וַיִּתְחַתֵּן שְׁלֹמֹה אֶת־פַּרְעֹה מֶלֶךְ מִצְרָיִם וַיִּקַּח אֶת־בַּת־פַּרְעֹה וַיְבִיאֶהָ אֶל־עִיר דָּוִד עַד כַּלֹּתוֹ לִבְנוֹת אֶת־בֵּיתוֹ וְאֶת־בֵּית יְהוָה וְאֶת־חוֹמַת יְרוּשָׁלַ͏ִם סָבִֽיב׃ | 1 |
سۇلايمان مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ پىرەۋننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۆز ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنى ياساپ پۈتكۈزگۈچىلىك ئۇ ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە ئاپىرىپ تۇرغۇزدى. |
רַק הָעָם מְזַבְּחִים בַּבָּמוֹת כִּי לֹא־נִבְנָה בַיִת לְשֵׁם יְהוָה עַד הַיָּמִים הָהֵֽם׃ | 2 |
شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نامى ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا ياسالمىغىنى ئۈچۈن خەلق «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىقلىرىنى قىلاتتى. |
וַיֶּאֱהַב שְׁלֹמֹה אֶת־יְהוָה לָלֶכֶת בְּחֻקּוֹת דָּוִד אָבִיו רַק בַּבָּמוֹת הוּא מְזַבֵּחַ וּמַקְטִֽיר׃ | 3 |
سۇلايمان پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلىگەنلىرىدە ماڭاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. |
וַיֵּלֶךְ הַמֶּלֶךְ גִּבְעֹנָה לִזְבֹּחַ שָׁם כִּי הִיא הַבָּמָה הַגְּדוֹלָה אֶלֶף עֹלוֹת יַעֲלֶה שְׁלֹמֹה עַל הַמִּזְבֵּחַ הַהֽוּא׃ | 4 |
پادىشاھ قۇربانلىق قىلغىلى گىبېئونغا باردى؛ چۈنكى ئۇ يەر «ئۇلۇغ يۇقىرى جاي» ئىدى. سۇلايمان ئۇ يەردىكى قۇربانگاھدا بىر مىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇندى. |
בְּגִבְעוֹן נִרְאָה יְהֹוָה אֶל־שְׁלֹמֹה בַּחֲלוֹם הַלָּיְלָה וַיֹּאמֶר אֱלֹהִים שְׁאַל מָה אֶתֶּן־לָֽךְ׃ | 5 |
پەرۋەردىگار گىبېئوندا سۇلايمانغا كېچىسى چۈشىدە كۆرۈندى. خۇدا ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ ساڭا نېمە بېرىشىمنى لايىق تاپساڭ، شۇنى تىلىگىن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר שְׁלֹמֹה אַתָּה עָשִׂיתָ עִם־עַבְדְּךָ דָוִד אָבִי חֶסֶד גָּדוֹל כַּאֲשֶׁר הָלַךְ לְפָנֶיךָ בֶּאֱמֶת וּבִצְדָקָה וּבְיִשְׁרַת לֵבָב עִמָּךְ וַתִּשְׁמָר־לוֹ אֶת־הַחֶסֶד הַגָּדוֹל הַזֶּה וַתִּתֶּן־לוֹ בֵן יֹשֵׁב עַל־כִּסְאוֹ כַּיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 6 |
سۇلايمان جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ قۇلۇڭ ئاتام داۋۇت سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت، ھەققانىيلىق ۋە كۆڭلىنىڭ سەمىمىيلىكى بىلەن ماڭغانلىقى بىلەن سەن ئۇنىڭغا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەنىدىڭ؛ ۋە سەن شۇ زور مېھرىبانلىقنى داۋام قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئۆز تەختىدە ئولتۇرغىلى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردىڭ. |
