וַנֵּפֶן וַנַּעַל דֶּרֶךְ הַבָּשָׁן וַיֵּצֵא עוֹג מֶֽלֶךְ־הַבָּשָׁן לִקְרָאתֵנוּ הוּא וְכָל־עַמּוֹ לַמִּלְחָמָה אֶדְרֶֽעִי׃ | 1 |
ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، باشانغا بارىدىغان يول بىلەن چىقىپ ماڭدۇق؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە بارلىق خەلقى بىزگە قارشى جەڭ قىلىشقا ئەدرەيگە چىقتى. |
וַיֹּאמֶר יְהוָה אֵלַי אַל־תִּירָא אֹתוֹ כִּי בְיָדְךָ נָתַתִּי אֹתוֹ וְאֶת־כָּל־עַמּוֹ וְאֶת־אַרְצוֹ וְעָשִׂיתָ לּוֹ כַּאֲשֶׁר עָשִׂיתָ לְסִיחֹן מֶלֶךְ הָֽאֱמֹרִי אֲשֶׁר יוֹשֵׁב בְּחֶשְׁבּֽוֹן׃ | 2 |
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى، ئۇنىڭ خەلقى ۋە زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ ھەشبوندا تۇرغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى نېمە قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىسەن» ــ دېدى. |
וַיִּתֵּן יְהוָה אֱלֹהֵינוּ בְּיָדֵנוּ גַּם אֶת־עוֹג מֶֽלֶךְ־הַבָּשָׁן וְאֶת־כָּל־עַמּוֹ וַנַּכֵּהוּ עַד־בִּלְתִּי הִשְׁאִֽיר־לוֹ שָׂרִֽיד׃ | 3 |
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز دەرۋەقە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى ۋە بارلىق خەلقىنى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن ھېچكىمنى قالدۇرماي قىردۇق. |
וַנִּלְכֹּד אֶת־כָּל־עָרָיו בָּעֵת הַהִוא לֹא הָֽיְתָה קִרְיָה אֲשֶׁר לֹא־לָקַחְנוּ מֵֽאִתָּם שִׁשִּׁים עִיר כָּל־חֶבֶל אַרְגֹּב מַמְלֶכֶת עוֹג בַּבָּשָֽׁן׃ | 4 |
شۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدۇق؛ بىز ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىن ئىگىلىمىگەن بىرسىمۇ قالمىدى. بۇلار باشاندىكى ئوگنىڭ پادىشاھلىقى، يەنى پۈتكۈل ئارگوب رايونى بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش شەھەر ئىدى. |
כָּל־אֵלֶּה עָרִים בְּצֻרוֹת חוֹמָה גְבֹהָה דְּלָתַיִם וּבְרִיחַ לְבַד מֵעָרֵי הַפְּרָזִי הַרְבֵּה מְאֹֽד׃ | 5 |
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز سېپىللار ۋە بالداقلىق قوۋۇقلىرى بىلەن مۇستەھكەم قىلىنغانىدى؛ ئۇلارغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. |
וַנַּחֲרֵם אוֹתָם כַּאֲשֶׁר עָשִׂינוּ לְסִיחֹן מֶלֶךְ חֶשְׁבּוֹן הַחֲרֵם כָּל־עִיר מְתִם הַנָּשִׁים וְהַטָּֽף׃ | 6 |
بىز ئۇلارنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغىنىمىزدەك تەلتۆكۈس يوقاتتۇق ــ بارلىق شەھەرلەر، ئەرلەر، ئايال-بالىلارنى قويماي ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق. |
וְכָל־הַבְּהֵמָה וּשְׁלַל הֶעָרִים בַּזּוֹנוּ לָֽנוּ׃ | 7 |
بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن بارلىق چارۋا-ماللارنى ۋە شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. |
וַנִּקַּח בָּעֵת הַהִוא אֶת־הָאָרֶץ מִיַּד שְׁנֵי מַלְכֵי הָאֱמֹרִי אֲשֶׁר בְּעֵבֶר הַיַּרְדֵּן מִנַּחַל אַרְנֹן עַד־הַר חֶרְמֽוֹן׃ | 8 |
