וַיְדַבֵּר יְהוָה אֶל־מֹשֶׁה לֵּאמֹֽר׃ | 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: |
קַדֶּשׁ־לִי כָל־בְּכוֹר פֶּטֶר כָּל־רֶחֶם בִּבְנֵי יִשְׂרָאֵל בָּאָדָם וּבַבְּהֵמָה לִי הֽוּא׃ | 2 |
ــ ئىسرائىللار ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى ئەركەك مېۋىسىنى، مەيلى ئۇ ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ بولسۇن، ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن؛ ئۇ ماڭا مەنسۇپتۇر، دېگەنىدى. |
וַיֹּאמֶר מֹשֶׁה אֶל־הָעָם זָכוֹר אֶת־הַיּוֹם הַזֶּה אֲשֶׁר יְצָאתֶם מִמִּצְרַיִם מִבֵּית עֲבָדִים כִּי בְּחֹזֶק יָד הוֹצִיא יְהֹוָה אֶתְכֶם מִזֶּה וְלֹא יֵאָכֵל חָמֵֽץ׃ | 3 |
مۇسا خەلقكە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر مىسىردىن ئىبارەت «قۇللۇق ماكانى»دىن چىققان بۇ كۈننى ياد ئېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەردىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن چىقاردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بولدۇرۇلغان نەرسە يېيىلمىسۇن. |
הַיּוֹם אַתֶּם יֹצְאִים בְּחֹדֶשׁ הָאָבִֽיב׃ | 4 |
ئابىب ئېيىنىڭ بۈگۈنكى كۈنى يولغا چىققان كۈن. |
וְהָיָה כִֽי־יְבִֽיאֲךָ יְהוָה אֶל־אֶרֶץ הַֽכְּנַעֲנִי וְהַחִתִּי וְהָאֱמֹרִי וְהַחִוִּי וְהַיְבוּסִי אֲשֶׁר נִשְׁבַּע לַאֲבֹתֶיךָ לָתֶת לָךְ אֶרֶץ זָבַת חָלָב וּדְבָשׁ וְעָבַדְתָּ אֶת־הָעֲבֹדָה הַזֹּאת בַּחֹדֶשׁ הַזֶּֽה׃ | 5 |
ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا سېنى ئېلىپ بارغىنىدا مۇشۇ [ئابىب] ئېيىدا شۇ ئىبادەتنى تۇتقىن. |
שִׁבְעַת יָמִים תֹּאכַל מַצֹּת וּבַיּוֹם הַשְּׁבִיעִי חַג לַיהוָֽה׃ | 6 |
يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان ھېيت ئۆتكۈزۈلسۇن. |
מַצּוֹת יֵֽאָכֵל אֵת שִׁבְעַת הַיָּמִים וְלֹֽא־יֵרָאֶה לְךָ חָמֵץ וְלֹֽא־יֵרָאֶה לְךָ שְׂאֹר בְּכָל־גְּבֻלֶֽךָ׃ | 7 |
يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يېيىلسۇن؛ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق بولدۇرۇلغان نان تېپىلمىسۇن ۋە يا چېگرىلىرىڭ ئىچىدە ھېچ خېمىرتۇرۇچمۇ كۆرۈنمىسۇن. |
וְהִגַּדְתָּ לְבִנְךָ בַּיּוֹם הַהוּא לֵאמֹר בַּעֲבוּר זֶה עָשָׂה יְהוָה לִי בְּצֵאתִי מִמִּצְרָֽיִם׃ | 8 |
شۇ كۈنى سەن ئۆز ئوغلۇڭغا: «مىسىردىن چىققىنىمدا پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىنى ياد قىلىپ تەشەككۇر بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ [ھېيتنى] ئۆتكۈزىمەن»، دەپ چۈشەندۈرگىن. |
וְהָיָה לְךָ לְאוֹת עַל־יָדְךָ וּלְזִכָּרוֹן בֵּין עֵינֶיךָ לְמַעַן תִּהְיֶה תּוֹרַת יְהוָה בְּפִיךָ כִּי בְּיָד חֲזָקָה הוֹצִֽאֲךָ יְהֹוָה מִמִּצְרָֽיִם׃ | 9 |
پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-تەلىمىنىڭ ھەمىشە ئاغزىڭدىن چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىن چىقاردى. |
וְשָׁמַרְתָּ אֶת־הַחֻקָּה הַזֹּאת לְמוֹעֲדָהּ מִיָּמִים יָמִֽימָה׃ | 10 |
ئەمدى بۇ بەلگىلىمىنى يىلمۇ-يىل بېكىتىلگەن ۋاقتىدا تۇتقىن. |
וְהָיָה כִּֽי־יְבִֽאֲךָ יְהוָה אֶל־אֶרֶץ הַֽכְּנַעֲנִי כַּאֲשֶׁר נִשְׁבַּע לְךָ וְלַֽאֲבֹתֶיךָ וּנְתָנָהּ לָֽךְ׃ | 11 |
پەرۋەردىگار سەن بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قىلغان قەسىمى بويىچە سېنى قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ساڭا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك: ــ |
וְהַעֲבַרְתָּ כָל־פֶּֽטֶר־רֶחֶם לַֽיהֹוָה וְכָל־פֶּטֶר ׀ שֶׁגֶר בְּהֵמָה אֲשֶׁר יִהְיֶה לְךָ הַזְּכָרִים לַיהוָֽה׃ | 12 |
بارلىق بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسەن؛ شۇنداقلا چارپاي مېلىڭنىڭ ھەممە تۇنجى ئەركەكلىرىمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن. |
וְכָל־פֶּטֶר חֲמֹר תִּפְדֶּה בְשֶׂה וְאִם־לֹא תִפְדֶּה וַעֲרַפְתּוֹ וְכֹל בְּכוֹר אָדָם בְּבָנֶיךָ תִּפְדֶּֽה׃ | 13 |
ئەمما ئېشەكلەرنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا بىردىن قوزا بەرگىن. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا بىرنەرسە بەرمىسەڭ، ئۇنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. ئوغۇللىرىڭلار ئارىسىدا بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا ھۆرلۈك بەدىلى تۆلۈشۈڭ كېرەك. |