וְעַתָּה יְהוָה אֱלֹהָי אַתָּה הִמְלַכְתָּ אֶֽת־עַבְדְּךָ תַּחַת דָּוִד אָבִי וְאָֽנֹכִי נַעַר קָטֹן לֹא אֵדַע צֵאת וָבֹֽא׃ | 7 |
ئەمدى ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدىڭ. ئەمما مەن پەقەت بىر گۆدەك بالا خالاس، چىقىش-كىرىشنىمۇ بىلمەيمەن. |
וְעַבְדְּךָ בְּתוֹךְ עַמְּךָ אֲשֶׁר בָּחָרְתָּ עַם־רָב אֲשֶׁר לֹֽא־יִמָּנֶה וְלֹא יִסָּפֵר מֵרֹֽב׃ | 8 |
ئۆز قۇلۇڭ سەن تاللىغان خەلقىڭ، كۆپلۈكىدىن ساناپ بولمايدىغان ھېسابسىز ئۇلۇغ بىر خەلق ئارىسىدا تۇرىدۇ. |
וְנָתַתָּ לְעַבְדְּךָ לֵב שֹׁמֵעַ לִשְׁפֹּט אֶֽת־עַמְּךָ לְהָבִין בֵּֽין־טוֹב לְרָע כִּי מִי יוּכַל לִשְׁפֹּט אֶת־עַמְּךָ הַכָּבֵד הַזֶּֽה׃ | 9 |
شۇڭا ئۆز قۇلۇڭغا خەلقىڭنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىشقا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئويغاق بىر قەلبنى بەرگەيسەن؛ بولمىسا، كىم بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلالىسۇن؟ ــ دېدى. |
וַיִּיטַב הַדָּבָר בְּעֵינֵי אֲדֹנָי כִּי שָׁאַל שְׁלֹמֹה אֶת־הַדָּבָר הַזֶּֽה׃ | 10 |
سۇلايماننىڭ شۇنى تىلىكىنى رەبنى خۇش قىلدى. |
וַיֹּאמֶר אֱלֹהִים אֵלָיו יַעַן אֲשֶׁר שָׁאַלְתָּ אֶת־הַדָּבָר הַזֶּה וְלֹֽא־שָׁאַלְתָּ לְּךָ יָמִים רַבִּים וְלֹֽא־שָׁאַלְתָּ לְּךָ עֹשֶׁר וְלֹא שָׁאַלְתָּ נֶפֶשׁ אֹיְבֶיךָ וְשָׁאַלְתָּ לְּךָ הָבִין לִשְׁמֹעַ מִשְׁפָּֽט׃ | 11 |
خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن شۇنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن ــ يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىمەي، يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن دۆلەت-بايلىق تىلىمەي، يا دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، بەلكى توغرا ھۆكۈم قىلغىلى ئويغاق بولۇشقا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەتنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن، |
הִנֵּה עָשִׂיתִי כִּדְבָרֶיךָ הִנֵּה ׀ נָתַתִּי לְךָ לֵב חָכָם וְנָבוֹן אֲשֶׁר כָּמוֹךָ לֹא־הָיָה לְפָנֶיךָ וְאַחֲרֶיךָ לֹא־יָקוּם כָּמֽוֹךָ׃ | 12 |
مانا، سۆزۈڭ بويىچە شۇنداق قىلدىم. مانا ساڭا شۇنداق دانا ۋە يورۇتۇلغان قەلبنى بەردىمكى، سەندىن ئىلگىرى ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمىغان، سەندىن كېيىنمۇ ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمايدۇ. |
וְגַם אֲשֶׁר לֹֽא־שָׁאַלְתָּ נָתַתִּי לָךְ גַּם־עֹשֶׁר גַּם־כָּבוֹד אֲשֶׁר לֹא־הָיָה כָמוֹךָ אִישׁ בַּמְּלָכִים כָּל־יָמֶֽיךָ׃ | 13 |
مەن سەن تىلىمىگەن نەرسىنىمۇ، يەنى دۆلەت-بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنى ساڭا بەردىم. شۇنىڭ بىلەن بارلىق كۈنلىرىڭدە پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش بولىدىغىنى چىقمايدۇ. |
