וַיְדַבֵּר שָׁאוּל אֶל־יוֹנָתָן בְּנוֹ וְאֶל־כָּל־עֲבָדָיו לְהָמִית אֶת־דָּוִד וִיהֽוֹנָתָן בֶּן־שָׁאוּל חָפֵץ בְּדָוִד מְאֹֽד׃ | 1 |
سائۇل ئۆز ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە خىزمەتكارلىرىگە داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا بەك ئامراق ئىدى. |
וַיַּגֵּד יְהוֹנָתָן לְדָוִד לֵאמֹר מְבַקֵּשׁ שָׁאוּל אָבִי לַהֲמִיתֶךָ וְעַתָּה הִשָּֽׁמֶר־נָא בַבֹּקֶר וְיָשַׁבְתָּ בַסֵּתֶר וְנַחְבֵּֽאתָ׃ | 2 |
يوناتان داۋۇتقا: ــ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى؛ ئەمدى ئەتە ئەتىگەن قاتتىق ئېھتىيات قىلغىن، بىر مەخپىي جاينى تېپىپ ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛ |
וַאֲנִי אֵצֵא וְעָמַדְתִּי לְיַד־אָבִי בַּשָּׂדֶה אֲשֶׁר אַתָּה שָׁם וַאֲנִי אֲדַבֵּר בְּךָ אֶל־אָבִי וְרָאִיתִי מָה וְהִגַּדְתִּי לָֽךְ׃ | 3 |
مەن ئۆزۈم چىقىپ سەن يوشۇرۇنغان ئېتىزلىققا بېرىپ ئاتامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاتام بىلەن سېنىڭ توغراڭدا سۆزلىشىپ باقاي؛ ئەھۋالنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ساڭا خەۋەر قىلاي، دېدى. |
וַיְדַבֵּר יְהוֹנָתָן בְּדָוִד טוֹב אֶל־שָׁאוּל אָבִיו וַיֹּאמֶר אֵלָיו אַל־יֶחֱטָא הַמֶּלֶךְ בְּעַבְדּוֹ בְדָוִד כִּי לוֹא חָטָא לָךְ וְכִי מַעֲשָׂיו טוֹב־לְךָ מְאֹֽד׃ | 4 |
يوناتان ئاتىسى سائۇلغا داۋۇتنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ: ــ پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارىغا، يەنى داۋۇتقا يامانلىق قىلمىغاي! چۈنكى ئۇ ساڭا گۇناھ قىلمىغان؛ بەلكى ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئۆزۈڭگە كۆپ ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن: ــ |
וַיָּשֶׂם אֶת־נַפְשׁוֹ בְכַפּוֹ וַיַּךְ אֶת־הַפְּלִשְׁתִּי וַיַּעַשׂ יְהוָה תְּשׁוּעָה גְדוֹלָה לְכָל־יִשְׂרָאֵל רָאִיתָ וַתִּשְׂמָח וְלָמָּה תֶֽחֱטָא בְּדָם נָקִי לְהָמִית אֶת־דָּוִד חִנָּֽם׃ | 5 |
ئۇ ئۆز جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قوپۇپ ھېلىقى فىلىستىينى ئۆلتۈردى ۋە شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن چوڭ نۇسرەت بەردى. شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭ كۆرۈپ خۇش بولغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدىلىكتە نېمىشقا داۋۇتنى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈپ ناھەق قان تۆكۈپ گۇناھكار بولماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى. |
וַיִּשְׁמַע שָׁאוּל בְּקוֹל יְהוֹנָתָן וַיִּשָּׁבַע שָׁאוּל חַי־יְהוָה אִם־יוּמָֽת׃ | 6 |
سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىگە كىردى. ئۇ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمايدۇ، دېدى. |
וַיִּקְרָא יְהוֹנָתָן לְדָוִד וַיַּגֶּד־לוֹ יְהוֹנָתָן אֵת כָּל־הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה וַיָּבֵא יְהוֹנָתָן אֶת־דָּוִד אֶל־שָׁאוּל וַיְהִי לְפָנָיו כְּאֶתְמוֹל שִׁלְשֽׁוֹם׃ | 7 |
ئاندىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ، داۋۇتقا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى سائۇلنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇ ئىلگىرىكىدەك ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. |
