וַיֵּשְׁבוּ שָׁלֹשׁ שָׁנִים אֵין מִלְחָמָה בֵּין אֲרָם וּבֵין יִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
ئۈچ يىلغىچە سۇرىيە بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولمىغاچقا، ئۇلار تىنچلىقتا ئۆتتى. |
וַיְהִי בַּשָּׁנָה הַשְּׁלִישִׁית וַיֵּרֶד יְהוֹשָׁפָט מֶֽלֶךְ־יְהוּדָה אֶל־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵֽל׃ | 2 |
ئۈچىنچى يىلدا بولسا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنى يوقلاپ باردى. |
וַיֹּאמֶר מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵל אֶל־עֲבָדָיו הַיְדַעְתֶּם כִּֽי־לָנוּ רָמֹת גִּלְעָד וַאֲנַחְנוּ מַחְשִׁים מִקַּחַת אֹתָהּ מִיַּד מֶלֶךְ אֲרָֽם׃ | 3 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: ــ گىلېئادتىكى راموت بىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەرغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، نېمىشقا بىز جىم ئولتۇرۇپ، تېخىچە سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئالمايمىز؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר אֶל־יְהוֹשָׁפָט הֲתֵלֵךְ אִתִּי לַמִּלְחָמָה רָמֹת גִּלְעָד וַיֹּאמֶר יְהֽוֹשָׁפָט אֶל־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל כָּמוֹנִי כָמוֹךָ כְּעַמִּי כְעַמֶּךָ כְּסוּסַי כְּסוּסֶֽיךָ׃ | 4 |
ئۇ يەھوشافاتقا: ــ جەڭ قىلغىلى مېنىڭ بىلەن گىلېئادتىكى راموتقا بېرىشقا ماقۇل بولامدىلا؟ ــ دەپ سورىدى. يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز؛ مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقىدۇر، مېنىڭ ئاتلىرىم سىلىنىڭ ئاتلىرىدۇر، دېدى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹשָׁפָט אֶל־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל דְּרָשׁ־נָא כַיּוֹם אֶת־דְּבַר יְהוָֽה׃ | 5 |
لېكىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كۆرگەيلا، دېدى. |
וַיִּקְבֹּץ מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵל אֶֽת־הַנְּבִיאִים כְּאַרְבַּע מֵאוֹת אִישׁ וַיֹּאמֶר אֲלֵהֶם הַאֵלֵךְ עַל־רָמֹת גִּלְעָד לַמִּלְחָמָה אִם־אֶחְדָּל וַיֹּאמְרוּ עֲלֵה וְיִתֵּן אֲדֹנָי בְּיַד הַמֶּֽלֶךְ׃ | 6 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرلەرنى، يەنى تۆت يۈزچە ئادەمنى يىغدۇرۇپ ئۇلاردىن: ــ سوقۇشقىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقسام بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: ــ چىققىن، رەب ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېيىشتى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹשָׁפָט הַאֵין פֹּה נָבִיא לַיהוָה עוֹד וְנִדְרְשָׁה מֵאוֹתֽוֹ׃ | 7 |
لېكىن يەھوشافات بولسا: ــ بۇلاردىن باشقا، يول سورىغۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
וַיֹּאמֶר מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵל ׀ אֶֽל־יְהוֹשָׁפָט עוֹד אִישׁ־אֶחָד לִדְרֹשׁ אֶת־יְהוָה מֵאֹתוֹ וַאֲנִי שְׂנֵאתִיו כִּי לֹֽא־יִתְנַבֵּא עָלַי טוֹב כִּי אִם־רָע מִיכָיְהוּ בֶּן־יִמְלָה וַיֹּאמֶר יְהוֹשָׁפָט אַל־יֹאמַר הַמֶּלֶךְ כֵּֽן׃ | 8 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى. |
וַיִּקְרָא מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל אֶל־סָרִיס אֶחָד וַיֹּאמֶר מַהֲרָה מִיכָיְהוּ בֶן־יִמְלָֽה׃ | 9 |
