הוֹד֣וּ לַ֭יהוָה קִרְא֣וּ בִּשְׁמ֑וֹ הוֹדִ֥יעוּ בָ֝עַמִּ֗ים עֲלִילוֹתָֽיו׃ | 1 |
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار! |
שִֽׁירוּ־ל֭וֹ זַמְּרוּ־ל֑וֹ שִׂ֝֗יחוּ בְּכָל־נִפְלְאוֹתָֽיו׃ | 2 |
ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار. |
הִֽ֭תְהַלְלוּ בְּשֵׁ֣ם קָדְשׁ֑וֹ יִ֝שְׂמַ֗ח לֵ֤ב ׀ מְבַקְשֵׁ֬י יְהוָֽה׃ | 3 |
مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن! |
דִּרְשׁ֣וּ יְהוָ֣ה וְעֻזּ֑וֹ בַּקְּשׁ֖וּ פָנָ֣יו תָּמִֽיד׃ | 4 |
پەرۋەردىگارنى ھەمدە ئۇنىڭ كۈچىنى ئىزدەڭلار، دىدار-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار. |
זִכְר֗וּ נִפְלְאוֹתָ֥יו אֲשֶׁר־עָשָׂ֑ה מֹ֝פְתָ֗יו וּמִשְׁפְּטֵי־פִֽיו׃ | 5 |
ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت-ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار، |
זֶ֭רַע אַבְרָהָ֣ם עַבְדּ֑וֹ בְּנֵ֖י יַעֲקֹ֣ב בְּחִירָֽיו׃ | 6 |
ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىبراھىم نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى! |
ה֭וּא יְהוָ֣ה אֱלֹהֵ֑ינוּ בְּכָל־הָ֝אָ֗רֶץ מִשְׁפָּטָֽיו׃ | 7 |
ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر. |
זָכַ֣ר לְעוֹלָ֣ם בְּרִית֑וֹ דָּבָ֥ר צִ֝וָּ֗ה לְאֶ֣לֶף דּֽוֹר׃ | 8 |
ئۆزى تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەبەدىي يادىدا تۇتىدۇ ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىشلەشكەن سۆزىدۇر، ــ |
אֲשֶׁ֣ר כָּ֭רַת אֶת־אַבְרָהָ֑ם וּשְׁב֖וּעָת֣וֹ לְיִשְׂחָֽק׃ | 9 |
يەنى ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر. |
וַיַּֽעֲמִידֶ֣הָ לְיַעֲקֹ֣ב לְחֹ֑ק לְ֝יִשְׂרָאֵ֗ל בְּרִ֣ית עוֹלָֽם׃ | 10 |
ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ |
לֵאמֹ֗ר לְךָ֗ אֶתֵּ֥ן אֶת־אֶֽרֶץ־כְּנָ֑עַן חֶ֝֗בֶל נַחֲלַתְכֶֽם׃ | 11 |
«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن»، ــ دېدى، |
בִּֽ֭הְיוֹתָם מְתֵ֣י מִסְפָּ֑ר כִּ֝מְעַ֗ט וְגָרִ֥ים בָּֽהּ׃ | 12 |
ــ گەرچە شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سانى ئاز، ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان، شۇ يەردىكى مۇساپىرلار بولسىمۇ. |
וַֽ֭יִּתְהַלְּכוּ מִגּ֣וֹי אֶל־גּ֑וֹי מִ֝מַּמְלָכָ֗ה אֶל־עַ֥ם אַחֵֽר׃ | 13 |
ئۇلار ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا، بۇ ئەلدىن ئۇ قەبىلىگە كېزىپ يۈردى؛ |
לֹֽא־הִנִּ֣יחַ אָדָ֣ם לְעָשְׁקָ֑ם וַיּ֖וֹכַח עֲלֵיהֶ֣ם מְלָכִֽים׃ | 14 |
ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ |
אַֽל־תִּגְּע֥וּ בִמְשִׁיחָ֑י וְ֝לִנְבִיאַי אַל־תָּרֵֽעוּ׃ | 15 |
مەن مەسىھ قىلغانلىرىمغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما! ــ دېدى. |
וַיִּקְרָ֣א רָ֭עָב עַל־הָאָ֑רֶץ כָּֽל־מַטֵּה־לֶ֥חֶם שָׁבָֽר׃ | 16 |
ئۇ ئاشۇ يۇرتقا ئاچارچىلىقنى بۇيرۇدى، تىرەك بولغان ئاش-ناننى قۇرۇتۇۋەتتى. |