شۇ چاغدا بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ قولىدىن زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن ھەرمون تېغىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋالدۇق |
צִידֹנִים יִקְרְאוּ לְחֶרְמוֹן שִׂרְיֹן וְהָאֱמֹרִי יִקְרְאוּ־לוֹ שְׂנִֽיר׃ | 9 |
(ھەرمون تېغىنى زىدونىيلار «سىرىئون»، ئامورىيلار «سېنىر» دەپ ئاتايدۇ)؛ |
כֹּל ׀ עָרֵי הַמִּישֹׁר וְכָל־הַגִּלְעָד וְכָל־הַבָּשָׁן עַד־סַלְכָה וְאֶדְרֶעִי עָרֵי מַמְלֶכֶת עוֹג בַּבָּשָֽׁן׃ | 10 |
بىز يەنە تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر، پۈتكۈل گىلېئاد ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىدىكى سالىكاھ ۋە ئەدرەي شەھەرلىرىگىچە، باشاننىڭ بارلىق زېمىنىنى ئىگىلىدۇق |
כִּי רַק־עוֹג מֶלֶךְ הַבָּשָׁן נִשְׁאַר מִיֶּתֶר הָרְפָאִים הִנֵּה עַרְשׂוֹ עֶרֶשׂ בַּרְזֶל הֲלֹה הִוא בְּרַבַּת בְּנֵי עַמּוֹן תֵּשַׁע אַמּוֹת אָרְכָּהּ וְאַרְבַּע אַמּוֹת רָחְבָּהּ בְּאַמַּת־אִֽישׁ׃ | 11 |
(شۇ چاغدا گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن پەقەت باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى؛ ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈردىن ياسالغانىدى؛ مانا، ئۇ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز. «گەز» ــ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ جەينىكى ئۆلچەم قىلىنغان). |
וְאֶת־הָאָרֶץ הַזֹּאת יָרַשְׁנוּ בָּעֵת הַהִוא מֵעֲרֹעֵר אֲשֶׁר־עַל־נַחַל אַרְנֹן וַחֲצִי הַֽר־הַגִּלְעָד וְעָרָיו נָתַתִּי לָרֽ͏ֻאוּבֵנִי וְלַגָּדִֽי׃ | 12 |
بىز شۇ چاغدا ئىگىلىگەن زېمىن مۇنداق: ــ ئارنون دەرياسى يېنىدىكى ئاروئەر شەھىرىدىن تارتىپ، گىلېئاد تاغلىقىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى رۇبەن ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەرگە تەقدىم قىلدىم؛ |
וְיֶתֶר הַגִּלְעָד וְכָל־הַבָּשָׁן מַמְלֶכֶת עוֹג נָתַתִּי לַחֲצִי שֵׁבֶט הַֽמְנַשֶּׁה כֹּל חֶבֶל הָֽאַרְגֹּב לְכָל־הַבָּשָׁן הַהוּא יִקָּרֵא אֶרֶץ רְפָאִֽים׃ | 13 |
گىلېئادنىڭ قالغان زېمىنى ۋە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى بولغان پۈتكۈل باشاننى مەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە تەقدىم قىلدىم (پۈتكۈل ئارگوب رايونى، يەنى پۈتكۈل باشان «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» دېيىلىدۇ. |
יָאִיר בֶּן־מְנַשֶּׁה לָקַח אֶת־כָּל־חֶבֶל אַרְגֹּב עַד־גְּבוּל הַגְּשׁוּרִי וְהַמַּֽעֲכָתִי וַיִּקְרָא אֹתָם עַל־שְׁמוֹ אֶת־הַבָּשָׁן חַוֺּת יָאִיר עַד הַיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 14 |
ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر پۈتكۈل ئارگوب رايونىنى، يەنى باشاننى گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «ھاۋۋوت-يائىر» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئاتالماقتا). |