וְאִם ׀ תֵּלֵךְ בִּדְרָכַי לִשְׁמֹר חֻקַּי וּמִצְוֺתַי כַּאֲשֶׁר הָלַךְ דָּוִיד אָבִיךָ וְהַאַרַכְתִּי אֶת־יָמֶֽיךָ׃ | 14 |
ئەگەر ئاتاڭ داۋۇت ماڭغاندەك مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، دېدى. |
וַיִּקַץ שְׁלֹמֹה וְהִנֵּה חֲלוֹם וַיָּבוֹא יְרוּשָׁלִַם וֽ͏ַיַּעֲמֹד ׀ לִפְנֵי ׀ אֲרוֹן בְּרִית־אֲדֹנָי וַיַּעַל עֹלוֹת וַיַּעַשׂ שְׁלָמִים וַיַּעַשׂ מִשְׁתֶּה לְכָל־עֲבָדָֽיו׃ | 15 |
سۇلايمان ئويغانغاندا، مانا بۇ بىر چۈش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىغا زىياپەت قىلىپ بەردى. |
אָז תָּבֹאנָה שְׁתַּיִם נָשִׁים זֹנוֹת אֶל־הַמֶּלֶךְ וֽ͏ַתַּעֲמֹדְנָה לְפָנָֽיו׃ | 16 |
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. |
וַתֹּאמֶר הָאִשָּׁה הָֽאַחַת בִּי אֲדֹנִי אֲנִי וְהָאִשָּׁה הַזֹּאת יֹשְׁבֹת בְּבַיִת אֶחָד וָאֵלֵד עִמָּהּ בַּבָּֽיִת׃ | 17 |
بىرىنچى ئايال: ــ ئى غوجام! مەن ۋە بۇ خوتۇن بىر ئۆيدە ئولتۇرىمىز؛ ئۇ مەن بىلەن ئۆيدە تۇرغىنىدا بىر بالىنى تۇغدۇم. |
וַיְהִי בַּיּוֹם הַשְּׁלִישִׁי לְלִדְתִּי וַתֵּלֶד גַּם־הָאִשָּׁה הַזֹּאת וַאֲנַחְנוּ יַחְדָּו אֵֽין־זָר אִתָּנוּ בַּבַּיִת זוּלָתִי שְׁתַּֽיִם־אֲנַחְנוּ בַּבָּֽיִת׃ | 18 |
مەن بالىنى تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ خوتۇنمۇ بىر بالا تۇغدى. بىز ئىككىيلەن ئۇ يەردە ئولتۇردۇق؛ ئۆيدە بىزدىن باشقا ھېچ يات ئادەم يوق ئىدى، يالغۇز بىز ئىككىيلەن ئۆيدە ئىدۇق. |
וַיָּמָת בֶּן־הָאִשָּׁה הַזֹּאת לָיְלָה אֲשֶׁר שָׁכְבָה עָלָֽיו׃ | 19 |
شۇ كېچىدە بۇ خوتۇننىڭ بالىسى ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ بالىسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى. |
וַתָּקָם בְּתוֹךְ הַלַּיְלָה וַתִּקַּח אֶת־בְּנִי מֵֽאֶצְלִי וַאֲמָֽתְךָ יְשֵׁנָה וַתַּשְׁכִּיבֵהוּ בְּחֵיקָהּ וְאֶת־בְּנָהּ הַמֵּת הִשְׁכִּיבָה בְחֵיקִֽי׃ | 20 |
ئۇ يېرىم كېچىدە قوپۇپ دېدەكلىرى ئۇخلاپ قالغاندا، يېنىمدىن ئوغلۇمنى ئېلىپ ئۆز قۇچىقىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ قۇچىقىمغا سېلىپ قويۇپتۇ. |
וָאָקֻם בַּבֹּקֶר לְהֵינִיק אֶת־בְּנִי וְהִנֵּה־מֵת וָאֶתְבּוֹנֵן אֵלָיו בַּבֹּקֶר וְהִנֵּה לֹֽא־הָיָה בְנִי אֲשֶׁר יָלָֽדְתִּי׃ | 21 |
ئەتىسى قوپۇپ بالامنى ئېمىتەي دېسەم مانا ئۆلۈك تۇرىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە قارىسام، ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىدى، دېدى. |
וַתֹּאמֶר הָאִשָּׁה הָאַחֶרֶת לֹא כִי בְּנִי הַחַי וּבְנֵךְ הַמֵּת וְזֹאת אֹמֶרֶת לֹא כִי בְּנֵךְ הַמֵּת וּבְנִי הֶחָי וַתְּדַבֵּרְנָה לִפְנֵי הַמֶּֽלֶךְ׃ | 22 |
