< מִשְׁלֵי 26 >

כַּשֶּׁ֤לֶג ׀ בַּקַּ֗יִץ וְכַמָּטָ֥ר בַּקָּצִ֑יר כֵּ֤ן לֹא־נָאוֶ֖ה לִכְסִ֣יל כָּבֽוֹד׃ 1
يازدا قار يېغىش، ئورما ۋاقتىدا يامغۇر يېغىش قاملاشمىغاندەك، ئىززەت-ھۆرمەت ئەخمەققە لايىق ئەمەستۇر.
כַּצִּפּ֣וֹר לָ֭נוּד כַּדְּר֣וֹר לָע֑וּף כֵּ֥ן קִֽלְלַ֥ת חִ֝נָּ֗ם ל֣וֹ תָבֹֽא׃ 2
لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇچقاچتەك، ئۇچقان قارلىغاچ يەرگە قونمىغاندەك، سەۋەبسىز قارغىش كىشىگە زىيان كەلتۈرەلمەس.
שׁ֣וֹט לַ֭סּוּס מֶ֣תֶג לַחֲמ֑וֹר וְ֝שֵׁ֗בֶט לְגֵ֣ו כְּסִילִֽים׃ 3
ئاتقا قامچا، ئېشەككە نوختا لازىم بولغىنىدەك، ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە تاياق لايىقتۇر.
אַל־תַּ֣עַן כְּ֭סִיל כְּאִוַּלְתּ֑וֹ פֶּֽן־תִּשְׁוֶה־לּ֥וֹ גַם־אָֽתָּה׃ 4
ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن، جاۋاب بەرسەڭ ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئوخشاپ قېلىشىڭ مۇمكىن.
עֲנֵ֣ה כְ֭סִיל כְּאִוַּלְתּ֑וֹ פֶּן־יִהְיֶ֖ה חָכָ֣ם בְּעֵינָֽיו׃ 5
ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگىن، جاۋاب بەرمىسەڭ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ئەقىللىق دەپ چاغلار.
מְקַצֶּ֣ה רַ֭גְלַיִם חָמָ֣ס שֹׁתֶ֑ה שֹׁלֵ֖חַ דְּבָרִ֣ים בְּיַד־כְּסִֽיל׃ 6
ئۆز پۇتىنى كېسىۋەتكەندەك، ئۆز بېشىغا زۇلمەت تىلىگەندەك، ئەخمەقتىن خەۋەر يوللاشمۇ شۇنداق بىر ئىشتۇر.
דַּלְי֣וּ שֹׁ֭קַיִם מִפִּסֵּ֑חַ וּ֝מָשָׁ֗ל בְּפִ֣י כְסִילִֽים׃ 7
توكۇرنىڭ كارغا كەلمىگەن پۇتلىرىدەك، ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەتمۇ بىكار بولۇر.
כִּצְר֣וֹר אֶ֭בֶן בְּמַרְגֵּמָ֑ה כֵּן־נוֹתֵ֖ן לִכְסִ֣יל כָּבֽוֹד׃ 8
سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك، ئەخمەققە ھۆرمەت بىلدۈرۈشمۇ ئەخمىقانە ئىشتۇر.
ח֭וֹחַ עָלָ֣ה בְיַד־שִׁכּ֑וֹר וּ֝מָשָׁ֗ל בְּפִ֣י כְסִילִֽים׃ 9
ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەت، مەستنىڭ قولىغا سانجىلغان تىكەندەكتۇر.
רַ֥ב מְחֽוֹלֵֽל־כֹּ֑ל וְשֹׂכֵ֥ר כְּ֝סִ֗יל וְשֹׂכֵ֥ר עֹבְרִֽים׃ 10
ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر.
כְּ֭כֶלֶב שָׁ֣ב עַל־קֵא֑וֹ כְּ֝סִ֗יל שׁוֹנֶ֥ה בְאִוַּלְתּֽוֹ׃ 11
ئىت ئايلىنىپ كېلىپ ئۆز قۇسۇقىنى يالىغاندەك، ئەخمەق ئەخمەقلىقىنى قايتىلار.
רָאִ֗יתָ אִ֭ישׁ חָכָ֣ם בְּעֵינָ֑יו תִּקְוָ֖ה לִכְסִ֣יל מִמֶּֽנּוּ׃ 12
ئۆزىنى دانا چاغلاپ مەمنۇن بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىماقتىن ئەخمەققە ئۈمىد باغلىماق ئەۋزەلدۇر.
אָמַ֣ר עָ֭צֵל שַׁ֣חַל בַּדָּ֑רֶךְ אֲ֝רִ֗י בֵּ֣ין הָרְחֹבֽוֹת׃ 13
ھۇرۇن ئادەم: ــ «تاشقىرىدا دەھشەتلىك بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىدا بىر شىر يۈرىدۇ!» ــ دەپ [ئۆيدىن چىقماس].
הַ֭דֶּלֶת תִּסּ֣וֹב עַל־צִירָ֑הּ וְ֝עָצֵ֗ל עַל־מִטָּתֽוֹ׃ 14
ئۆز مۇجۇقىدا ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرغان ئىشىككە ئوخشاش، ھۇرۇن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆرۈلمەكتە.
