וַיִּבְרַח דָּוִד מנוות מִנָּיוֹת בָּרָמָה וַיָּבֹא וַיֹּאמֶר ׀ לִפְנֵי יְהוֹנָתָן מֶה עָשִׂיתִי מֶֽה־עֲוֺנִי וּמֶֽה־חַטָּאתִי לִפְנֵי אָבִיךָ כִּי מְבַקֵּשׁ אֶת־נַפְשִֽׁי׃ | 1 |
داۋۇت راماھدىكى نايوتتىن قېچىپ يوناتاننىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ نېمە قەبىھلىك قىلىپتىمەن؟ ئاتاڭ ئالدىدا نېمە گۇناھ قىلىپتىمەن، ئۇ مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר לוֹ חָלִילָה לֹא תָמוּת הִנֵּה לו־עשה לֹֽא־יַעֲשֶׂה אָבִי דָּבָר גָּדוֹל אוֹ דָּבָר קָטֹן וְלֹא יִגְלֶה אֶת־אָזְנִי וּמַדּוּעַ יַסְתִּיר אָבִי מִמֶּנִּי אֶת־הַדָּבָר הַזֶּה אֵין זֹֽאת׃ | 2 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ يوقسۇ، بۇنداق ئىش نېرى بولسۇن! سەن ئۆلمەيسەن. چوڭ ئىش بولسۇن، كىچىك ئىش بولسۇن ئاتام ماڭا دېمەي قويمايدۇ. نېمىشقا ئاتام بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرىدىكىنە؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى. |
וַיִּשָּׁבַע עוֹד דָּוִד וַיֹּאמֶר יָדֹעַ יָדַע אָבִיךָ כִּֽי־מָצָאתִי חֵן בְּעֵינֶיךָ וַיֹּאמֶר אַל־יֵֽדַע־זֹאת יְהוֹנָתָן פֶּן־יֵֽעָצֵב וְאוּלָם חַי־יְהוָה וְחֵי נַפְשֶׁךָ כִּי כְפֶשַׂע בֵּינִי וּבֵין הַמָּֽוֶת׃ | 3 |
لېكىن داۋۇت يەنە قەسەم قىلىپ: ــ ئاتاڭ سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمنى جەزمەن بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە: ــ يوناتان بۇنى بىلىپ قالمىسۇن؛ بولمىسا ئۇنىڭغا ئازار بولىدۇ، دېگەندۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىڭ ۋە ھاياتىڭ بىلەن ئالدىڭدا قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا ئۆلۈمنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەملا قالدى، دېدى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹנָתָן אֶל־דָּוִד מַה־תֹּאמַר נַפְשְׁךָ וְאֶֽעֱשֶׂה־לָּֽךְ׃ | 4 |
يوناتان داۋۇتقا: ــ كۆڭلۈڭ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلاي، دېدى. |
וַיֹּאמֶר דָּוִד אֶל־יְהוֹנָתָן הִֽנֵּה־חֹדֶשׁ מָחָר וְאָנֹכִי יָשֹׁב־אֵשֵׁב עִם־הַמֶּלֶךְ לֶאֱכוֹל וְשִׁלַּחְתַּנִי וְנִסְתַּרְתִּי בַשָּׂדֶה עַד הָעֶרֶב הַשְּׁלִשִֽׁית׃ | 5 |
داۋۇت يوناتانغا مۇنداق دېدى: ــ مانا ئەتە «يېڭى ئاي» بولىدۇ؛ مەن ئادەتتىكىدەك پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولمىسام بولمايدۇ. لېكىن مېنى قويۇپ بەرگىن، مەن ئۈچىنچى كۈنى ئاخشىمىغىچە دالادا مۆكۈنۈۋالاي. |
אִם־פָּקֹד יִפְקְדֵנִי אָבִיךָ וְאָמַרְתָּ נִשְׁאֹל נִשְׁאַל מִמֶּנִּי דָוִד לָרוּץ בֵּֽית־לֶחֶם עִירוֹ כִּי זֶבַח הַיָּמִים שָׁם לְכָל־הַמִּשְׁפָּחָֽה׃ | 6 |
