וַיֹּסֶף אַף־יְהוָה לַחֲרוֹת בְּיִשְׂרָאֵל וַיָּסֶת אֶת־דָּוִד בָּהֶם לֵאמֹר לֵךְ מְנֵה אֶת־יִשְׂרָאֵל וְאֶת־יְהוּדָֽה׃ | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا يەنە قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن داۋۇتنى قوزغىۋىدى، ئۇ ئادەم چىقىرىپ، ئۇلارغا: ــ ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالىقلارنىڭ سانىنى ئال، دېدى. |
וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ אֶל־יוֹאָב ׀ שַׂר־הַחַיִל אֲשֶׁר־אִתּוֹ שֽׁוּט־נָא בְּכָל־שִׁבְטֵי יִשְׂרָאֵל מִדָּן וְעַד־בְּאֵר שֶׁבַע וּפִקְדוּ אֶת־הָעָם וְיָדַעְתִּי אֵת מִסְפַּר הָעָֽם׃ | 2 |
پادىشاھ ئۆز يېنىدا تۇرغان قوشۇن سەردارى يوئابقا: بارغىن، داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ، خەلقنى ساناپ چىققىن، مەن خەلقنىڭ سانىنى بىلەي، دېدى. |
וַיֹּאמֶר יוֹאָב אֶל־הַמֶּלֶךְ וְיוֹסֵף יְהוָה אֱלֹהֶיךָ אֶל־הָעָם כָּהֵם ׀ וְכָהֵם מֵאָה פְעָמִים וְעֵינֵי אֲדֹנִֽי־הַמֶּלֶךְ רֹאוֹת וַאדֹנִי הַמֶּלֶךְ לָמָּה חָפֵץ בַּדָּבָר הַזֶּֽה׃ | 3 |
يوئاب پادىشاھقا: بۇ خەلق ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. بۇنى غوجام پادىشاھ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەي! لېكىن غوجام پادىشاھ نېمىشقا بۇ ئىشتىن خۇش بولىدىكىن؟ ــ دېدى. |
וַיֶּחֱזַק דְּבַר־הַמֶּלֶךְ אֶל־יוֹאָב וְעַל שָׂרֵי הֶחָיִל וַיֵּצֵא יוֹאָב וְשָׂרֵי הַחַיִל לִפְנֵי הַמֶּלֶךְ לִפְקֹד אֶת־הָעָם אֶת־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 4 |
ئەمما يوئاب بىلەن قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى ئۇنىمىسىمۇ، پادىشاھنىڭ يارلىقى ئۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن يوئاب بىلەن قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى ئىسرائىلنىڭ خەلقىنى سانىغىلى پادىشاھنىڭ قېشىدىن چىقتى. |
וַיַּעַבְרוּ אֶת־הַיַּרְדֵּן וַיַּחֲנוּ בַעֲרוֹעֵר יְמִין הָעִיר אֲשֶׁר בְּתוֹךְ־הַנַּחַל הַגָּד וְאֶל־יַעְזֵֽר׃ | 5 |
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يائازەرگە يېقىن گاد ۋادىسىدا ئاروئەردە، يەنى شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى. |
וַיָּבֹאוּ הַגִּלְעָדָה וְאֶל־אֶרֶץ תַּחְתִּים חָדְשִׁי וַיָּבֹאוּ דָּנָה יַּעַן וְסָבִיב אֶל־צִידֽוֹן׃ | 6 |
ئاندىن ئۇلار گىلېئادقا ۋە تاختىم-ھودشىنىڭ يۇرتىغا كەلدى. ئاندىن دان-يائانغا كېلىپ ئايلىنىپ زىدونغا باردى. |
וַיָּבֹאוּ מִבְצַר־צֹר וְכָל־עָרֵי הַחִוִּי וְהַֽכְּנַעֲנִי וַיֵּֽצְאוּ אֶל־נֶגֶב יְהוּדָה בְּאֵר שָֽׁבַע׃ | 7 |
ئاندىن ئۇلار تۇر دېگەن قورغانلىق شەھەرگە، شۇنداقلا ھىۋىيلار بىلەن قانائانىيلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار يەھۇدا يۇرتىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شۇ يەردىكى بەئەر-شېباغىچە باردى. |
