וּבִשְׁנֵים עָשָׂר חֹדֶשׁ הוּא־חֹדֶשׁ אֲדָר בִּשְׁלוֹשָׁה עָשָׂר יוֹם בּוֹ אֲשֶׁר הִגִּיעַ דְּבַר־הַמֶּלֶךְ וְדָתוֹ לְהֵעָשׂוֹת בַּיּוֹם אֲשֶׁר שִׂבְּרוּ אֹיְבֵי הַיְּהוּדִים לִשְׁלוֹט בָּהֶם וְנַהֲפוֹךְ הוּא אֲשֶׁר יִשְׁלְטוּ הַיְּהוּדִים הֵמָּה בְּשֹׂנְאֵיהֶֽם׃ | 1 |
ئون ئىككىنچى ئاي، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن يارلىقى ئىجرا قىلىنىشقا ئاز قالغان چاغدا، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد قىلىپ كۈتكەن كۈنى، ئەكسىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان كۈنىگە ئايلىنىپ كەتتى. |
נִקְהֲלוּ הַיְּהוּדִים בְּעָרֵיהֶם בְּכָל־מְדִינוֹת הַמֶּלֶךְ אֳחַשְׁוֵרוֹשׁ לִשְׁלֹחַ יָד בִּמְבַקְשֵׁי רָֽעָתָם וְאִישׁ לֹא־עָמַד לִפְנֵיהֶם כִּֽי־נָפַל פַּחְדָּם עַל־כָּל־הָעַמִּֽים׃ | 2 |
يەھۇدىيلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە ئۇلارغا قەست قىلماقچى بولغانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشقا باشلىدى؛ ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرالمايتتى؛ ئۇلاردىن بولغان قورقۇنچ ھەربىر ئەل-مىللەتنى باسقانىدى. |
וְכָל־שָׂרֵי הַמְּדִינוֹת וְהָאֲחַשְׁדַּרְפְּנִים וְהַפַּחוֹת וְעֹשֵׂי הַמְּלָאכָה אֲשֶׁר לַמֶּלֶךְ מְנַשְּׂאִים אֶת־הַיְּהוּדִים כִּֽי־נָפַל פַּֽחַד־מָרְדֳּכַי עֲלֵיהֶֽם׃ | 3 |
ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى بەگلەر، ۋالىيلار، ئۆلكە باشلىقلىرى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنى قوللىدى؛ چۈنكى موردىكايدىن بولغان قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. |
כִּֽי־גָדוֹל מָרְדֳּכַי בְּבֵית הַמֶּלֶךְ וְשָׁמְעוֹ הוֹלֵךְ בְּכָל־הַמְּדִינוֹת כִּֽי־הָאִישׁ מָרְדֳּכַי הוֹלֵךְ וְגָדֽוֹל׃ | 4 |
چۈنكى موردىكاي دېگەن كىشى ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق بولۇپ، نام-شۆھرىتى ھەممە ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى؛ ئۇنىڭ ھوقۇقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتاتتى. |
וַיַּכּוּ הַיְּהוּדִים בְּכָל־אֹיְבֵיהֶם מַכַּת־חֶרֶב וְהֶרֶג וְאַבְדָן וַיַּֽעֲשׂוּ בְשֹׂנְאֵיהֶם כִּרְצוֹנָֽם׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى قىلىچلاپ، قىرغىن قىلىپ يوقاتتى؛ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلارغا قانداق قىلىشنى خالىسا شۇنداق قىلدى. |
וּבְשׁוּשַׁן הַבִּירָה הָרְגוּ הַיְּהוּדִים וְאַבֵּד חֲמֵשׁ מֵאוֹת אִֽישׁ׃ | 6 |
شۇشان قەلئەسىدىلا يەھۇدىيلار بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقاتتى. |
וְאֵת ׀ פַּרְשַׁנְדָּתָא וְאֵת ׀ דַּֽלְפוֹן וְאֵת ׀ אַסְפָּֽתָא׃ | 7 |
ئۇلار يەنە پارشانداتا، دالفون، ئاسپاتا، |
