וְאִשָּׁה אַחַת מִנְּשֵׁי בְנֵֽי־הַנְּבִיאִים צָעֲקָה אֶל־אֱלִישָׁע לֵאמֹר עַבְדְּךָ אִישִׁי מֵת וְאַתָּה יָדַעְתָּ כִּי עַבְדְּךָ הָיָה יָרֵא אֶת־יְהוָה וְהַנֹּשֶׁה בָּא לָקַחַת אֶת־שְׁנֵי יְלָדַי לוֹ לַעֲבָדִֽים׃ | 1 |
پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن بىرىنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ئېلىشاغا پەرياد قىلىپ: سېنىڭ قۇلۇڭ بولغان مېنىڭ ئېرىم ئۆلۈپتۇ. بىلىسەنكى، سېنىڭ قۇلۇڭ پەرۋەردىگاردىن قورققان ئادەم ئىدى. ئەمدى قەرز ئىگىسى مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئالغىلى كەلدى. |
וַיֹּאמֶר אֵלֶיהָ אֱלִישָׁע מָה אֽ͏ֶעֱשֶׂה־לָּךְ הַגִּידִי לִי מַה־יֶּשׁ־לכי לָךְ בַּבָּיִת וַתֹּאמֶר אֵין לְשִׁפְחָתְךָ כֹל בַּבַּיִת כִּי אִם־אָסוּךְ שָֽׁמֶן׃ | 2 |
ئېلىشا ئۇنىڭدىن: سېنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلاي؟ دېگىنە، ئۆيۈڭدە نېمەڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: دېدىكىڭنىڭ ئۆيىدە كىچىك بىر كوزا مايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר לְכִי שַׁאֲלִי־לָךְ כֵּלִים מִן־הַחוּץ מֵאֵת כָּל־שכנכי שְׁכֵנָיִךְ כֵּלִים רֵקִים אַל־תַּמְעִֽיטִי׃ | 3 |
ئۇ: بېرىپ ھەممە قوشنىلىرىڭدىن چۆگۈن-كوزا، يەنى بوش چۆگۈن-كوزىلارنى ئۆتنە ئالغىن، ئۇلار ئاز بولمىسۇن. |
וּבָאת וְסָגַרְתְּ הַדֶּלֶת בַּעֲדֵךְ וּבְעַד־בָּנַיִךְ וְיָצַקְתְּ עַל כָּל־הַכֵּלִים הָאֵלֶּה וְהַמָּלֵא תַּסִּֽיעִי׃ | 4 |
ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ ئۆيگە كىرگىن، ئىشىكنى يېپىپ ھەممە چۆگۈن-كوزىلارغا ماي قاچىلىغىن. توشقانلىرىنى بىر چەتكە ئېلىپ قويغىن، ــ دېدى. |
וַתֵּלֶךְ מֵֽאִתּוֹ וַתִּסְגֹּר הַדֶּלֶת בַּעֲדָהּ וּבְעַד בָּנֶיהָ הֵם מַגִּשִׁים אֵלֶיהָ וְהִיא מיצקת מוֹצָֽקֶת׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ياپتى. ئوغۇللىرى چۆگۈن-كوزىلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ ماي قۇيدى. |
וַיְהִי ׀ כִּמְלֹאת הַכֵּלִים וַתֹּאמֶר אֶל־בְּנָהּ הַגִּישָׁה אֵלַי עוֹד כֶּלִי וַיֹּאמֶר אֵלֶיהָ אֵין עוֹד כֶּלִי וַֽיַּעֲמֹד הַשָּֽׁמֶן׃ | 6 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، چۆگۈن-كوزىلارنىڭ ھەممىسى تولغاندا ئۇ ئوغلىغا: يەنە بىر كوزا ئېلىپ كەل، دېدى. ئەمما ئوغلى: ئەمدى كوزا قالمىدى، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ماي توختاپ قالدى. |
וַתָּבֹא וַתַּגֵּד לְאִישׁ הָאֱלֹהִים וַיֹּאמֶר לְכִי מִכְרִי אֶת־הַשֶּׁמֶן וְשַׁלְּמִי אֶת־נשיכי נִשְׁיֵךְ וְאַתְּ בניכי וּבָנַיִךְ תִֽחְיִי בַּנּוֹתָֽר׃ | 7 |
ئەمدى ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمىگە خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇ: بېرىپ ماينى سېتىۋەت، قەرزىڭنى تۈگەتكىن؛ ئاندىن قالغان پۇل بىلەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ جېنىنى بېقىڭلار، دېدى. |