שָׁלַ֣ח לִפְנֵיהֶ֣ם אִ֑ישׁ לְ֝עֶ֗בֶד נִמְכַּ֥ר יוֹסֵֽף׃ | 17 |
ئۇ ئۇلاردىن بۇرۇن بىر ئادەمنى ئەۋەتكەنىدى، يۈسۈپ قۇل قىلىپ سېتىلغانىدى. |
עִנּ֣וּ בַכֶּ֣בֶל רַגְל֑וֹ בַּ֝רְזֶ֗ל בָּ֣אָה נַפְשֽׁוֹ׃ | 18 |
ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە ئاغرىدى، ئۇنىڭ جېنى تۆمۈرگە كىرىپ قىسىلدى؛ |
עַד־עֵ֥ת בֹּֽא־דְבָר֑וֹ אִמְרַ֖ת יְהוָ֣ה צְרָפָֽתְהוּ׃ | 19 |
شۇنداقلا تا ئۆزىگە ئېيتىلغان ۋەھىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنى سىناپ تاۋلىدى؛ |
שָׁ֣לַח מֶ֭לֶךְ וַיַּתִּירֵ֑הוּ מֹשֵׁ֥ל עַ֝מִּ֗ים וַֽיְפַתְּחֵֽהוּ׃ | 20 |
پىرەۋن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنى بوشاتقۇزدى، قوۋملارنىڭ ھۆكۈمدارى ئۇنى ھۆرلۈككە چىقاردى. |
שָׂמ֣וֹ אָד֣וֹן לְבֵית֑וֹ וּ֝מֹשֵׁ֗ל בְּכָל־קִנְיָנֽוֹ׃ | 21 |
ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا غوجىدار قىلىپ قويدى، پۈتۈن مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ، |
לֶאְסֹ֣ר שָׂרָ֣יו בְּנַפְשׁ֑וֹ וּזְקֵנָ֥יו יְחַכֵּֽם׃ | 22 |
ئۆز ۋەزىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىدا بولۇپ تەربىيىلىنىشكە، ئاقساقاللىرىغا دانالىق ئۆگىتىشكە تاپشۇردى. |
וַיָּבֹ֣א יִשְׂרָאֵ֣ל מִצְרָ֑יִם וְ֝יַעֲקֹ֗ב גָּ֣ר בְּאֶֽרֶץ־חָֽם׃ | 23 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىسىرغا كەلدى، ياقۇپلار ھامنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىدى. |
וַיֶּ֣פֶר אֶת־עַמּ֣וֹ מְאֹ֑ד וַ֝יַּֽעֲצִמֵהוּ מִצָּרָֽיו׃ | 24 |
[پەرۋەردىگار] ئۆز خەلقىنى كۆپ نەسىللىك قىلىپ، ئەزگۈچىلىرىدىن كۈچلۈك قىلدى. |
הָפַ֣ךְ לִ֭בָּם לִשְׂנֹ֣א עַמּ֑וֹ לְ֝הִתְנַכֵּ֗ל בַּעֲבָדָֽיו׃ | 25 |
ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] قەلبىدە ئۆز خەلقىگە نەپرەت ھاسىل قىلدى، ئۇلارنى ئۆز قۇللىرىغا ھىيلە-مىكىرلىك بولۇشقا مايىل قىلدى. |
שָׁ֭לַח מֹשֶׁ֣ה עַבְדּ֑וֹ אַ֝הֲרֹ֗ן אֲשֶׁ֣ר בָּֽחַר־בּֽוֹ׃ | 26 |
ئۇ ئۆز قۇلى بولغان مۇسانى، ئۆزىنىڭ تاللىغىنى ھارۇننى يوللىدى. |
שָֽׂמוּ־בָ֭ם דִּבְרֵ֣י אֹתוֹתָ֑יו וּ֝מֹפְתִ֗ים בְּאֶ֣רֶץ חָֽם׃ | 27 |
ئۇلار [مىسىردا] ئىلاھىي ئالامەتلەرنى ئايان قىلىپ، ھام زېمىنىدا ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئورناتتى. |
שָׁ֣לַֽח חֹ֭שֶׁךְ וַיַּחְשִׁ֑ךְ וְלֹֽא־מָ֝ר֗וּ אֶת־דְּבָרֽוֹ׃ | 28 |
پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقنى ئەۋەتىپ، [زېمىننى] زۇلمەتكە قاپلىتىۋەتتى؛ [مىسىرلىقلار] ئۇنىڭ ئەمرىگە قارشى تۇرغان ئەمەسمۇ؟ |
הָפַ֣ךְ אֶת־מֵימֵיהֶ֣ם לְדָ֑ם וַ֝יָּ֗מֶת אֶת־דְּגָתָֽם׃ | 29 |
ئۇ ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى قانغا ئايلاندۇردى، بېلىقلىرىنى قۇرۇتىۋەتتى. |
שָׁרַ֣ץ אַרְצָ֣ם צְפַרְדְּעִ֑ים בְּ֝חַדְרֵ֗י מַלְכֵיהֶֽם׃ | 30 |
ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى مىژ-مىژ پاقىلار باستى، شاھ-ئەمىرلىرىنىڭ ھۇجرىلىرىغىمۇ ئۇلار تولۇپ كەتتى. |