וַתּוֹסֶף הַמִּלְחָמָה לִֽהְיוֹת וַיֵּצֵא דָוִד וַיִּלָּחֶם בַּפְּלִשְׁתִּים וַיַּךְ בָּהֶם מַכָּה גְדוֹלָה וַיָּנֻסוּ מִפָּנָֽיו׃ | 8 |
ئەمما يەنە جەڭ بولدى؛ داۋۇت چىقىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىرىپ مەغلۇپ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قېچىستى. |
וַתְּהִי רוּחַ יְהוָה ׀ רָעָה אֶל־שָׁאוּל וְהוּא בְּבֵיתוֹ יוֹשֵׁב וַחֲנִיתוֹ בְּיָדוֹ וְדָוִד מְנַגֵּן בְּיָֽד׃ | 9 |
ئەمدى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ يەنە سائۇلنى باستى. ئۇ ئۆز ئۆيىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى؛ داۋۇت بولسا قولى بىلەن ساز چېلىپ تۇراتتى. |
וַיְבַקֵּשׁ שָׁאוּל לְהַכּוֹת בַּֽחֲנִית בְּדָוִד וּבַקִּיר וַיִּפְטַר מִפְּנֵי שָׁאוּל וַיַּךְ אֶֽת־הַחֲנִית בַּקִּיר וְדָוִד נָס וַיִּמָּלֵט בַּלַּיְלָה הֽוּא׃ | 10 |
سائۇل نەيزە بىلەن داۋۇتنى سانجىپ تامغا قاداپ قويماقچى بولىۋىدى، لېكىن داۋۇت ئۆزىنى قاچۇرۇۋالدى، نەيزە تامغا قادىلىپ قالدى. داۋۇت شۇ كېچىسى قېچىپ قۇتۇلدى. |
וַיִּשְׁלַח שָׁאוּל מַלְאָכִים אֶל־בֵּית דָּוִד לְשָׁמְרוֹ וְלַהֲמִיתוֹ בַּבֹּקֶר וַתַּגֵּד לְדָוִד מִיכַל אִשְׁתּוֹ לֵאמֹר אִם־אֵינְךָ מְמַלֵּט אֶֽת־נַפְשְׁךָ הַלַּיְלָה מָחָר אַתָּה מוּמָֽת׃ | 11 |
سائۇل بىرنەچچە چاپارمەنلەرنى داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ ئۇنى پايلاپ تۇرۇپ ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ماڭدۇردى. ئەمما داۋۇتنىڭ ئايالى مىقال ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر بۇ كېچە جېنىڭنى ئېلىپ قاچمىساڭ، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسەن، دېدى. |
וַתֹּרֶד מִיכַל אֶת־דָּוִד בְּעַד הַחַלּוֹן וַיֵּלֶךְ וַיִּבְרַח וַיִּמָּלֵֽט׃ | 12 |
شۇڭا مىقال داۋۇتنى پەنجىردىن چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ قېچىپ قۇتۇلدى. |
וַתִּקַּח מִיכַל אֶת־הַתְּרָפִים וַתָּשֶׂם אֶל־הַמִּטָּה וְאֵת כְּבִיר הָֽעִזִּים שָׂמָה מְרַֽאֲשֹׁתָיו וַתְּכַס בַּבָּֽגֶד׃ | 13 |
ئاندىن مىقال بىر «تەرافىم» بۇتنى ئېلىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان بىر ياستۇقنى قويۇپ، ئەدىيال بىلەن يېپىپ قويدى. |
וַיִּשְׁלַח שָׁאוּל מַלְאָכִים לָקַחַת אֶת־דָּוִד וַתֹּאמֶר חֹלֶה הֽוּא׃ | 14 |
سائۇل داۋۇتنى تۇتۇش ئۈچۈن چاپارمەنلەرنى ئەۋەتكەندە مىقال: ــ ئۇ ئاغرىپ قالدى، دېدى. |
וַיִּשְׁלַח שָׁאוּל אֶת־הַמַּלְאָכִים לִרְאוֹת אֶת־דָּוִד לֵאמֹר הַעֲלוּ אֹתוֹ בַמִּטָּה אֵלַי לַהֲמִתֽוֹ׃ | 15 |
سائۇل چاپارمەنلەرنى [قايتىدىن] ئەۋەتىپ: ــ ئۇنى كارىۋات بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، دەپ بۇيرۇدى. |
וַיָּבֹאוּ הַמַּלְאָכִים וְהִנֵּה הַתְּרָפִים אֶל־הַמִּטָּה וּכְבִיר הָעִזִּים מְרַאֲשֹׁתָֽיו׃ | 16 |
چاپارمەنلەر كىرگەندە، مانا كارىۋاتتا بۇ بۇت ياتاتتى، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان ياستۇق قويۇلغانىدى. |
וַיֹּאמֶר שָׁאוּל אֶל־מִיכַל לָמָּה כָּכָה רִמִּיתִנִי וַתְּשַׁלְּחִי אֶת־אֹיְבִי וַיִּמָּלֵט וַתֹּאמֶר מִיכַל אֶל־שָׁאוּל הוּא־אָמַר אֵלַי שַׁלְּחִנִי לָמָה אֲמִיתֵֽךְ׃ | 17 |
