בֶּן־שְׁמוֹנֶה שָׁנִים יֹאשִׁיָּהוּ בְמָלְכוֹ וּשְׁלֹשִׁים וְאַחַת שָׁנָה מָלַךְ בִּירוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 1 |
يوسىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. |
וַיַּעַשׂ הַיָּשָׁר בְּעֵינֵי יְהוָה וַיֵּלֶךְ בְּדַרְכֵי דָּוִיד אָבִיו וְלֹא־סָר יָמִין וּשְׂמֹֽאול׃ | 2 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى. |
וּבִשְׁמוֹנֶה שָׁנִים לְמָלְכוֹ וְהוּא עוֹדֶנּוּ נַעַר הֵחֵל לִדְרוֹשׁ לֵאלֹהֵי דָּוִיד אָבִיו וּבִשְׁתֵּים עֶשְׂרֵה שָׁנָה הֵחֵל לְטַהֵר אֶת־יְהוּדָה וִירוּשָׁלִַם מִן־הַבָּמוֹת וְהָאֲשֵׁרִים וְהַפְּסִלִים וְהַמַּסֵּכֽוֹת׃ | 3 |
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلى، ئۇ تېخى گۈدەك چېغىدىلا، ئاتىسى داۋۇتنىڭ خۇداسىنى ئىزلەشكە باشلىدى؛ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكى «يۇقىرى جايلار»، ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما بۇتلار ۋە قۇيما بۇتلارنى يوقىتىپ، زېمىننى پاكىزلاشقا كىرىشتى. |
וַיְנַתְּצוּ לְפָנָיו אֵת מִזְבְּחוֹת הַבְּעָלִים וְהַֽחַמָּנִים אֲשֶׁר־לְמַעְלָה מֵעֲלֵיהֶם גִּדֵּעַ וְהָאֲשֵׁרִים וְהַפְּסִלִים וְהַמַּסֵּכוֹת שִׁבַּר וְהֵדַק וַיִּזְרֹק עַל־פְּנֵי הַקְּבָרִים הַזֹּבְחִים לָהֶֽם׃ | 4 |
خەلق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا «بائاللار»نىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ تاشلىدى؛ ئۇ قۇربانگاھلارنىڭ ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى كېسىپ تاشلىدى؛ ئۇ يەنە ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما-قۇيما بۇتلارنى چېقىپ، ئۇنىڭ توپىسىنى بۇ مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇنغانلارنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى. |
וְעַצְמוֹת כֹּֽהֲנִים שָׂרַף עַל־מזבחותים מִזְבְּחוֹתָם וַיְטַהֵר אֶת־יְהוּדָה וְאֶת־יְרוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 5 |
[بۇت] كاھىنلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى قۇربانگاھلىرىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنى پاكىزلىدى. |
וּבְעָרֵי מְנַשֶּׁה וְאֶפְרַיִם וְשִׁמְעוֹן וְעַד־נַפְתָּלִי בהר בתיהם בְּחַרְבֹתֵיהֶם סָבִֽיב׃ | 6 |
ئۇ ماناسسەھ، ئەفرائىم، شىمېئون ھەتتا نافتالىغىچە ئۇلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ۋە ئەتراپىدىكى خارابىلەردە شۇنداق قىلدى؛ |
וַיְנַתֵּץ אֶת־הַֽמִּזְבְּחוֹת וְאֶת־הָאֲשֵׁרִים וְהַפְּסִלִים כִּתַּת לְהֵדַק וְכָל־הַֽחַמָּנִים גִּדַּע בְּכָל־אֶרֶץ יִשְׂרָאֵל וַיָּשָׁב לִירוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 7 |
ئۇ قۇربانگاھلارنى چېقىپ، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ۋە ئويما بۇتلارنى كوكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، پۈتۈن ئىسرائىلدىكى خۇشبۇيگاھلارنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتتى. |
