וַיָּבִיאוּ אֶת־אֲרוֹן הֽ͏ָאֱלֹהִים וַיַּצִּיגוּ אֹתוֹ בְּתוֹךְ הָאֹהֶל אֲשֶׁר נָֽטָה־לוֹ דָּוִיד וַיַּקְרִיבוּ עֹלוֹת וּשְׁלָמִים לִפְנֵי הָאֱלֹהִֽים׃ | 1 |
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ داۋۇت ئۇنىڭغا ھازىرلاپ قويغان چېدىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇندى. |
וַיְכַל דָּוִיד מֵהַעֲלוֹת הָעֹלָה וְהַשְּׁלָמִים וַיְבָרֶךְ אֶת־הָעָם בְּשֵׁם יְהוָֽה׃ | 2 |
داۋۇت كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خەلققە بەخت تىلىدى. |
וַיְחַלֵּק לְכָל־אִישׁ יִשְׂרָאֵל מֵאִישׁ וְעַד־אִשָּׁה לְאִישׁ כִּכַּר־לֶחֶם וְאֶשְׁפָּר וַאֲשִׁישָֽׁה׃ | 3 |
ئۇ يەنە ئەر-ئايال دېمەي ئىسرائىللارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن نان، بىردىن خورما پوشكىلى، بىردىن ئۈزۈم پوشكىلى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. |
וַיִּתֵּן לִפְנֵי אֲרוֹן יְהוָה מִן־הַלְוִיִּם מְשָׁרְתִים וּלְהַזְכִּיר וּלְהוֹדוֹת וּלְהַלֵּל לַיהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 4 |
داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇش، يەنى دۇئا-تىلاۋەت ئوقۇش، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىش ۋە كۈي-مۇناجات ئوقۇشنى بۇيرۇدى. |
אָסָף הָרֹאשׁ וּמִשְׁנֵהוּ זְכַרְיָה יְעִיאֵל וּשְׁמִֽירָמוֹת וִֽיחִיאֵל וּמַתִּתְיָה וֶאֱלִיאָב וּבְנָיָהוּ וְעֹבֵד אֱדֹם וֽ͏ִיעִיאֵל בִּכְלֵי נְבָלִים וּבְכִנֹּרוֹת וְאָסָף בַּֽמְצִלְתַּיִם מַשְׁמִֽיעַ׃ | 5 |
ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولسا ئاساف، ئاندىن زەكەرىيا ئىدى؛ باشقىلىرى بولسا جەئىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ماتتىتىياھ، ئېلىئاب، بىنايا، ئوبەد-ئېدوم ۋە جەئىيەللەر ئىدى. ئۇلار تەمبۇر-چىلتار چېلىشقا قويۇلدى؛ ئاساف بولسا چاڭلارنى چالاتتى. |
וּבְנָיָהוּ וְיַחֲזִיאֵל הַכֹּהֲנִים בַּחֲצֹצְרוֹת תָּמִיד לִפְנֵי אֲרוֹן בְּרִית־הָאֱלֹהִֽים׃ | 6 |
بىنايا بىلەن ياھازىيەلدىن ئىبارەت ئىككى كاھىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەردائىم كاناي چېلىشقا قويۇلدى. |
בַּיּוֹם הַהוּא אָז נָתַן דָּוִיד בָּרֹאשׁ לְהֹדוֹת לַיהוָה בְּיַד־אָסָף וְאֶחָֽיו׃ | 7 |
شۇ كۈنى داۋۇت ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا بەلگىلەپ ئۇلارغا بىرىنچىدىن مۇنۇ كۈينى تاپشۇردى: ــ |
הוֹדוּ לַֽיהוָה קִרְאוּ בִשְׁמוֹ הוֹדִיעוּ בָעַמִּים עֲלִילֹתָֽיו׃ | 8 |
«پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئەللەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار! |
שִׁירוּ לוֹ זַמְּרוּ־לוֹ שִׂיחוּ בְּכָל־נִפְלְאֹתָֽיו׃ | 9 |
ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار، ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار. |
הִֽתְהֽ͏ַלְלוּ בְּשֵׁם קָדְשׁוֹ יִשְׂמַח לֵב מְבַקְשֵׁי יְהוָֽה׃ | 10 |
مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن! |
דִּרְשׁוּ יְהוָה וְעֻזּוֹ בַּקְּשׁוּ פָנָיו תָּמִֽיד׃ | 11 |
پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ يۈز-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار. |
זִכְרוּ נִפְלְאֹתָיו אֲשֶׁר עָשָׂה מֹפְתָיו וּמִשְׁפְּטֵי־פִֽיהוּ׃ | 12 |
ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار، |
זֶרַע יִשְׂרָאֵל עַבְדּוֹ בְּנֵי יַעֲקֹב בְּחִירָֽיו׃ | 13 |
ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىسرائىلنىڭ نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى! |
הוּא יְהוָה אֱלֹהֵינוּ בְּכָל־הָאָרֶץ מִשְׁפָּטָֽיו׃ | 14 |
ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر. |
זִכְרוּ לְעוֹלָם בְּרִיתוֹ דָּבָר צִוָּה לְאֶלֶף דּֽוֹר׃ | 15 |