سائۇل مىقالغا: ــ نېمىشقا مېنى بۇنداق ئالداپ، دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ ــ دېدى. مىقال سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ: «مېنى قويۇۋەتكىن؛ بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، دېدى. |
וְדָוִד בָּרַח וַיִּמָּלֵט וַיָּבֹא אֶל־שְׁמוּאֵל הָרָמָתָה וַיַּגֶּד־לוֹ אֵת כָּל־אֲשֶׁר עָֽשָׂה־לוֹ שָׁאוּל וַיֵּלֶךְ הוּא וּשְׁמוּאֵל וַיֵּשְׁבוּ בנוית בְּנָֽיוֹת׃ | 18 |
داۋۇت قېچىپ قۇتۇلۇپ، راماھقا سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، سائۇلنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن ئۇ سامۇئىل بىلەن نايوتقا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. |
וַיֻּגַּד לְשָׁאוּל לֵאמֹר הִנֵּה דָוִד בנוית בְּנָיוֹת בָּרָמָֽה׃ | 19 |
بىرسى سائۇلغا: ــ داۋۇت راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ خەۋەر بەردى. |
וַיִּשְׁלַח שָׁאוּל מַלְאָכִים לָקַחַת אֶת־דָּוִד וַיַּרְא אֶֽת־לַהֲקַת הַנְּבִיאִים נִבְּאִים וּשְׁמוּאֵל עֹמֵד נִצָּב עֲלֵיהֶם וַתְּהִי עַֽל־מַלְאֲכֵי שָׁאוּל רוּחַ אֱלֹהִים וַיִּֽתְנַבְּאוּ גַּם־הֵֽמָּה׃ | 20 |
سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئەمما ئۇلار يېتىپ بارغاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر جامائىتى بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە سامۇئىلنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشۈپ، ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. |
וַיַּגִּדוּ לְשָׁאוּל וַיִּשְׁלַח מַלְאָכִים אֲחֵרִים וַיִּֽתְנַבְּאוּ גַּם־הֵמָּה וַיֹּסֶף שָׁאוּל וַיִּשְׁלַח מַלְאָכִים שְׁלִשִׁים וַיִּֽתְנַבְּאוּ גַּם־הֵֽמָּה׃ | 21 |
بۇ خەۋەر سائۇلغا ئېيتىلدى؛ ئۇ يەنە باشقا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتتى، لېكىن ئۇلارمۇ بېشارەت بېرىشكە چۈشتى. ئاندىن سائۇل ئۈچىنچى قېتىم يەنە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە چۈشتى. |
וַיֵּלֶךְ גַּם־הוּא הָרָמָתָה וַיָּבֹא עַד־בּוֹר הַגָּדוֹל אֲשֶׁר בַּשֶּׂכוּ וַיִּשְׁאַל וַיֹּאמֶר אֵיפֹה שְׁמוּאֵל וְדָוִד וַיֹּאמֶר הִנֵּה בנוית בְּנָיוֹת בָּרָמָֽה׃ | 22 |
ئاندىن سائۇل ئۆزى راماھقا بېرىپ، سەقۇدىكى چوڭ قۇدۇققا يېتىپ كەلگەندە، «سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە؟» ــ دەپ سورىدى. بىرسى: ــ ئۇلار راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ جاۋاب بەردى. |
וַיֵּלֶךְ שָׁם אֶל־נוית נָיוֹת בָּרָמָה וַתְּהִי עָלָיו גַּם־הוּא רוּחַ אֱלֹהִים וַיֵּלֶךְ הָלוֹךְ וַיִּתְנַבֵּא עַד־בֹּאוֹ בנוית בְּנָיוֹת בָּרָמָֽה׃ | 23 |
شۇڭا ئۇ راماھدىكى نايوتقا يېتىپ كەلدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ پىيادە مېڭىپ راماھدىكى نايوتقا بارغۇچە بېشارەت بېرىپ ماڭدى. |
וַיִּפְשַׁט גַּם־הוּא בְּגָדָיו וַיִּתְנַבֵּא גַם־הוּא לִפְנֵי שְׁמוּאֵל וַיִּפֹּל עָרֹם כָּל־הַיּוֹם הַהוּא וְכָל־הַלָּיְלָה עַל־כֵּן יֹֽאמְרוּ הֲגַם שָׁאוּל בַּנְּבִיאִֽם׃ | 24 |
ئۇ ھەتتا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدا بېشارەت بەردى؛ پۈتۈن بىر كېچە ۋە پۈتۈن بىر كۈندۈز ئۇ يەردە يالىڭاچ ياتتى. بۇنىڭ بىلەن: ــ «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى. |