כִּֽי־יִקַּח אִישׁ אִשָּׁה וּבְעָלָהּ וְהָיָה אִם־לֹא תִמְצָא־חֵן בְּעֵינָיו כִּי־מָצָא בָהּ עֶרְוַת דָּבָר וְכָתַב לָהּ סֵפֶר כְּרִיתֻת וְנָתַן בְּיָדָהּ וְשִׁלְּחָהּ מִבֵּיתֽוֹ׃ | 1 |
ئەگەر بىرسى بىر ئايالنى ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بىرەر سەت ئىشنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇنداقتا ئۇ تالاق خېتىنى پۈتۈپ، ئۇنىڭ قولىغا بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. |
וְיָצְאָה מִבֵּיתוֹ וְהָלְכָה וְהָיְתָה לְאִישׁ־אַחֵֽר׃ | 2 |
ئايال ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا ئەرگە تەگسە بولىدۇ. |
וּשְׂנֵאָהּ הָאִישׁ הָאַחֲרוֹן וְכָתַב לָהּ סֵפֶר כְּרִיתֻת וְנָתַן בְּיָדָהּ וְשִׁלְּחָהּ מִבֵּיתוֹ אוֹ כִי יָמוּת הָאִישׁ הָאַחֲרוֹן אֲשֶׁר־לְקָחָהּ לוֹ לְאִשָּֽׁה׃ | 3 |
بۇ ئىككىنچى ئەرمۇ ئۇنى يامان كۆرۈپ، تالاق خېتىنى يېزىپ قولىغا بېرىپ ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى ئۇنى ئالغان ئىككىنچى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە |
לֹא־יוּכַל בַּעְלָהּ הָרִאשׁוֹן אֲשֶֽׁר־שִׁלְּחָהּ לָשׁוּב לְקַחְתָּהּ לִהְיוֹת לוֹ לְאִשָּׁה אַחֲרֵי אֲשֶׁר הֻטַּמָּאָה כִּֽי־תוֹעֵבָה הִוא לִפְנֵי יְהוָה וְלֹא תַחֲטִיא אֶת־הָאָרֶץ אֲשֶׁר יְהוָה אֱלֹהֶיךָ נֹתֵן לְךָ נַחֲלָֽה׃ | 4 |
ئۇنى قويۇپ بەرگەن ئاۋۋالقى ئېرى ئۇنى ناپاك ھېسابلاپ، ئىككىنچى قېتىم خوتۇنلۇققا ئالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىش بولىدۇ. سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننىڭ ئۈستىگە گۇناھ يۈكلىمىگىن. |
כִּֽי־יִקַּח אִישׁ אִשָּׁה חֲדָשָׁה לֹא יֵצֵא בַּצָּבָא וְלֹא־יַעֲבֹר עָלָיו לְכָל־דָּבָר נָקִי יִהְיֶה לְבֵיתוֹ שָׁנָה אֶחָת וְשִׂמַּח אֶת־אִשְׁתּוֹ אֲשֶׁר־לָקָֽח׃ | 5 |
ئەگەر بىركىم يېڭىدىن خوتۇن ئالغان بولسا ئۇنىڭغا نە جەڭگە چىقىش، نە باشقا بىرەر ئىشقا بۇيرۇلمىسۇن؛ ئۇ بەلكى ئالغان خوتۇنىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بىر يىلغىچە ئەركىن-ئازاد بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن. |
לֹא־יַחֲבֹל רֵחַיִם וָרָכֶב כִּי־נֶפֶשׁ הוּא חֹבֵֽל׃ | 6 |
ھېچكىم يارغۇنچاق ياكى تۈگمەننىڭ ئۈستى تېشىنى كاپالەتكە ئالمىسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش بىرسىنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئالغاندەك بولىدۇ. |
כִּי־יִמָּצֵא אִישׁ גֹּנֵב נֶפֶשׁ מֵאֶחָיו מִבְּנֵי יִשְׂרָאֵל וְהִתְעַמֶּר־בּוֹ וּמְכָרוֹ וּמֵת הַגַּנָּב הַהוּא וּבִֽעַרְתָּ הָרָע מִקִּרְבֶּֽךָ׃ | 7 |
