וְדָוִיד זָקֵן וְשָׂבַע יָמִים וַיַּמְלֵךְ אֶת־שְׁלֹמֹה בְנוֹ עַל־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
داۋۇت قېرىپ كۈنلىرى توشاي دەپ قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. |
וַיֶּאֱסֹף אֶת־כָּל־שָׂרֵי יִשְׂרָאֵל וְהַכֹּהֲנִים וְהַלְוִיִּֽם׃ | 2 |
داۋۇت ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارنى، كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى. |
וַיִּסָּֽפְרוּ הַלְוִיִּם מִבֶּן שְׁלֹשִׁים שָׁנָה וָמָעְלָה וַיְהִי מִסְפָּרָם לְגֻלְגְּלֹתָם לִגְבָרִים שְׁלֹשִׁים וּשְׁמוֹנָה אָֽלֶף׃ | 3 |
لاۋىيلاردىن ئوتتۇز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ تىزىملانغىنى بويىچە، ئۇلاردىن ئەرلەر جەمئىي ئوتتۇز سەككىز مىڭ كىشى ئىدى. |
מֵאֵלֶּה לְנַצֵּחַ עַל־מְלֶאכֶת בֵּית־יְהוָה עֶשְׂרִים וְאַרְבָּעָה אָלֶף וְשֹׁטְרִים וְשֹׁפְטִים שֵׁשֶׁת אֲלָפִֽים׃ | 4 |
داۋۇت: «بۇلارنىڭ ئىچىدە يىگىرمە تۆت مىڭ كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، ئالتە مىڭ كىشى ئەمەلدار ۋە سوتچىلىققا، |
וְאַרְבַּעַת אֲלָפִים שֹׁעֲרִים וְאַרְבַּעַת אֲלָפִים מְהַֽלְלִים לַיהוָה בַּכֵּלִים אֲשֶׁר עָשִׂיתִי לְהַלֵּֽל׃ | 5 |
تۆت مىڭ كىشى دەرۋازىۋەنلىككە ۋە يەنە تۆت مىڭ كىشى مەن ياسىغان سازلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇش ئىشىغا قويۇلسۇن» ــ دېدى. |
וַיֶּֽחָלְקֵם דָּוִיד מַחְלְקוֹת לִבְנֵי לֵוִי לְגֵרְשׁוֹן קְהָת וּמְרָרִֽי׃ | 6 |
داۋۇت ئۇلارنى لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى جەمەتلىرى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلدى: ــ |
לַגֵּרְשֻׁנִּי לַעְדָּן וְשִׁמְעִֽי׃ | 7 |
گەرشونىيلاردىن لادان بىلەن شىمەي بار ئىدى؛ |
בְּנֵי לַעְדָּן הָרֹאשׁ יְחִיאֵל וְזֵתָם וְיוֹאֵל שְׁלֹשָֽׁה׃ | 8 |
لاداننىڭ ئوغلى: تۇنجى ئوغلى يەھىيەل، يەنە زىتام بىلەن يوئېلدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ |
בְּנֵי שִׁמְעִי שלמות שְׁלוֹמִית וַחֲזִיאֵל וְהָרָן שְׁלֹשָׁה אֵלֶּה רָאשֵׁי הָאָבוֹת לְלַעְדָּֽן׃ | 9 |
شىمەينىڭ ئوغلىدىن شېلومىت، ھازىيەل ۋە ھاراندىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ يۇقىرىقىلار لاداننىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. |
וּבְנֵי שִׁמְעִי יַחַת זִינָא וִיעוּשׁ וּבְרִיעָה אֵלֶּה בְנֵי־שִׁמְעִי אַרְבָּעָֽה׃ | 10 |
شىمەينىڭ ئوغۇللىرى جاھات، زىنا، يەئۇش ۋە بېرىياھ، بۇ تۆتەيلەننىڭ ھەممىسى شىمەينىڭ ئوغلى ئىدى. |
וַֽיְהִי־יַחַת הָרֹאשׁ וְזִיזָה הַשֵּׁנִי וִיעוּשׁ וּבְרִיעָה לֹֽא־הִרְבּוּ בָנִים וַיִּֽהְיוּ לְבֵית אָב לִפְקֻדָּה אֶחָֽת׃ | 11 |
جاھات تۇنجى ئوغۇل، زىزا ئىككىنچى ئوغۇل ئىدى؛ يەئۇش بىلەن بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپ بولمىغاچقا، بىر [جەمەت گۇرۇپپىسى] دەپ ھېسابلانغان. |
בְּנֵי קְהָת עַמְרָם יִצְהָר חֶבְרוֹן וְעֻזִּיאֵל אַרְבָּעָֽה׃ | 12 |
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىيەلدىن ئىبارەت تۆت كىشى ئىدى. |