וַיְהִי הַיּוֹם וַיַּעֲבֹר אֱלִישָׁע אֶל־שׁוּנֵם וְשָׁם אִשָּׁה גְדוֹלָה וַתַּחֲזֶק־בּוֹ לֶאֱכָל־לָחֶם וַֽיְהִי מִדֵּי עָבְרוֹ יָסֻר שָׁמָּה לֶאֱכָל־לָֽחֶם׃ | 8 |
بىر كۈنى ئېلىشا شۇنەم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار ئىدى ۋە ئۇ ئۇنى ئۆز ئۆيىدە تاماققا تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقاچان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ ماڭسا، ئۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ غىزالىناتتى. |
וַתֹּאמֶר אֶל־אִישָׁהּ הִנֵּה־נָא יָדַעְתִּי כִּי אִישׁ אֱלֹהִים קָדוֹשׁ הוּא עֹבֵר עָלֵינוּ תָּמִֽיד׃ | 9 |
بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئېرىگە: بۇ يەردىن دائىم ئۆتىدىغان كىشى خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. |
נַֽעֲשֶׂה־נָּא עֲלִיַּת־קִיר קְטַנָּה וְנָשִׂים לוֹ שָׁם מִטָּה וְשֻׁלְחָן וְכִסֵּא וּמְנוֹרָה וְהָיָה בְּבֹאוֹ אֵלֵינוּ יָסוּר שָֽׁמָּה׃ | 10 |
بىز ئۆگزىدە ئۇنىڭغا بىر كىچىكرەك ئۆي سالايلى. ئۇنىڭغا ئۆيدە كارىۋات، شىرە، ئورۇندۇق ۋە چىراغدان تەييارلاپ بېرەيلى؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، ئۇ قاچانلا يېنىمىزغا كەلسە شۇ ئۆيدە تۇرسۇن، ــ دېدى. |
וַיְהִי הַיּוֹם וַיָּבֹא שָׁמָּה וַיָּסַר אֶל־הָעֲלִיָּה וַיִּשְׁכַּב־שָֽׁמָּה׃ | 11 |
ئەمدى پەيغەمبەر بىر كۈنى ئۇ يەرگە كەلگەندە، شۇ بالىخانىغا كىرىپ يېتىپ قالدى. |
וַיֹּאמֶר אֶל־גֵּחֲזִי נַעֲרוֹ קְרָא לַשּׁוּנַמִּית הַזֹּאת וַיִּקְרָא־לָהּ וַֽתַּעֲמֹד לְפָנָֽיו׃ | 12 |
ئۇ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا: سەن ئۇ شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرغاندا، ئايال ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. |
וַיֹּאמֶר לוֹ אֱמָר־נָא אֵלֶיהָ הִנֵּה חָרַדְתְּ ׀ אֵלֵינוּ אֶת־כָּל־הַחֲרָדָה הַזֹּאת מֶה לַעֲשׂוֹת לָךְ הֲיֵשׁ לְדַבֶּר־לָךְ אֶל־הַמֶּלֶךְ אוֹ אֶל־שַׂר הַצָּבָא וַתֹּאמֶר בְּתוֹךְ עַמִּי אָנֹכִי יֹשָֽׁבֶת׃ | 13 |
پەيغەمبەر خىزمەتكارىغا: سەن ئۇنىڭغا: «سىلى بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ مۇشۇنداق ئۆزلىرىنى كۆپ ئاۋارە قىلدىلا؛ مەن سىلى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەي؟ پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەردارىغا بىرەر تەلەپلىرىنى يەتكۈزەيمۇ؟» ــ دېگىن، دېدى. ئايال بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۆز خەلقىم ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن، بولدى! دېدى. |
וַיֹּאמֶר וּמֶה לַעֲשׂוֹת לָהּ וַיֹּאמֶר גֵּיחֲזִי אֲבָל בֵּן אֵֽין־לָהּ וְאִישָׁהּ זָקֵֽן׃ | 14 |