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى. |
וּמֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל וִֽיהוֹשָׁפָט מֶֽלֶךְ־יְהוּדָה יֹשְׁבִים אִישׁ עַל־כִּסְאוֹ מְלֻבָּשִׁים בְּגָדִים בְּגֹרֶן פֶּתַח שַׁעַר שֹׁמְרוֹן וְכָל־הַנְּבִיאִים מִֽתְנַבְּאִים לִפְנֵיהֶֽם׃ | 10 |
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. |
וַיַּעַשׂ לוֹ צִדְקִיָּה בֶֽן־כְּנַעֲנָה קַרְנֵי בַרְזֶל וַיֹּאמֶר כֹּֽה־אָמַר יְהוָה בְּאֵלֶּה תְּנַגַּח אֶת־אֲרָם עַד־כַּלֹּתָֽם׃ | 11 |
كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ چىقىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى. |
וְכָל־הַנְּבִאִים נִבְּאִים כֵּן לֵאמֹר עֲלֵה רָמֹת גִּלְעָד וְהַצְלַח וְנָתַן יְהוָה בְּיַד הַמֶּֽלֶךְ׃ | 12 |
ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى. |
וְהַמַּלְאָךְ אֲשֶׁר־הָלַךְ ׀ לִקְרֹא מִיכָיְהוּ דִּבֶּר אֵלָיו לֵאמֹר הִנֵּה־נָא דִּבְרֵי הַנְּבִיאִים פֶּֽה־אֶחָד טוֹב אֶל־הַמֶּלֶךְ יְהִֽי־נָא דבריך דְבָרְךָ כִּדְבַר אַחַד מֵהֶם וְדִבַּרְתָּ טּֽוֹב׃ | 13 |
مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا: ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר מִיכָיְהוּ חַי־יְהוָה כִּי אֶת־אֲשֶׁר יֹאמַר יְהוָה אֵלַי אֹתוֹ אֲדַבֵּֽר׃ | 14 |
ئەمما مىكايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى. |
וַיָּבוֹא אֶל־הַמֶּלֶךְ וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ אֵלָיו מִיכָיְהוּ הֲנֵלֵךְ אֶל־רָמֹת גִּלְעָד לַמִּלְחָמָה אִם־נֶחְדָּל וַיֹּאמֶר אֵלָיו עֲלֵה וְהַצְלַח וְנָתַן יְהוָה בְּיַד הַמֶּֽלֶךְ׃ | 15 |
ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېدى. |
וַיֹּאמֶר אֵלָיו הַמֶּלֶךְ עַד־כַּמֶּה פְעָמִים אֲנִי מַשְׁבִּעֶךָ אֲשֶׁר לֹֽא־תְדַבֵּר אֵלַי רַק־אֱמֶת בְּשֵׁם יְהוָֽה׃ | 16 |
لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר רָאִיתִי אֶת־כָּל־יִשְׂרָאֵל נְפֹצִים אֶל־הֶהָרִים כַּצֹּאן אֲשֶׁר אֵין־לָהֶם רֹעֶה וַיֹּאמֶר יְהוָה לֹֽא־אֲדֹנִים לָאֵלֶּה יָשׁוּבוּ אִישׁ־לְבֵיתוֹ בְּשָׁלֽוֹם׃ | 17 |
مىكايا: ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار: «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ-ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن»، دېدى، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵל אֶל־יְהוֹשָׁפָט הֲלוֹא אָמַרְתִּי אֵלֶיךָ לֽוֹא־יִתְנַבֵּא עָלַי טוֹב כִּי אִם־רָֽע׃ | 18 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר לָכֵן שְׁמַע דְּבַר־יְהוָה רָאִיתִי אֶת־יְהוָה יֹשֵׁב עַל־כִּסְאוֹ וְכָל־צְבָא הַשָּׁמַיִם עֹמֵד עָלָיו מִימִינוֹ וּמִשְּׂמֹאלֽוֹ׃ | 19 |
مىكايا يەنە: ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. |
וַיֹּאמֶר יְהוָה מִי יְפַתֶּה אֶת־אַחְאָב וְיַעַל וְיִפֹּל בְּרָמֹת גִּלְעָד וַיֹּאמֶר זֶה בְּכֹה וְזֶה אֹמֵר בְּכֹֽה׃ | 20 |
پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛ |
וַיֵּצֵא הָרוּחַ וַֽיַּעֲמֹד לִפְנֵי יְהוָה וַיֹּאמֶר אֲנִי אֲפַתֶּנּוּ וַיֹּאמֶר יְהוָה אֵלָיו בַּמָּֽה׃ | 21 |
شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي»، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» ــ دەپ سورىۋىدى، |
