בִּשְׁנַת שְׁתֵּים עֶשְׂרֵה לְאָחָז מֶלֶךְ יְהוּדָה מָלַךְ הוֹשֵׁעַ בֶּן־אֵלָה בְשֹׁמְרוֹן עַל־יִשְׂרָאֵל תֵּשַׁע שָׁנִֽים׃ | 1 |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىدا، ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. |
וַיַּעַשׂ הָרַע בְּעֵינֵי יְהוָה רַק לֹא כְּמַלְכֵי יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר הָיוּ לְפָנָֽיו׃ | 2 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىدەك ئۇنداق رەزىللىك قىلمايتتى. |
עָלָיו עָלָה שַׁלְמַנְאֶסֶר מֶלֶךְ אַשּׁוּר וַֽיְהִי־לוֹ הוֹשֵׁעַ עֶבֶד וַיָּשֶׁב לוֹ מִנְחָֽה׃ | 3 |
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىققاندا، ھوشىيا ئۇنىڭغا بېقىنىپ سوۋغا-سالام بەردى. |
וַיִּמְצָא מֶֽלֶךְ־אַשּׁוּר בְּהוֹשֵׁעַ קֶשֶׁר אֲשֶׁר שָׁלַח מַלְאָכִים אֶל־סוֹא מֶֽלֶךְ־מִצְרַיִם וְלֹא־הֶעֱלָה מִנְחָה לְמֶלֶךְ אַשּׁוּר כְּשָׁנָה בְשָׁנָה וַֽיַּעַצְרֵהוּ מֶלֶךְ אַשּׁוּר וַיַּאַסְרֵהוּ בֵּית כֶּֽלֶא׃ | 4 |
ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ ئاسىيلىق قىلماقچى بولغىنىنى بايقىدى؛ چۈنكى ھوشىيا بۇرۇنقىدەك ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا يىللىق سوۋغا-سالام يوللىماي، بەلكى مىسىرنىڭ پادىشاھى سوغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، باغلاپ زىندانغا سولىۋەتتى. |
וַיַּעַל מֶֽלֶךְ־אַשּׁוּר בְּכָל־הָאָרֶץ וַיַּעַל שֹׁמְרוֹן וַיָּצַר עָלֶיהָ שָׁלֹשׁ שָׁנִֽים׃ | 5 |
ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى چىقىپ پۈتكۈل [ئىسرائىل] زېمىنىنى تالان-تاراج قىلىپ، سامارىيەنى ئۈچ يىلغىچە قامال قىلدى. |
בִּשְׁנַת הַתְּשִׁיעִית לְהוֹשֵׁעַ לָכַד מֶֽלֶךְ־אַשּׁוּר אֶת־שֹׁמְרוֹן וַיֶּגֶל אֶת־יִשְׂרָאֵל אַשּׁוּרָה וַיֹּשֶׁב אֹתָם בַּחְלַח וּבְחָבוֹר נְהַר גּוֹזָן וְעָרֵי מָדָֽי׃ | 6 |
ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سامارىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنى خالاھ شەھىرى، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرى ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. |
וַיְהִי כִּֽי־חָטְאוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל לַיהוָה אֱלֹהֵיהֶם הַמַּעֲלֶה אֹתָם מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם מִתַּחַת יַד פַּרְעֹה מֶֽלֶךְ־מִצְרָיִם וַיִּֽירְאוּ אֱלֹהִים אֲחֵרִֽים׃ | 7 |
مانا، شۇنداق ئىشلار بولدى؛ چۈنكى ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىغا گۇناھ قىلىپ باشقا ئىلاھلاردىن قورقۇپ |
וַיֵּֽלְכוּ בְּחֻקּוֹת הַגּוֹיִם אֲשֶׁר הוֹרִישׁ יְהוָה מִפְּנֵי בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וּמַלְכֵי יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר עָשֽׂוּ׃ | 8 |