ئەگەر بىركىم ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىنىڭ بىرىنى بۇلاپ كېلىپ، ئۇنى قۇلدەك ئىشلەتسە ۋە ياكى ئۇنى سېتىۋەتسە شۇ بۇلاڭچى ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار ئاراڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. |
הִשָּׁמֶר בְּנֶֽגַע־הַצָּרַעַת לִשְׁמֹר מְאֹד וְלַעֲשׂוֹת כְּכֹל אֲשֶׁר־יוֹרוּ אֶתְכֶם הַכֹּהֲנִים הַלְוִיִּם כַּאֲשֶׁר צִוִּיתִם תִּשְׁמְרוּ לַעֲשֽׂוֹת׃ | 8 |
پېسە-ماخاۋ ۋاباسى پەيدا بولسا، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، لاۋىي كاھىنلارنىڭ سىلەرگە بارلىق كۆرسەتكىنىنى قىلىڭلار؛ مەن ئۇلارغا قانداق ئەمر قىلغان بولسام شۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. |
זָכוֹר אֵת אֲשֶׁר־עָשָׂה יְהוָה אֱלֹהֶיךָ לְמִרְיָם בַּדֶּרֶךְ בְּצֵאתְכֶם מִמִּצְרָֽיִם׃ | 9 |
مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يولدا مەريەمگە قانداق قىلغىنىنى ئەسكە ئېلىڭلار. |
כִּֽי־תַשֶּׁה בְרֵֽעֲךָ מַשַּׁאת מְאוּמָה לֹא־תָבֹא אֶל־בֵּיתוֹ לַעֲבֹט עֲבֹטֽוֹ׃ | 10 |
ئەگەر سەن ئۆز بۇرادەر-قوشناڭغا قەرز بەرسەڭ، كاپالەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرمىگىن؛ |
בַּחוּץ תַּעֲמֹד וְהָאִישׁ אֲשֶׁר אַתָּה נֹשֶׁה בוֹ יוֹצִיא אֵלֶיךָ אֶֽת־הַעֲבוֹט הַחֽוּצָה׃ | 11 |
بەلكى تاشقىرىدا تۇرۇپ تۇر؛ ساڭا قەرزدار كىشى ئۆزى ساڭا بېرىدىغان كاپالەتنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقسۇن. |
וְאִם־אִישׁ עָנִי הוּא לֹא תִשְׁכַּב בַּעֲבֹטֽוֹ׃ | 12 |
شۇ كىشى يوقسۇل بولسا سەن ئۇنىڭدىن كاپالەتكە ئالغان [كىيىمنى] يېپىنىپ ئۇخلىمىغايسەن؛ |
הָשֵׁב תָּשִׁיב לוֹ אֶֽת־הַעֲבוֹט כְּבֹא הַשֶּׁמֶשׁ וְשָׁכַב בְּשַׂלְמָתוֹ וּבֵֽרֲכֶךָּ וּלְךָ תִּהְיֶה צְדָקָה לִפְנֵי יְהוָה אֱלֹהֶֽיךָ׃ | 13 |
ھېچ بولمىغاندا سەن بەلكى كاپالەتنى كۈن پاتقاندا ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئۇ ئۆز تونىنى يېپىنىپ ئۇخلىغاندا، ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ. شۇنداق قىلساڭ بۇ ئىش ساڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىق سانىلىدۇ. |
לֹא־תַעֲשֹׁק שָׂכִיר עָנִי וְאֶבְיוֹן מֵאַחֶיךָ אוֹ מִגֵּרְךָ אֲשֶׁר בְּאַרְצְךָ בִּשְׁעָרֶֽיךָ׃ | 14 |
ئاجىز، نامرات مەدىكارغا ناھەقلىق قىلما، مەيلى ئۇ قېرىنداشلىرىڭلاردىن بولسۇن ياكى يېزا-شەھەرلىرىڭلاردا تۇرغان مۇساپىرلاردىن بولسۇن. |
בְּיוֹמוֹ תִתֵּן שְׂכָרוֹ וְֽלֹא־תָבוֹא עָלָיו הַשֶּׁמֶשׁ כִּי עָנִי הוּא וְאֵלָיו הוּא נֹשֵׂא אֶת־נַפְשׁוֹ וְלֹֽא־יִקְרָא עָלֶיךָ אֶל־יְהוָה וְהָיָה בְךָ חֵֽטְא׃ | 15 |