וְאֵת ׀ פּוֹרָתָא וְאֵת ׀ אֲדַלְיָא וְאֵת ׀ אֲרִידָֽתָא׃ | 8 |
پوراتا، ئادالىيا، ئارىداتا، |
וְאֵת ׀ פַּרְמַשְׁתָּא וְאֵת ׀ אֲרִיסַי וְאֵת ׀ אֲרִדַי וְאֵת ׀ וַיְזָֽתָא׃ | 9 |
پارماشتا، ئارىساي، ئارىداي ۋە ۋايىزاتانى قەتل قىلدى؛ |
עֲשֶׂרֶת בְּנֵי הָמָן בֶּֽן־הַמְּדָתָא צֹרֵר הַיְּהוּדִים הָרָגוּ וּבַבִּזָּה לֹא שָׁלְחוּ אֶת־יָדָֽם׃ | 10 |
بۇ ئون ئادەم ھاممىداتانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ھاماننىڭ ئوغلى ئىدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. |
בַּיּוֹם הַהוּא בָּא מִסְפַּר הֽ͏ַהֲרוּגִים בְּשׁוּשַׁן הַבִּירָה לִפְנֵי הַמֶּֽלֶךְ׃ | 11 |
شۇ كۈنى شۇشان قەلئەسىدە قەتل قىلىنغان ئادەم سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى. |
וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ לְאֶסְתֵּר הַמַּלְכָּה בְּשׁוּשַׁן הַבִּירָה הָרְגוּ הַיְּהוּדִים וְאַבֵּד חֲמֵשׁ מֵאוֹת אִישׁ וְאֵת עֲשֶׂרֶת בְּנֵֽי־הָמָן בִּשְׁאָר מְדִינוֹת הַמֶּלֶךְ מֶה עָשׂוּ וּמַה־שְּׁאֵֽלָתֵךְ וְיִנָּתֵֽן לָךְ וּמַה־בַּקָּשָׁתֵךְ עוֹד וְתֵעָֽשׂ׃ | 12 |
پادىشاھ خانىش ئەستەرگە: ــ يەھۇدىيلار شۇشان قەلئەسىدە بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقىتىپتۇ، يەنە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى قەتل قىپتۇ؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە نېمە قىلدىكىن؟ ئەمدى نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇمۇ بەجا ئەيلىنىدۇ، ــ دېدى. |
וַתֹּאמֶר אֶסְתֵּר אִם־עַל־הַמֶּלֶךְ טוֹב יִנָּתֵן גַּם־מָחָר לַיְּהוּדִים אֲשֶׁר בְּשׁוּשָׁן לַעֲשׂוֹת כְּדָת הַיּוֹם וְאֵת עֲשֶׂרֶת בְּנֵֽי־הָמָן יִתְלוּ עַל־הָעֵֽץ׃ | 13 |
ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، شۇشاندىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى يارلىقتا دېيىلگەندەك ئىش قىلىشىغا ھەمدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ [جەسەتلىرىنى] دارغا ئېسىپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيلا، دېدى ئەستەر. |
וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ לְהֵֽעָשׂוֹת כֵּן וַתִּנָּתֵן דָּת בְּשׁוּשָׁן וְאֵת עֲשֶׂרֶת בְּנֵֽי־הָמָן תָּלֽוּ׃ | 14 |
پادىشاھ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدە چىقىرىلغاندا، كىشىلەر ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى دارغا ئېسىپ قويۇشتى. |
וַיִּֽקָּהֲלוּ היהודיים הַיְּהוּדִים אֲשֶׁר־בְּשׁוּשָׁן גַּם בְּיוֹם אַרְבָּעָה עָשָׂר לְחֹדֶשׁ אֲדָר וַיּֽ͏ַהַרְגוּ בְשׁוּשָׁן שְׁלֹשׁ מֵאוֹת אִישׁ וּבַבִּזָּה לֹא שָׁלְחוּ אֶת־יָדָֽם׃ | 15 |
ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى شۇشاندىكى يەھۇدىيلار يەنە يىغىلىپ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. |
וּשְׁאָר הַיְּהוּדִים אֲשֶׁר בִּמְדִינוֹת הַמֶּלֶךְ נִקְהֲלוּ ׀ וְעָמֹד עַל־נַפְשָׁם וְנוֹחַ מֵאֹיְבֵיהֶם וְהָרֹג בְּשֹׂנְאֵיהֶם חֲמִשָּׁה וְשִׁבְעִים אָלֶף וּבַבִּזָּה לֹא שָֽׁלְחוּ אֶת־יָדָֽם׃ | 16 |
پادىشاھنىڭ ھەرقايسى باشقا ئۆلكىلىرىدىكى قالغان يەھۇدىيلار يىغىلىپ ئۆز جانلىرىنى ساقلاشقا سەپتە تۇرۇپ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلاردىن جەمئىي يەتمىش بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئەمما ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا مۇيەسسەر بولدى. |
בְּיוֹם־שְׁלֹשָׁה עָשָׂר לְחֹדֶשׁ אֲדָר וְנוֹחַ בְּאַרְבָּעָה עָשָׂר בּוֹ וְעָשֹׂה אֹתוֹ יוֹם מִשְׁתֶּה וְשִׂמְחָֽה׃ | 17 |
بۇ ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنىدىكى ئىش ئىدى؛ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى. |
והיהודיים וְהַיְּהוּדִים אֲשֶׁר־בְּשׁוּשָׁן נִקְהֲלוּ בִּשְׁלֹשָׁה עָשָׂר בּוֹ וּבְאַרְבָּעָה עָשָׂר בּוֹ וְנוֹחַ בַּחֲמִשָּׁה עָשָׂר בּוֹ וְעָשֹׂה אֹתוֹ יוֹם מִשְׁתֶּה וְשִׂמְחָֽה׃ | 18 |
لېكىن شۇشاندىكى يەھۇدىيلار بولسا ئون ئۈچىنچى، ئون تۆتىنچى كۈنلىرى توپلىشىپ جەڭ قىلدى؛ ئون بەشىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى. |
עַל־כֵּן הַיְּהוּדִים הפרוזים הַפְּרָזִים הַיֹּשְׁבִים בְּעָרֵי הַפְּרָזוֹת עֹשִׂים אֵת יוֹם אַרְבָּעָה עָשָׂר לְחֹדֶשׁ אֲדָר שִׂמְחָה וּמִשְׁתֶּה וְיוֹם טוֹב וּמִשְׁלוֹחַ מָנוֹת אִישׁ לְרֵעֵֽהוּ׃ | 19 |
شۇ سەۋەبتىن سەھرادىكى يەھۇدىيلار، يەنى يېزا-قىشلاقلاردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان مۇبارەك كۈن بېكىتىپ، بىر-بىرىگە سوۋغا-سالام بېرىشىدىغان بولدى. |
וַיִּכְתֹּב מָרְדֳּכַי אֶת־הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה וַיִּשְׁלַח סְפָרִים אֶל־כָּל־הַיְּהוּדִים אֲשֶׁר בְּכָל־מְדִינוֹת הַמֶּלֶךְ אֲחַשְׁוֵרוֹשׁ הַקְּרוֹבִים וְהָרְחוֹקִֽים׃ | 20 |
موردىكاي بۇ ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ ھەمدە ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىنىڭ يىراق-يېقىن جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلارغا مەكتۇپلارنى يوللىدى. |
לְקַיֵּם עֲלֵיהֶם לִהְיוֹת עֹשִׂים אֵת יוֹם אַרְבָּעָה עָשָׂר לְחֹדֶשׁ אֲדָר וְאֵת יוֹם־חֲמִשָּׁה עָשָׂר בּוֹ בְּכָל־שָׁנָה וְשָׁנָֽה׃ | 21 |
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەريىلى ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆت، ئون بەشىنچى كۈنىنى بايرام قىلىپ ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ بېكىتتى؛ |