ئاتاڭ مېنىڭ سورۇندا يوقلۇقىمنى كۆرۈپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا: «داۋۇت مەندىن ئۆز شەھىرى بەيت-لەھەمگە تېزراق بېرىپ كېلىشكە جىددىي رۇخسەت سورىدى، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتكۈل ئائىلىسى ئۈچۈن بىر يىللىق قۇربانلىق ئۆتكۈزىدىكەن»، دېگىن، دېدى. |
אִם־כֹּה יֹאמַר טוֹב שָׁלוֹם לְעַבְדֶּךָ וְאִם־חָרֹה יֶֽחֱרֶה לוֹ דַּע כִּֽי־כָלְתָה הָרָעָה מֵעִמּֽוֹ׃ | 7 |
ئەگەر ئۇ: ــ ئوبدان بوپتۇ، دېسە، قۇلۇڭ تىنچ-ئامان بولىدۇ: ــ لېكىن ئۇ ئاچچىقلانسا، ئۇنىڭ ماڭا يامانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلمىغىن. |
וְעָשִׂיתָ חֶסֶד עַל־עַבְדֶּךָ כִּי בִּבְרִית יְהוָה הֵבֵאתָ אֶֽת־עַבְדְּךָ עִמָּךְ וְאִם־יֶשׁ־בִּי עָוֺן הֲמִיתֵנִי אַתָּה וְעַד־אָבִיךָ לָמָּה־זֶּה תְבִיאֵֽנִי׃ | 8 |
سەن قۇلۇڭغا ئىلتىپات كۆرسەتكىن؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇلۇڭنى ئەھدىلەشتۈرگەنسەن. لېكىن ئەگەر مەندە بىر يامانلىق بولسا سەن ئۆزۈڭلا مېنى ئۆلتۈرگىن؛ مېنى ئېلىپ بېرىپ ئاتاڭغا تاپشۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹנָתָן חָלִילָה לָּךְ כִּי ׀ אִם־יָדֹעַ אֵדַע כִּֽי־כָלְתָה הָרָעָה מֵעִם אָבִי לָבוֹא עָלֶיךָ וְלֹא אֹתָהּ אַגִּיד לָֽךְ׃ | 9 |
يوناتان: ــ ئۇنداق خىيال سەندىن نېرى بولسۇن! ئەگەر ئاتامنىڭ ساڭا يامانلىق قىلىدىغان نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ قالسام، ساڭا دەيتتىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר דָּוִד אֶל־יְהוֹנָתָן מִי יַגִּיד לִי אוֹ מַה־יַּעַנְךָ אָבִיךָ קָשָֽׁה׃ | 10 |
داۋۇت يوناتانغا: ــ ئەگەر ئاتاڭ ساڭا قاتتىق گەپ بىلەن جاۋاب بەرسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר יְהֽוֹנָתָן אֶל־דָּוִד לְכָה וְנֵצֵא הַשָּׂדֶה וַיֵּצְאוּ שְׁנֵיהֶם הַשָּׂדֶֽה׃ | 11 |
يوناتان داۋۇتقا: ــ كەلگىن، دالاغا چىقايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى دالاغا چىقتى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹנָתָן אֶל־דָּוִד יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל כִּֽי־אֶחְקֹר אֶת־אָבִי כָּעֵת ׀ מָחָר הַשְּׁלִשִׁית וְהִנֵּה־טוֹב אֶל־דָּוִד וְלֹֽא־אָז אֶשְׁלַח אֵלֶיךָ וְגָלִיתִי אֶת־אָזְנֶֽךָ׃ | 12 |
يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [گۇۋاھكى]، مەن ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نىيىتىنى بىلىپ، ساڭا ئىلتىپاتلىق بولسا، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ساڭا مەلۇم قىلمامدىم؟ |
כֹּֽה־יַעֲשֶׂה יְהוָה לִֽיהוֹנָתָן וְכֹה יֹסִיף כִּֽי־יֵיטִב אֶל־אָבִי אֶת־הָֽרָעָה עָלֶיךָ וְגָלִיתִי אֶת־אָזְנֶךָ וְשִׁלַּחְתִּיךָ וְהָלַכְתָּ לְשָׁלוֹם וִיהִי יְהוָה עִמָּךְ כַּאֲשֶׁר הָיָה עִם־אָבִֽי׃ | 13 |