ئۇ نامراتلىقتىن ئۆز ھەققىگە ئىنتىزار بولغاچقا، ئۇ ئىشلىگەن شۇ كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ھەققىنى چوقۇم بەرگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ، بۇ ئىش گۇناھ بولۇپ بېشىڭغا چۈشىدۇ. |
לֹֽא־יוּמְתוּ אָבוֹת עַל־בָּנִים וּבָנִים לֹא־יוּמְתוּ עַל־אָבוֹת אִיש בְּחֶטְאוֹ יוּמָֽתוּ׃ | 16 |
بالىلىرىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئاتا ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىلارمۇ ئاتىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمىسۇن؛ بەلكى جىنايىتى بار بولغان ھەربىر كىشى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن. |
לֹא תַטֶּה מִשְׁפַּט גֵּר יָתוֹם וְלֹא תַחֲבֹל בֶּגֶד אַלְמָנָֽה׃ | 17 |
سەن مۇساپىر ياكى يېتىم توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىما؛ تۇل ئايالنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ كاپالەتكە ئالما، |
וְזָכַרְתָּ כִּי עֶבֶד הָיִיתָ בְּמִצְרַיִם וַֽיִּפְדְּךָ יְהוָה אֱלֹהֶיךָ מִשָּׁם עַל־כֵּן אָנֹכִי מְצַוְּךָ לַעֲשׂוֹת אֶת־הַדָּבָר הַזֶּֽה׃ | 18 |
بەلكى ئۆزۈڭنىڭ مىسىردا قۇل بولۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن ھۆر قىلىپ قۇتقۇزۇپ كەلگىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن. |
כִּי תִקְצֹר קְצִֽירְךָ בְשָׂדֶךָ וְשֽׁ͏ָכַחְתָּ עֹמֶר בַּשָּׂדֶה לֹא תָשׁוּב לְקַחְתּוֹ לַגֵּר לַיָּתוֹם וְלָאַלְמָנָה יִהְיֶה לְמַעַן יְבָרֶכְךָ יְהוָה אֱלֹהֶיךָ בְּכֹל מַעֲשֵׂה יָדֶֽיךָ׃ | 19 |
سەن ئېتىزلىقىڭنىڭ ھوسۇلىنى يىغقىنىڭدا بىر باغ ئۆنچىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ، ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يېنىپ بارمىغىن؛ ئۇ ئۆنچە مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ بارلىق ئەمگىكىنى بەرىكەتلەيدۇ. |
כִּי תַחְבֹּט זֵֽיתְךָ לֹא תְפַאֵר אַחֲרֶיךָ לַגֵּר לַיָּתוֹם וְלָאַלְמָנָה יִהְיֶֽה׃ | 20 |
زەيتۇن دەرىخىڭنى قاققىنىڭدىن كېيىن شاخلىرىدا قالغانلىرىنى قايتا قاقما؛ قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. |
כִּי תִבְצֹר כַּרְמְךָ לֹא תְעוֹלֵל אַחֲרֶיךָ לַגֵּר לַיָּתוֹם וְלָאַלְמָנָה יִהְיֶֽה׃ | 21 |
ئۈزۈمزارلىقىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ۋاشاڭ قىلمىغىن. قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. |
וְזָכַרְתָּ כִּי־עֶבֶד הָיִיתָ בְּאֶרֶץ מִצְרָיִם עַל־כֵּן אָנֹכִי מְצַוְּךָ לַעֲשׂוֹת אֶת־הַדָּבָר הַזֶּֽה׃ | 22 |
ئۆزۈڭنىڭ مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگىن؛ شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن. |