וּבִשְׁנַת שְׁמוֹנֶה עֶשְׂרֵה לְמָלְכוֹ לְטַהֵר הָאָרֶץ וְהַבָּיִת שָׁלַח אֶת־שָׁפָן בֶּן־אֲצַלְיָהוּ וְאֶת־מַעֲשֵׂיָהוּ שַׂר־הָעִיר וְאֵת יוֹאָח בֶּן־יֽוֹאָחָז הַמַּזְכִּיר לְחַזֵּק אֶת־בֵּית יְהוָה אֱלֹהָֽיו׃ | 8 |
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى يەھۇدا زېمىنىنى ۋە مۇقەددەسخانىنى پاكىزلاپ بولغاندىن كېيىن، ئازالىيانىڭ ئوغلى شافان، شەھەر باشلىقى مائاسېياھ ۋە يوئاھازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاھنى خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلاشقا ئەۋەتتى. |
וַיָּבֹאוּ אֶל־חִלְקִיָּהוּ ׀ הַכֹּהֵן הַגָּדוֹל וַֽיִּתְּנוּ אֶת־הַכֶּסֶף הַמּוּבָא בֵית־אֱלֹהִים אֲשֶׁר אָסְפֽוּ־הַלְוִיִּם שֹׁמְרֵי הַסַּף מִיַּד מְנַשֶּׁה וְאֶפְרַיִם וּמִכֹּל שְׁאֵרִית יִשְׂרָאֵל וּמִכָּל־יְהוּדָה וּבִנְיָמִן וישבי וַיָּשֻׁבוּ יְרֽוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 9 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باش كاھىن ھىلقىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇلنى تاپشۇردى. بۇ پۇلنى ئەسلىدە دەرۋازىۋەن لاۋىيلار ماناسسەھ، ئەفرائىم ۋە ئىسرائىلنىڭ قالدىسىدىن، شۇنىڭدەك يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنىدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەردىن يىغقانىدى. |
וַֽיִּתְּנוּ עַל־יַד עֹשֵׂה הַמְּלָאכָה הַמֻּפְקָדִים בְּבֵית יְהוָה וַיִּתְּנוּ אֹתוֹ עוֹשֵׂי הַמְּלָאכָה אֲשֶׁר עֹשִׂים בְּבֵית יְהוָה לִבְדּוֹק וּלְחַזֵּק הַבָּֽיִת׃ | 10 |
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلغۇچى ئىشچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇلار ھەم پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە ئىشلىگۈچىلەرگە بەردى؛ |
וַֽיִּתְּנוּ לֶחָֽרָשִׁים וְלַבֹּנִים לִקְנוֹת אַבְנֵי מַחְצֵב וְעֵצִים לַֽמְחַבְּרוֹת וּלְקָרוֹת אֶת־הַבָּתִּים אֲשֶׁר הִשְׁחִיתוּ מַלְכֵי יְהוּדָֽה׃ | 11 |
ئۇلار بولسا پۇلنى يەھۇدا پادىشاھلىرى خارابىلەشتۈرگەن ئۆي-ئىمارەتلەرگە لازىملىق كېسىپ-ئويۇلغان تاشلارنى ۋە تۈۋرۈك-لىملارغا ياغاچ سېتىۋالىشقا ياغاچچىلار بىلەن تامچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. |
וְהָאֲנָשִׁים עֹשִׂים בֶּאֱמוּנָה בַּמְּלָאכָה וַעֲלֵיהֶם ׀ מֻפְקָדִים יַחַת וְעֹבַדְיָהוּ הַלְוִיִּם מִן־בְּנֵי מְרָרִי וּזְכַרְיָה וּמְשֻׁלָּם מִן־בְּנֵי הַקְּהָתִים לְנַצֵּחַ וְהַלְוִיִּם כָּל־מֵבִין בִּכְלֵי־שִֽׁיר׃ | 12 |
بۇ ئادەملەر ساداقەتلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارنى باشقۇرىدىغان، نازارەتكە مەسئۇل لاۋىي مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جاھات بىلەن ئوبادىيا، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام بار ئىدى؛ بۇ لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ھەرخىل سازلارغىمۇ ماھىر ئىدى؛ |