וַיָּשֻׁטוּ בְּכָל־הָאָרֶץ וַיָּבֹאוּ מִקְצֵה תִשְׁעָה חֳדָשִׁים וְעֶשְׂרִים יוֹם יְרוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 8 |
شۇنداق قىلىپ ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى كېزىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى. |
וַיִּתֵּן יוֹאָב אֶת־מִסְפַּר מִפְקַד־הָעָם אֶל־הַמֶּלֶךְ וַתְּהִי יִשְׂרָאֵל שְׁמֹנֶה מֵאוֹת אֶלֶף אִֽישׁ־חַיִל שֹׁלֵֽף חֶרֶב וְאִישׁ יְהוּדָה חֲמֵשׁ־מֵאוֹת אֶלֶף אִֽישׁ׃ | 9 |
يوئاب پادىشاھقا خەلقنىڭ سانىنى مەلۇم قىلىپ: ئىسرائىلدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان باتۇردىن سەككىز يۈز مىڭى، يەھۇدادا بەش يۈز مىڭى بار ئىكەن، دېدى. |
וַיַּךְ לֵב־דָּוִד אֹתוֹ אַחֲרֵי־כֵן סָפַר אֶת־הָעָם וַיֹּאמֶר דָּוִד אֶל־יְהוָה חָטָאתִי מְאֹד אֲשֶׁר עָשִׂיתִי וְעַתָּה יְהוָה הַֽעֲבֶר־נָא אֶת־עֲוֺן עַבְדְּךָ כִּי נִסְכַּלְתִּי מְאֹֽד׃ | 10 |
داۋۇت خەلقنىڭ سانىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋىجدانى ئازابلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: بۇ قىلغىنىم ئېغىر گۇناھ بولۇپتۇ. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن تولىمۇ ئەخمەقانىلىك قىپتىمەن، دېدى. |
וַיָּקָם דָּוִד בַּבֹּקֶר וּדְבַר־יְהוָה הָיָה אֶל־גָּד הַנָּבִיא חֹזֵה דָוִד לֵאמֹֽר׃ | 11 |
داۋۇت ئەتىگەندە تۇرغاندا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى داۋۇتنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى بولغان گاد پەيغەمبەرگە كېلىپ: |
הָלוֹךְ וְדִבַּרְתָּ אֶל־דָּוִד כֹּה אָמַר יְהוָה שָׁלֹשׁ אָנֹכִי נוֹטֵל עָלֶיךָ בְּחַר־לְךָ אַֽחַת־מֵהֶם וְאֶֽעֱשֶׂה־לָּֽךְ׃ | 12 |
ــ «بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۈچ [بالا-قازانى] ئالدىڭغا قويىمەن، ئۇلارنىڭ بىرىنى تاللىۋالغىن، مەن شۇنى ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، دەيدۇ ــ دېگىن» ــ دېيىلدى. |
וַיָּבֹא־גָד אֶל־דָּוִד וַיַּגֶּד־לוֹ וַיֹּאמֶר לוֹ הֲתָבוֹא לְךָ שֶֽׁבַע שָׁנִים ׀ רָעָב ׀ בְּאַרְצֶךָ אִם־שְׁלֹשָׁה חֳדָשִׁים נֻסְךָ לִפְנֵֽי־צָרֶיךָ וְהוּא רֹדְפֶךָ וְאִם־הֱיוֹת שְׁלֹשֶׁת יָמִים דֶּבֶר בְּאַרְצֶךָ עַתָּה דַּע וּרְאֵה מָה־אָשִׁיב שֹׁלְחִי דָּבָֽר׃ | 13 |
شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ بۇنى ئۇنىڭغا دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «يەتتە يىلغىچە زېمىنىڭدا ئاچارچىلىق ساڭا بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىڭ ئۈچ ئايغىچە سېنى قوغلاپ، سەن ئۇلاردىن قاچامسەن؟ ۋە ياكى ئۈچ كۈنگىچە زېمىنىڭدا ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ ئەمدى سەن ئوبدان ئويلاپ، بىر نېمە دېگىن، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرەي؟» ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר דָּוִד אֶל־גָּד צַר־לִי מְאֹד נִפְּלָה־נָּא בְיַד־יְהוָה כִּֽי־רַבִּים רחמו רַֽחֲמָיו וּבְיַד־אָדָם אַל־אֶפֹּֽלָה׃ | 14 |