ئەمدى ئېلىشا گەھازىدىن، ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. گەھازى: ئۇنىڭ ئوغۇل بالىسى يوق ئىكەن، ۋە ئېرىمۇ قېرى ئىكەن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר קְרָא־לָהּ וַיִּקְרָא־לָהּ וַֽתַּעֲמֹד בַּפָּֽתַח׃ | 15 |
ئۇ: ئۇنى چاقىرغىن، دېدى. ئايالنى چاقىرىۋىدى، ئايال ئىشىككە كېلىپ تۇردى. |
וַיֹּאמֶר לַמּוֹעֵד הַזֶּה כָּעֵת חַיָּה אתי אַתְּ חֹבֶקֶת בֵּן וַתֹּאמֶר אַל־אֲדֹנִי אִישׁ הָאֱלֹהִים אַל־תְּכַזֵּב בְּשִׁפְחָתֶֽךָ׃ | 16 |
پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: كېلەر يىلى تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتتا قۇچاقلىرىدا بىر ئوغۇللىرى بولىدۇ، دېدى. ئۇ: ياق، ئى غوجام! ئى خۇدانىڭ ئادىمى، دېدىكىڭگە يالغان ئېيتمىغىن، دېدى. |
וַתַּהַר הָאִשָּׁה וַתֵּלֶד בֵּן לַמּוֹעֵד הַזֶּה כָּעֵת חַיָּה אֲשֶׁר־דִּבֶּר אֵלֶיהָ אֱלִישָֽׁע׃ | 17 |
ئەمدى ئېلىشا ئۇنىڭغا دېگەندەك ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى يىلى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئوغۇل تۇغدى. |
וַיִּגְדַּל הַיָּלֶד וַיְהִי הַיּוֹם וַיֵּצֵא אֶל־אָבִיו אֶל־הַקֹּצְרִֽים׃ | 18 |
بالا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئاتىسى بار يەرگە، ئورمىچىلارنىڭ قېشىغا چىقىپ كەتتى. |
וַיֹּאמֶר אֶל־אָבִיו רֹאשִׁי ׀ רֹאשִׁי וַיֹּאמֶר אֶל־הַנַּעַר שָׂאֵהוּ אֶל־אִמּֽוֹ׃ | 19 |
ئۇ ئاتىسىغا: ۋاي بېشىم، ۋاي بېشىم، دەپ ۋايسىدى. ئۇ خىزمەتكارىغا، ئۇنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارغىن، دېدى. |
וַיִּשָּׂאֵהוּ וַיְבִיאֵהוּ אֶל־אִמּוֹ וַיֵּשֶׁב עַל־בִּרְכֶּיהָ עַד־הַֽצָּהֳרַיִם וַיָּמֹֽת׃ | 20 |
ئۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى. بالا ئانىسىنىڭ ئېتىكىدە چۈشكىچە ئولتۇردى، ئاندىن ئۆلۈپ قالدى. |
וַתַּעַל וַתַּשְׁכִּבֵהוּ עַל־מִטַּת אִישׁ הָאֱלֹהִים וַתִּסְגֹּר בַּעֲדוֹ וַתֵּצֵֽא׃ | 21 |
ئاندىن ئانىسى چىقىپ، ئۇنى خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۆيىدىكى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى. |
וַתִּקְרָא אֶל־אִישָׁהּ וַתֹּאמֶר שִׁלְחָה נָא לִי אֶחָד מִן־הַנְּעָרִים וְאַחַת הָאֲתֹנוֹת וְאָרוּצָה עַד־אִישׁ הָאֱלֹהִים וְאָשֽׁוּבָה׃ | 22 |
ئۇ ئېرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: غۇلاملاردىن بىرىنى ماڭدۇرغىن، ئۇ بىر ئېشەكنى ئېلىپ كەلسۇن؛ مەن ئۇنى چاپتۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا دەرھال بېرىپ كېلەي، دېدى. |
וַיֹּאמֶר מַדּוּעַ אתי אַתְּ הלכתי הֹלֶכֶת אֵלָיו הַיּוֹם לֹֽא־חֹדֶשׁ וְלֹא שַׁבָּת וַתֹּאמֶר שָׁלֽוֹם׃ | 23 |
ئېرى ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئۇنىڭ قېشىغا بۈگۈن بارىسەن؟ بۈگۈن يا يېڭى ئاي يا شابات كۈنى بولمىسا، دېدى. ئايالى ئۇنىڭغا، ھەممە ئىش تىنچلىق ــ دېدى. |
