוּ וּנְחַלְתָּֽנוּ׃ | 9 |
ــ ئەي رەب، ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۇنداقتا ئى رەب، ئارىمىزدا بىز بىلەن ماڭغايسەن؛ چۈنكى بۇ خەلق دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر؛ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىزنى ۋە گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيسەن، بىزنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قوبۇل قىلغايسەن! ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר הִנֵּה אָנֹכִי כֹּרֵת בְּרִית נֶגֶד כָּֽל־עַמְּךָ אֶעֱשֶׂה נִפְלָאֹת אֲשֶׁר לֹֽא־נִבְרְאוּ בְכָל־הָאָרֶץ וּבְכָל־הַגּוֹיִם וְרָאָה כָל־הָעָם אֲשֶׁר־אַתָּה בְקִרְבּוֹ אֶת־מַעֲשֵׂה יְהוָה כִּֽי־נוֹרָא הוּא אֲשֶׁר אֲנִי עֹשֶׂה עִמָּֽךְ׃ | 10 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇساغا: ــ مانا، مەن بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ سېنىڭ بارلىق خەلقىڭ ئالدىدا پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ ھېچبىر جايىدا ياكى ھېچبىر ئەل ئارىسىدا قىلىنىپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئارىسىدا بولغان خەلقىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ [كارامەت] ئەمەلىنى كۆرىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان ئەمەلىم دەرۋەقە دەھشەتلىك ئىش بولىدۇ. |
שְׁמָר־לְךָ אֵת אֲשֶׁר אָנֹכִי מְצַוְּךָ הַיּוֹם הִנְנִי גֹרֵשׁ מִפָּנֶיךָ אֶת־הָאֱמֹרִי וְהַֽכְּנַעֲנִי וְהַחִתִּי וְהַפְּרִזִּי וְהַחִוִּי וְהַיְבוּסִֽי׃ | 11 |
مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلايدىغان ئەمرلىرىمنى تۇتقىن؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئامورىي، قانائانىي، ھىتتىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىمەن. |
הִשָּׁמֶר לְךָ פֶּן־תִּכְרֹת בְּרִית לְיוֹשֵׁב הָאָרֶץ אֲשֶׁר אַתָּה בָּא עָלֶיהָ פֶּן־יִהְיֶה לְמוֹקֵשׁ בְּקִרְבֶּֽךָ׃ | 12 |
ئەمدى ھېزى بولغىنكى، سەن بارىدىغان زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ھېچ ئەھدە باغلاشمىغىن؛ بولمىسا، بۇ ئىش سىلەرگە تۇزاق بولىدۇ؛ |
כִּי אֶת־מִזְבְּחֹתָם תִּתֹּצוּן וְאֶת־מַצֵּבֹתָם תְּשַׁבֵּרוּן וְאֶת־אֲשֵׁרָיו תִּכְרֹתֽוּן׃ | 13 |
بەلكى سىلەر ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چۆۋۈپ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى سۇندۇرۇپ، «ئاشەراھ» بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار. |
כִּי לֹא תִֽשְׁתַּחֲוֶה לְאֵל אַחֵר כִּי יְהוָה קַנָּא שְׁמוֹ אֵל קַנָּא הֽוּא׃ | 14 |
چۈنكى سەن ھېچقانداق باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلماسلىقىڭ كېرەك ــ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى» بولۇپ، ھەسەت قىلغۇچى بىر ئىلاھدۇرمەن. |
פֶּן־תִּכְרֹת בְּרִית לְיוֹשֵׁב הָאָרֶץ וְזָנוּ ׀ אַחֲרֵי אֱלֹֽהֵיהֶם וְזָבְחוּ לֵאלֹהֵיהֶם וְקָרָא לְךָ וְאָכַלְתָּ מִזִּבְחֽוֹ׃ | 15 |
بولمىسا، شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشۈڭ مۇمكىن؛ ئاندىن ئۇلار ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىلاھلىرىغا قۇربانلىقلار ئۆتكۈزگىنىدە، سىلەرنى چاقىرسا ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىدىن يەپ كېتىشىڭلار مۇمكىن؛ |
וְלָקַחְתָּ מִבְּנֹתָיו לְבָנֶיךָ וְזָנוּ בְנֹתָיו אַחֲרֵי אֱלֹהֵיהֶן וְהִזְנוּ אֶת־בָּנֶיךָ אַחֲרֵי אֱלֹהֵיהֶֽן׃ | 16 |
سەن شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن؛ ئۇ قىزلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدا، ئۇلار ئوغۇللىرىڭنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇزۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلدۇرۇشى مۇمكىن. |