וַיֹּאמֶר אֵצֵא וְהָיִיתִי רוּחַ שֶׁקֶר בְּפִי כָּל־נְבִיאָיו וַיֹּאמֶר תְּפַתֶּה וְגַם־תּוּכָל צֵא וַעֲשֵׂה־כֵֽן׃ | 22 |
ئۇ: ــ «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى. |
וְעַתָּה הִנֵּה נָתַן יְהוָה רוּחַ שֶׁקֶר בְּפִי כָּל־נְבִיאֶיךָ אֵלֶּה וַֽיהוָה דִּבֶּר עָלֶיךָ רָעָֽה׃ | 23 |
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا يالغانچى بىر روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى. |
וַיִּגַּשׁ צִדְקִיָּהוּ בֶֽן־כְּנַעֲנָה וַיַּכֶּה אֶת־מִיכָיְהוּ עַל־הַלֶּחִי וַיֹּאמֶר אֵי־זֶה עָבַר רֽוּחַ־יְהוָה מֵאִתִּי לְדַבֵּר אוֹתָֽךְ׃ | 24 |
شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ، ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר מִיכָיְהוּ הִנְּךָ רֹאֶה בַּיּוֹם הַהוּא אֲשֶׁר תָּבֹא חֶדֶר בְּחֶדֶר לְהֵחָבֵֽה׃ | 25 |
مىكايا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל קַח אֶת־מִיכָיְהוּ וַהֲשִׁיבֵהוּ אֶל־אָמֹן שַׂר־הָעִיר וְאֶל־יוֹאָשׁ בֶּן־הַמֶּֽלֶךְ׃ | 26 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى: ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ، |
וְאָמַרְתָּ כֹּה אָמַר הַמֶּלֶךְ שִׂימוּ אֶת־זֶה בֵּית הַכֶּלֶא וְהַאֲכִילֻהוּ לֶחֶם לַחַץ וּמַיִם לַחַץ עַד בֹּאִי בְשָׁלֽוֹם׃ | 27 |
ئۇلارغا تاپىلاپ: «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ نان بىلەن سۇنى ئاز-ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دېگىن، دەپ بۇيرۇدى. |
וַיֹּאמֶר מִיכָיְהוּ אִם־שׁוֹב תָּשׁוּב בְּשָׁלוֹם לֹֽא־דִבֶּר יְהוָה בִּי וַיֹּאמֶר שִׁמְעוּ עַמִּים כֻּלָּֽם׃ | 28 |
مىكايا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى. |
וַיַּעַל מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵל וְיהוֹשָׁפָט מֶֽלֶךְ־יְהוּדָה רָמֹת גִּלְעָֽד׃ | 29 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى. |
וַיֹּאמֶר מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל אֶל־יְהוֹשָׁפָט הִתְחַפֵּשׂ וָבֹא בַמִּלְחָמָה וְאַתָּה לְבַשׁ בְּגָדֶיךָ וַיִּתְחַפֵּשׂ מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל וַיָּבוֹא בַּמִּלְחָמָֽה׃ | 30 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىققايلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى. |
וּמֶלֶךְ אֲרָם צִוָּה אֶת־שָׂרֵי הָרֶכֶב אֲשֶׁר־לוֹ שְׁלֹשִׁים וּשְׁנַיִם לֵאמֹר לֹא תִּלָּחֲמוּ אֶת־קָטֹן וְאֶת־גָּדוֹל כִּי אִֽם־אֶת־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל לְבַדּֽוֹ׃ | 31 |
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىدىكى ئوتتۇز ئىككى سەردارغا: ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. |
וַיְהִי כִּרְאוֹת שָׂרֵי הָרֶכֶב אֶת־יְהוֹשָׁפָט וְהֵמָּה אָֽמְרוּ אַךְ מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵל הוּא וַיָּסֻרוּ עָלָיו לְהִלָּחֵם וַיִּזְעַק יְהוֹשָׁפָֽט׃ | 32 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى بۇرۇلدى. لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى. |
וַיְהִי כִּרְאוֹת שָׂרֵי הָרֶכֶב כִּֽי־לֹא־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל הוּא וַיָּשׁוּבוּ מֵאַחֲרָֽיו׃ | 33 |
جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى. |
וְאִישׁ מָשַׁךְ בַּקֶּשֶׁת לְתֻמּוֹ וַיַּכֶּה אֶת־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל בֵּין הַדְּבָקִים וּבֵין הַשִּׁרְיָן וַיֹּאמֶר לְרַכָּבוֹ הֲפֹךְ יָדְךָ וְהוֹצִיאֵנִי מִן־הַֽמַּחֲנֶה כִּי הָחֳלֵֽיתִי׃ | 34 |
ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە: ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى. |
וַתַּעֲלֶה הַמִּלְחָמָה בַּיּוֹם הַהוּא וְהַמֶּלֶךְ הָיָה מָעֳמָד בַּמֶּרְכָּבָה נֹכַח אֲרָם וַיָּמָת בָּעֶרֶב וַיִּצֶק דַּֽם־הַמַּכָּה אֶל־חֵיק הָרָֽכֶב׃ | 35 |
ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ بولسا سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. زەخمىدىن قېنى ھارۋىنىڭ تېگىگىچە ئېقىپ، كەچ كىرگەندە ئۇ ئۆلدى. |
וַיַּעֲבֹר הָרִנָּה בַּֽמַּחֲנֶה כְּבֹא הַשֶּׁמֶשׁ לֵאמֹר אִישׁ אֶל־עִירוֹ וְאִישׁ אֶל־אַרְצֽוֹ׃ | 36 |
كۈن پاتاردا قوشۇن ئارىسىدا بىر قاتتىق سادا ئاڭلىنىپ: ــ ھەر ئادەم ئۆز شەھىرىگە يانسۇن! ھەربىرى ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتسۇن! ــ دېيىلدى. |
וַיָּמָת הַמֶּלֶךְ וַיָּבוֹא שֹׁמְרוֹן וַיִּקְבְּרוּ אֶת־הַמֶּלֶךְ בְּשֹׁמְרֽוֹן׃ | 37 |
پادىشاھ ئۆلدى، كىشىلەر ئۇنى سامارىيەگە ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار پادىشاھنى سامارىيەدە دەپنە قىلدى. |
וַיִּשְׁטֹף אֶת־הָרֶכֶב עַל ׀ בְּרֵכַת שֹׁמְרוֹן וַיָּלֹקּוּ הַכְּלָבִים אֶת־דָּמוֹ וְהַזֹּנוֹת רָחָצוּ כִּדְבַר יְהוָה אֲשֶׁר דִּבֵּֽר׃ | 38 |
بىرسى پادىشاھنىڭ ھارۋىسىنى سامارىيەنىڭ كۆلىدە [يۇغاندا] (بۇ كۆل پاھىشە ئاياللار يۇيۇنىدىغان جاي ئىدى)، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئىتلار ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى. |
וְיֶתֶר דִּבְרֵי אַחְאָב וְכָל־אֲשֶׁר עָשָׂה וּבֵית הַשֵּׁן אֲשֶׁר בָּנָה וְכָל־הֶעָרִים אֲשֶׁר בָּנָה הֲלֽוֹא־הֵם כְּתוּבִים עַל־סֵפֶר דִּבְרֵי הַיָּמִים לְמַלְכֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 39 |
ئاھابنىڭ باشقا ئىشلىرى، قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ياسىغان «پىل چىش سارىيى» ۋە بىنا قىلغان ھەممە شەھەرلەر توغرۇلۇق «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
וַיִּשְׁכַּב אַחְאָב עִם־אֲבֹתָיו וַיִּמְלֹךְ אֲחַזְיָהוּ בְנוֹ תַּחְתָּֽיו׃ | 40 |
ئاھاب ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھازىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
וִיהֽוֹשָׁפָט בֶּן־אָסָא מָלַךְ עַל־יְהוּדָה בִּשְׁנַת אַרְבַּע לְאַחְאָב מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵֽל׃ | 41 |
ئاسانىڭ ئوغلى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىدا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. |
יְהוֹשָׁפָט בֶּן־שְׁלֹשִׁים וְחָמֵשׁ שָׁנָה בְּמָלְכוֹ וְעֶשְׂרִים וְחָמֵשׁ שָׁנָה מָלַךְ בִּירוּשָׁלָ͏ִם וְשֵׁם אִמּוֹ עֲזוּבָה בַּת־שִׁלְחִֽי׃ | 42 |
يەھوشافات پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئازۇباھ بولۇپ، ئۇ شىلھىنىڭ قىزى ئىدى. |
וַיֵּלֶךְ בְּכָל־דֶּרֶךְ אָסָא אָבִיו לֹא־סָר מִמֶּנּוּ לַעֲשׂוֹת הַיָּשָׁר בְּעֵינֵי יְהוָֽה׃ אַךְ הַבָּמוֹת לֹֽא־סָרוּ עוֹד הָעָם מְזַבְּחִים וּֽמְקַטְּרִים בַּבָּמֽוֹת׃ | 43 |