וַֽתַּחֲבֹשׁ הָֽאָתוֹן וַתֹּאמֶר אֶֽל־נַעֲרָהּ נְהַג וָלֵךְ אַל־תַּעֲצָר־לִי לִרְכֹּב כִּי אִם־אָמַרְתִּי לָֽךְ׃ | 24 |
ئۇ ئېشەكنى توقۇتۇپ غۇلامىغا: ئىتتىك ھەيدەپ ماڭ؛ مەن دېمىگۈچە توختىمىغىن، دېدى. |
וַתֵּלֶךְ וַתָּבוֹא אֶל־אִישׁ הָאֱלֹהִים אֶל־הַר הַכַּרְמֶל וַיְהִי כִּרְאוֹת אִישׁ־הָאֱלֹהִים אֹתָהּ מִנֶּגֶד וַיֹּאמֶר אֶל־גֵּיחֲזִי נַעֲרוֹ הִנֵּה הַשּׁוּנַמִּית הַלָּֽז׃ | 25 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارمەل تېغىغا بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمى ئالدىغا كەلدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنى يىراقتىنلا كۆرۈپ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا: مانا شۇنەملىك ئايال كېلىۋاتىدۇ؛ |
עַתָּה רֽוּץ־נָא לִקְרָאתָהּ וֶאֱמָר־לָהּ הֲשָׁלוֹם לָךְ הֲשָׁלוֹם לְאִישֵׁךְ הֲשָׁלוֹם לַיָּלֶד וַתֹּאמֶר שָׁלֽוֹם׃ | 26 |
سەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭدىن: سىلى تىنچلىقمۇ؟ ئەرلىرى تىنچلىقمۇ؟ بالىلىرى تىنچلىقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن، دېدى. ــ ھەممە ئىش تىنچلىق، دەپ ئېيتتى ئايال. |
וַתָּבֹא אֶל־אִישׁ הָֽאֱלֹהִים אֶל־הָהָר וַֽתַּחֲזֵק בְּרַגְלָיו וַיִּגַּשׁ גֵּֽיחֲזִי לְהָדְפָהּ וַיֹּאמֶר אִישׁ הָאֱלֹהִים הַרְפֵּֽה־לָהּ כִּֽי־נַפְשָׁהּ מָֽרָה־לָהּ וַֽיהוָה הֶעְלִים מִמֶּנִּי וְלֹא הִגִּיד לִֽי׃ | 27 |
ئەمدى تاغقا چىقىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قۇچاقلىدى. گەھازى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى؛ لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى: ــ ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن سۇنۇق ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ماڭا دېمەي يوشۇرۇپتۇ، دېدى. |
וַתֹּאמֶר הֲשָׁאַלְתִּי בֵן מֵאֵת אֲדֹנִי הֲלֹא אָמַרְתִּי לֹא תַשְׁלֶה אֹתִֽי׃ | 28 |
ئايال: مەن غوجامدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ ماڭا يالغان سۆز قىلمىغىن، دەپ سەندىن ئۆتۈنمىدىممۇ؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר לְגֵיחֲזִי חֲגֹר מָתְנֶיךָ וְקַח מִשְׁעַנְתִּי בְיָדְךָ וָלֵךְ כִּֽי־תִמְצָא אִישׁ לֹא תְבָרְכֶנּוּ וְכִֽי־יְבָרֶכְךָ אִישׁ לֹא תַעֲנֶנּוּ וְשַׂמְתָּ מִשְׁעַנְתִּי עַל־פְּנֵי הַנָּֽעַר׃ | 29 |
پەيغەمبەر گەھازىغا: ــ بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، مېنىڭ ھاسامنى ئېلىپ ماڭغىن. بىرسىگە ئۇچرىساڭ، ئۇنىڭغا سالام قىلمىغىن، بىرسى ساڭا سالام قىلسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن. مېنىڭ ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغىن، دېدى. |
וַתֹּאמֶר אֵם הַנַּעַר חַי־יְהוָה וְחֵֽי־נַפְשְׁךָ אִם־אֶעֶזְבֶךָּ וַיָּקָם וַיֵּלֶךְ אַחֲרֶֽיהָ׃ | 30 |