אָ֭מַר וַיָּבֹ֣א עָרֹ֑ב כִּ֝נִּ֗ים בְּכָל־גְּבוּלָֽם׃ | 31 |
ئۇ بىر سۆز بىلەنلا، غۇژ-غۇژ چىۋىنلار بېسىپ كەلدى؛ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا غىڭ-غىڭ ئۇچار چۈمۈلىلەر. |
נָתַ֣ן גִּשְׁמֵיהֶ֣ם בָּרָ֑ד אֵ֖שׁ לֶהָב֣וֹת בְּאַרְצָֽם׃ | 32 |
ئۇ يامغۇرنىڭ ئورنىغا مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، بۇ زېمىنغا يالقۇنلۇق ئوت چۈشۈردى. |
וַיַּ֣ךְ גַּ֭פְנָם וּתְאֵנָתָ֑ם וַ֝יְשַׁבֵּ֗ר עֵ֣ץ גְּבוּלָֽם׃ | 33 |
ئۇ ئۈزۈم تاللىرىنى، ئەنجۇر دەرەخلىرىنى ئۇردى، زېمىندىكى دەرەخلەرنى سۇندۇرۇۋەتتى. |
אָ֭מַר וַיָּבֹ֣א אַרְבֶּ֑ה וְ֝יֶ֗לֶק וְאֵ֣ין מִסְפָּֽר׃ | 34 |
ئۇ بىر سۆز قىلىشى بىلەنلا، چېكەتكىلەر كەلدى، سانسىز يۇتقۇر ھاشارەتلەر مىژىلداپ، |
וַיֹּ֣אכַל כָּל־עֵ֣שֶׂב בְּאַרְצָ֑ם וַ֝יֹּ֗אכַל פְּרִ֣י אַדְמָתָֽם׃ | 35 |
زېمىنىدا بار بولغان گىياھلارنى يۇتۇۋەتتى، ئېتىزلارنىڭ بارلىق ھوسۇللىرىنى يەپ تۈگەتتى. |
וַיַּ֣ךְ כָּל־בְּכ֣וֹר בְּאַרְצָ֑ם רֵ֝אשִׁ֗ית לְכָל־אוֹנָֽם׃ | 36 |
[ئاخىردا] زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى. |
וַֽ֭יּוֹצִיאֵם בְּכֶ֣סֶף וְזָהָ֑ב וְאֵ֖ין בִּשְׁבָטָ֣יו כּוֹשֵֽׁל׃ | 37 |
ئۆز خەلقىنى بولسا، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرگۈزۈپ چىقاردى، قەبىلىلىرىدە بىرسىمۇ يىقىلىپ چۈشۈپ قالغىنى يوق. |
שָׂמַ֣ח מִצְרַ֣יִם בְּצֵאתָ֑ם כִּֽי־נָפַ֖ל פַּחְדָּ֣ם עֲלֵיהֶֽם׃ | 38 |
ئۇلارنىڭ چىققىنىغا مىسىر خۇشال بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسى [مىسىرلىقلارغا] چۈشتى. |
פָּרַ֣שׂ עָנָ֣ן לְמָסָ֑ךְ וְ֝אֵ֗שׁ לְהָאִ֥יר לָֽיְלָה׃ | 39 |
ئۇ ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن بولۇشقا، ئوتنى تۈندە نۇر بولۇشقا بەردى. |
שָׁאַ֣ל וַיָּבֵ֣א שְׂלָ֑ו וְלֶ֥חֶם שָׁ֝מַ֗יִם יַשְׂבִּיעֵֽם׃ | 40 |
ئۇلار سورىدى، ئۇ بۆدىنىلەرنى چىقاردى، ئۇلارنى ساماۋىي نان بىلەن قاندۇردى. |
פָּ֣תַח צ֭וּר וַיָּז֣וּבוּ מָ֑יִם הָ֝לְכ֗וּ בַּצִּיּ֥וֹת נָהָֽר׃ | 41 |
ئۇ تاشنى ياردى، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقتى؛ قاقاسلىقتا دەريادەك ئاقتى. |
כִּֽי־זָ֭כַר אֶת־דְּבַ֣ר קָדְשׁ֑וֹ אֶֽת־אַבְרָהָ֥ם עַבְדּֽוֹ׃ | 42 |
چۈنكى ئۇ بەرگەن مۇقەددەس سۆزىنى، ئۆز قۇلى ئىبراھىمنى ئەستە تۇتتى. |
וַיּוֹצִ֣א עַמּ֣וֹ בְשָׂשׂ֑וֹן בְּ֝רִנָּ֗ה אֶת־בְּחִירָֽיו׃ | 43 |
ئۇ خەلقىنى شاد-خۇراملىق بىلەن، ئۆز تاللىغىنىنى شادىيانە تەنتەنىلەر بىلەن [ئازادلىققا] چىقاردى. |
וַיִּתֵּ֣ן לָ֭הֶם אַרְצ֣וֹת גּוֹיִ֑ם וַעֲמַ֖ל לְאֻמִּ֣ים יִירָֽשׁוּ׃ | 44 |
ئۇ ئۇلارغا ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى خەلقلەرنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلدى، |
בַּעֲב֤וּר ׀ יִשְׁמְר֣וּ חֻ֭קָּיו וְתוֹרֹתָ֥יו יִנְצֹ֗רוּ הַֽלְלוּ־יָֽהּ׃ | 45 |
بۇ، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئىدى! ھەمدۇسانا! |