ئىككىنچى ئايال: ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس. تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، دېدى. لېكىن بىرىنچى ئايال: ــ ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، دېدى. ئۇلار شۇ ھالەتتە پادىشاھنىڭ ئالدىدا تالىشىپ تۇراتتى. |
וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ זֹאת אֹמֶרֶת זֶה־בְּנִי הַחַי וּבְנֵךְ הַמֵּת וְזֹאת אֹמֶרֶת לֹא כִי בְּנֵךְ הַמֵּת וּבְנִי הֶחָֽי׃ | 23 |
پادىشاھ: ــ بىرى: «تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيدۇ. ئەمما يەنە بىرى: «ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيدۇ، دېدى. |
וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ קְחוּ לִי־חָרֶב וַיָּבִאוּ הַחֶרֶב לִפְנֵי הַמֶּֽלֶךְ׃ | 24 |
پادىشاھ: ماڭا بىر قىلىچ ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار قىلىچنى پادىشاھقا ئېلىپ كەلگەندە |
וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ גִּזְרוּ אֶת־הַיֶּלֶד הַחַי לִשְׁנָיִם וּתְנוּ אֶֽת־הַחֲצִי לְאַחַת וְאֶֽת־הַחֲצִי לְאֶחָֽת׃ | 25 |
پادىشاھ: تىرىك بالىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ يېرىمىنى بىرىگە، يەنە بىر يېرىمنى ئىككىنچىسىگە بېرىڭلار، دېدى. |
וַתֹּאמֶר הָאִשָּׁה אֲשֶׁר־בְּנָהּ הַחַי אֶל־הַמֶּלֶךְ כִּֽי־נִכְמְרוּ רַחֲמֶיהָ עַל־בְּנָהּ וַתֹּאמֶר ׀ בִּי אֲדֹנִי תְּנוּ־לָהּ אֶת־הַיָּלוּד הַחַי וְהָמֵת אַל־תְּמִיתֻהוּ וְזֹאת אֹמֶרֶת גַּם־לִי גַם־לָךְ לֹא יִהְיֶה גְּזֹֽרוּ׃ | 26 |
ئۇ ۋاقىتتا تىرىك بالىنىڭ ئانىسى ئۆز بالىسىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ پادىشاھقا: ــ ئاھ غوجام! تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بەرسىلە، ھەرگىز ئۇنى ئۆلتۈرمىگەيلە! ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئىككىنچىسى: ــ ئۇنى نە مېنىڭكى نە سېنىڭكى قىلماي، ئوتتۇرىدىن كېسىڭلار، دېدى. |
וַיַּעַן הַמֶּלֶךְ וַיֹּאמֶר תְּנוּ־לָהּ אֶת־הַיָּלוּד הַחַי וְהָמֵת לֹא תְמִיתֻהוּ הִיא אִמּֽוֹ׃ | 27 |
پادىشاھ جاۋابەن: ــ تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار، ئۇنى ھېچ ئۆلتۈرمەڭلار؛ چۈنكى بۇ بالىنىڭ ئانىسى شۇدۇر، دېدى. |
וַיִּשְׁמְעוּ כָל־יִשְׂרָאֵל אֶת־הַמִּשְׁפָּט אֲשֶׁר שָׁפַט הַמֶּלֶךְ וַיִּֽרְאוּ מִפְּנֵי הַמֶּלֶךְ כִּי רָאוּ כִּֽי־חָכְמַת אֱלֹהִים בְּקִרְבּוֹ לַעֲשׂוֹת מִשְׁפָּֽט׃ | 28 |
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ قىلغان ھۆكۈمى توغرىسىدا ئاڭلىدى ۋە ئۇلار پادىشاھتىن قورقتى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىش دانالىقىنىڭ ئۇنىڭدا بارلىقىنى كۆردى. |