بالىنىڭ ئانىسى: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن ئايرىلمايمەن، دېدى. ئېلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. |
וְגֵחֲזִי עָבַר לִפְנֵיהֶם וַיָּשֶׂם אֶת־הַמִּשְׁעֶנֶת עַל־פְּנֵי הַנַּעַר וְאֵין קוֹל וְאֵין קָשֶׁב וַיָּשָׁב לִקְרָאתוֹ וַיַּגֶּד־לוֹ לֵאמֹר לֹא הֵקִיץ הַנָּֽעַר׃ | 31 |
گەھازى ئۇلاردىن بۇرۇن بېرىپ ھاسىسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغانىدى. ئەمما ھېچ ئاۋاز ياكى تىۋىش چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىپ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: بالا ئويغانمىدى، دېدى. |
וַיָּבֹא אֱלִישָׁע הַבָּיְתָה וְהִנֵּה הַנַּעַר מֵת מֻשְׁכָּב עַל־מִטָּתֽוֹ׃ | 32 |
ئېلىشا ئۆيگە كېلىپ قارىسا، مانا، بالا ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ئۆلۈك ياتاتتى. |
וַיָּבֹא וַיִּסְגֹּר הַדֶּלֶת בְּעַד שְׁנֵיהֶם וַיִּתְפַּלֵּל אֶל־יְהוָֽה׃ | 33 |
ئۇ بالا بىلەن ئۆزىنى ئايرىم قالدۇرۇپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. |
וַיַּעַל וַיִּשְׁכַּב עַל־הַיֶּלֶד וַיָּשֶׂם פִּיו עַל־פִּיו וְעֵינָיו עַל־עֵינָיו וְכַפָּיו עַל־כפו כַּפָּיו וַיִּגְהַר עָלָיו וַיָּחָם בְּשַׂר הַיָּֽלֶד׃ | 34 |
ئاندىن ئۇ كارىۋاتقا چىقىپ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى قويۇپ ئاغزىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا، كۆزلىرنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە، قوللىرىنى ئۇنىڭ قوللىرىغا يېقىپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى. |
וַיָּשָׁב וַיֵּלֶךְ בַּבַּיִת אַחַת הֵנָּה וְאַחַת הֵנָּה וַיַּעַל וַיִּגְהַר עָלָיו וַיְזוֹרֵר הַנַּעַר עַד־שֶׁבַע פְּעָמִים וַיִּפְקַח הַנַּעַר אֶת־עֵינָֽיו׃ | 35 |
ئۇ چۈشۈپ ئۆيدە ئۇ ياق-بۇ ياققا مېڭىپ ئاندىن يەنە كارىۋاتقا چىقىپ يەنە بالىنىڭ ئۈستىگە ئېگىلدى. ئۇ ۋاقىتتا بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈردى، ئاندىن كۆزلىرىنى ئاچتى. |
וַיִּקְרָא אֶל־גֵּיחֲזִי וַיֹּאמֶר קְרָא אֶל־הַשֻּׁנַמִּית הַזֹּאת וַיִּקְרָאֶהָ וַתָּבוֹא אֵלָיו וַיֹּאמֶר שְׂאִי בְנֵֽךְ׃ | 36 |
پەيغەمبەر گەھازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرىپ قويدى. ئۇ ئېلىشانىڭ يېنىغا كەلگەندە. ئۇ ئۇنىڭغا: ئوغۇللىرىنى كۆتۈرۈپ ئالسىلا، دېدى. |
וַתָּבֹא וַתִּפֹּל עַל־רַגְלָיו וַתִּשְׁתַּחוּ אָרְצָה וַתִּשָּׂא אֶת־בְּנָהּ וַתֵּצֵֽא׃ | 37 |
ئۇ ئۆيىگە كىرىپلا ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا يىقىلىپ دۈم ياتتى، بېشى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۆز ئوغلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. |
וֶאֱלִישָׁע שָׁב הַגִּלְגָּלָה וְהָרָעָב בָּאָרֶץ וּבְנֵי הַנְּבִיאִים יֹשְׁבִים לְפָנָיו וַיֹּאמֶר לְנַעֲרוֹ שְׁפֹת הַסִּיר הַגְּדוֹלָה וּבַשֵּׁל נָזִיד לִבְנֵי הַנְּבִיאִֽים׃ | 38 |
