הַ֥לְלוּ יָ֨הּ ׀ הַֽ֭לְלוּ אֶת־שֵׁ֣ם יְהוָ֑ה הַֽ֝לְלוּ עַבְדֵ֥י יְהוָֽה׃ | 1 |
ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى! |
שֶׁ֣֭עֹֽמְדִים בְּבֵ֣ית יְהוָ֑ה בְּ֝חַצְר֗וֹת בֵּ֣ית אֱלֹהֵֽינוּ׃ | 2 |
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغانلار، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرغانلار! |
הַֽ֭לְלוּ־יָהּ כִּי־ט֣וֹב יְהוָ֑ה זַמְּר֥וּ לִ֝שְׁמ֗וֹ כִּ֣י נָעִֽים׃ | 3 |
ياھنى مەدھىيىلەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ نامىغا كۈي ئېيتىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ |
כִּֽי־יַעֲקֹ֗ב בָּחַ֣ר ל֣וֹ יָ֑הּ יִ֝שְׂרָאֵ֗ל לִסְגֻלָּתֽוֹ׃ | 4 |
چۈنكى ياھ ياقۇپنى ئۆزىنىڭكى بولۇشقا، ئىسرائىلنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىۋالدى. |
כִּ֤י אֲנִ֣י יָ֭דַעְתִּי כִּי־גָד֣וֹל יְהוָ֑ה וַ֝אֲדֹנֵ֗ינוּ מִכָּל־אֱלֹהִֽים׃ | 5 |
چۈنكى ئۆزۈم بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر؛ رەببىمىز بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. |
כֹּ֤ל אֲשֶׁר־חָפֵ֥ץ יְהוָ֗ה עָ֫שָׂ֥ה בַּשָּׁמַ֥יִם וּבָאָ֑רֶץ בַּ֝יַּמִּ֗ים וְכָל־תְּהוֹמֽוֹת׃ | 6 |
پەرۋەردىگار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا، ئۇ ئاسمانلاردا، زېمىندا، دېڭىزلاردا ھەم ئۇنىڭ بارلىق تەگلىرىدىمۇ شۇنى قىلغاندۇر. |
מַֽעֲלֶ֣ה נְשִׂאִים֮ מִקְצֵ֪ה הָ֫אָ֥רֶץ בְּרָקִ֣ים לַמָּטָ֣ר עָשָׂ֑ה מֽוֹצֵא־ר֝וּחַ מֵאֽוֹצְרוֹתָֽיו׃ | 7 |
ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىدۇ؛ شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. |
שֶֽׁ֭הִכָּה בְּכוֹרֵ֣י מִצְרָ֑יִם מֵ֝אָדָ֗ם עַד־בְּהֵמָֽה׃ | 8 |
ئۇ مىسىردىكى تۇنجى ئوغۇللارنى ھالاك قىلدى، ئىنسانلارنىڭ بولسۇن، ھايۋانلارنىڭ بولسۇن ھەممىنى ئۇرۇپ ھالاك قىلدى. |
שָׁלַ֤ח ׀ אֹת֣וֹת וּ֭מֹפְתִים בְּתוֹכֵ֣כִי מִצְרָ֑יִם בְּ֝פַרְעֹ֗ה וּבְכָל־עֲבָדָֽיו׃ | 9 |
ئۇ ئالامەتلەرنى، مۆجىزىلەرنى ئاراڭلارغا ئەۋەتتى، ئى مىسىر؛ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ ھەممە قۇللىرى ئۈستىگە ئەۋەتتى. |
שֶֽׁ֭הִכָּה גּוֹיִ֣ם רַבִּ֑ים וְ֝הָרַ֗ג מְלָכִ֥ים עֲצוּמִֽים׃ | 10 |
ئۇ ئۇلۇغ ئەللەرنى ئۇرۇۋەتتى، قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ |
לְסִיח֤וֹן ׀ מֶ֤לֶךְ הָאֱמֹרִ֗י וּ֭לְעוֹג מֶ֣לֶךְ הַבָּשָׁ֑ן וּ֝לְכֹ֗ל מַמְלְכ֥וֹת כְּנָֽעַן׃ | 11 |
ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، قانائاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇۋەتتى. |
וְנָתַ֣ן אַרְצָ֣ם נַחֲלָ֑ה נַ֝חֲלָ֗ה לְיִשְׂרָאֵ֥ל עַמּֽוֹ׃ | 12 |
ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلدى. |
יְ֭הוָה שִׁמְךָ֣ לְעוֹלָ֑ם יְ֝הוָ֗ה זִכְרְךָ֥ לְדֹר־וָדֹֽר׃ | 13 |
سېنىڭ نامىڭ، پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە، شۆھرەت-خاتىرەڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. |
כִּֽי־יָדִ֣ין יְהוָ֣ה עַמּ֑וֹ וְעַל־עֲ֝בָדָ֗יו יִתְנֶחָֽם׃ | 14 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ؛ ئۆز قۇللىرىغا رەھىم قىلىدۇ. |
עֲצַבֵּ֣י הַ֭גּוֹיִם כֶּ֣סֶף וְזָהָ֑ב מַ֝עֲשֵׂ֗ה יְדֵ֣י אָדָֽם׃ | 15 |
ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس. |
פֶּֽה־לָ֭הֶם וְלֹ֣א יְדַבֵּ֑רוּ עֵינַ֥יִם לָ֝הֶ֗ם וְלֹ֣א יִרְאֽוּ׃ | 16 |
ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، بىراق كۆرمەيدۇ؛ |
אָזְנַ֣יִם לָ֭הֶם וְלֹ֣א יַאֲזִ֑ינוּ אַ֝֗ף אֵין־יֶשׁ־ר֥וּחַ בְּפִיהֶֽם׃ | 17 |
قۇلاقلىرى بار، بىراق ئاڭلىمايدۇ، ئاغزىدا ھېچ نەپەس يوقتۇر. |
כְּ֭מוֹהֶם יִהְי֣וּ עֹשֵׂיהֶ֑ם כֹּ֭ל אֲשֶׁר־בֹּטֵ֣חַ בָּהֶֽם׃ | 18 |
ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر. |
בֵּ֣ית יִ֭שְׂרָאֵל בָּרֲכ֣וּ אֶת־יְהוָ֑ה בֵּ֥ית אַ֝הֲרֹ֗ן בָּרֲכ֥וּ אֶת־יְהוָֽה׃ | 19 |
ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ |
בֵּ֣ית הַ֭לֵּוִי בָּרֲכ֣וּ אֶת־יְהוָ֑ה יִֽרְאֵ֥י יְ֝הוָ֗ה בָּרֲכ֥וּ אֶת־יְהוָֽה׃ | 20 |
لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! |
בָּ֘ר֤וּךְ יְהוָ֨ה ׀ מִצִּיּ֗וֹן שֹׁ֘כֵ֤ן יְֽרוּשָׁלִָ֗ם הַֽלְלוּ־יָֽהּ׃ | 21 |
يېرۇسالېمدا ماكانلاشقان پەرۋەردىگارغا زىئوندىن تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىلسۇن! ھەمدۇسانا! |