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرى چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە ماڭغانىدى. |
וַיְחַפְּאוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל דְּבָרִים אֲשֶׁר לֹא־כֵן עַל־יְהוָה אֱלֹהֵיהֶם וַיִּבְנוּ לָהֶם בָּמוֹת בְּכָל־עָרֵיהֶם מִמִּגְדַּל נוֹצְרִים עַד־עִיר מִבְצָֽר׃ | 9 |
ۋە ئىسرائىللار ئۆز پەرۋەردىگار خۇداسىغا قارشى چىقىپ، يوشۇرۇنلارچە توغرا بولمىغان ئىشلارنى قىلدى؛ ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىدە كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە «يۇقىرى جايلار»نى ياسىدى. |
וַיַּצִּבוּ לָהֶם מַצֵּבוֹת וַאֲשֵׁרִים עַל כָּל־גִּבְעָה גְבֹהָה וְתַחַת כָּל־עֵץ רַעֲנָֽן׃ | 10 |
ئۇلار ھەممە ئېگىز دۆڭلەردە ۋە ھەممە كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «بۇت تۈۋرۈك» ۋە «ئاشەراھ» بۇتى تۇرغۇزدى. |
וַיְקַטְּרוּ־שָׁם בְּכָל־בָּמוֹת כַּגּוֹיִם אֲשֶׁר־הֶגְלָה יְהוָה מִפְּנֵיהֶם וַֽיַּעֲשׂוּ דְּבָרִים רָעִים לְהַכְעִיס אֶת־יְהוָֽה׃ | 11 |
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان [يات] ئەللىكلەر قىلغاندەك، ئۇلار ھەممە «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياقاتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ھەرخىل رەزىل ئىشلارنى قىلاتتى. |
וַיַּֽעַבְדוּ הַגִּלֻּלִים אֲשֶׁר אָמַר יְהוָה לָהֶם לֹא תַעֲשׂוּ אֶת־הַדָּבָר הַזֶּֽה׃ | 12 |
گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ «بۇ ئىشنى قىلماڭلار!» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا بېرىلىپ كەتكەنىدى. |
וַיָּעַד יְהוָה בְּיִשְׂרָאֵל וּבִיהוּדָה בְּיַד כָּל־נביאו נְבִיאֵי כָל־חֹזֶה לֵאמֹר שֻׁבוּ מִדַּרְכֵיכֶם הָֽרָעִים וְשִׁמְרוּ מִצְוֺתַי חֻקּוֹתַי כְּכָל־הַתּוֹרָה אֲשֶׁר צִוִּיתִי אֶת־אֲבֹֽתֵיכֶם וֽ͏ַאֲשֶׁר שָׁלַחְתִּי אֲלֵיכֶם בְּיַד עֲבָדַי הַנְּבִיאִֽים׃ | 13 |
پەرۋەردىگار ھەممە پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەممە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەم ئىسرائىلنى ھەم يەھۇدانى ئاگاھلاندۇرۇپ: رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تاپىلانغان ۋە قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە تەستىقلىغان پۈتۈن قانۇنغا بويسۇنۇپ، مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار، دېگەنىدى. |
וְלֹא שָׁמֵעוּ וַיַּקְשׁוּ אֶת־עָרְפָּם כְּעֹרֶף אֲבוֹתָם אֲשֶׁר לֹא הֶאֱמִינוּ בַּֽיהוָה אֱלֹהֵיהֶֽם׃ | 14 |
لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئىشەنمىگەن ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، بويۇنلىرىنى قاتتىق قىلدى. |