כַּיָּמִים אֲשֶׁר־נָחוּ בָהֶם הַיְּהוּדִים מֵאוֹיְבֵיהֶם וְהַחֹדֶשׁ אֲשֶׁר נֶהְפַּךְ לָהֶם מִיָּגוֹן לְשִׂמְחָה וּמֵאֵבֶל לְיוֹם טוֹב לַעֲשׂוֹת אוֹתָם יְמֵי מִשְׁתֶּה וְשִׂמְחָה וּמִשְׁלוֹחַ מָנוֹת אִישׁ לְרֵעֵהוּ וּמַתָּנוֹת לָֽאֶבְיוֹנִֽים׃ | 22 |
ئۇ بۇ ئىككى كۈننى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەندىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا ئېرىشكەن كۈنى سۈپىتىدە، شۇ ئاينى ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى شادلىققا، يىغا-زارلىرى مۇبارەك كۈنگە ئايلانغان ئاي سۈپىتىدە ئەسلەپ، بۇ ئىككى كۈننى زىياپەت قىلىپ شادلىنىدىغان، كۆپچىلىك بىر-بىرىگە سالام-سوۋغا بېرىدىغان، كەمبەغەللەرگە خەير-ئېھسان قىلىدىغان كۈن قىلىشقا بۇيرۇدى. |
וְקִבֵּל הַיְּהוּדִים אֵת אֲשֶׁר־הֵחֵלּוּ לַעֲשׂוֹת וְאֵת אֲשֶׁר־כָּתַב מָרְדֳּכַי אֲלֵיהֶֽם׃ | 23 |
شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار دەسلەپ باشلىغان شۇ [ھېيتنى] داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە شۇنىڭدەك موردىكاينىڭ ئۇلارغا يازغانلىرىنىمۇ ئورۇنلايدىغانغا ۋەدە بېرىشتى. |
כִּי הָמָן בֶּֽן־הַמְּדָתָא הָֽאֲגָגִי צֹרֵר כָּל־הַיְּהוּדִים חָשַׁב עַל־הַיְּהוּדִים לְאַבְּדָם וְהִפִּיל פּוּר הוּא הַגּוֹרָל לְהֻמָּם וּֽלְאַבְּדָֽם׃ | 24 |
چۈنكى ئەسلىدە بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يەھۇدىيلارنى ھالاك قىلىشنى قەستلىگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى نەسلىدىن قۇرۇتۇپ يوقاتماقچى بولۇپ «پۇر»، يەنى چەك تاشلىغانىدى. |
וּבְבֹאָהּ לִפְנֵי הַמֶּלֶךְ אָמַר עִם־הַסֵּפֶר יָשׁוּב מַחֲשַׁבְתּוֹ הָרָעָה אֲשֶׁר־חָשַׁב עַל־הַיְּהוּדִים עַל־רֹאשׁוֹ וְתָלוּ אֹתוֹ וְאֶת־בָּנָיו עַל־הָעֵֽץ׃ | 25 |
لېكىن بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، پادىشاھ مەكتۇپلارنى يېزىپ، ھامان قەستلىگەن رەزىل ئىش، يەنى ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى قەست قىلغان ئىشى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا يانسۇن، دەپ يارلىق چۈشۈردى؛ ھەم كىشىلەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى دارغا ئاستى. |
עַל־כֵּן קָֽרְאוּ לַיָּמִים הָאֵלֶּה פוּרִים עַל־שֵׁם הַפּוּר עַל־כֵּן עַל־כָּל־דִּבְרֵי הָאִגֶּרֶת הַזֹּאת וּמָֽה־רָאוּ עַל־כָּכָה וּמָה הִגִּיעַ אֲלֵיהֶֽם׃ | 26 |
شۇڭلاشقا، كىشىلەر «پۇر» (چەك) دېگەن ئىسىم بويىچە بۇ ئىككى كۈننى «پۇرىم بايرىمى» دەپ ئاتىدى؛ شۇڭا يەھۇدىيلار ئەشۇ خەتتە پۈتۈلگەنلىرى بويىچە، ھەم كۆرگەن، ھەم باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئاساسەن، |