داۋۇت گادقا: مەن تولىمۇ تەڭلىكتە قالدىم! سەندىن ئۆتۈنەيكى، بىز پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقى زوردۇر؛ ئىنساننىڭ قولىغا پەقەت چۈشۈپ قالمىغايمەن! ــ دېدى. |
וַיִּתֵּן יְהוָה דֶּבֶר בְּיִשְׂרָאֵל מֵהַבֹּקֶר וְעַד־עֵת מוֹעֵד וַיָּמָת מִן־הָעָם מִדָּן וְעַד־בְּאֵר שֶׁבַע שִׁבְעִים אֶלֶף אִֽישׁ׃ | 15 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەتىگەندىن تارتىپ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ۋابا چۈشۈردى. داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى. |
וַיִּשְׁלַח יָדוֹ הַמַּלְאָךְ ׀ יְרֽוּשָׁלִַם לְשַׁחֲתָהּ וַיִּנָּחֶם יְהוָה אֶל־הָרָעָה וַיֹּאמֶר לַמַּלְאָךְ הַמַּשְׁחִית בָּעָם רַב עַתָּה הֶרֶף יָדֶךָ וּמַלְאַךְ יְהוָה הָיָה עִם־גֹּרֶן האורנה הָאֲרַוְנָה הַיְבֻסִֽי׃ | 16 |
ئەمدى پەرىشتە قولىنى يېرۇسالېمغا ئۇزۇتۇپ شەھەرنى ھالاك قىلاي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئېغىر ھۆكۈمىدىن پۇشايمان قىلىپ، خەلقنى ھالاك قىلىۋاتقان پەرىشتىگە: ئەمدى بولدى قىلغىن؛ قولۇڭنى يىغقىن، ــ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا ئىدى. |
וַיֹּאמֶר דָּוִד אֶל־יְהוָה בִּרְאֹתוֹ ׀ אֶֽת־הַמַּלְאָךְ ׀ הַמַּכֶּה בָעָם וַיֹּאמֶר הִנֵּה אָנֹכִי חָטָאתִי וְאָנֹכִי הֶעֱוֵיתִי וְאֵלֶּה הַצֹּאן מֶה עָשׂוּ תְּהִי נָא יָדְךָ בִּי וּבְבֵית אָבִֽי׃ | 17 |
داۋۇت خەلقنى يوقىتىۋاتقان پەرىشتىنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارغا: مانا، گۇناھ قىلغان مەن، قەبىھلىك قىلغۇچى مەندۇرمەن. لېكىن بۇ قويلار بولسا نېمە قىلدى؟ سېنىڭ قولۇڭ مېنىڭ ئۈستۈمگە ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېدى. |
וַיָּבֹא־גָד אֶל־דָּוִד בַּיּוֹם הַהוּא וַיֹּאמֶר לוֹ עֲלֵה הָקֵם לַֽיהוָה מִזְבֵּחַ בְּגֹרֶן ארניה אֲרַוְנָה הַיְבֻסִֽי׃ | 18 |
شۇ كۈنى گاد داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بېرىپ يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، دېدى. |
וַיַּעַל דָּוִד כִּדְבַר־גָּד כַּאֲשֶׁר צִוָּה יְהוָֽה׃ | 19 |
داۋۇت گادنىڭ سۆزى بويىچە پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلدى. |
וַיַּשְׁקֵף אֲרַוְנָה וַיַּרְא אֶת־הַמֶּלֶךְ וְאֶת־עֲבָדָיו עֹבְרִים עָלָיו וַיֵּצֵא אֲרַוְנָה וַיִּשְׁתַּחוּ לַמֶּלֶךְ אַפָּיו אָֽרְצָה׃ | 20 |