ئەگەر ئاتام ساڭا يامانلىق قىلماقچى بولسا، مەن سېنى تىنچ-ئامان يولغا سېلىش ئۈچۈن ساڭا ئادەم ئەۋەتىپ خەۋەر بەرمىسەم، پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ بېشىڭغا چۈشكەندىنمۇ ئارتۇق چۈشۈرسۇن؛ ئەمدى پەرۋەردىگار ئاتام بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولسۇن. |
וְלֹא אִם־עוֹדֶנִּי חָי וְלֹֽא־תַעֲשֶׂה עִמָּדִי חֶסֶד יְהוָה וְלֹא אָמֽוּת׃ | 14 |
ھاياتلا بولسام مېنى ئۆلمىسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن. |
וְלֹֽא־תַכְרִת אֶֽת־חַסְדְּךָ מֵעִם בֵּיתִי עַד־עוֹלָם וְלֹא בְּהַכְרִת יְהוָה אֶת־אֹיְבֵי דָוִד אִישׁ מֵעַל פְּנֵי הָאֲדָמָֽה׃ | 15 |
مەن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆيدىكىلىرىمدىن ھەم ھېچ ۋاقىت مېھرىبانلىقىڭنى ئۈزمىگەيسەن؛ پەرۋەردىگار سەن داۋۇتنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى يەر يۈزىدىن يوقاتقاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغايسەن». |
וַיִּכְרֹת יְהוֹנָתָן עִם־בֵּית דָּוִד וּבִקֵּשׁ יְהוָה מִיַּד אֹיְבֵי דָוִֽד׃ | 16 |
شۇنىڭ بىلەن يوناتان داۋۇتنىڭ جەمەتى بىلەن ئەھدە قىلىشىپ: ــ پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېساب ئالسۇن، دېدى. |
וַיּוֹסֶף יְהֽוֹנָתָן לְהַשְׁבִּיעַ אֶת־דָּוִד בְּאַהֲבָתוֹ אֹתוֹ כִּֽי־אַהֲבַת נַפְשׁוֹ אֲהֵבֽוֹ׃ | 17 |
ئاندىن يوناتان يەنە ئۆزىنىڭ داۋۇتقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭغا قەسەم قىلدۇردى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى. |
וַיֹּֽאמֶר־לוֹ יְהוֹנָתָן מָחָר חֹדֶשׁ וְנִפְקַדְתָּ כִּי יִפָּקֵד מוֹשָׁבֶֽךָ׃ | 18 |
يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئەتە يېڭى ئاي بولىدۇ. مانا سېنىڭ ئورنۇڭ بوش قالىدۇ، كىشىلەر سېنىڭ يوقلۇقىڭغا دىققەت قىلىدۇ. |
וְשִׁלַּשְׁתָּ תֵּרֵד מְאֹד וּבָאתָ אֶל־הַמָּקוֹם אֲשֶׁר־נִסְתַּרְתָּ שָּׁם בְּיוֹם הַֽמַּעֲשֶׂה וְיָשַׁבְתָּ אֵצֶל הָאֶבֶן הָאָֽזֶל׃ | 19 |
ئۈچىنچى كۈنى سەن چۈشۈپ ئالدىنقى قېتىم بۇ ئىشقا يولۇققىنىڭدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغان جايغا بېرىپ «ئېزەل» دېگەن تاشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرغىن. |
וַאֲנִי שְׁלֹשֶׁת הַחִצִּים צִדָּה אוֹרֶה לְשַֽׁלַּֽח־לִי לְמַטָּרָֽה׃ | 20 |
مەن تاشنىڭ يېنىدىكى بىر جايغا خۇددى نىشاننى قارالىغاندەك ئۈچ پاي يا ئوقى ئاتاي. |
וְהִנֵּה אֶשְׁלַח אֶת־הַנַּעַר לֵךְ מְצָא אֶת־הַחִצִּים אִם־אָמֹר אֹמַר לַנַּעַר הִנֵּה הַחִצִּים ׀ מִמְּךָ וָהֵנָּה קָחֶנּוּ ׀ וָבֹאָה כִּֽי־שָׁלוֹם לְךָ וְאֵין דָּבָר חַי־יְהוָֽה׃ | 21 |
