מִשְׁלֵ֗י שְׁלֹ֫מֹ֥ה פ בֵּ֣ן חָ֭כָם יְשַׂמַּח־אָ֑ב וּבֵ֥ן כְּ֝סִ֗יל תּוּגַ֥ת אִמּֽוֹ׃ | 1 |
پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار. |
לֹא־י֭וֹעִילוּ אוֹצְר֣וֹת רֶ֑שַׁע וּ֝צְדָקָ֗ה תַּצִּ֥יל מִמָּֽוֶת׃ | 2 |
ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار. |
לֹֽא־יַרְעִ֣יב יְ֭הוָה נֶ֣פֶשׁ צַדִּ֑יק וְהַוַּ֖ת רְשָׁעִ֣ים יֶהְדֹּֽף׃ | 3 |
پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار. |
רָ֗אשׁ עֹשֶׂ֥ה כַף־רְמִיָּ֑ה וְיַ֖ד חָרוּצִ֣ים תַּעֲשִֽׁיר׃ | 4 |
ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛ ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار. |
אֹגֵ֣ר בַּ֭קַּיִץ בֵּ֣ן מַשְׂכִּ֑יל נִרְדָּ֥ם בַּ֝קָּצִ֗יר בֵּ֣ן מֵבִֽישׁ׃ | 5 |
يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛ لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر. |
בְּ֭רָכוֹת לְרֹ֣אשׁ צַדִּ֑יק וּפִ֥י רְ֝שָׁעִ֗ים יְכַסֶּ֥ה חָמָֽס׃ | 6 |
بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار. |
זֵ֣כֶר צַ֭דִּיק לִבְרָכָ֑ה וְשֵׁ֖ם רְשָׁעִ֣ים יִרְקָֽב׃ | 7 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار. |
חֲכַם־לֵ֭ב יִקַּ֣ח מִצְוֹ֑ת וֶאֱוִ֥יל שְׂ֝פָתַ֗יִם יִלָּבֵֽט׃ | 8 |
دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. |
הוֹלֵ֣ךְ בַּ֭תֹּם יֵ֣לֶךְ בֶּ֑טַח וּמְעַקֵּ֥שׁ דְּ֝רָכָ֗יו יִוָּדֵֽעַ׃ | 9 |
غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر، يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ. |
קֹ֣רֵֽץ עַ֭יִן יִתֵּ֣ן עַצָּ֑בֶת וֶאֱוִ֥יל שְׂ֝פָתַ֗יִם יִלָּבֵֽט׃ | 10 |
كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. |
מְק֣וֹר חַ֭יִּים פִּ֣י צַדִּ֑יק וּפִ֥י רְ֝שָׁעִ֗ים יְכַסֶּ֥ה חָמָֽס׃ | 11 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار. |
שִׂ֭נְאָה תְּעוֹרֵ֣ר מְדָנִ֑ים וְעַ֥ל כָּל־פְּ֝שָׁעִ֗ים תְּכַסֶּ֥ה אַהֲבָֽה׃ | 12 |
ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار. |
בְּשִׂפְתֵ֣י נָ֭בוֹן תִּמָּצֵ֣א חָכְמָ֑ה וְ֝שֵׁ֗בֶט לְגֵ֣ו חֲסַר־לֵֽב׃ | 13 |
ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛ ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر. |
חֲכָמִ֥ים יִצְפְּנוּ־דָ֑עַת וּפִֽי־אֱ֝וִיל מְחִתָּ֥ה קְרֹבָֽה׃ | 14 |
دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار. |
ה֣וֹן עָ֭שִׁיר קִרְיַ֣ת עֻזּ֑וֹ מְחִתַּ֖ת דַּלִּ֣ים רֵישָֽׁם׃ | 15 |
مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛ مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر. |
פְּעֻלַּ֣ת צַדִּ֣יק לְחַיִּ֑ים תְּבוּאַ֖ת רָשָׁ֣ע לְחַטָּֽאת׃ | 16 |
ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار، قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر. |
אֹ֣רַח לְ֭חַיִּים שׁוֹמֵ֣ר מוּסָ֑ר וְעוֹזֵ֖ב תּוֹכַ֣חַת מַתְעֶֽה׃ | 17 |
نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر. |
מְכַסֶּ֣ה שִׂ֭נְאָה שִׂפְתֵי־שָׁ֑קֶר וּמוֹצִ֥א דִ֝בָּ֗ה ה֣וּא כְסִֽיל׃ | 18 |
ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛ تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر. |
בְּרֹ֣ב דְּ֭בָרִים לֹ֣א יֶחְדַּל־פָּ֑שַׁע וְחֹשֵׂ֖ךְ שְׂפָתָ֣יו מַשְׂכִּֽיל׃ | 19 |
گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس، لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر. |
כֶּ֣סֶף נִ֭בְחָר לְשׁ֣וֹן צַדִּ֑יק לֵ֖ב רְשָׁעִ֣ים כִּמְעָֽט׃ | 20 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر. |
שִׂפְתֵ֣י צַ֭דִּיק יִרְע֣וּ רַבִּ֑ים וֶֽ֝אֱוִילִ֗ים בַּחֲסַר־לֵ֥ב יָמֽוּתוּ׃ | 21 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر. |
בִּרְכַּ֣ת יְ֭הוָה הִ֣יא תַעֲשִׁ֑יר וְלֹֽא־יוֹסִ֖ף עֶ֣צֶב עִמָּֽהּ׃ | 22 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس. |
כִּשְׂח֣וֹק לִ֭כְסִיל עֲשׂ֣וֹת זִמָּ֑ה וְ֝חָכְמָ֗ה לְאִ֣ישׁ תְּבוּנָֽה׃ | 23 |
ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ [خۇرسەنلىكىدۇر]. |
מְגוֹרַ֣ת רָ֭שָׁע הִ֣יא תְבוֹאֶ֑נּוּ וְתַאֲוַ֖ת צַדִּיקִ֣ים יִתֵּֽן׃ | 24 |
يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. |
כַּעֲב֣וֹר ס֭וּפָה וְאֵ֣ין רָשָׁ֑ע וְ֝צַדִּ֗יק יְס֣וֹד עוֹלָֽם׃ | 25 |
يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر. |
כַּחֹ֤מֶץ ׀ לַשִּׁנַּ֗יִם וְכֶעָשָׁ֥ן לָעֵינָ֑יִם כֵּ֥ן הֶ֝עָצֵ֗ל לְשֹׁלְחָֽיו׃ | 26 |
ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار. |
יִרְאַ֣ת יְ֭הוָה תּוֹסִ֣יף יָמִ֑ים וּשְׁנ֖וֹת רְשָׁעִ֣ים תִּקְצֹֽרְנָה׃ | 27 |
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار. |
תּוֹחֶ֣לֶת צַדִּיקִ֣ים שִׂמְחָ֑ה וְתִקְוַ֖ת רְשָׁעִ֣ים תֹּאבֵֽד׃ | 28 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار. |
מָע֣וֹז לַ֭תֹּם דֶּ֣רֶךְ יְהוָ֑ה וּ֝מְחִתָּ֗ה לְפֹ֣עֲלֵי אָֽוֶן׃ | 29 |
پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر. |
צַדִּ֣יק לְעוֹלָ֣ם בַּל־יִמּ֑וֹט וּ֝רְשָׁעִ֗ים לֹ֣א יִשְׁכְּנוּ־אָֽרֶץ׃ | 30 |
ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛ يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس. |
פִּֽי־צַ֭דִּיק יָנ֣וּב חָכְמָ֑ה וּלְשׁ֥וֹן תַּ֝הְפֻּכ֗וֹת תִּכָּרֵֽת׃ | 31 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار. |
שִׂפְתֵ֣י צַ֭דִּיק יֵדְע֣וּן רָצ֑וֹן וּפִ֥י רְ֝שָׁעִ֗ים תַּהְפֻּכֽוֹת׃ | 32 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار. |