ئۇ ھەر ئىشتا ئاتىسى ئاسانىڭ بارلىق يوللىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقماي پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خالايىق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. |
וַיַּשְׁלֵם יְהוֹשָׁפָט עִם־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵֽל׃ | 44 |
ۋە يەھوشافات بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى. |
וְיֶתֶר דִּבְרֵי יְהוֹשָׁפָט וּגְבוּרָתוֹ אֲשֶׁר־עָשָׂה וַאֲשֶׁר נִלְחָם הֲלֹֽא־הֵם כְּתוּבִים עַל־סֵפֶר דִּבְרֵי הַיָּמִים לְמַלְכֵי יְהוּדָֽה׃ | 45 |
يەھوشافاتنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن قۇدرىتى، قانداق جەڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
וְיֶתֶר הַקָּדֵשׁ אֲשֶׁר נִשְׁאַר בִּימֵי אָסָא אָבִיו בִּעֵר מִן־הָאָֽרֶץ׃ | 46 |
ئۇ ئاتىسى ئاسانىڭ كۈنلىرىدە زېمىندىن قوغلىۋېتىلمىگەن كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقاردى. |
וּמֶלֶךְ אֵין בֶּאֱדוֹם נִצָּב מֶֽלֶךְ׃ | 47 |
ئۇ ۋاقىتتا ئېدومنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى، بەلكى بىر ۋالىي ھۆكۈم سۈرەتتى. |
יְהוֹשָׁפָט עשר עָשָׂה אֳנִיּוֹת תַּרְשִׁישׁ לָלֶכֶת אוֹפִירָה לַזָּהָב וְלֹא הָלָךְ כִּֽי־נשברה נִשְׁבְּרוּ אֳנִיּוֹת בְּעֶצְיוֹן גָּֽבֶר׃ | 48 |
يەھوشافات ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بىر «تارشىش كېمە» ئەترىتىنى قۇردى. لېكىن كېمىلەر ھېچيەرگە بارالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ئۇرۇلۇپ ۋەيران بولغانىدى. |
אָז אָמַר אֲחַזְיָהוּ בֶן־אַחְאָב אֶל־יְהוֹשָׁפָט יֵלְכוּ עֲבָדַי עִם־עֲבָדֶיךָ בָּאֳנִיּוֹת וְלֹא אָבָה יְהוֹשָׁפָֽט׃ | 49 |
ئۇ ۋاقىتتا ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھوشافاتقا: ــ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بىلەن كېمىلەردە بارسۇن، دېدى. لېكىن يەھوشافات ئۇنىمىدى. |
וַיִּשְׁכַּב יְהֽוֹשָׁפָט עִם־אֲבֹתָיו וַיִּקָּבֵר עִם־אֲבֹתָיו בְּעִיר דָּוִד אָבִיו וַיִּמְלֹךְ יְהוֹרָם בְּנוֹ תַּחְתָּֽיו׃ | 50 |
يەھوشافات ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھورام ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
אֲחַזְיָהוּ בֶן־אַחְאָב מָלַךְ עַל־יִשְׂרָאֵל בְּשֹׁמְרוֹן בִּשְׁנַת שְׁבַע עֶשְׂרֵה לִיהוֹשָׁפָט מֶלֶךְ יְהוּדָה וַיִּמְלֹךְ עַל־יִשְׂרָאֵל שְׁנָתָֽיִם׃ | 51 |
ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇپ ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. |
וַיַּעַשׂ הָרַע בְּעֵינֵי יְהוָה וַיֵּלֶךְ בְּדֶרֶךְ אָבִיו וּבְדֶרֶךְ אִמּוֹ וּבְדֶרֶךְ יָרָבְעָם בֶּן־נְבָט אֲשֶׁר הֶחֱטִיא אֶת־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 52 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا ۋە ئانىسىنىڭ يولىدا يۈرۈپ، شۇنداقلا ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ يولىدا ماڭدى؛ |
וַֽיַּעֲבֹד אֶת־הַבַּעַל וַיִּֽשְׁתַּחֲוֶה לוֹ וַיַּכְעֵס אֶת־יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל כְּכֹל אֲשֶׁר־עָשָׂה אָבִֽיו׃ 817 22 4 4 | 53 |
ئۇ ئاتىسى قىلغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، بائالنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. |