וְעַל הַסַּבָּלִים וּֽמְנַצְּחִים לְכֹל עֹשֵׂה מְלָאכָה לַעֲבוֹדָה וַעֲבוֹדָה וּמֵֽהַלְוִיִּם סוֹפְרִים וְשֹׁטְרִים וְשׁוֹעֲרִֽים׃ | 13 |
ئۇلار يەنە ھامماللار ۋە ھەرخىل ئىشلار ئۈستىدىكى نازارەتچىلەرنى باشقۇراتتى؛ لاۋىيلاردىن پۈتۈكچىلەرمۇ، ئەمەلدارلارمۇ، دەرۋازىۋەنلەرمۇ بار ئىدى. |
וּבְהוֹצִיאָם אֶת־הַכֶּסֶף הַמּוּבָא בֵּית יְהוָה מָצָא חִלְקִיָּהוּ הַכֹּהֵן אֶת־סֵפֶר תּֽוֹרַת־יְהוָה בְּיַד־מֹשֶֽׁה׃ | 14 |
ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇللارنى ئېلىپ چىقىدىغان چاغدا، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن تەۋرات قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدى. |
וַיַּעַן חִלְקִיָּהוּ וַיֹּאמֶר אֶל־שָׁפָן הַסּוֹפֵר סֵפֶר הַתּוֹרָה מָצָאתִי בְּבֵית יְהוָה וַיִּתֵּן חִלְקִיָּהוּ אֶת־הַסֵּפֶר אֶל־שָׁפָֽן׃ | 15 |
ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تەۋرات-قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ، ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى. |
וַיָּבֵא שָׁפָן אֶת־הַסֵּפֶר אֶל־הַמֶּלֶךְ וַיָּשֶׁב עוֹד אֶת־הַמֶּלֶךְ דָּבָר לֵאמֹר כֹּל אֲשֶׁר־נִתַּן בְּיַד־עֲבָדֶיךָ הֵם עֹשִֽׂים׃ | 16 |
شافان ئۇنى پادىشاھنىڭ يېنىغا ئاپاردى ۋە ئۇنىڭغا: «خىزمەتكارلىرى تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى بولسا، ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ. |
וַיַּתִּיכוּ אֶת־הַכֶּסֶף הַנִּמְצָא בְּבֵית־יְהוָה וַֽיִּתְּנוּהוּ עַל־יַד הַמֻּפְקָדִים וְעַל־יַד עוֹשֵׂי הַמְּלָאכָֽה׃ | 17 |
ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە [بېغىشلانغان] پۇللارنى تۆكۈپ، ئۇنى نازارەتچىلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى» دەپ مەلۇمات بەردى. |
וַיַּגֵּד שָׁפָן הַסּוֹפֵר לַמֶּלֶךְ לֵאמֹר סֵפֶר נָתַן לִי חִלְקִיָּהוּ הַכֹּהֵן וַיִּקְרָא־בוֹ שָׁפָן לִפְנֵי הַמֶּֽלֶךְ׃ | 18 |
شافان كاتىپ يەنە پادىشاھقا: ــ ھىلقىيا كاھىن يەنە ماڭا بىر ئورام كىتاپ بەردى دەپ ئۇنى پادىشاھ ئالدىدا ئوقۇدى. |
וַיְהִי כִּשְׁמֹעַ הַמֶּלֶךְ אֵת דִּבְרֵי הַתּוֹרָה וַיִּקְרַע אֶת־בְּגָדָֽיו׃ | 19 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتتى. |
וַיְצַו הַמֶּלֶךְ אֶת־חִלְקִיָּהוּ וְאֶת־אֲחִיקָם בֶּן־שָׁפָן וְאֶת־עַבְדּוֹן בֶּן־מִיכָה וְאֵת ׀ שָׁפָן הַסּוֹפֵר וְאֵת עֲשָׂיָה עֶֽבֶד־הַמֶּלֶךְ לֵאמֹֽר׃ | 20 |
پادىشاھ ھىلقىيا بىلەن شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكامغا، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون بىلەن شافان كاتىپقا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: ــ |