ئۇ ئۆزى تۈزگەن ئەھدىنى ئەبەدىي يادىڭلاردا تۇتۇڭلار ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىلەشكەن سۆزىدۇر ــ |
אֲשֶׁר כָּרַת אֶת־אַבְרָהָם וּשְׁבוּעָתוֹ לְיִצְחָֽק׃ | 16 |
ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، يەنى ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر. |
וַיַּעֲמִידֶהָ לְיַעֲקֹב לְחֹק לְיִשְׂרָאֵל בְּרִית עוֹלָֽם׃ | 17 |
ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ |
לֵאמֹר לְךָ אֶתֵּן אֶֽרֶץ־כְּנָעַן חֶבֶל נַחֲלַתְכֶֽם׃ | 18 |
«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن» ــ دېدى. |
בִּֽהְיֽוֹתְכֶם מְתֵי מִסְפָּר כִּמְעַט וְגָרִים בָּֽהּ׃ | 19 |
ئۇ چاغدا سىلەر ئاجىز ئىدىڭلار، ئادىمىڭلار ئاز ھەم ئۇ يەردە مۇساپىر ئىدىڭلار؛ |
וַיִּֽתְהַלְּכוּ מִגּוֹי אֶל־גּוֹי וּמִמַּמְלָכָה אֶל־עַם אַחֵֽר׃ | 20 |
بۇ ئەلدىن ئۇ ئەلگە، بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە كۆچۈپ يۈرگەن. |
לֹא־הִנִּיחַ לְאִישׁ לְעָשְׁקָם וַיּוֹכַח עֲלֵיהֶם מְלָכִֽים׃ | 21 |
پەرۋەردىگار ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇلارنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ |
אַֽל־תִּגְּעוּ בִּמְשִׁיחָי וּבִנְבִיאַי אַל־תָּרֵֽעוּ׃ | 22 |
«مەن مەسىھ قىلغانلارغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما!» ــ دېدى. |
שִׁירוּ לַֽיהוָה כָּל־הָאָרֶץ בַּשְּׂרוּ מִיּֽוֹם־אֶל־יוֹם יְשׁוּעָתֽוֹ׃ | 23 |
پۈتۈن جاھان، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار، نىجاتىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار! |
סַפְּרוּ בַגּוֹיִם אֶת־כְּבוֹדוֹ בְּכָל־הָעַמִּים נִפְלְאֹתָֽיו׃ | 24 |
ئۇنىڭ جۇلاسىنى ئەللەردە بايان قىلىڭلار، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار. |
כִּי גָדוֹל יְהוָה וּמְהֻלָּל מְאֹד וְנוֹרָא הוּא עַל־כָּל־אֱלֹהִֽים׃ | 25 |
چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۇلۇغدۇر، زور ھەمدۇساناغا لايىقتۇر؛ ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ |
כִּי כָּל־אֱלֹהֵי הָעַמִּים אֱלִילִים וַיהוָה שָׁמַיִם עָשָֽׂה׃ | 26 |
چۈنكى بارلىق ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر. |
הוֹד וְהָדָר לְפָנָיו עֹז וְחֶדְוָה בִּמְקֹמֽוֹ׃ | 27 |
شانۇشەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، قۇدرەت ۋە خۇشلۇق ئۇنىڭ جايىدىدۇر. |
הָבוּ לַֽיהוָה מִשְׁפְּחוֹת עַמִּים הָבוּ לַיהוָה כָּבוֹד וָעֹֽז׃ | 28 |
پەرۋەردىگارغا تەئەللۇقىنى بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپ ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر! |
הָבוּ לַיהוָה כְּבוֹד שְׁמוֹ שְׂאוּ מִנְחָה וּבֹאוּ לְפָנָיו הִשְׁתַּחֲווּ לַיהוָה בְּהַדְרַת־קֹֽדֶשׁ׃ | 29 |
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا لايىق بولغان شان-شۆھرەتنى ئۇنىڭغا بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىڭلار، پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ |
חִילוּ מִלְּפָנָיו כָּל־הָאָרֶץ אַף־תִּכּוֹן תֵּבֵל בַּל־תִּמּֽוֹט׃ | 30 |
پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار! دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. |
יִשְׂמְחוּ הַשָּׁמַיִם וְתָגֵל הָאָרֶץ וְיֹאמְרוּ בַגּוֹיִם יְהוָה מָלָֽךְ׃ | 31 |
ئاسمانلار شادلانسۇن، ۋە يەر-جاھان خۇش بولسۇن، ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىنسۇن: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!». |
יִרְעַם הַיָּם וּמְלוֹאוֹ יַעֲלֹץ הַשָּׂדֶה וְכָל־אֲשֶׁר־בּֽוֹ׃ | 32 |
دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن! دالىلار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! |