קִיְּמוּ וקבל וְקִבְּלוּ הַיְּהוּדִים ׀ עֲלֵיהֶם ׀ וְעַל־זַרְעָם וְעַל כָּל־הַנִּלְוִים עֲלֵיהֶם וְלֹא יַעֲבוֹר לִהְיוֹת עֹשִׂים אֵת שְׁנֵי הַיָּמִים הָאֵלֶּה כִּכְתָבָם וְכִזְמַנָּם בְּכָל־שָׁנָה וְשָׁנָֽה׃ | 27 |
ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ھەمدە ئۆزلىرى بىلەن بىرلەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ پۈتۈلگەن ئەھكامنى تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەشۇ ئىككى كۈننى ھەر يىلى مەڭگۈ ئۈزۈلدۈرمەي بايرام قىلىشىنى قارار قىلدى، |
וְהַיָּמִים הָאֵלֶּה נִזְכָּרִים וְנַעֲשִׂים בְּכָל־דּוֹר וָדוֹר מִשְׁפָּחָה וּמִשְׁפָּחָה מְדִינָה וּמְדִינָה וְעִיר וָעִיר וִימֵי הַפּוּרִים הָאֵלֶּה לֹא יַֽעַבְרוּ מִתּוֹךְ הַיְּהוּדִים וְזִכְרָם לֹא־יָסוּף מִזַּרְעָֽם׃ | 28 |
شۇنداقلا بۇ ئىككى كۈن ھەربىر دەۋردە، ھەربىر جەمەت-ئائىلىدە، ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەردە خاتىرىلىنىپ تەبرىكلنىپ تۇرسۇن ۋە «پۇرىم بايرىمى» بولىدىغان مۇشۇ كۈنلەرنىڭ تەبرىكلىنىشى يەھۇدىي خەلقى ئىچىدە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-نەسلى ئارىسىدىنمۇ يوقاپ كەتمىسۇن، دەپ قارار قىلدى. |
וַתִּכְתֹּב אֶסְתֵּר הַמַּלְכָּה בַת־אֲבִיחַיִל וּמָרְדֳּכַי הַיְּהוּדִי אֶת־כָּל־תֹּקֶף לְקַיֵּם אֵת אִגֶּרֶת הַפּוּרִים הַזֹּאת הַשֵּׁנִֽית׃ | 29 |
ئاندىن ئابىخائىلنىڭ قىزى، خانىش ئەستەر ۋە يەھۇدىي موردىكاي يەھۇدىيلارغا يازغان «پۇرىم بايرىمى» توغرىسىدىكى شۇ ئىككىنچى خەتنى تولۇق ھوقۇقى بىلەن تەكىتلەپ، يەنە بىر خەتنى يوللىدى. |
וַיִּשְׁלַח סְפָרִים אֶל־כָּל־הַיְּהוּדִים אֶל־שֶׁבַע וְעֶשְׂרִים וּמֵאָה מְדִינָה מַלְכוּת אֲחַשְׁוֵרוֹשׁ דִּבְרֵי שָׁלוֹם וֶאֱמֶֽת׃ | 30 |
موردىكاي خاتىرجەملىك ۋە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىدىغان مەكتۇپلارنى ئاھاشۋېروشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارغا ئەۋەتىپ، |
לְקַיֵּם אֵת־יְמֵי הַפֻּרִים הָאֵלֶּה בִּזְמַנֵּיהֶם כַּאֲשֶׁר קִיַּם עֲלֵיהֶם מָרְדֳּכַי הַיְּהוּדִי וְאֶסְתֵּר הַמַּלְכָּה וְכַאֲשֶׁר קִיְּמוּ עַל־נַפְשָׁם וְעַל־זַרְעָם דִּבְרֵי הַצֹּמוֹת וְזַעֲקָתָֽם׃ | 31 |
شۇ «پۇرىم» كۈنلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئۆتكۈزۈلسۇن، شۇنىڭدەك يەھۇدىي موردىكاي ۋە خانىش ئەستەرنىڭ تاپىلىغانلىرى بويىچە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ۋە نەسلىگە بېكىتكەنلىرى بويىچە ئەينى ۋاقىتتىكى تۇتۇلغان روزىلار ۋە كۆتۈرۈلگەن نىدا-پەريادلار ئەسلەپ خاتىرىلەنسۇن، دەپ تەكىتلىدى. |
וּמַאֲמַר אֶסְתֵּר קִיַּם דִּבְרֵי הַפֻּרִים הָאֵלֶּה וְנִכְתָּב בַּסֵּֽפֶר׃ | 32 |
ئەستەرنىڭ يارلىقى «پۇرىم بايرىمى»دىكى شۇ ئىشلارنى بېكىتىپ بەردى؛ بۇ ئىش تارىخنامىغىمۇ پۈتۈلدى. |