וַיְהִי מִקֵּץ ׀ עֶשְׂרִים שָׁנָה אֲשֶׁר בָּנָה שְׁלֹמֹה אֶת־בֵּית יְהוָה וְאֶת־בֵּיתֽוֹ׃ | 1 |
شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھنىڭ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، |
וְהֶעָרִים אֲשֶׁר נָתַן חוּרָם לִשְׁלֹמֹה בָּנָה שְׁלֹמֹה אֹתָם וַיּוֹשֶׁב שָׁם אֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 2 |
ئۇ ھىرام ئۆزىگە سوۋغا قىلغان شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. |
וַיֵּלֶךְ שְׁלֹמֹה חֲמָת צוֹבָה וַיֶּחֱזַק עָלֶֽיהָ׃ | 3 |
سۇلايمان خامات-زوباھ شەھىرىگە بېرىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى. |
וַיִּבֶן אֶת־תַּדְמֹר בַּמִּדְבָּר וְאֵת כָּל־עָרֵי הַֽמִּסְכְּנוֹת אֲשֶׁר בָּנָה בַּחֲמָֽת׃ | 4 |
ئۇ يەنە چۆلدىكى تادمورنى ۋە ئۆزىنىڭ خاماتتا قۇرغان بارلىق خەزىنە شەھەرلىرىنى يەنە ئوڭشىتىپ قۇردى. |
וַיִּבֶן אֶת־בֵּית חוֹרוֹן הָֽעֶלְיוֹן וְאֶת־בֵּית חוֹרוֹן הַתַּחְתּוֹן עָרֵי מָצוֹר חוֹמוֹת דְּלָתַיִם וּבְרִֽיחַ׃ | 5 |
ئۇ يەنە ئۈستۈنكى بەيت-ھورون بىلەن ئاستىنقى بەيت-ھوروننى سېپىل، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان قورغانلىق شەھەرلەرگە ئايلاندۇردى؛ |
וְאֶֽת־בַּעֲלָת וְאֵת כָּל־עָרֵי הַֽמִּסְכְּנוֹת אֲשֶׁר הָיוּ לִשְׁלֹמֹה וְאֵת כָּל־עָרֵי הָרֶכֶב וְאֵת עָרֵי הַפָּרָשִׁים וְאֵת ׀ כָּל־חֵשֶׁק שְׁלֹמֹה אֲשֶׁר חָשַׁק לִבְנוֹת בִּירֽוּשָׁלִַם וּבַלְּבָנוֹן וּבְכֹל אֶרֶץ מֶמְשַׁלְתּֽוֹ׃ | 6 |
بائالاتنى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە خەزىنە شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، ئاتلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەرلەرنى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى. |
כָּל־הָעָם הַנּוֹתָר מִן־הַחִתִּי וְהָאֱמֹרִי וְהַפְּרִזִּי וְהַחִוִּי וְהַיְבוּסִי אֲשֶׁר לֹא מִיִּשְׂרָאֵל הֵֽמָּה׃ | 7 |
ئىسرائىلدىن بولمىغان ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن [ئىسرائىل] زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، |
מִן־בְּנֵיהֶם אֲשֶׁר נוֹתְרוּ אַחֲרֵיהֶם בָּאָרֶץ אֲשֶׁר לֹֽא־כִלּוּם בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וַיַּעֲלֵם שְׁלֹמֹה לְמַס עַד הַיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 8 |
سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقاتمىغان ئەللەرنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشاغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى. |
וּמִן־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר לֹא־נָתַן שְׁלֹמֹה לַעֲבָדִים לִמְלַאכְתּוֹ כִּי־הֵמָּה אַנְשֵׁי מִלְחָמָה וְשָׂרֵי שָׁלִישָׁיו וְשָׂרֵי רִכְבּוֹ וּפָרָשָֽׁיו׃ | 9 |
لېكىن ئىسرائىللاردىن سۇلايمان ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى. |
וְאֵלֶּה שָׂרֵי הנציבים הַנִּצָּבִים אֲשֶׁר־לַמֶּלֶךְ שְׁלֹמֹה חֲמִשִּׁים וּמָאתָיִם הָרֹדִים בָּעָֽם׃ | 10 |
بۇلاردىن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويغان چوڭ نازارەتچىلىرى بولۇپ، ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى. |
וְאֶת־בַּת־פַּרְעֹה הֶעֱלָה שְׁלֹמֹה מֵעִיר דָּוִיד לַבַּיִת אֲשֶׁר בָּֽנָה־לָהּ כִּי אָמַר לֹא־תֵשֵׁב אִשָּׁה לִי בְּבֵית דָּוִיד מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵל כִּי־קֹדֶשׁ הֵמָּה אֲשֶׁר־בָּֽאָה אֲלֵיהֶם אֲרוֹן יְהוָֽה׃ | 11 |