ئاندىن غۇلامنى ماڭدۇرۇپ: ــ «يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن» ــ دەيمەن. ئەگەر مەن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئارقا تەرەپتە تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئېلىپ كەل، دېسەم، سەن چىقىپ يېنىمغا كەلگىن؛ شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئۈچۈن تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ، ھېچ ئىش بولمايدۇ. |
וְאִם־כֹּה אֹמַר לָעֶלֶם הִנֵּה הַחִצִּים מִמְּךָ וָהָלְאָה לֵךְ כִּי שִֽׁלַּחֲךָ יְהוָֽה׃ | 22 |
لېكىن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئالدىڭدا تۇرىدۇ، دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار سېنى كەتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. |
וְהַדָּבָר אֲשֶׁר דִּבַּרְנוּ אֲנִי וָאָתָּה הִנֵּה יְהוָה בֵּינִי וּבֵינְךָ עַד־עוֹלָֽם׃ | 23 |
ئەمدىلىكتە مەن بىلەن سەن سۆزلەشكەن ئىش توغرۇلۇق، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمدا گۇۋاھچىدۇر. |
וַיִּסָּתֵר דָּוִד בַּשָּׂדֶה וַיְהִי הַחֹדֶשׁ וַיֵּשֶׁב הַמֶּלֶךְ על־אֶל־הַלֶּחֶם לֶאֱכֽוֹל׃ | 24 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دالادا مۆكۈنۈۋالدى. يېڭى ئاي كەلگەندە، پادىشاھ تائام يېگىلى داستىخاندا ئولتۇردى. |
וַיֵּשֶׁב הַמֶּלֶךְ עַל־מוֹשָׁבוֹ כְּפַעַם ׀ בְּפַעַם אֶל־מוֹשַׁב הַקִּיר וַיָּקָם יְהוֹנָתָן וַיֵּשֶׁב אַבְנֵר מִצַּד שָׁאוּל וַיִּפָּקֵד מְקוֹם דָּוִֽד׃ | 25 |
پادىشاھ بولسا بۇرۇنقىدەكلا ئۆز ئورنىدا تامنىڭ يېنىدىكى تۆردە ئولتۇردى. يوناتان ئورنىدىن تۇردى، ئابنەر سائۇلنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى بوش قالدى. |
וְלֹֽא־דִבֶּר שָׁאוּל מְאוּמָה בַּיּוֹם הַהוּא כִּי אָמַר מִקְרֶה הוּא בִּלְתִּי טָהוֹר הוּא כִּֽי־לֹא טָהֽוֹר׃ | 26 |
ئەمما سائۇل ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. چۈنكى ئۇ: ــ داۋۇتقا بىر ئىش بولدى، ئۇ ناپاك بولۇپ قالدى. ئۇ جەزمەن ناپاك بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى. |
וַיְהִי מִֽמָּחֳרַת הַחֹדֶשׁ הַשֵּׁנִי וַיִּפָּקֵד מְקוֹם דָּוִד וַיֹּאמֶר שָׁאוּל אֶל־יְהוֹנָתָן בְּנוֹ מַדּוּעַ לֹא־בָא בֶן־יִשַׁי גַּם־תְּמוֹל גַּם־הַיּוֹם אֶל־הַלָּֽחֶם׃ | 27 |
لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى يېڭى ئاينىڭ ئەتىسىمۇ، يەنى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ بوش ئىدى. سائۇل ئوغلى يوناتاندىن: ــ نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلى ياكى تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن تاماققا كەلمەيدۇ، دەپ سورىدى. |
וַיַּעַן יְהוֹנָתָן אֶת־שָׁאוּל נִשְׁאֹל נִשְׁאַל דָּוִד מֵעִמָּדִי עַד־בֵּית לָֽחֶם׃ | 28 |
يوناتان سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت بەيت-لەھەمگە بارغىلى مەندىن جىددىي رۇخسەت سوراپ: ــ |
