וַיַּעַל מֹשֶׁה מֵֽעַרְבֹת מוֹאָב אֶל־הַר נְבוֹ רֹאשׁ הַפִּסְגָּה אֲשֶׁר עַל־פְּנֵי יְרֵחוֹ וַיַּרְאֵהוּ יְהוָה אֶת־כָּל־הָאָרֶץ אֶת־הַגִּלְעָד עַד־דָּֽן׃ | 1 |
ئاندىن مۇسا موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدىن چىقىپ نېبو تېغىنىڭ ئۈستىگە، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پۈتكۈل زېمىننى كۆرسەتتى؛ گىلېئادتىن دانغىچە، |
וְאֵת כָּל־נַפְתָּלִי וְאֶת־אֶרֶץ אֶפְרַיִם וּמְנַשֶּׁה וְאֵת כָּל־אֶרֶץ יְהוּדָה עַד הַיָּם הָאַחֲרֽוֹן׃ | 2 |
پۈتكۈل نافتالى بىلەن ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ زېمىنىنى، يەھۇدانىڭ پۈتكۈل زېمىنى بىلەن قوشۇپ مەغرىبتىكى دېڭىزغىچە، |
וְאֶת־הַנֶּגֶב וְֽאֶת־הַכִּכָּר בִּקְעַת יְרֵחוֹ עִיר הַתְּמָרִים עַד־צֹֽעַר׃ | 3 |
جەنۇبتىكى نەگەۋ زېمىنىنى، «خورما شەھىرى» دەپ ئاتالغان يېرىخو ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىكنى زوئار شەھىرىگە قەدەر، ھەممىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. |
וַיֹּאמֶר יְהוָה אֵלָיו זֹאת הָאָרֶץ אֲשֶׁר נִשְׁבַּעְתִּי לְאַבְרָהָם לְיִצְחָק וּֽלְיַעֲקֹב לֵאמֹר לְזַרְעֲךָ אֶתְּנֶנָּה הֶרְאִיתִיךָ בְעֵינֶיךָ וְשָׁמָּה לֹא תַעֲבֹֽר׃ | 4 |
ئاندىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «مەن قەسەم قىلىپ: «بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە بېرىمەن» دەپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىن مانا مۇشۇدۇر. ئەمدى ساڭا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلدىم، لېكىن سەن شۇ يەرگە ئۆتۈپ كىرەلمەيسەن» دېدى. |
וַיָּמָת שָׁם מֹשֶׁה עֶֽבֶד־יְהוָה בְּאֶרֶץ מוֹאָב עַל־פִּי יְהוָֽה׃ | 5 |
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا شۇ يەردە، يەنى موئابنىڭ زېمىنىدا ۋاپات بولدى. |
וַיִּקְבֹּר אֹתוֹ בַגַּיְ בְּאֶרֶץ מוֹאָב מוּל בֵּית פְּעוֹר וְלֹֽא־יָדַע אִישׁ אֶת־קְבֻרָתוֹ עַד הַיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 6 |
ئۇ ئۇنى موئابنىڭ زېمىنىدىكى تاغ جىلغىسىدا، بەيت-پېئورنىڭ ئۇتتۇرىسىدا دەپنە قىلدى؛ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بۈگۈنگىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ. |
וּמֹשֶׁה בֶּן־מֵאָה וְעֶשְׂרִים שָׁנָה בְּמֹתוֹ לֹֽא־כָהֲתָה עֵינוֹ וְלֹא־נָס לֵחֹֽה׃ | 7 |
مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقىتتا بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىرگەنىدى، لېكىن كۆزلىرى ھېچ تورلاشمىغان ۋە ماغدۇرىدىن ھېچ كەتمىگەنىدى. |
וַיִּבְכּוּ בְנֵי יִשְׂרָאֵל אֶת־מֹשֶׁה בְּעַֽרְבֹת מוֹאָב שְׁלֹשִׁים יוֹם וַֽיִּתְּמוּ יְמֵי בְכִי אֵבֶל מֹשֶֽׁה׃ | 8 |
ئىسرائىللار مۇسا ئۈچۈن موئابدىكى تۈزلەڭلىكتە ئوتتۇز كۈنگىچە ماتەم تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغلايدىغان كۈنلەر تۈگىگەنىدى. |
וִֽיהוֹשֻׁעַ בִּן־נוּן מָלֵא רוּחַ חָכְמָה כִּֽי־סָמַךְ מֹשֶׁה אֶת־יָדָיו עָלָיו וַיִּשְׁמְעוּ אֵלָיו בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל וַֽיַּעֲשׂוּ כַּאֲשֶׁר צִוָּה יְהוָה אֶת־מֹשֶֽׁה׃ | 9 |
مۇسا قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويغاچقا، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دانالىق بەرگۈچى روھ بىلەن تولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. |
וְלֹֽא־קָם נָבִיא עוֹד בְּיִשְׂרָאֵל כְּמֹשֶׁה אֲשֶׁר יְדָעוֹ יְהוָה פָּנִים אֶל־פָּנִֽים׃ | 10 |
مۇسادىن كېيىن ئۇنىڭدەك پەرۋەردىگار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەن ئىككىنچى بىر پەيغەمبەر ئىسرائىل ئىچىدە چىقمىدى؛ |
לְכָל־הָאֹתוֹת וְהַמּוֹפְתִים אֲשֶׁר שְׁלָחוֹ יְהוָה לַעֲשׂוֹת בְּאֶרֶץ מִצְרָיִם לְפַרְעֹה וּלְכָל־עֲבָדָיו וּלְכָל־אַרְצֽוֹ׃ | 11 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مىسىر زېمىنىغا ئەۋەتىشى بىلەن ئۇ شۇ يەردە پىرەۋنگە، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە پۈتكۈل زېمىنىدىكىلەر ئالدىدا كۆرسەتكەن ھەممە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرگە، |
וּלְכֹל הַיָּד הַחֲזָקָה וּלְכֹל הַמּוֹרָא הַגָּדוֹל אֲשֶׁר עָשָׂה מֹשֶׁה לְעֵינֵי כָּל־יִשְׂרָאֵֽל׃ 959 34 4 4 | 12 |
ئايان قىلىنغان شۇ بارلىق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ۋە مۇسانىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن بارلىق دەھشەتلىك ھەيۋىسىگە تەڭ تۇرغۇدەك ھېچقانداق ئادەم چىقمىدى. |