בְּנֵי עַמְרָם אַהֲרֹן וּמֹשֶׁה וַיִּבָּדֵל אַהֲרֹן לְֽהַקְדִּישׁוֹ קֹדֶשׁ קָֽדָשִׁים הֽוּא־וּבָנָיו עַד־עוֹלָם לְהַקְטִיר לִפְנֵי יְהוָה לְשָׁרְתוֹ וּלְבָרֵךְ בִּשְׁמוֹ עַד־עוֹלָֽם׃ | 13 |
ئامرامنىڭ ئوغلى ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكلاش، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەڭگۈگە [قۇربانلىقلارنى] سۇنۇش، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، مەڭگۈ ئۇنىڭ نامىدىن بەخت تىلەپ دۇئا بېرىشكە ئايرىلغانىدى. |
וּמֹשֶׁה אִישׁ הָאֱלֹהִים בָּנָיו יִקָּרְאוּ עַל־שֵׁבֶט הַלֵּוִֽי׃ | 14 |
خۇدانىڭ ئادىمى مۇساغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىدىن دەپ ھېسابلىنىپ پۈتۈلگەن. |
בְּנֵי מֹשֶׁה גֵּרְשֹׁם וֶאֱלִיעֶֽזֶר׃ | 15 |
مۇسانىڭ ئوغلى گەرشوم بىلەن ئەلىئېزەر ئىدى. |
בְּנֵי גֵרְשׁוֹם שְׁבוּאֵל הָרֹֽאשׁ׃ | 16 |
گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىدىن شەبۇيەل چوڭ ئوغلى ئىدى. |
וַיִּֽהְיוּ בְנֵי־אֱלִיעֶזֶר רְחַבְיָה הָרֹאשׁ וְלֹא־הָיָה לֶאֱלִיעֶזֶר בָּנִים אֲחֵרִים וּבְנֵי רְחַבְיָה רָבוּ לְמָֽעְלָה׃ | 17 |
ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا ئىدى؛ ئەلىئېزەرنىڭ باشقا ئوغلى بولمىغان، لېكىن رەھابىيانىڭ ئوغۇللىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. |
בְּנֵי יִצְהָר שְׁלֹמִית הָרֹֽאשׁ׃ | 18 |
ئىزھارنىڭ تۇنجى ئوغلى شېلومىت ئىدى. |
בְּנֵי חֶבְרוֹן יְרִיָּהוּ הָרֹאשׁ אֲמַרְיָה הַשֵּׁנִי יַחֲזִיאֵל הַשְּׁלִישִׁי וִֽיקַמְעָם הָרְבִיעִֽי׃ | 19 |
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يېرىيا، ئىككىنچى ئوغلى ئامارىيا، ئۈچىنچى ئوغلى ياھازىيەل، تۆتىنچى ئوغلى جەكامىيام ئىدى. |
בְּנֵי עֻזִּיאֵל מִיכָה הָרֹאשׁ וְיִשִּׁיָּה הַשֵּׁנִֽי׃ | 20 |
ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى مىكاھ، ئىككىنچى ئوغلى يىشىيا ئىدى. |
בְּנֵי מְרָרִי מַחְלִי וּמוּשִׁי בְּנֵי מַחְלִי אֶלְעָזָר וְקִֽישׁ׃ | 21 |
مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى بىلەن مۇشى ئىدى؛ ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار بىلەن كىش ئىدى. |
וַיָּמָת אֶלְעָזָר וְלֹא־הָיוּ לוֹ בָּנִים כִּי אִם־בָּנוֹת וַיִּשָּׂאוּם בְּנֵי־קִישׁ אֲחֵיהֶֽם׃ | 22 |
ئەلىئازار ئۆلگەندە ئوغلى يوق، قىزلىرىلا بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەنى كىشنىڭ ئوغۇللىرى ئۇ قىزلارنى ئەمرىگە ئالدى. |
בְּנֵי מוּשִׁי מַחְלִי וְעֵדֶר וִירֵמוֹת שְׁלֹשָֽׁה׃ | 23 |
مۇشىنىڭ ماھلى، ئېدەر ۋە يەرەموت دېگەن ئۈچلا ئوغلى بار ئىدى. |
אֵלֶּה בְנֵֽי־לֵוִי לְבֵית אֲבֹתֵיהֶם רָאשֵׁי הָאָבוֹת לִפְקוּדֵיהֶם בְּמִסְפַּר שֵׁמוֹת לְגֻלְגְּלֹתָם עֹשֵׂה הַמְּלָאכָה לַעֲבֹדַת בֵּית יְהוָה מִבֶּן עֶשְׂרִים שָׁנָה וָמָֽעְלָה׃ | 24 |
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى جەمەت باشلىرى بويىچە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان ئەركەكلەر رويخەتكە ئېلىنغان؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملانغانىدى. |