לְכוּ דִרְשׁוּ אֶת־יְהוָה בַּעֲדִי וּבְעַד הַנִּשְׁאָר בְּיִשְׂרָאֵל וּבִֽיהוּדָה עַל־דִּבְרֵי הַסֵּפֶר אֲשֶׁר נִמְצָא כִּֽי־גְדוֹלָה חֲמַת־יְהוָה אֲשֶׁר נִתְּכָה בָנוּ עַל אֲשֶׁר לֹא־שָׁמְרוּ אֲבוֹתֵינוּ אֶת־דְּבַר יְהוָה לַעֲשׂוֹת כְּכָל־הַכָּתוּב עַל־הַסֵּפֶר הַזֶּֽה׃ | 21 |
بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە ئىسرائىلدا ھەم يەھۇدادا قالدۇرۇلغان خەلق ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابتا بارلىق پۈتۈلگەنلەرگە ئەمەل قىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تۇتمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە تۆكۈلىدىغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، دېدى. |
וַיֵּלֶךְ חִלְקִיָּהוּ וַאֲשֶׁר הַמֶּלֶךְ אֶל־חֻלְדָּה הַנְּבִיאָה אֵשֶׁת ׀ שַׁלֻּם בֶּן־תוקהת תָּקְהַת בֶּן־חַסְרָה שׁוֹמֵר הַבְּגָדִים וְהִיא יוֹשֶׁבֶת בִּירוּשָׁלַ͏ִם בַּמִּשְׁנֶה וַיְדַבְּרוּ אֵלֶיהָ כָּזֹֽאת׃ | 22 |
شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا ۋە پادىشاھ تەيىنلىگەن كىشىلەر ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا باردى؛ ھۇلداھ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توكىھاتنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى؛ ئۇ ئۆزى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەشتى. |
וַתֹּאמֶר לָהֶם כֹּה־אָמַר יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל אִמְרוּ לָאִישׁ אֲשֶׁר־שָׁלַח אֶתְכֶם אֵלָֽי׃ | 23 |
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە مۇنداق دەڭلار: ــ |
כֹּה אָמַר יְהוָה הִנְנִי מֵבִיא רָעָה עַל־הַמָּקוֹם הַזֶּה וְעַל־יוֹשְׁבָיו אֵת כָּל־הָאָלוֹת הַכְּתוּבוֹת עַל־הַסֵּפֶר אֲשֶׁר קָֽרְאוּ לִפְנֵי מֶלֶךְ יְהוּדָֽה׃ | 24 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئالدىدا ئوقۇلغان بۇ كىتابتىكى بارلىق لەنەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جايغا ۋە بۇ يەردە تۇرغۇچىلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. |
תַּחַת ׀ אֲשֶׁר עֲזָבוּנִי ויקטירו וַֽיְקַטְּרוּ לֵֽאלֹהִים אֲחֵרִים לְמַעַן הַכְעִיסֵנִי בְּכֹל מַעֲשֵׂי יְדֵיהֶם וְתִתַּךְ חֲמָתִי בַּמָּקוֹם הַזֶּה וְלֹא תִכְבֶּֽה׃ | 25 |
چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قەھرىم بۇ يەرگە تۆكۈلىدۇ، ئۆچۈرۈلمەيدۇ. |
וְאֶל־מֶלֶךְ יְהוּדָה הַשֹּׁלֵחַ אֶתְכֶם לִדְרוֹשׁ בַּֽיהוָה כֹּה תֹאמְרוּ אֵלָיו כֹּֽה־אָמַר יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל הַדְּבָרִים אֲשֶׁר שָׁמָֽעְתָּ׃ | 26 |
لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يول سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا بولسا، مۇنداق دەڭلار: ــ سەن ئاڭلىغان سۆزلەر توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ |
יַעַן רַךְ־לְבָבְךָ וַתִּכָּנַע ׀ מִלִּפְנֵי אֱלֹהִים בְּשָׁמְעֲךָ אֶת־דְּבָרָיו עַל־הַמָּקוֹם הַזֶּה וְעַל־יֹשְׁבָיו וַתִּכָּנַע לְפָנַי וַתִּקְרַע אֶת־בְּגָדֶיךָ וַתֵּבְךְּ לְפָנָי וְגַם־אֲנִי שָׁמַעְתִּי נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 27 |
چۈنكى كۆڭلۈڭ يۇمشاق بولۇپ، خۇدانىڭ مۇشۇ جاي ۋە ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلارنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىڭدا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن قىلدىڭ، شۇنىڭدەك ئۆزۈڭنى شۇنداق تۆۋەن قىلغىنىڭدا، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
הִנְנִי אֹֽסִפְךָ אֶל־אֲבֹתֶיךָ וְנֶאֱסַפְתָּ אֶל־קִבְרֹתֶיךָ בְּשָׁלוֹם וְלֹא־תִרְאֶינָה עֵינֶיךָ בְּכֹל הָֽרָעָה אֲשֶׁר אֲנִי מֵבִיא עַל־הַמָּקוֹם הַזֶּה וְעַל־יֹשְׁבָיו וַיָּשִׁיבוּ אֶת־הַמֶּלֶךְ דָּבָֽר׃ | 28 |
مانا، سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. |
וַיִּשְׁלַח הַמֶּלֶךְ וַיֶּאֱסֹף אֶת־כָּל־זִקְנֵי יְהוּדָה וִירוּשָׁלָֽ͏ִם׃ | 29 |
پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلدى. |
וַיַּעַל הַמֶּלֶךְ בֵּית־יְהוָה וְכָל־אִישׁ יְהוּדָה וְיֹשְׁבֵי יְרוּשָׁלִַם וְהַכֹּֽהֲנִים וְהַלְוִיִּם וְכָל־הָעָם מִגָּדוֹל וְעַד־קָטָן וַיִּקְרָא בְאָזְנֵיהֶם אֶת־כָּל־דִּבְרֵי סֵפֶר הַבְּרִית הַנִּמְצָא בֵּית יְהוָֽה׃ | 30 |
پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار، شۇنداقلا بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. |
וַיַּעֲמֹד הַמֶּלֶךְ עַל־עָמְדוֹ וַיִּכְרֹת אֶֽת־הַבְּרִית לִפְנֵי יְהוָה לָלֶכֶת אַחֲרֵי יְהוָה וְלִשְׁמוֹר אֶת־מִצְוֺתָיו וְעֵֽדְוֺתָיו וְחֻקָּיו בְּכָל־לְבָבוֹ וּבְכָל־נַפְשׁוֹ לַעֲשׂוֹת אֶת־דִּבְרֵי הַבְּרִית הַכְּתוּבִים עַל־הַסֵּפֶר הַזֶּֽה׃ | 31 |
پادىشاھ ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئۆزىنى ئەھدىگە باغلىدى. |
וַיַּעֲמֵד אֵת כָּל־הַנִּמְצָא בִירוּשָׁלַ͏ִם וּבִנְיָמִן וַֽיַּעֲשׂוּ יֹשְׁבֵי יְרוּשָׁלִַם כִּבְרִית אֱלֹהִים אֱלֹהֵי אֲבוֹתֵיהֶֽם׃ | 32 |
شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە بىنيامىندىكى خەلقنىمۇ بۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلاتتى. شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار خۇدانىڭ، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولدى. |
וַיָּסַר יֹֽאשִׁיָּהוּ אֶת־כָּל־הַתּוֹעֵבוֹת מִֽכָּל־הָאֲרָצוֹת אֲשֶׁר לִבְנֵי יִשְׂרָאֵל וַֽיַּעֲבֵד אֵת כָּל־הַנִּמְצָא בְּיִשְׂרָאֵל לַעֲבוֹד אֶת־יְהוָה אֱלֹהֵיהֶם כָּל־יָמָיו לֹא סָרוּ מֵֽאַחֲרֵי יְהוָה אֱלֹהֵי אֲבוֹתֵיהֶֽם׃ | 33 |
يوسىيا ئىسرائىللارغا قاراشلىق يۇرتلاردىن بارلىق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ خىزمىتىگە كىرىدىغان قىلدى. [يوسىيانىڭ] بارلىق كۈنلىرىدە خەلق ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ھېچ يانمىدى. |