וּלְמָכִיר נָתַתִּי אֶת־הַגִּלְעָֽד׃ | 15 |
گىلېئادنى بولسا مەن ماكىرغا تەقدىم قىلدىم. |
וְלָרֻאוּבֵנִי וְלַגָּדִי נָתַתִּי מִן־הַגִּלְעָד וְעַד־נַחַל אַרְנֹן תּוֹךְ הַנַּחַל וּגְבֻל וְעַד יַבֹּק הַנַּחַל גְּבוּל בְּנֵי עַמּֽוֹן׃ | 16 |
رۇبەندىكىلەر ۋە گادتىكىلەرگە مەن گىلېئادتىن ئارنون دەرياسىغىچە (ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسى چېگرا ئىدى)، شۇنداقلا ئاممونىيلارنىڭ چېگراسى بولغان ياببوك دەرياسىغىچە بولغان زېمىننى تەقدىم قىلدىم؛ |
וְהָֽעֲרָבָה וְהַיַּרְדֵּן וּגְבֻל מִכִּנֶּרֶת וְעַד יָם הָֽעֲרָבָה יָם הַמֶּלַח תַּחַת אַשְׁדֹּת הַפִּסְגָּה מִזְרָֽחָה׃ | 17 |
يەنە پىسگاھ تاغلىقى ئاستىدا ياتقان ئاراباھ تۈزلەڭلىكى (تاغلىق تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىي تەرىپىدە) ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كىننەرەت كۆلىدىن تارتىپ تۇز دېڭىزغىچە بولغان قىسمىنى ئۇلارغا چېگرا قىلىپ بەردىم. |
וָאֲצַו אֶתְכֶם בָּעֵת הַהִוא לֵאמֹר יְהוָה אֱלֹהֵיכֶם נָתַן לָכֶם אֶת־הָאָרֶץ הַזֹּאת לְרִשְׁתָּהּ חֲלוּצִים תּֽ͏ַעַבְרוּ לִפְנֵי אֲחֵיכֶם בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל כָּל־בְּנֵי־חָֽיִל׃ | 18 |
مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ تەئەللۇقاتىڭلار بولسۇن دەپ ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغان؛ ئاراڭلاردىكى جەڭچىلەر جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغان ھالدا قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار؛ |
רַק נְשֵׁיכֶם וְטַפְּכֶם וּמִקְנֵכֶם יָדַעְתִּי כִּֽי־מִקְנֶה רַב לָכֶם יֵֽשְׁבוּ בְּעָרֵיכֶם אֲשֶׁר נָתַתִּי לָכֶֽם׃ | 19 |
پەقەت بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار (مال-چارۋىلىرىڭلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلىمەن) مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان شەھەرلەردە قالسۇن؛ |
עַד אֲשֶׁר־יָנִיחַ יְהוָה ׀ לֽ͏ַאֲחֵיכֶם כָּכֶם וְיָרְשׁוּ גַם־הֵם אֶת־הָאָרֶץ אֲשֶׁר יְהוָה אֱלֹהֵיכֶם נֹתֵן לָהֶם בְּעֵבֶר הַיַּרְדֵּן וְשַׁבְתֶּם אִישׁ לִֽירֻשָּׁתוֹ אֲשֶׁר נָתַתִּי לָכֶֽם׃ | 20 |
پەرۋەردىگار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرنىڭ ئارام ئالغىنىڭلاردەك ئارام بەرگۈچە، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلىگۈچە ئۇلار بىلەن بىرگە [جەڭ قىلىڭلار]؛ ئاندىن سىلەر ھەربىرىڭلار مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان ئۆز تەئەللۇقاتىڭلارغا قايتىسىلەر» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. |
וְאֶת־יְהוֹשׁוּעַ צִוֵּיתִי בָּעֵת הַהִוא לֵאמֹר עֵינֶיךָ הָרֹאֹת אֵת כָּל־אֲשֶׁר עָשָׂה יְהוָה אֱלֹהֵיכֶם לִשְׁנֵי הַמְּלָכִים הָאֵלֶּה כֵּֽן־יַעֲשֶׂה יְהוָה לְכָל־הַמַּמְלָכוֹת אֲשֶׁר אַתָּה עֹבֵר שָֽׁמָּה׃ | 21 |