ئېلىشا گىلگالغا يېنىپ باردى. شۇ چاغدا يۇرتتا ئاچارچىلىق بولغانىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۇ ئۆز خىزمەتكارىغا: سەن چوڭ قازاننى ئېسىپ پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىغا شورپا پىشۇرۇپ بەرگىن، دېدى. |
וַיֵּצֵא אֶחָד אֶל־הַשָּׂדֶה לְלַקֵּט אֹרֹת וַיִּמְצָא גֶּפֶן שָׂדֶה וַיְלַקֵּט מִמֶּנּוּ פַּקֻּעֹת שָׂדֶה מְלֹא בִגְדוֹ וַיָּבֹא וַיְפַלַּח אֶל־סִיר הַנָּזִיד כִּֽי־לֹא יָדָֽעוּ׃ | 39 |
ئۇلاردىن بىرسى ئوتياش تەرگىلى دالاغا چىقىپ ياۋا قاپاق پېلىكىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ياۋا قاپاق ئۈزۈپ ئېتىكىنى تولدۇرۇپ كېلىپ، توغراپ قازانغا سالدى؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. |
וַיִּֽצְקוּ לַאֲנָשִׁים לֶאֱכוֹל וַיְהִי כְּאָכְלָם מֵהַנָּזִיד וְהֵמָּה צָעָקוּ וַיֹּֽאמְרוּ מָוֶת בַּסִּיר אִישׁ הָאֱלֹהִים וְלֹא יָכְלוּ לֶאֱכֹֽל׃ | 40 |
ئاندىن ئۇلار يەڭلار دەپ ئادەملەرگە ئۇسۇپ بەردى. لېكىن ئۇلار تاماقنى يېگىلى باشلىغاندا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، قازاندا ئۆلۈم بار، دەپ ۋارقىراشتى. ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېيەلمىدى. |
וַיֹּאמֶר וּקְחוּ־קֶמַח וַיַּשְׁלֵךְ אֶל־הַסִּיר וַיֹּאמֶר צַק לָעָם וְיֹאכֵלוּ וְלֹא הָיָה דָּבָר רָע בַּסִּֽיר׃ | 41 |
ئېلىشا: ئازراققىنە ئۇن ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇ شۇنى قازانغا تاشلاپ: خەلققە ئۇسۇپ بەرگىن، يېسۇن، دېدى. ۋە مانا، قازاندا ھېچ زەھەر قالمىدى. |
וְאִישׁ בָּא מִבַּעַל שָׁלִשָׁה וַיָּבֵא לְאִישׁ הָאֱלֹהִים לֶחֶם בִּכּוּרִים עֶשְׂרִֽים־לֶחֶם שְׂעֹרִים וְכַרְמֶל בְּצִקְלֹנוֹ וַיֹּאמֶר תֵּן לָעָם וְיֹאכֵֽלוּ׃ | 42 |
ئەمدى بائال-شالىشاھدىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە ئارپا ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسىدىن ئاش-نان، يەنى يىگىرمە ئارپا ناننى ۋە بىر خالتا كۆك باشنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئۇ: خەلققە يېگىلى ئالدىغا قويغىن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר מְשָׁרְתוֹ מָה אֶתֵּן זֶה לִפְנֵי מֵאָה אִישׁ וַיֹּאמֶר תֵּן לָעָם וְיֹאכֵלוּ כִּי כֹה אָמַר יְהוָה אָכֹל וְהוֹתֵֽר׃ | 43 |
ئۇنىڭ خىزمەتكارى: شۇنى بىر يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا قانداق قويالايمەن؟ دېدى. ئېلىشا: خەلققە يېگىلى بەرگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار يەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالىدۇ، دېدى. |
וַיִּתֵּן לִפְנֵיהֶם וַיֹּאכְלוּ וַיּוֹתִרוּ כִּדְבַר יְהוָֽה׃ | 44 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويدى؛ ئۇلار يېدى ۋە دەل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالدى. |