سۇلايمان پىرەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن ئۆزى ئۇنىڭغا سالدۇرغان ئوردىغا ئەكەلتۈردى؛ چۈنكى ئۇ: «ئايالىمنىڭ ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر»، ــ دېدى. |
אָז הֶעֱלָה שְׁלֹמֹה עֹלוֹת לַיהוָה עַל מִזְבַּח יְהוָה אֲשֶׁר בָּנָה לִפְנֵי הָאוּלָֽם׃ | 12 |
سۇلايمان بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىدا، يەنى [مۇقەددەس جاينىڭ] ئايۋانىنىڭ ئالدىغا سالدۇرغان قۇربانگاھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلاتتى؛ |
וּבִדְבַר־יוֹם בְּיוֹם לְהַעֲלוֹת כְּמִצְוַת מֹשֶׁה לַשַּׁבָּתוֹת וְלֶחֳדָשִׁים וְלַמּוֹעֲדוֹת שָׁלוֹשׁ פְּעָמִים בַּשָּׁנָה בְּחַג הַמַּצּוֹת וּבְחַג הַשָּׁבֻעוֹת וּבְחַג הַסֻּכּֽוֹת׃ | 13 |
ــ يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ھەر كۈنى، شابات كۈنلىرىدە، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە ۋە ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە ھېيت كۈنلىرىدە ــ «پېتىر نان ھېيتى»، «ھەپتىلەر ھېيتى» ۋە «كەپىلەر ھېيتى»دىكى كۈنلەردە بېكىتىلگەن بۇرچلۇق قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. |
וַיַּעֲמֵד כְּמִשְׁפַּט דָּֽוִיד־אָבִיו אֶת־מַחְלְקוֹת הַכֹּהֲנִים עַל־עֲבֹדָתָם וְהַלְוִיִּם עַל־מִשְׁמְרוֹתָם לְהַלֵּל וּלְשָׁרֵת נֶגֶד הַכֹּֽהֲנִים לִדְבַר־יוֹם בְּיוֹמוֹ וְהַשּׁוֹעֲרִים בְּמַחְלְקוֹתָם לְשַׁעַר וָשָׁעַר כִּי כֵן מִצְוַת דָּוִיד אִישׁ־הָאֱלֹהִֽים׃ | 14 |
سۇلايمان يەنە ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە كاھىنلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ بۇرچلىرىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن نۆۋەت-گۇرۇپپىلارنى بېكىتتى؛ لاۋىيلارنىڭ ھەر كۈنى مەدھىيە ئوقۇش ۋە كاھىنلارنىڭ ئالدىدا خىزمەتلەرنى ئادا قىلىش بۇرچى بار ئىدى. سۇلايمان يەنە دەرۋازىۋەنلەرنى نۆۋىتى بويىچە ھەر دەرۋازىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بېكىتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى. |
וְלֹא סָרוּ מִצְוַת הַמֶּלֶךְ עַל־הַכֹּהֲנִים וְהַלְוִיִּם לְכָל־דָּבָר וְלָאֹצָרֽוֹת׃ | 15 |
[كاھىن-لاۋىيلار] پادىشاھنىڭ كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بۇيرۇغانلىرىدىن، مەيلى قانداق ئىش بولسۇن ياكى خەزىنىلەرگە دائىر ئىش بولسۇن ھېچ باش تارتمايتتى. |
וַתִּכֹּן כָּל־מְלֶאכֶת שְׁלֹמֹה עַד־הַיּוֹם מוּסַד בֵּית־יְהוָה וְעַד־כְּלֹתוֹ שָׁלֵם בֵּית יְהוָֽה׃ | 16 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىشتا، ئۆي ئۇلى سېلىنغان كۈندىن تارتىپ پۈتكۈچە سۇلايماننىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى پۇختا تاماملاندى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى پۈتتى. |
אָז הָלַךְ שְׁלֹמֹה לְעֶצְיֽוֹן־גֶּבֶר וְאֶל־אֵילוֹת עַל־שְׂפַת הַיָּם בְּאֶרֶץ אֱדֽוֹם׃ | 17 |
ئاندىن سۇلايمان ئېدوم زېمىنىدا [قىزىل] دېڭىز بويىدىكى ئەزىئون-گەبەرگە ۋە ئېلاتقا قاراپ ماڭدى. |
וַיִּֽשְׁלַֽח־לוֹ חוּרָם בְּיַד־עֲבָדָיו אוניות אֳנִיּוֹת וַעֲבָדִים יוֹדְעֵי יָם וַיָּבֹאוּ עִם־עַבְדֵי שְׁלֹמֹה אוֹפִירָה וַיִּקְחוּ מִשָּׁם אַרְבַּע־מֵאוֹת וַחֲמִשִּׁים כִּכַּר זָהָב וַיָּבִיאוּ אֶל־הַמֶּלֶךְ שְׁלֹמֹֽה׃ | 18 |
ھۇرام [پادىشاھ] ئۆز خىزمەتكارلىرى ئارقىلىق كېمىلەر ۋە دېڭىز يوللىرىغا پىششىق ئادەملىرىنى سۇلايماننىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز ئەللىك تالانت ئالتۇن ئېلىپ، ئۇنى پادىشاھ سۇلايماننىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ كەلدى. |