ئاراۋناھ قاراپ پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلارنىڭ ئۆز تەرىپىگە كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئالدىغا چىقىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يەرگە تەككۈزۈپ، تەزىم قىلدى. |
וַיֹּאמֶר אֲרַוְנָה מַדּוּעַ בָּא אֲדֹנִֽי־הַמֶּלֶךְ אֶל־עַבְדּוֹ וַיֹּאמֶר דָּוִד לִקְנוֹת מֵעִמְּךָ אֶת־הַגֹּרֶן לִבְנוֹת מִזְבֵּחַ לַֽיהוָה וְתֵעָצַר הַמַּגֵּפָה מֵעַל הָעָֽם׃ | 21 |
ئاراۋناھ: غوجام پادىشاھ نېمە ئىش بىلەن قۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلدىلىكىن؟ ــ دەپ سورىدى. داۋۇت: خەلقنىڭ ئارىسىدا ۋابانى توختىتىش ئۈچۈن، بۇ خاماننى سەندىن سېتىۋېلىپ، بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغىلى كەلدىم، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר אֲרַוְנָה אֶל־דָּוִד יִקַּח וְיַעַל אֲדֹנִי הַמֶּלֶךְ הַטּוֹב בעינו בְּעֵינָיו רְאֵה הַבָּקָר לָעֹלָה וְהַמֹּרִגִּים וּכְלֵי הַבָּקָר לָעֵצִֽים׃ | 22 |
ئاراۋناھ داۋۇتقا: غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى نېمىنى خالىسىلا شۇنى ئېلىپ قۇربانلىق قىلسىلا. مانا بۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن كالىلار بار، ئوتۇن قىلىشقا خامان تېپىدىغان تىرنىلار بىلەن كالىلارنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى بار. |
הַכֹּל נָתַן אֲרַוְנָה הַמֶּלֶךְ לַמֶּלֶךְ וַיֹּאמֶר אֲרַוְנָה אֶל־הַמֶּלֶךְ יְהוָה אֱלֹהֶיךָ יִרְצֶֽךָ׃ | 23 |
ئى پادىشاھ، بۇنىڭ ھەممىسىنى مەنكى [ئاراۋناھ] پادىشاھقا تەقدىم قىلاي، دېدى. ئۇ يەنە پادىشاھقا: پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلىنى قوبۇل قىلىپ شەپقەت كۆرسەتكەي، دېدى. |
וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ אֶל־אֲרַוְנָה לֹא כִּֽי־קָנוֹ אֶקְנֶה מֵאֽוֹתְךָ בִּמְחִיר וְלֹא אַעֲלֶה לַיהוָה אֱלֹהַי עֹלוֹת חִנָּם וַיִּקֶן דָּוִד אֶת־הַגֹּרֶן וְאֶת־הַבָּקָר בְּכֶסֶף שְׁקָלִים חֲמִשִּֽׁים׃ | 24 |
پادىشاھ ئاراۋناھغا: ياق، قانداقلا بولمىسۇن بۇلارنى سەندىن ئۆز نەرخىدە سېتىۋالمىسام بولمايدۇ. مەن بەدەل تۆلىمەي پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ھەرگىز سۇنمايمەن، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت خامان بىلەن كالىلارنى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە سېتىۋالدى. |
וַיִּבֶן שָׁם דָּוִד מִזְבֵּחַ לַֽיהוָה וַיַּעַל עֹלוֹת וּשְׁלָמִים וַיֵּעָתֵר יְהוָה לָאָרֶץ וַתֵּעָצַר הַמַּגֵּפָה מֵעַל יִשְׂרָאֵֽל׃ 695 24 4 4 | 25 |
ئاندىن داۋۇت ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. پەرۋەردىگار زېمىن ئۈچۈن قىلغان دۇئالارنى قوبۇل قىلىپ، ۋابا ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا توختىدى. |