כִּי אָמַר דָּוִיד הֵנִיחַ יְהוָה אֱלֹהֵֽי־יִשְׂרָאֵל לְעַמּוֹ וַיִּשְׁכֹּן בִּירוּשָׁלַ͏ִם עַד־לְעוֹלָֽם׃ | 25 |
چۈنكى داۋۇت: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ئارام بېرىپ، ئۆزى مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ماكان قىلىدۇ؛ |
וְגַם לַלְוִיִּם אֵין־לָשֵׂאת אֶת־הַמִּשְׁכָּן וְאֶת־כָּל־כֵּלָיו לַעֲבֹדָתֽוֹ׃ | 26 |
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلارنىڭ مۇقەددەس چېدىرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى قاچا-ئەسۋابلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەنىدى. |
כִּי בְדִבְרֵי דָוִיד הָאַחֲרֹנִים הֵמָּה מִסְפַּר בְּנֵי־לֵוִי מִבֶּן עֶשְׂרִים שָׁנָה וּלְמָֽעְלָה׃ | 27 |
شۇڭا داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى بويىچە، لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرىنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى. |
כִּי מַעֲמָדָם לְיַד־בְּנֵי אַהֲרֹן לַעֲבֹדַת בֵּית יְהוָה עַל־הַחֲצֵרוֹת וְעַל־הַלְּשָׁכוֹת וְעַֽל־טָהֳרַת לְכָל־קֹדֶשׁ וּמֽ͏ַעֲשֵׂה עֲבֹדַת בֵּית הָאֱלֹהִֽים׃ | 28 |
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش ئىدى؛ ئۇلار ھويلا-ئاراملارنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىز تۇتۇش، قىسقىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل ئىدى؛ |
וּלְלֶחֶם הַֽמַּעֲרֶכֶת וּלְסֹלֶת לְמִנְחָה וְלִרְקִיקֵי הַמַּצּוֹת וְלַֽמַּחֲבַת וְלַמֻּרְבָּכֶת וּלְכָל־מְשׂוּרָה וּמִדָּֽה׃ | 29 |
يەنە «تىزىلغان تەقدىم نان»، ئاش ھەدىيە ئۇنلىرى، پېتىر قوتۇرماچلار، قازان نانلىرى ۋە مايلىق نانلارغا، شۇنداقلا ھەرخىل ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا مەسئۇل ئىدى؛ |
וְלַעֲמֹד בַּבֹּקֶר בַּבֹּקֶר לְהֹדוֹת וּלְהַלֵּל לַיהוָה וְכֵן לָעָֽרֶב׃ | 30 |
ئۇلار يەنە ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۆرە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى، ھەركۈنى كەچلىكىمۇ شۇنداق قىلاتتى. |
וּלְכֹל הַעֲלוֹת עֹלוֹת לַיהוָה לַשַּׁבָּתוֹת לֶחֳדָשִׁים וְלַמֹּעֲדִים בְּמִסְפָּר כְּמִשְׁפָּט עֲלֵיהֶם תָּמִיד לִפְנֵי יְהוָֽה׃ | 31 |
يەنە شابات كۈنى، ھەر يېڭى ئايدا، شۇنىڭدەك بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملاردا سۇنۇلىدىغان بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بەلگىلىمە بويىچە، ئۇلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېكىتىلىگەن سانى ۋە نۆۋىتى بىلەن خىزمەتتە تۇراتتى. |
וְשָׁמְרוּ אֶת־מִשְׁמֶרֶת אֹֽהֶל־מוֹעֵד וְאֵת מִשְׁמֶרֶת הַקֹּדֶשׁ וּמִשְׁמֶרֶת בְּנֵי אַהֲרֹן אֲחֵיהֶם לַעֲבֹדַת בֵּית יְהוָֽה׃ | 32 |
ئۇلار جامائەت چېدىرىنى ھەم مۇقەددەس جاينى باقاتتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتتە بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرى، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا قارايتتى. |