לְדָוִ֗ד מִ֫זְמ֥וֹר נְאֻ֤ם יְהוָ֨ה ׀ לַֽאדֹנִ֗י שֵׁ֥ב לִֽימִינִ֑י עַד־אָשִׁ֥ית אֹ֝יְבֶ֗יךָ הֲדֹ֣ם לְרַגְלֶֽיךָ׃ | 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» ــ دېدى. |
מַטֵּֽה־עֻזְּךָ֗ יִשְׁלַ֣ח יְ֭הוָה מִצִּיּ֑וֹן רְ֝דֵ֗ה בְּקֶ֣רֶב אֹיְבֶֽיךָ׃ | 2 |
پەرۋەردىگار قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىدىغان شاھانە ھاساڭنى زىئوندىن ئۇزىتىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگىن! |
עַמְּךָ֣ נְדָבֹת֮ בְּי֪וֹם חֵ֫ילֶ֥ךָ בְּֽהַדְרֵי־קֹ֭דֶשׁ מֵרֶ֣חֶם מִשְׁחָ֑ר לְ֝ךָ֗ טַ֣ל יַלְדֻתֶֽיךָ׃ | 3 |
كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە، ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ؛ مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ؛ |
נִשְׁבַּ֤ע יְהוָ֨ה ׀ וְלֹ֥א יִנָּחֵ֗ם אַתָּֽה־כֹהֵ֥ן לְעוֹלָ֑ם עַל־דִּ֝בְרָתִ֗י מַלְכִּי־צֶֽדֶק׃ | 4 |
پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن». |
אֲדֹנָ֥י עַל־יְמִֽינְךָ֑ מָחַ֖ץ בְּיוֹם־אַפּ֣וֹ מְלָכִֽים׃ | 5 |
ئوڭ تەرىپىڭدە بولغان رەب غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈندە پادىشاھلارنى ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ؛ |
יָדִ֣ין בַּ֭גּוֹיִם מָלֵ֣א גְוִיּ֑וֹת מָ֥חַץ רֹ֝֗אשׁ עַל־אֶ֥רֶץ רַבָּֽה׃ | 6 |
ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوتلايدۇ؛ جاي-جايلارنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇرىدۇ؛ كەڭ زېمىننىڭ بېشىنى يارىدۇ؛ |
מִ֭נַּחַל בַּדֶּ֣רֶךְ יִשְׁתֶּ֑ה עַל־כֵּ֝֗ן יָרִ֥ים רֹֽאשׁ׃ | 7 |
ئۇ يولدا ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ؛ ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ. |