شۇ چاغدىمۇ مەن يەشۇئاغا: «سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئىككى پادىشاھقا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ؛ پەرۋەردىگار سەن بارىدىغان يەردىكى پادىشاھلىقلارنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ. |
לֹא תִּ͏ְירָאוּם כִּי יְהוָה אֱלֹֽהֵיכֶם הוּא הַנִּלְחָם לָכֶֽם׃ | 22 |
سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. |
וָאֶתְחַנַּן אֶל־יְהוָה בָּעֵת הַהִוא לֵאמֹֽר׃ | 23 |
شۇ چاغدا مەن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ: ــ |
אֲדֹנָי יְהוִה אַתָּה הַֽחִלּוֹתָ לְהַרְאוֹת אֶֽת־עַבְדְּךָ אֶת־גָּדְלְךָ וְאֶת־יָדְךָ הַחֲזָקָה אֲשֶׁר מִי־אֵל בַּשָּׁמַיִם וּבָאָרֶץ אֲשֶׁר־יַעֲשֶׂה כְמַעֲשֶׂיךָ וְכִגְבוּרֹתֶֽךָ׃ | 24 |
«ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز قۇلۇڭغا ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭنى ئايان قىلىشقا كىرىشتىڭ؛ چۈنكى مەيلى ئاسمانلاردا ياكى زېمىندا بولسۇن سېنىڭ قىلغانلىرىڭغا ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭگە تەڭ كەلگۈدەك شۇنداق ئىلاھ بارمۇ؟ |
אֶעְבְּרָה־נָּא וְאֶרְאֶה אֶת־הָאָרֶץ הַטּוֹבָה אֲשֶׁר בְּעֵבֶר הַיַּרְדֵּן הָהָר הַטּוֹב הַזֶּה וְהַלְּבָנֽוֹן׃ | 25 |
سەندىن ئۆتۈنۈمەنكى، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شۇ يەردىكى ياخشى زېمىننى ــ شۇ ياخشى تاغلىقنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن»، ــ دېدىم. |
וַיִּתְעַבֵּר יְהוָה בִּי לְמַעַנְכֶם וְלֹא שָׁמַע אֵלָי וַיֹּאמֶר יְהוָה אֵלַי רַב־לָךְ אַל־תּוֹסֶף דַּבֵּר אֵלַי עוֹד בַּדָּבָר הַזֶּֽה׃ | 26 |
لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلار تۈپەيلىدىن ماڭا غەزەپلىنىپ ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالمىدى، بەلكى ماڭا: «بولدى، بەس! بۇ ئىشنى ئالدىمدا ئىككىنچى تىلغا ئالغۇچى بولما. |
עֲלֵה ׀ רֹאשׁ הַפִּסְגָּה וְשָׂא עֵינֶיךָ יָמָּה וְצָפֹנָה וְתֵימָנָה וּמִזְרָחָה וּרְאֵה בְעֵינֶיךָ כִּי־לֹא תַעֲבֹר אֶת־הַיַּרְדֵּן הַזֶּֽה׃ | 27 |
سەن پىسگاھنىڭ چوققىسىغا چىقىپ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن مەغرىبكە، شىمالغا، جەنۇبقا ۋە مەشرىققە تىكىلىپ قارا؛ چۈنكى سەن مۇشۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن. |
וְצַו אֶת־יְהוֹשֻׁעַ וְחַזְּקֵהוּ וְאַמְּצֵהוּ כִּי־הוּא יַעֲבֹר לִפְנֵי הָעָם הַזֶּה וְהוּא יַנְחִיל אוֹתָם אֶת־הָאָרֶץ אֲשֶׁר תִּרְאֶֽה׃ | 28 |
يەشۇئاغا ۋەزىپىنى تاپىلىغىن، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ يۈرەكلىك قىل؛ چۈنكى ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ سەن كۆرىدىغان شۇ زېمىنغا ئۇلارنى ئىگە قىلغۇزىدۇ» ــ دېدى. |
וַנֵּשֶׁב בַּגָּיְא מוּל בֵּית פְּעֽוֹר׃ | 29 |
شۇنىڭ بىلەن بىز بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا تۇرۇپ قالدۇق. |