לַמְנַצֵּ֥חַ אַל־תַּשְׁחֵ֑ת מִזְמ֖וֹר לְאָסָ֣ף שִֽׁיר׃ ה֘וֹדִ֤ינוּ לְּךָ֨ ׀ אֱֽלֹהִ֗ים ה֭וֹדִינוּ וְקָר֣וֹב שְׁמֶ֑ךָ סִ֝פְּר֗וּ נִפְלְאוֹתֶֽיךָ׃ | 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز! چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛ بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ. |
כִּ֭י אֶקַּ֣ח מוֹעֵ֑ד אֲ֝נִ֗י מֵישָׁרִ֥ים אֶשְׁפֹּֽט׃ | 2 |
[مەنكى پەرۋەردىگار]: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا، ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛ |
נְֽמֹגִ֗ים אֶ֥רֶץ וְכָל־יֹשְׁבֶ֑יהָ אָנֹכִ֨י תִכַּ֖נְתִּי עַמּוּדֶ֣יהָ סֶּֽלָה׃ | 3 |
يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى. سېلاھ. |
אָמַ֣רְתִּי לַֽ֭הוֹלְלִים אַל־תָּהֹ֑לּוּ וְ֝לָרְשָׁעִ֗ים אַל־תָּרִ֥ימוּ קָֽרֶן׃ | 4 |
ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»، ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛ |
אַל־תָּרִ֣ימוּ לַמָּר֣וֹם קַרְנְכֶ֑ם תְּדַבְּר֖וּ בְצַוָּ֣אר עָתָֽק׃ | 5 |
«مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛ بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!» |
כִּ֤י לֹ֣א מִ֭מּוֹצָא וּמִֽמַּעֲרָ֑ב וְ֝לֹ֗א מִמִּדְבַּ֥ר הָרִֽים׃ | 6 |
چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس، ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛ |
כִּֽי־אֱלֹהִ֥ים שֹׁפֵ֑ט זֶ֥ה יַ֝שְׁפִּ֗יל וְזֶ֣ה יָרִֽים׃ | 7 |
چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛ ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ. |
כִּ֤י כ֪וֹס בְּֽיַד־יְהוָ֡ה וְיַ֤יִן חָמַ֨ר ׀ מָ֥לֵא מֶסֶךְ֮ וַיַּגֵּ֪ר מִ֫זֶּ֥ה אַךְ־שְׁ֭מָרֶיהָ יִמְצ֣וּ יִשְׁתּ֑וּ כֹּ֝֗ל רִשְׁעֵי־אָֽרֶץ׃ | 8 |
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛ |
וַ֭אֲנִי אַגִּ֣יד לְעֹלָ֑ם אֲ֝זַמְּרָ֗ה לֵאלֹהֵ֥י יַעֲקֹֽב׃ | 9 |
مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن. |
וְכָל־קַרְנֵ֣י רְשָׁעִ֣ים אֲגַדֵּ֑עַ תְּ֝רוֹמַ֗מְנָה קַֽרְנ֥וֹת צַדִּֽיק׃ | 10 |
«مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!». |