וְהָיָה כִּֽי־יִשְׁאָלְךָ בִנְךָ מָחָר לֵאמֹר מַה־זֹּאת וְאָמַרְתָּ אֵלָיו בְּחֹזֶק יָד הוֹצִיאָנוּ יְהוָה מִמִּצְרַיִם מִבֵּית עֲבָדִֽים׃ | 14 |
كېيىنكى كۈنلەردە ئوغلۇڭ سەندىن: «بۇنىڭ مەنىسى نېمىدۇر»، دەپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ، «قۇللۇق ماكانى»دىن ئازاد قىلدى. |
וַיְהִי כִּֽי־הִקְשָׁה פַרְעֹה לְשַׁלְּחֵנוּ וַיַּהֲרֹג יְהֹוָה כָּל־בְּכוֹר בְּאֶרֶץ מִצְרַיִם מִבְּכֹר אָדָם וְעַד־בְּכוֹר בְּהֵמָה עַל־כֵּן אֲנִי זֹבֵחַ לַֽיהוָה כָּל־פֶּטֶר רֶחֶם הַזְּכָרִים וְכָל־בְּכוֹר בָּנַי אֶפְדֶּֽה׃ | 15 |
شۇنداق بولدىكى، پىرەۋن بوينى قاتتىقلىق قىلىپ بىزنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغىنىدا، پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئىنساننىڭ بولسۇن، مالنىڭ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن مەن مالنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى، يەنى ھەممە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەكلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن ۋە ئوغۇللىرىمنىڭ ھەربىر تۇنجىلىرى ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ بېرىمەن»، دەپ ئېيتقىن. |
וְהָיָה לְאוֹת עַל־יָדְכָה וּלְטוֹטָפֹת בֵּין עֵינֶיךָ כִּי בְּחֹזֶק יָד הוֹצִיאָנוּ יְהוָה מִמִּצְרָֽיִם׃ | 16 |
بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە-]بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال، چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقاردى» ــ دېگىن. |
וַיְהִי בְּשַׁלַּח פַּרְעֹה אֶת־הָעָם וְלֹא־נָחָם אֱלֹהִים דֶּרֶךְ אֶרֶץ פְּלִשְׁתִּים כִּי קָרוֹב הוּא כִּי ׀ אָמַר אֱלֹהִים פֶּֽן־יִנָּחֵם הָעָם בִּרְאֹתָם מִלְחָמָה וְשָׁבוּ מִצְרָֽיְמָה׃ | 17 |
ئەمما پىرەۋن خەلقنى كېتىشكە قويغاندىن كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى يول يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى شۇ يول بىلەن باشلىمىدى؛ چۈنكى ئۇ: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، قورقۇپ پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا يېنىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى. |
וַיַּסֵּב אֱלֹהִים ׀ אֶת־הָעָם דֶּרֶךְ הַמִּדְבָּר יַם־סוּף וַחֲמֻשִׁים עָלוּ בְנֵי־יִשְׂרָאֵל מֵאֶרֶץ מִצְרָֽיִם׃ | 18 |
شۇ سەۋەبتىن خۇدا خەلقنى ئايلاندۇرۇپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆلنىڭ يولى بىلەن باشلاپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ تەرتىپ بىلەن ماڭدى. |
וַיִּקַּח מֹשֶׁה אֶת־עַצְמוֹת יוֹסֵף עִמּוֹ כִּי הַשְׁבֵּעַ הִשְׁבִּיעַ אֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל לֵאמֹר פָּקֹד יִפְקֹד אֱלֹהִים אֶתְכֶם וְהַעֲלִיתֶם אֶת־עַצְמֹתַי מִזֶּה אִתְּכֶֽם׃ | 19 |
مۇسا يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ بىللە ئېلىۋالدى؛ چۈنكى يۈسۈپ ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان [قېرىنداشلىرىنى]: «خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى مۇشۇ يەردىن بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ قەسەم قىلدۇرغانىدى. |
וַיִּסְעוּ מִסֻּכֹּת וַיַּחֲנוּ בְאֵתָם בִּקְצֵה הַמִּדְבָּֽר׃ | 20 |
ئاندىن ئۇلار سۇككوتتىن چىقىپ، چۆلنىڭ چېتىدىكى ئېتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى. |
וַֽיהוָה הֹלֵךְ לִפְנֵיהֶם יוֹמָם בְּעַמּוּד עָנָן לַנְחֹתָם הַדֶּרֶךְ וְלַיְלָה בְּעַמּוּד אֵשׁ לְהָאִיר לָהֶם לָלֶכֶת יוֹמָם וָלָֽיְלָה׃ | 21 |
ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇلارغا يول كۆرسىتىشكە كۈندۈزى بىر بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى يورۇقلۇق بېرىشكە ئوت تۈۋرۈكىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېچە-كۈندۈز يول يۈرەلەيتتى. |
לֹֽא־יָמִישׁ עַמּוּד הֶֽעָנָן יוֹמָם וְעַמּוּד הָאֵשׁ לָיְלָה לִפְנֵי הָעָֽם׃ | 22 |
بۇلۇت تۈۋرۈكى كۈندۈزى، ئوت تۈۋرۈكى كېچىسى خەلقتىن ئايرىلماي، ئالدىدا يۈرەتتى. |