וַיִּמְאֲסוּ אֶת־חֻקָּיו וְאֶת־בְּרִיתוֹ אֲשֶׁר כָּרַת אֶת־אֲבוֹתָם וְאֵת עֵֽדְוֺתָיו אֲשֶׁר הֵעִיד בָּם וַיֵּלְכוּ אַחֲרֵי הַהֶבֶל וַיֶּהְבָּלוּ וְאַחֲרֵי הַגּוֹיִם אֲשֶׁר סְבִֽיבֹתָם אֲשֶׁר צִוָּה יְהוָה אֹתָם לְבִלְתִּי עֲשׂוֹת כָּהֶֽם׃ | 15 |
ئۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى ۋە ئۇلارغا تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلارنى چەتكە قاققان؛ ئۇلار ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆزلىرى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ ئەتراپىڭلاردىكى ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدەك قىلماڭلار، دېگەن دەل شۇ ئەللەرگە ئەگىشىپ، رەزىللىك قىلاتتى. |
וַיַּעַזְבוּ אֶת־כָּל־מִצְוֺת יְהוָה אֱלֹהֵיהֶם וַיַּעֲשׂוּ לָהֶם מַסֵּכָה שנים שְׁנֵי עֲגָלִים וַיַּעֲשׂוּ אֲשֵׁירָה וַיִּֽשְׁתַּחֲווּ לְכָל־צְבָא הַשָּׁמַיִם וַיַּעַבְדוּ אֶת־הַבָּֽעַל׃ | 16 |
ئۇلار خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇيما مەبۇدلارنى، يەنى ئىككى موزاينى قۇيدۇردى، بىر «ئاشەراھ بۇت» قىلدۇردى، ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە بائالنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. |
וַֽיַּעֲבִירוּ אֶת־בְּנֵיהֶם וְאֶת־בְּנֽוֹתֵיהֶם בָּאֵשׁ וַיִּקְסְמוּ קְסָמִים וַיְנַחֵשׁוּ וַיִּֽתְמַכְּרוּ לַעֲשׂוֹת הָרַע בְּעֵינֵי יְהוָה לְהַכְעִיסֽוֹ׃ | 17 |
ئۇلار ئۆز ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى، پالچىلىق ۋە جادۇگەرلىك ئىشلەتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى سېتىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. |
וַיִּתְאַנַּף יְהוָה מְאֹד בְּיִשְׂרָאֵל וַיְסִרֵם מֵעַל פָּנָיו לֹא נִשְׁאַר רַק שֵׁבֶט יְהוּדָה לְבַדּֽוֹ׃ | 18 |
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ يەھۇدانىڭ قەبىلىسىدىن باشقا ھېچقايسىسى ئۆز [زېمىنىدا] قالدۇرۇلمىدى. |
גַּם־יְהוּדָה לֹא שָׁמַר אֶת־מִצְוֺת יְהוָה אֱלֹהֵיהֶם וַיֵּלְכוּ בְּחֻקּוֹת יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר עָשֽׂוּ׃ | 19 |
لېكىن يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتمىدى، بەلكى ئىسرائىل چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلەر ئىچىدە ماڭدى. |
וַיִּמְאַס יְהוָה בְּכָל־זֶרַע יִשְׂרָאֵל וַיְעַנֵּם וַֽיִּתְּנֵם בְּיַד־שֹׁסִים עַד אֲשֶׁר הִשְׁלִיכָם מִפָּנָֽיו׃ | 20 |
ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ بارلىق نەسلىنى چەتكە قاقتى؛ ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن تاشلىغان كۈنىگىچە [زېمىنىدا] خارلىققا قالدۇرۇپ، بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. |
כִּֽי־קָרַע יִשְׂרָאֵל מֵעַל בֵּית דָּוִד וַיַּמְלִיכוּ אֶת־יָרָבְעָם בֶּן־נְבָט וידא וַיַּדַּח יָרָבְעָם אֶת־יִשְׂרָאֵל מֵאַחֲרֵי יְהוָה וְהֶחֱטֵיאָם חֲטָאָה גְדוֹלָֽה׃ | 21 |
ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن تارتىۋالغانىدى. ئۇلار نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنى پادىشاھ قىلدى ۋە يەروبوئام بولسا ئىسرائىلنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇلارنى ئېغىر بىر گۇناھقا پاتقۇزۇپ ئازدۇردى. |
וַיֵּֽלְכוּ בְּנֵי יִשְׂרָאֵל בְּכָל־חַטֹּאות יָרָבְעָם אֲשֶׁר עָשָׂה לֹא־סָרוּ מִמֶּֽנָּה׃ | 22 |
ئىسرائىللار يەروبوئامنىڭ قىلغان ھەممە گۇناھلىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقمىدى. |
עַד אֲשֶׁר־הֵסִיר יְהוָה אֶת־יִשְׂרָאֵל מֵעַל פָּנָיו כַּאֲשֶׁר דִּבֶּר בְּיַד כָּל־עֲבָדָיו הַנְּבִיאִים וַיִּגֶל יִשְׂרָאֵל מֵעַל אַדְמָתוֹ אַשּׁוּרָה עַד הַיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 23 |
ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىلنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ ئىسرائىللار ئۆز يۇرتىدىن ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇ يەردە بۈگۈنگە قەدەر تۇرۇپ كەلدى. |
וַיָּבֵא מֶֽלֶךְ־אַשּׁוּר מִבָּבֶל וּמִכּוּתָה וּמֵעַוָּא וּמֵֽחֲמָת וּסְפַרְוַיִם וַיֹּשֶׁב בְּעָרֵי שֹֽׁמְרוֹן תַּחַת בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וַיִּֽרְשׁוּ אֶת־שֹׁמְרוֹן וַיֵּֽשְׁבוּ בְּעָרֶֽיהָ׃ | 24 |
ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى بابىل، كۇتتاھ، ئاۋۋا، خامات ۋە سەفارۋائىمدىن خەلقنى يۆتكەپ ئىسرائىلنىڭ ئورنىغا سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ماكانلاشتۇردى. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن سامارىيەگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ شەھەرلەردە ئولتۇردى. |
וַיְהִי בִּתְחִלַּת שִׁבְתָּם שָׁם לֹא יָרְאוּ אֶת־יְהוָה וַיְשַׁלַּח יְהוָה בָּהֶם אֶת־הָאֲרָיוֹת וַיִּֽהְיוּ הֹרְגִים בָּהֶֽם׃ | 25 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇ يەردە دەسلەپتە ئولتۇرغىنىدا پەرۋەردىگاردىن قورقمىغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىيما-جىيما قىلىدىغان بىرنەچچە شىرلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتتى. |
וַיֹּאמְרוּ לְמֶלֶךְ אַשּׁוּר לֵאמֹר הַגּוֹיִם אֲשֶׁר הִגְלִיתָ וַתּוֹשֶׁב בְּעָרֵי שֹׁמְרוֹן לֹא יָֽדְעוּ אֶת־מִשְׁפַּט אֱלֹהֵי הָאָרֶץ וַיְשַׁלַּח־בָּם אֶת־הָאֲרָיוֹת וְהִנָּם מְמִיתִים אוֹתָם כַּאֲשֶׁר אֵינָם יֹדְעִים אֶת־מִשְׁפַּט אֱלֹהֵי הָאָֽרֶץ׃ | 26 |
شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر يەتكۈزۈلۈپ: ــ سىلى يۆتكەپ سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى؛ مانا بۇلار ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكتە، چۈنكى خەلق يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ، دېيىلدى. |