וַיֹּאמֶר שַׁלְּחֵנִי נָא כִּי זֶבַח מִשְׁפָּחָה לָנוּ בָּעִיר וְהוּא צִוָּֽה־לִי אָחִי וְעַתָּה אִם־מָצָאתִי חֵן בְּעֵינֶיךָ אִמָּלְטָה נָּא וְאֶרְאֶה אֶת־אֶחָי עַל־כֵּן לֹא־בָא אֶל־שֻׁלְחַן הַמֶּֽלֶךְ׃ | 29 |
مېنىڭ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلغىن، ئائىلىمىزنىڭ شەھەردە بىر قۇربانلىق ئىشى بولغاچ ئاكام مېنىڭ بېرىشىمنى ئېيتىپتۇ؛ ئەگەر سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە رۇخسەت بەرگىن، دېدى. شۇڭا ئۇ پادىشاھنىڭ داستىخىنىغا كەلمىدى، دېدى. |
וַיִּֽחַר־אַף שָׁאוּל בִּיהוֹנָתָן וַיֹּאמֶר לוֹ בֶּֽן־נַעֲוַת הַמַּרְדּוּת הֲלוֹא יָדַעְתִּי כִּֽי־בֹחֵר אַתָּה לְבֶן־יִשַׁי לְבָשְׁתְּךָ וּלְבֹשֶׁת עֶרְוַת אִמֶּֽךָ׃ | 30 |
سائۇلنىڭ يوناتانغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ: ــ ئى بۇزۇق، كاج خوتۇننىڭ ئوغلى، نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلىنى ئۆزۈڭگە تاللاپ، ئۆزۈڭنى شەرمەندە قىلىپ ۋە ئاناڭنى نومۇسقا قويغىنىڭنى بىلمەمدىمەن؟ |
כִּי כָל־הַיָּמִים אֲשֶׁר בֶּן־יִשַׁי חַי עַל־הָאֲדָמָה לֹא תִכּוֹן אַתָּה וּמַלְכוּתֶךָ וְעַתָּה שְׁלַח וְקַח אֹתוֹ אֵלַי כִּי בֶן־מָוֶת הֽוּא׃ | 31 |
ئەگەر يەسسەنىڭ ئوغلى يەر يۈزىدە تىرىك بولسىلا، سەن ھەم سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ مۇستەھكەم بولمايدۇ. شۇڭا ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمگە مەھكەمدۇر! ــ دېدى. |
וַיַּעַן יְהוֹנָתָן אֶת־שָׁאוּל אָבִיו וַיֹּאמֶר אֵלָיו לָמָּה יוּמַת מֶה עָשָֽׂה׃ | 32 |
يوناتان ئاتىسى سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؟ ئۇ نېمە قىپتۇ؟ ــ دېدى. |
וַיָּטֶל שָׁאוּל אֶֽת־הַחֲנִית עָלָיו לְהַכֹּתוֹ וַיֵּדַע יְהוֹנָתָן כִּֽי־כָלָה הִיא מֵעִם אָבִיו לְהָמִית אֶת־דָּוִֽד׃ | 33 |
ئاندىن سائۇل يوناتانغا سانجىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەيزىنى ئاتتى؛ بۇنىڭ بىلەن يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ يەتتى. |
וַיָּקָם יְהוֹנָתָן מֵעִם הַשֻּׁלְחָן בָּחֳרִי־אָף וְלֹא־אָכַל בְּיוֹם־הַחֹדֶשׁ הַשֵּׁנִי לֶחֶם כִּי נֶעְצַב אֶל־דָּוִד כִּי הִכְלִמוֹ אָבִֽיו׃ | 34 |
يوناتان بولسا قاتتىق ئاچچىقلاپ داستىخاندىن قوپۇپ كەتتى ۋە يېڭى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ھېچ تائام يېمىدى. چۈنكى ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى شۇنداق ھاقارەتلىشى ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بولغانىدى. |
וַיְהִי בַבֹּקֶר וַיֵּצֵא יְהוֹנָתָן הַשָּׂדֶה לְמוֹעֵד דָּוִד וְנַעַר קָטֹן עִמּֽוֹ׃ | 35 |