אֱלֹהֵי מַסֵּכָה לֹא תַעֲשֶׂה־לָּֽךְ׃ | 17 |
ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق قۇيما بۇتلارنى ياساتمىغىن. |
אֶת־חַג הַמַּצּוֹת תִּשְׁמֹר שִׁבְעַת יָמִים תֹּאכַל מַצּוֹת אֲשֶׁר צִוִּיתִךָ לְמוֹעֵד חֹדֶשׁ הָאָבִיב כִּי בְּחֹדֶשׁ הָֽאָבִיב יָצָאתָ מִמִּצְרָֽיִם׃ | 18 |
پېتىر نان ھېيتىنى تۇتۇڭلار؛ مېنىڭ ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. چۈنكى سىلەر ئابىب ئېيىدا مىسىردىن چىققانسىلەر. |
כָּל־פֶּטֶר רֶחֶם לִי וְכָֽל־מִקְנְךָ תִּזָּכָר פֶּטֶר שׁוֹר וָשֶֽׁה׃ | 19 |
بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى مېنىڭكى بولىدۇ؛ چارپاي ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن دەسلەپ تۇغۇلغان ئەركەكلەر، كالا بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭكى بولسۇن. |
וּפֶטֶר חֲמוֹר תִּפְדֶּה בְשֶׂה וְאִם־לֹא תִפְדֶּה וַעֲרַפְתּוֹ כֹּל בְּכוֹר בָּנֶיךָ תִּפְדֶּה וְלֹֽא־יֵרָאוּ פָנַי רֵיקָֽם׃ | 20 |
لېكىن ئېشەكلەرنىڭ تۇنجى تەخەيلىرىنىڭ ئورنىغا قوزا بىلەن بەدەل تۆلىشىڭ لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئورنىغا [قوزا] بەرمىسەڭ، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. تۇنجى ئوغۇللىرىڭنى بولسا، ئۇلارغا بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋال. ھېچكىم مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن. |
שֵׁשֶׁת יָמִים תַּעֲבֹד וּבַיּוֹם הַשְּׁבִיעִי תִּשְׁבֹּת בֶּחָרִישׁ וּבַקָּצִיר תִּשְׁבֹּֽת׃ | 21 |
سەن ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش-ئەمەلىڭنى قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر؛ يەر ھەيدەش ۋاقتى بولسۇن، ئورما ۋاقتى بولسۇن، ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. |
וְחַג שָׁבֻעֹת תַּעֲשֶׂה לְךָ בִּכּוּרֵי קְצִיר חִטִּים וְחַג הָֽאָסִיף תְּקוּפַת הַשָּׁנָֽה׃ | 22 |
يېڭى بۇغداينىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى تەبرىكلەيدىغان «ھەپتىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار؛ يىلنىڭ ئاخىرىدا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار. |
שָׁלֹשׁ פְּעָמִים בַּשָּׁנָה יֵרָאֶה כָּל־זְכוּרְךָ אֶת־פְּנֵי הָֽאָדֹן ׀ יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 23 |
سېنىڭ ھەربىر ئەركەك كىشىلىرىڭ يىلدا ئۈچ قېتىم ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر بولسۇن. |
כִּֽי־אוֹרִישׁ גּוֹיִם מִפָּנֶיךָ וְהִרְחַבְתִּי אֶת־גְּבוּלֶךָ וְלֹא־יַחְמֹד אִישׁ אֶֽת־אַרְצְךָ בַּעֲלֹֽתְךָ לֵרָאוֹת אֶת־פְּנֵי יְהוָה אֱלֹהֶיךָ שָׁלֹשׁ פְּעָמִים בַּשָּׁנָֽה׃ | 24 |
چۈنكى مەن تائىپىلەرنى ئالدىڭدىن ھەيدىۋېتىپ، چېگرالىرىڭنى كېڭەيتىمەن؛ شۇنىڭدەك سەن يىلدا ئۈچ قېتىم پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشقا چىقىپ بارساڭ، ھېچكىم يېرىڭگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ. |
לֹֽא־תִשְׁחַט עַל־חָמֵץ דַּם־זִבְחִי וְלֹא־יָלִין לַבֹּקֶר זֶבַח חַג הַפָּֽסַח׃ | 25 |
ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى بولدۇرۇلغان نان بىلەن بىللە سۇنمىغىن؛ ياكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى ئەتىگە قالدۇرما. |
רֵאשִׁית בִּכּוּרֵי אַדְמָתְךָ תָּבִיא בֵּית יְהוָה אֱלֹהֶיךָ לֹא־תְבַשֵּׁל גְּדִי בַּחֲלֵב אִמּֽוֹ׃ | 26 |
زېمىنىڭنىڭ دەسلەپكى ھوسۇلىدىن تۇنجى مەھسۇلاتلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ ئاتا. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما. |