טָ֘מַ֤ן עָצֵ֣ל יָ֭דוֹ בַּצַּלָּ֑חַת נִ֝לְאָ֗ה לַֽהֲשִׁיבָ֥הּ אֶל־פִּֽיו׃ 15
ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشتىنمۇ ئېرىنەر.
חָכָ֣ם עָצֵ֣ל בְּעֵינָ֑יו מִ֝שִּׁבְעָ֗ה מְשִׁ֣יבֵי טָֽעַם׃ 16
ھۇرۇن ئۆزىنى پەم بىلەن جاۋاب بەرگۈچى يەتتە كىشىدىنمۇ دانا سانار.
מַחֲזִ֥יק בְּאָזְנֵי־כָ֑לֶב עֹבֵ֥ר מִ֝תְעַבֵּ֗ר עַל־רִ֥יב לֹּֽא־לֽוֹ׃ 17
كوچىدا كېلىۋېتىپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ماجىراغا ئارىلاشقان كىشى، ئىتنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ سوزغانغا ئوخشاش خەتەرگە دۇچار بولار.
כְּֽ֭מִתְלַהְלֵהַּ הַיֹּרֶ֥ה זִקִּ֗ים חִצִּ֥ים וָמָֽוֶת׃ 18
ئۆز يېقىنلىرىنى ئالداپ «پەقەت چاقچاق قىلىپ قويدۇم!» دەيدىغان كىشى، ئوتقاشلارنى، ئوقلارنى، ھەرخىل ئەجەللىك قوراللارنى ئاتقان تەلۋىگە ئوخشايدۇ.
כֵּֽן־אִ֭ישׁ רִמָּ֣ה אֶת־רֵעֵ֑הוּ וְ֝אָמַ֗ר הֲֽלֹא־מְשַׂחֵ֥ק אָֽנִי׃ 19
בְּאֶ֣פֶס עֵ֭צִים תִּכְבֶּה־אֵ֑שׁ וּבְאֵ֥ין נִ֝רְגָּ֗ן יִשְׁתֹּ֥ק מָדֽוֹן׃ 20
ئوتۇن بولمىسا ئوت ئۆچەر؛ غەيۋەت بولمىسا، جېدەل بېسىلار.
פֶּחָ֣ם לְ֭גֶחָלִים וְעֵצִ֣ים לְאֵ֑שׁ וְאִ֥ישׁ מִ֝דְיָנִ֗ים לְחַרְחַר־רִֽיב׃ פ 21
چوغلار ئۈستىگە چاچقان كۆمۈردەك، ئوت ئۈستىگە قويغان ئوتۇندەك، جېدەلچى جېدەلنى ئۇلغايتار.
דִּבְרֵ֣י נִ֭רְגָּן כְּמִֽתְלַהֲמִ֑ים וְ֝הֵ֗ם יָרְד֥וּ חַדְרֵי־בָֽטֶן׃ 22
غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر.
כֶּ֣סֶף סִ֭יגִים מְצֻפֶּ֣ה עַל־חָ֑רֶשׂ שְׂפָתַ֖יִם דֹּלְקִ֣ים וְלֶב־רָֽע׃ 23
يالقۇنلۇق لەۋلەر رەزىل كۆڭۈللەرگە قوشۇلغاندا، ساپال قاچىغا كۈمۈش ھەل بەرگەنگە ئوخشاشتۇر.
בִּ֭שְׂפָתָיו יִנָּכֵ֣ר שׂוֹנֵ֑א וּ֝בְקִרְבּ֗וֹ יָשִׁ֥ית מִרְמָֽה׃ 24
ئاداۋەت ساقلايدىغان ئادەم ئۆچىنى گەپلىرى بىلەن ياپسىمۇ، كۆڭلىدە قات-قات سۇيىقەست ساقلايدۇ.
כִּֽי־יְחַנֵּ֣ן ק֭וֹלוֹ אַל־תַּֽאֲמֶן־בּ֑וֹ כִּ֤י שֶׁ֖בַע תּוֹעֵב֣וֹת בְּלִבּֽוֹ׃ 25
ئۇنىڭ سۆزى چىرايلىق بولسىمۇ، ئىشىنىپ كەتمىگىن؛ قەلبىدە يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر.
תִּכַּסֶּ֣ה שִׂ֭נְאָה בְּמַשָּׁא֑וֹן תִּגָּלֶ֖ה רָעָת֣וֹ בְקָהָֽל׃ 26
ئۇ ئۆچمەنلىكىنى چىرايلىق گەپ بىلەن ياپسىمۇ، لېكىن رەزىللىكى جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنار.
כֹּֽרֶה־שַּׁ֭חַת בָּ֣הּ יִפֹּ֑ל וְגֹ֥לֵ֥ל אֶ֝בֶן אֵלָ֥יו תָּשֽׁוּב׃ 27
كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر؛ تاشنى دومىلاتقان كىشىنى تاش دۇمىلاپ قايتىپ كېلىپ ئۇنى يانجار.
לְֽשׁוֹן־שֶׁ֭קֶר יִשְׂנָ֣א דַכָּ֑יו וּפֶ֥ה חָ֝לָ֗ק יַעֲשֶׂ֥ה מִדְחֶֽה׃ 28
ساختا تىل ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان كىشىلەرگە نەپرەتلىنەر؛ خۇشامەت قىلغۇچى ئېغىز ئادەمنى ھالاكەتكە ئىتتىرەر.

< מִשְׁלֵי 26 >