וַיְצַו מֶֽלֶךְ־אַשּׁוּר לֵאמֹר הֹלִיכוּ שָׁמָּה אֶחָד מֵהַכֹּֽהֲנִים אֲשֶׁר הִגְלִיתֶם מִשָּׁם וְיֵלְכוּ וְיֵשְׁבוּ שָׁם וְיֹרֵם אֶת־מִשְׁפַּט אֱלֹהֵי הָאָֽרֶץ׃ | 27 |
شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلگەن كاھىنلارنىڭ بىرىنى يەنە ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار؛ ئۇ ئۇ يەردە تۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگەتسۇن، ــ دېدى. |
וַיָּבֹא אֶחָד מֵהַכֹּהֲנִים אֲשֶׁר הִגְלוּ מִשֹּׁמְרוֹן וַיֵּשֶׁב בְּבֵֽית־אֵל וַֽיְהִי מוֹרֶה אֹתָם אֵיךְ יִֽירְאוּ אֶת־יְהוָֽה׃ | 28 |
ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سامارىيەدىن يۆتكىگەن كاھىنلارنىڭ بىرى كېلىپ، بەيت-ئەلدە تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى. |
וַיִּהְיוּ עֹשִׂים גּוֹי גּוֹי אֱלֹהָיו וַיַּנִּיחוּ ׀ בְּבֵית הַבָּמוֹת אֲשֶׁר עָשׂוּ הַשֹּׁמְרֹנִים גּוֹי גּוֹי בְּעָרֵיהֶם אֲשֶׁר הֵם יֹשְׁבִים שָֽׁם׃ | 29 |
لېكىن شۇ خەلقلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر سالغان «يۇقىرى جايلار»دىكى ئىبادەتگاھلار ئىچىگە تۇرغۇزدى؛ ھەربىر خەلق ئۆزى تۇرغان شەھەردە شۇنداق قىلدى. |
וְאַנְשֵׁי בָבֶל עָשׂוּ אֶת־סֻכּוֹת בְּנוֹת וְאַנְשֵׁי־כוּת עָשׂוּ אֶת־נֵֽרְגַל וְאַנְשֵׁי חֲמָת עָשׂוּ אֶת־אֲשִׁימָֽא׃ | 30 |
بابىلدىن كەلگەنلەر سۇككوت-بىنوت دېگەن مەبۇدنى ياسىدى، كۇتتىن كەلگەنلەر نەرگال بۇتنى، خاماتتىن كەلگەنلەر ئاشىما بۇتنى، |
וְהָעַוִּים עָשׂוּ נִבְחַז וְאֶת־תַּרְתָּק וְהַסְפַרְוִים שֹׂרְפִים אֶת־בְּנֵיהֶם בָּאֵשׁ לְאַדְרַמֶּלֶךְ וַֽעֲנַמֶּלֶךְ אלה אֱלֹהֵי ספרים סְפַרְוָֽיִם׃ | 31 |
ئاۋۋىيلار نىبھاز بىلەن تارتاك بۇتلارنى ياسىدى؛ سەفارۋىيلار سەفارۋائىمدىكى بۇتلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە ئۆز بالىلىرىنى ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈردى. |
וַיִּהְיוּ יְרֵאִים אֶת־יְהוָה וַיַּעֲשׂוּ לָהֶם מִקְצוֹתָם כֹּהֲנֵי בָמוֹת וַיִּהְיוּ עֹשִׂים לָהֶם בְּבֵית הַבָּמֽוֹת׃ | 32 |
ئۇلار ئەمدى مۇشۇنداق ھالەتتە پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۆز ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئادەملەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»دىكى بۇتخانىلاردا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان كاھىن قىلىپ بېكىتكەن. |
אֶת־יְהוָה הָיוּ יְרֵאִים וְאֶת־אֱלֹֽהֵיהֶם הָיוּ עֹֽבְדִים כְּמִשְׁפַּט הַגּוֹיִם אֲשֶׁר־הִגְלוּ אֹתָם מִשָּֽׁם׃ | 33 |
ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ قايسى ئەلدىن كەلگەن بولسا، شۇ ئەلنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدىمۇ بولاتتى. |
עַד הַיּוֹם הַזֶּה הֵם עֹשִׂים כַּמִּשְׁפָּטִים הָרִֽאשֹׁנִים אֵינָם יְרֵאִים אֶת־יְהוָה וְאֵינָם עֹשִׂים כְּחֻקֹּתָם וּכְמִשְׁפָּטָם וְכַתּוֹרָה וְכַמִּצְוָה אֲשֶׁר צִוָּה יְהוָה אֶת־בְּנֵי יַעֲקֹב אֲשֶׁר־שָׂם שְׁמוֹ יִשְׂרָאֵֽל׃ | 34 |