אָז יְרַנְּנוּ עֲצֵי הַיָּעַר מִלִּפְנֵי יְהוָה כִּי־בָא לִשְׁפּוֹט אֶת־הָאָֽרֶץ׃ | 33 |
ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ پۈتۈن جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ! |
הוֹדוּ לַיהוָה כִּי טוֹב כִּי לְעוֹלָם חַסְדּֽוֹ׃ | 34 |
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى. |
וְאִמְרוּ הוֹשִׁיעֵנוּ אֱלֹהֵי יִשְׁעֵנוּ וְקַבְּצֵנוּ וְהַצִּילֵנוּ מִן־הַגּוֹיִם לְהֹדוֹת לְשֵׁם קָדְשֶׁךָ לְהִשְׁתַּבֵּחַ בִּתְהִלָּתֶֽךָ׃ | 35 |
ۋە: بىزنى قۇتقۇزغىن، ئى نىجاتىمىز بولغان خۇدا! بىزنى [يېنىڭغا] يىغىۋالغايسەن، مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر قىلىشقا، يايراپ سېنى مەدھىيىلەشكە، بىزنى ئەللەردىن قۇتقۇزۇپ چىققايسەن! ــ دەڭلار! |
בָּרוּךְ יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל מִן־הָעוֹלָם וְעַד הָעֹלָם וַיֹּאמְרוּ כָל־הָעָם אָמֵן וְהַלֵּל לַֽיהוָֽה׃ | 36 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! پۈتكۈل خەلق «ئامىن!» دېدى ھەمدە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. |
וַיַּֽעֲזָב־שָׁם לִפְנֵי אֲרוֹן בְּרִית־יְהוָה לְאָסָף וּלְאֶחָיו לְשָׁרֵת לִפְנֵי הָאָרוֹן תָּמִיד לִדְבַר־יוֹם בְּיוֹמֽוֹ׃ | 37 |
[داۋۇت] شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈندىكى ۋەزىپىگە مۇۋاپىق، ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىكى خىزمەتتە داۋاملىق بولۇشقا ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قالدۇرۇپ قويدى؛ |
וְעֹבֵד אֱדֹם וַאֲחֵיהֶם שִׁשִּׁים וּשְׁמוֹנָה וְעֹבֵד אֱדֹם בֶּן־יְדִיתוּן וְחֹסָה לְשֹׁעֲרִֽים׃ | 38 |
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبەد-ئېدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى؛ شۇنىڭدەك يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبەد-ئېدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى. |
וְאֵת ׀ צָדוֹק הַכֹּהֵן וְאֶחָיו הַכֹּהֲנִים לִפְנֵי מִשְׁכַּן יְהוָה בַּבָּמָה אֲשֶׁר בְּגִבְעֽוֹן׃ | 39 |
كاھىن زادوك بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ئالدىدا، |
לֽ͏ְהַעֲלוֹת עֹלוֹת לַיהוָה עַל־מִזְבַּח הָעֹלָה תָּמִיד לַבֹּקֶר וְלָעָרֶב וּלְכָל־הַכָּתוּב בְּתוֹרַת יְהוָה אֲשֶׁר צִוָּה עַל־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 40 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا تاپىلىغان قانۇن-ئەھكاملىرىدا بارلىق يېزىلغىنى بويىچە، ھەركۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا قويۇلدى. |
וְעִמָּהֶם הֵימָן וִֽידוּתוּן וּשְׁאָר הַבְּרוּרִים אֲשֶׁר נִקְּבוּ בְּשֵׁמוֹת לְהֹדוֹת לַֽיהוָה כִּי לְעוֹלָם חַסְדּֽוֹ׃ | 41 |
ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يەدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىلغانلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا قويۇلدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر!). |
וְעִמָּהֶם הֵימָן וִֽידוּתוּן חֲצֹצְרוֹת וּמְצִלְתַּיִם לְמַשְׁמִיעִים וּכְלֵי שִׁיר הָאֱלֹהִים וּבְנֵי יְדוּתוּן לַשָּֽׁעַר׃ | 42 |
ھېمان ۋە يەدۇتۇن بولسا نەغمىچىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ-جاڭ ۋە بارلىق مەدھىيە سازلىرىنى چېلىشقا مەسئۇل قىلىندى. يەدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى. |
וַיֵּלְכוּ כָל־הָעָם אִישׁ לְבֵיתוֹ וַיִּסֹּב דָּוִיד לְבָרֵךְ אֶת־בֵּיתֽוֹ׃ | 43 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن بارلىق خەلق ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى؛ داۋۇتمۇ ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە بەخت تىلەشكە قايتتى. |