ئەتىسى يوناتان دالاغا چىقىپ داۋۇت بىلەن كېلىشكەن جايغا باردى. ئۇنىڭ بىلەن بىر كىچىك غۇلام بىللە باردى. |
וַיֹּאמֶר לְנַעֲרוֹ רֻץ מְצָא נָא אֶת־הַחִצִּים אֲשֶׁר אָנֹכִי מוֹרֶה הַנַּעַר רָץ וְהֽוּא־יָרָה הַחֵצִי לְהַעֲבִרֽוֹ׃ | 36 |
ئۇ غۇلامغا: ــ سەن يۈگۈر، مەن ئاتقان يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن، دېدى. غۇلام يۈگۈردى، ئۇ بىر ئوقنى ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاتتى. |
וַיָּבֹא הַנַּעַר עַד־מְקוֹם הַחֵצִי אֲשֶׁר יָרָה יְהוֹנָתָן וַיִּקְרָא יְהוֹנָתָן אַחֲרֵי הַנַּעַר וַיֹּאמֶר הֲלוֹא הַחֵצִי מִמְּךָ וָהָֽלְאָה׃ | 37 |
غۇلام يوناتان ئاتقان ئوق چۈشكەن جايغا كەلگەندە يوناتان غۇلامنى چاقىرىپ: ــ ئوق سېنىڭ ئالدى تەرىپىڭدە تۇرمامدۇ؟ ــ دېدى. |
וַיִּקְרָא יְהֽוֹנָתָן אַחֲרֵי הַנַּעַר מְהֵרָה חוּשָׁה אַֽל־תַּעֲמֹד וַיְלַקֵּט נַעַר יְהֽוֹנָתָן אֶת־החצי הַחִצִּים וַיָּבֹא אֶל־אֲדֹנָֽיו׃ | 38 |
ئاندىن يوناتان غۇلامنى يەنە چاقىرىپ: ــ بول، ئىتتىك بول، ھايال بولمىغىن! ــ دېدى. يوناتاننىڭ غۇلامى يا ئوقىنى يىغىپ غوجىسىغا ئېلىپ كەلدى. |
וְהַנַּעַר לֹֽא־יָדַע מְאוּמָה אַךְ יְהֽוֹנָתָן וְדָוִד יָדְעוּ אֶת־הַדָּבָֽר׃ | 39 |
لېكىن غۇلامنىڭ بولغان ئىشتىن خەۋىرى ئۇق ئىدى. بۇنى يالغۇز يوناتان بىلەن داۋۇتلا بىلەتتى. |
וַיִּתֵּן יְהֽוֹנָתָן אֶת־כֵּלָיו אֶל־הַנַּעַר אֲשֶׁר־לוֹ וַיֹּאמֶר לוֹ לֵךְ הָבֵיא הָעִֽיר׃ | 40 |
ئاندىن يوناتان غۇلامىغا ياراغلىرىنى بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كەتكىن، دېدى. |
הַנַּעַר בָּא וְדָוִד קָם מֵאֵצֶל הַנֶּגֶב וַיִּפֹּל לְאַפָּיו אַרְצָה וַיִּשְׁתַּחוּ שָׁלֹשׁ פְּעָמִים וַֽיִּשְּׁקוּ ׀ אִישׁ אֶת־רֵעֵהוּ וַיִּבְכּוּ אִישׁ אֶת־רֵעֵהוּ עַד־דָּוִד הִגְדִּֽיל׃ | 41 |
غۇلام كەتكەندىن كېيىن داۋۇت [تاشنىڭ] جەنۇب تەرىپىدىن چىقىپ يەرگە يىقىلىپ ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئۇلار بىر-بىرىنى سۆيۈشتى، بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلاشتى، بولۇپمۇ داۋۇت قاتتىق يىغلىدى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹנָתָן לְדָוִד לֵךְ לְשָׁלוֹם אֲשֶׁר נִשְׁבַּעְנוּ שְׁנֵינוּ אֲנַחְנוּ בְּשֵׁם יְהוָה לֵאמֹר יְהוָה יִֽהְיֶה ׀ בֵּינִי וּבֵינֶךָ וּבֵין זַרְעִי וּבֵין זַרְעֲךָ עַד־עוֹלָֽם׃ וַיָּקָם וַיֵּלַךְ וִיהוֹנָתָן בָּא הָעִֽיר׃ | 42 |
يوناتان داۋۇتقا: ــ سەپىرىڭ تىنچ-ئامان بولسۇن؛ چۈنكى بىز ئىككىمىز: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا ۋە مېنىڭ نەسلىم بىلەن سېنىڭ نەسلىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈگە گۇۋاھ بولسۇن، دەپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەن، دېدى. داۋۇت ئورنىدىن قوپۇپ ماڭدى، يوناتانمۇ شەھەرگە كىرىپ كەتتى. |