بۈگۈنگە قەدەر ئۇلار ئىلگىرىكى ئادەتلەر بويىچە مېڭىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ. |
וַיִּכְרֹת יְהוָה אִתָּם בְּרִית וַיְצַוֵּם לֵאמֹר לֹא תִֽירְאוּ אֱלֹהִים אֲחֵרִים וְלֹא־תִשְׁתַּחֲווּ לָהֶם וְלֹא תַעַבְדוּם וְלֹא תִזְבְּחוּ לָהֶֽם׃ | 35 |
پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە قىلىشىپ ئۇلارغا بۇيرۇپ: ــ «باشقا ئىلاھلاردىن قورقماي، ئۇلارغا سەجدە قىلماي ياكى ئۇلارغا باش ئۇرماي ۋە ئۇلارغا قۇربانلىق قىلماڭلار ــ |
כִּי אִֽם־אֶת־יְהוָה אֲשֶׁר הֶעֱלָה אֶתְכֶם מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם בְּכֹחַ גָּדוֹל וּבִזְרוֹעַ נְטוּיָה אֹתוֹ תִירָאוּ וְלוֹ תִֽשְׁתַּחֲווּ וְלוֹ תִזְבָּֽחוּ׃ | 36 |
پەقەت زور قۇدرەت ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگاردىنلا قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇڭلار. |
וְאֶת־הַחֻקִּים וְאֶת־הַמִּשְׁפָּטִים וְהַתּוֹרָה וְהַמִּצְוָה אֲשֶׁר כָּתַב לָכֶם תִּשְׁמְרוּן לַעֲשׂוֹת כָּל־הַיָּמִים וְלֹא תִֽירְאוּ אֱלֹהִים אֲחֵרִֽים׃ | 37 |
ئۇ سىلەر ئۈچۈن پۈتكۈزگەن بەلگىلىمىلەر، ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرنى بولسا، ئۇلارنى ئەبەدگىچە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇتۇڭلار؛ باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار. |
וְהַבְּרִית אֲשֶׁר־כָּרַתִּי אִתְּכֶם לֹא תִשְׁכָּחוּ וְלֹא תִֽירְאוּ אֱלֹהִים אֲחֵרִֽים׃ | 38 |
مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى ئۇنتۇماڭلار يا باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار، |
כִּי אִֽם־אֶת־יְהוָה אֱלֹהֵיכֶם תִּירָאוּ וְהוּא יַצִּיל אֶתְכֶם מִיַּד כָּל־אֹיְבֵיכֶֽם׃ | 39 |
بەلكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار؛ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېگەنىدى. |
וְלֹא שָׁמֵעוּ כִּי אִֽם־כְּמִשְׁפָּטָם הָֽרִאשׁוֹן הֵם עֹשִֽׂים׃ | 40 |
لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، ئىلگىرىكى قائىدە-يوسۇنلارنى يۈرگۈزەتتى. |
וַיִּהְיוּ ׀ הַגּוֹיִם הָאֵלֶּה יְרֵאִים אֶת־יְהוָה וְאֶת־פְּסִֽילֵיהֶם הָיוּ עֹֽבְדִים גַּם־בְּנֵיהֶם ׀ וּבְנֵי בְנֵיהֶם כַּאֲשֶׁר עָשׂוּ אֲבֹתָם הֵם עֹשִׂים עַד הַיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 41 |
مۇشۇ ئەللەر شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ھەم ئويما مەبۇدلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بالىلىرىنىڭ بالىلىرىمۇ شۇنداق قىلاتتى؛ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى قانداق قىلغان بولسا، ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق قىلىپ كەلدى. |