וַיֹּאמֶר יְהוָה אֶל־מֹשֶׁה כְּתָב־לְךָ אֶת־הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה כִּי עַל־פִּי ׀ הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה כָּרַתִּי אִתְּךָ בְּרִית וְאֶת־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 27 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن يېزىۋالغىن؛ چۈنكى مەن مۇشۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ سەن بىلەن ۋە ئىسرائىل بىلەن ئەھدە باغلىدىم، دېدى. |
וֽ͏ַיְהִי־שָׁם עִם־יְהוָה אַרְבָּעִים יוֹם וְאַרְבָּעִים לַיְלָה לֶחֶם לֹא אָכַל וּמַיִם לֹא שָׁתָה וַיִּכְתֹּב עַל־הַלֻּחֹת אֵת דִּבְרֵי הַבְּרִית עֲשֶׂרֶת הַדְּבָרִֽים׃ | 28 |
ئۇ ۋاقىتتا مۇسا شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى؛ ئۇ ھېچنەرسە يېمىدى، ھېچ سۇ ئىچمىدى. ئۇ يەردە [پەرۋەردىگار] تاختايلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى پۈتتى. |
וַיְהִי בְּרֶדֶת מֹשֶׁה מֵהַר סִינַי וּשְׁנֵי לֻחֹת הָֽעֵדֻת בְּיַד־מֹשֶׁה בְּרִדְתּוֹ מִן־הָהָר וּמֹשֶׁה לֹֽא־יָדַע כִּי קָרַן עוֹר פָּנָיו בְּדַבְּרוֹ אִתּֽוֹ׃ | 29 |
مۇسا سىناي تېغىدىن چۈشكەندە شۇنداق بولدىكى (ئۇ تاغدىن چۈشكەندە ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى)، ئۆزىنىڭ [پەرۋەردىگار] بىلەن سۆزلەشكىنى ئۈچۈن يۈزىنىڭ پارقىراپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى. |
וַיַּרְא אַהֲרֹן וְכָל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל אֶת־מֹשֶׁה וְהִנֵּה קָרַן עוֹר פָּנָיו וַיִּֽירְאוּ מִגֶּשֶׁת אֵלָֽיו׃ | 30 |
ئەمدى ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىللار مۇسانى كۆردى، مانا، ئۇنىڭ يۈز تېرىسى پارقىراپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا يېقىن بېرىشتىن قورقۇشتى. |
וַיִּקְרָא אֲלֵהֶם מֹשֶׁה וַיָּשֻׁבוּ אֵלָיו אַהֲרֹן וְכָל־הַנְּשִׂאִים בָּעֵדָה וַיְדַבֵּר מֹשֶׁה אֲלֵהֶֽם׃ | 31 |
لېكىن مۇسا ئۇلارنى چاقىرىۋىدى، ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ بارلىق باشلىرى يېنىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مۇسا ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى. |
וְאַחֲרֵי־כֵן נִגְּשׁוּ כָּל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וַיְצַוֵּם אֵת כָּל־אֲשֶׁר דִּבֶּר יְהוָה אִתּוֹ בְּהַר סִינָֽי׃ | 32 |
شۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئىسرائىللار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە سىناي تېغىدا سۆز قىلغىنىدا تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرنى ئۇلارغا تاپىلىدى. |
וַיְכַל מֹשֶׁה מִדַּבֵּר אִתָּם וַיִּתֵּן עַל־פָּנָיו מַסְוֶֽה׃ | 33 |
مۇسا ئۇلارغا دەيدىغىنىنى دەپ تۈگەتتى. ئۇ [سۆزلىگەندە] يۈزىگە بىر چۈمپەردە تارتىۋالغانىدى؛ |
וּבְבֹא מֹשֶׁה לִפְנֵי יְהוָה לְדַבֵּר אִתּוֹ יָסִיר אֶת־הַמַּסְוֶה עַד־צֵאתוֹ וְיָצָא וְדִבֶּר אֶל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל אֵת אֲשֶׁר יְצֻוֶּֽה׃ | 34 |
قاچانكى مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىشكە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، چۈمپەردىنى ئېلىۋېتەتتى، تاكى ئۇ يېنىپ چىققۇچە شۇنداق بولاتتى؛ يېنىپ چىققاندا ئۆزىگە نېمە تاپىلانغان بولسا، شۇنى ئىسرائىللارغا ئېيتىپ بېرەتتى. |
וְרָאוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל אֶת־פְּנֵי מֹשֶׁה כִּי קָרַן עוֹר פְּנֵי מֹשֶׁה וְהֵשִׁיב מֹשֶׁה אֶת־הַמַּסְוֶה עַל־פָּנָיו עַד־בֹּאוֹ לְדַבֵּר אִתּֽוֹ׃ | 35 |
ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈز تېرىسىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرەتتى؛ شۇڭا مۇسا يەنە تاكى پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچە يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالاتتى. |